يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 7
go

نۇرجاھان

Rank: 1

توردا
6 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
13 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 19:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
                              نۇرجاھان

                                   تاتار ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن تۆۋرۈكى دەپ ئاتالغان مەشھۇر يازغۇچى
                                  غومەر بەشىروفنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يېزىپ تاماملىيالمىغان ئەدەبىي
                                   ۋەسىيەتنامىسى–«ئىبرەت» ناملىق رومانىدىن پارچە .بۇنىڭدا تاتار
                                   يىگىت بىلەن ئۇكرائىن قىزنىڭ مۇھەببىتى بايان قىلىنىدۇ . يازغۇچى
                                              مەزكۈر رومانىنى يېزىۋېتىپ 1999–يىلى99 يېشىدا
                                                                   ئالەمدىن ئۆتكەن .

                                                                       مۇقەددىمە
1922–يىلى،فەھىم گراژدانلار ئۇرۇشىدىن قايتىپ كېلىشىگىلا ئىككى ئېغىر ھەسرەتكە دۇچ كەلدى:ئۇنىڭ مېھرىبان ئانىسى بىلەن سۆيگەن قىزى ئاچارچىلىققا يەم بولغانىدى.فەھىم بۇ ئىككى قەدىرلىك ئادىمىنىڭ قەبرە بېشىغا كۈندە دېگۈدەك بېرىپ،ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا–تەكبىر ئوقۇپ تۇراتتى.
فەھىمنىڭ يۇرتداشلىرى ئۇنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلاشقان بولدى.لېكىن فەھىمنىڭ ئاكىسىنىڭ چەتتىن مارجا* قىزنى باشلاپ كەلگەنلىكى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى بىر قىسىما قىلىپ قويغانىدى.بۇ ھىچقاچان بولۇپ باقمىغان ئىش ئىدى!ھەزرەت ئوغلىنىڭ ئانا يۇرتىغا شەرم–ھاياسىز مارجا قىزنى ئەگەشتۇرۇپ كەلگىنى نېمىسى! قانداق زاماندا دېمەمسىز،يېزىدا يىگىتلەر يېتىشمەي قالغان،ۋەدىلەشكەن يىگىتلىرى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىپ،ۋاقتىدا توي قىلالماي قالغان چېۋەر قىزلار تولۇپ تۇرغان چاغدا ! ئۇنىڭ شۇ قىزلارنى خىيالىدىن ساقىت قىلىپ،چەتتىن ئاللىقانداق بىر مارجا ئېلىپ كەلگەنلىكى بەزەن يۇرتداشلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى.بۇغەيرىي تەبىئىي ئەھۋال ئىدى .
بۇ يېزىدا،ئۇنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان دادىسى–داموللام ھەزرەتنى خەلق چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت قىلاتتى.بۇ ئائىلە ھازىرمۇ شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.داموللا ئائىلىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە يىگىتلەر جىرلىمايتتى،گارمونچىلار گارمونىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالاتتى،بەڭگىلەر  تاماكىلىرىنى  يوشۇراتتى.شۇ سەۋەپلىك،ئۇلار فەھىمنىڭ ئاكىسىنىڭ بۇ قاملاشمىغان ئىشىنى پېشانىسىگە قويمايتتى.فەھىم بىلەن سۆزلەشكەندىمۇ،ئەدەپ يۈزىسىدىن «مارجا» سۆزىنى قىستۇرماسلىققا تىرىشاتتى .
–ئاكاڭ سەن يوق ۋاقىتتا ئۆيلۈك–ئوچاقلىق بولۇۋاپتىمۇ نېمە،فەھىم؟ ياش يەڭگەڭ يارامدىكەن؟–دەپ سوراپ قوياتتى ئۇلار .
يۇرتداشلىرىنىڭ «مارجا» يەڭگىسىنى بەكمۇ يارىتىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، خوتۇن–قىزلارنىڭ ئۇنىڭ چىۋەرلىكىگە ھەسەت قىلىدىغانلىقىنى فەھىم سېزىپ تۇراتتى .شۇڭا يەڭگىسىنى ماختىماي قويمايتتى.
–ھەي، يارىمىغان نەدە ئۇ ! كۆكتىن تىلىگەننى خۇدايىتائالا يەردىن بېرىپتۇ .يەڭگەمدىن بەك رازىمىز !–دەيتتى .
بەزىلەر تىلى قىچىشىپ،كۆڭۈلدىكىلىرىنى پۈتۈنلەي دەۋېتەتتى.
–بۇرۇن يەڭگەڭنىڭ ئىسىمى ئاننا ئىكەن–ھە ؟
فەھىم بۇنىڭغا قىلچە ئەجەپلەنمەيتتى.مۇنداق مالىمان زاماندا غەلىتە ئىشلار ئازمۇ؟ كىم كىمنى باشلاپ كەلمىگەن.فەھىم يەڭگىسىنى ئاقلاشقا تىرىشاتتى:
–ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى مېنىڭچە ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ باشقا ئىسىمى بولغانلىقىنى بىلمەيمەن .نۇرجاھان يەڭگەم ھازىر سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمان! بىلەمسەن، قانچىلىغان دۇئالارنى ياد بىلىدۇ ئۇ؟ ئايەتلەرنى قانداق توغرا ئوقۇيدۇ ئۇ–ھە ؟!
فەھىم يەڭگىسىنى ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەندە كۆرگەنىدى.نۇرجاھان ئېرى خەلىمنىڭ كەينىدىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،تارتىنىپ تۇرۇپ نازۇك قولىنى ئۇنىڭغا سۇنغانىدى. فەھىم تاڭ قالغان .نۇرجاھان ھەقىقەتەنمۇ بەك گۈزەل،ئۇزۇن قوڭۇر چاچ،نۇر چېچىپ تۇرغان قېنىق زەڭگەر كۆز،بوي–تۇرقى كېلىشكەن،بەئەينى پەرىزات ئىدى.يەڭگىسىگە كۆزى چۈشكەن بىر يۇرتدىشى:
–ئۇ شۇ گۈزەللىكى بىلەن بىزنىڭ خەلىمنى سېھىرلىۋالغان ئىكەن–دە !– دېگەنىدى.
نۇرجاھان ئادەتتە ھويلا–ئارامدا قېيىنىنىىسىغا كۆرۈنۈپ كەتمەسلىككە،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەسلىككە تىرىشاتتى.ئۇ چېچىنى ئوتتۇرىدىن يارما ئايرىپ ئۆرۈۋالاتتى.تاتار خوتۇن–قىزلىرىغا ئوخشاش ئالىقانچە لەپلىمە ئېتەكلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ،ئالدىغا پەرتۇق تاقاپ،ساماۋارنىڭ كەينىدىلائولتۇراتتى. كۆزلىرىگىچە چۈشۈرۈپ چەككەن ياغلىقى پۈتكۈل يۈزىنى دىيەرلىك يېپىپ تۇراتتى.كىشىلەرگە چىنە–قاچا سۇنغاندا قولىنىڭ ئۇچىلا كۆرۈنۈپ قالاتتى.
فەھىمنى ئەڭ ئەجەپلەندۈرگىنى شۇ ئىدىكى،نۇرجاھان ياشلىق يىللىرىنى ۋورونېژ ئەتراپىدا ئۇكرائىن ئائىلىسىدە ئەمەس،تاتارلار ئارىسىدا ئوتكۈزگەن ئىكەن !
يەڭگىسىنىڭ پۈتۈن يۈزىنى پۈركەپ،ساماۋارنىڭ كەينىگە تىقىلىپ ئۈن–تىنسىز ئولتۇرغىنىغا ئىچى پۇشقان فەھىم بەزى چاغلاردا چاقچاق قىلىپ قوياتتى:
–قېنى، يەڭگە ،چېيىڭنى دەملىۋەتكىنە قوشۇق چۆكۈپ كەتمىگۈدەك قويۇق قىلىپ،ئىچىۋېتەيلى بىر تەمىنى تېتىپ ئولتۇرۇپ .
بۇنداق چاغدا نۇرجاھاننىڭ يۈزى نۇرلىنىپ گۈزەل چېھرىدىكى  تەبەسسۇملىرى ياغلىق چېتىدىن كۆرۈنۈپ قالاتتى. ياش كېلىننىڭ ساماۋار كەينىدىن ئاڭلىنار–ئاڭلانماس يۇمشاق تاۋۇشى چىقاتتى:
–ماقۇل، مانا ھازىرلا ...
نۇرجاھاننىڭ ئېرى خەلىم ئويۇن–كۈلكىگە ئامراق خۇشخۇي يىگىت ئىدى.خوتۇنىنىڭ ئۆزىنى مۇنداق پىنھان تۇتۇىشىنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى.
–مەنمۇ ئۇنىڭغا تەبىئىيرەك بول دەيمەن،گېپىمنى ئاڭلاپ كەتمەيدۇ ،–دېدى خەلىم ،–سەن مۇئەللىم بولغاچ،ئۇسېنى موللا ئاكادەپ بىلىدىغان ئوخشايدۇ .
فەھىم كۈلۈپ بېشىنى چايقىدى.نۇرجاھان بولسا «ياق،ياق،ئۇنداق ئەمەس»دېگەندەك قوللىرىنى قوزغىتىپ قويدى. يەڭگىسىنىڭ قانداق بولۇپ تاتار يېزىسىغا كېلىن بولۇپ چۈشكىنىنى فەھىمنىڭ بەك بىلگۈسى كېلەتتى.بىر بوش ۋاقىت چىقىرىپ،ئاكىسى ئۇنىڭغا ئالما بېغىدا ئولتۇرۇپ تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.
–سەن ئۇرۇشتىكى ۋاقىتتا ئائىلىمىز بەك ئېغىر ئئەھۋالدا قالغانىدى.مەن ئۇرۇشتىن قايتىپ يارىلىرىم ساقايغاندىن كېيىن،ئىش ئىزدەپ چېت يۇرتلارغا كەتتىم.قازان شىەھىرىنىڭ يېنىدا يېڭىى تۆمۈر يول سېلىنىشقا باشلاپتىكەن.شۇ يەرگە بېرىپ ئىشقا كىردىم.نۇرجاھانمۇ ئىككى ئاكىسى بىلەن ئۇكرائىنىدىن شۇيەرگە كەلگەنىكەن.كۈتمىگەندە،شۇيەردە بىزگە ئۇچرىشىش نېسىپ بولدى.مەن ئۆيلىنىش ھەققىدە ئويلاپمۇ كۆرمىگەنىدىم. ئاڭلىساڭ ھەيران قالىسەن.مانا قارا،ئادەم تەقدىرى دېگەن...
ئىزاھ :مارجا–تاتارلارنىڭ رۇس،ئۇكرائىن خوتۇن–قىزلىرىغا قارىتا قوللىنىدىغان كەمسىتىش سۆزى .
                                                                        1
بىر كۈنى خەلىم ئۆيگە قايتىشىدا چەشمە يېىنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.نېمىشقىدۇر تۇيۇقسىز چەشمىدىن سۇ ئېلىۋاتقان بىر مارجا قىزغا كۆزى چۈشتى–دە ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.بۇ ياش قىز ئۇنىڭغا شۇ قەدەر چىۋەر كۆرۈندىكى،ئەگەر ئۇ مارجالارچە كىيىنمىگەن بولسا،خەلىم ئۇنى شەك–شۈبھىسىزكى،كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە دەپ قالار ئىدى .
قارا بۈدۈر چاچلىق، قارا بۇرۇتلۇق كېلىشكەن تاتار يىگىتىنى كۆرۈش بىلەن ئۇ قىزمۇ بىر قىسىملا بولۇپ قالدى.يىگىتكە كۆزى چۈشۈشى بىلەنلا نېمىگىدۇر ئوڭايسىزلاندى،ھەتتا رەڭگى ئاقاردى،ئاندىن كۆزىنى ئالالماستىن تۇرغان ئورنىدا قېتىپلا قالدى. ئۇ ھاياجانلىناتتى،نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى.چېلەك ئاللىقاچان تولۇپ، تېشىپمۇ كەتكەنىدى.يىگىت چېلەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچىسىنى قويغاندىلا، قىزچاق ئاندىن ئېسىنى يىغدى.شۇنىڭدىن كېيىنلا:
–ۋىيەي!–دەپ سالدى ھەم قىزىرىپ يۈزىنى ئېتىۋالدى،بىر نېمە دېيىشكە تەمشەلدىيۇ،لېكىن تىلىغا بىرەر سۆزمۇ كەلمىدى .
يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى،«ھىچقىسى يوق، مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەندەك،قوللىرىنى ئىككى ياققا يېيىتىپ،قىزنىڭ سۇ توشتۇرۇلغان چىلەكلىرىنى يېنىككىنە كۆتۈرۈپ،ئۈستۈنكى تەرەپتىكى يولغا ئاچىقىپ بەردى. قىز ھەيران قالدى.ئۇ ھازىرغىچە چەشمە بويىدا خېلى يىگىتلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرغان،لېكىن بىرەرىنىڭمۇ مۇنداق ئەزگۈلۈك كۆرسىتىش خىيالىغا كەلمىگەنىدى.بۇ يىگىت ئۇلاردىن باشقىچىرەك،يېقىملىق ھەم يېقىندەك تۇيۇلدى.
رۇس يىگىتلىرىنىڭ قىزلار بىلەن ئايرىم ئۇچراشقاندا ئۆزلىرىنى قانداق ئۈستۈن تۇتۇۋالىدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى.چىرايلىق بۇرۇتلۇق،بۇغداي ئۆڭلۈك بۇ تاتار يىگىتىنىڭ ئاپئاق تەكشى چىشلىرىنى كۆرسىتىپ چىن كۆڭۈلدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشى،چېۋەرلىكى،يېقىملىقلىقى قىز ئۈچۈن ھىچ كۈتۈلمىگەن ئىش ئىدى.ئۇ نېمىشقىدۇر زېھنىنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى.قىز قولىدىكى ئەپكىشىنى ئويناتقاچ،قورۇنۇپقىنا:
–كۆپ رەھمەت!–دېدى .
–ئوھوي! سىز بىزنىڭچە بىلەمسىز تېخى؟ خۇدايىم سىزگە چىرايلىق يىگىت بەرسۇن ! بىزدە قىزلارغا شۇنداق دەيدۇ.ھە، تونۇشۇپ قالايلى،ئىسمىڭىز نېمىكىن؟
قىز ئككىلىنىپ قالدى،ئېيتايمۇ، ئېيىتمايمۇ،دەپ ئوڭايسىزلاندى،ئەپكىشىنى تىكلەپ تۇرۇپ:
–ئاننا...–دەپ، ئارقىدىن قوشۇپ قويدى،–نيۋرا دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
–چىرايلىق ئىسىمكەن،ياقتۇرۇپ قالدىم.
يىگىت يەنە بېشىنى ئېگىپ قويدى.
–سىزگە رەھمەت، نيۋرا !
قىزنىڭ چوڭ ئېچىلغان زەڭگەر كۆزلىرىدە سەبىيلەرچە پاكلىق، چەكسىز شادلىق جىلۋىلىنەتتى.خەلىم باشتائۈندىمىدى،ئۆزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك سەزدى،ئۆزىنىڭ گۈزەل قىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىگە چىققانلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلدى.ئۆزىمۇ كۈتۈلمىگەن سەمىيمىلىك بىلەن ئاستاغىنا :
–سىزگە رەھمەت،چەشمىگە سۇغا كەلگىنىڭىز ئۈچۈن! ماڭا ئۇچرىغانلىقىڭىز ئۈچۈن !–دېگىنىنى سەزمەي قالدى .
ئاننا نېمە دىيىشىنى بىلمەي،يەنە قىزىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ بىلەن ھازىرغا قەدەر بىرەر يىگىت مۇنداق ئۆز كۆرۈپ سۆزلەشكىنى يوق ئىدى.يىگىتنىڭ ھەربىر سۆزى، ھەربىر كۈلۈمسىرىشى سىرلىق تۇيۇلۇپ،بەكمۇ ھاياجانلاندۇراتتى .
ئاننا ئەپكىشىنى مۈرىسىگە سېلىپ، بىراز ئۇڭايسىزلانغان،ئەجەپلەنگەن ھالداخىيال بىلەن مېڭىپ كەتتى.ئەمما ئون–ئون بەش قەدەم مېڭىپلا توختاپ قالدى .ئۇ يىگىت بىلەن مۇنداقلا خوشلىشىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا تەن بېرىپ،پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئۆرۈلدى.خەلىممۇ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئالماستىن،تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالغانىدى .ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشقاندا، ئۇلارنى ئاجايىپ بىر تۇيغۇ ھاياجانلاندۇراتتى.ھازىرغا قەدەر قۇدرىتىنى مۇنداق سەزدۈرمىگەن ئاللىقانداق بىر ئىلاھى كۈچ ئۇلارنى بىر–بىرىگە تارتاتتى.مۇنداق كامىللىققا ئېرىشىپ،تولۇپ يەتكەن بۇ ئىككى ياش يۈرەك گويا مۇشۇ ئۇچرىشىش،بىر–بىرى بىلەن تېپىشىش ئۈچۈن ياشىغاندەك قىلاتتى،باشقا نەرسىلەر ھەققىدە ئويلاپ كېتەلمەيتتى.
نيۋرا بىرەر نەرسىگە ۋەدە قىلغاندەك، كۈلۈمسىرەپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئالدىن يۈرۈپ كەتتى.يىگىت ئۇنىڭ زىبا بوي–تۇرقىدىن كۆزىنى ئالالماي،«ھەئە!» دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
بىر سوتكىنى خۇددى مەست كىشىدەك ئەلەڭ–سەلەڭ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئەتىسى نەق شۇ بىر ۋاقىتتا ئۇچراشتى.قىز چەشمە بويىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى،چېلەكلەرگە سۇ تولغان.خەلىم سەپسېلىپ قاراپ ھەيران قالدى.نيۋرا بۈگۈن ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈگەن،ياغلىقىنى نەق تاتار قىزلىرىدەك ھالقىلىرىنى كۆرسىتىپ،قۇلاق كەينىدىن چىگىپ باغلىغانىدى.قىزنىڭ بۇ ساددا ھىيلىسى خەلىمنى تەمتىرىتىپ قويدى.قانداقلا بولسۇن،بۇنى «كۆرمەي» قېلىش ناباپلىق ئىدى .ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ بېشىنى چايقىدى:
–ئامانمۇسىز ، ئاننا ! ۋاھ ، مەن سىزنى تاتار قىزى دەپ تۇرىمەن،ئىنشائاللا ! قاراڭا،سىزگە بىزنىڭچە كىيىنىش بەكمۇ يارىشىدىكەن!
نيۋرانىڭ مەڭزىلىرىگە قىزىللىق تولدى.ئۇ گۆدەكلەرچە ئۇيىلىپ بېشىنى ئەگدى.
–شۇنداقمۇ، ئۆي خوجىسىنىڭ شوخ قىزى مېنى مۇشۇنداق كىيىندۇردى قىزىق بولسۇن دەپ ...سىزگىمۇ ياراپتۇ–دە !
–بەك،بەك،نيۋرا ...ياراش بو ياقتا تۇرسۇن ، سۈيۈنەرلىك ! چىلەكلەرنى يۇقىرىغا ئاچىقىپ بېرىمەنمۇ ؟ مانا، ھازىر!
ئۇ چېلەكلەرنى يەڭگىلگىنە تۇتۇپ، يۇقىرىغا ئاچىقىپ بەردى.قىز ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئالماستىن،ئەپكىشىنى پۇلاڭلىتىپ كەينىدىن چىقتى ھەم رەھمەت ئېيتتى.خەلىم يەنە كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.ئۇ ئەمدى بىرەر–يېرىم دەم چاقچاق قىلىپ قىزنى كۈلدۈرسە بولاتتى.ئەگەر ئالدىدا تاتار قىزى تۇرغان بولسا،ئۇنى–بۇنى دەپ پاراڭلىشىپ كەتكەن بولاتتى.ئەمما،بۇ قىزغا ...تەس ئىدى ! نيۋرانىڭ زىلۋا بويلىرى،چىرايلىق ھۆسۈن–جامالى ئۇنى تەمتىرىتىپ قويدى.ئۇ، پىشمىغان رۇسچىسى بىلەن ئىشنى بۇزۇپ قويۇشتىن قورقۇپ ئىھتىيات قىلاتتى.خەلىم خوشلىشىپ، ئالدىراش ئادەمدەك كېتىپ قالدى.
كەچتە ئۇخلاشقا ياتقاندا، خەلىمنىڭ بېشىغا ھەرخىل خىياللار كەلدى. توختىغىنا،موللا ئوغلى ... مارجا قىزى ... تاسادىپىي تۇغۇلغان مۇھەببەت... ئۇنىڭ بېشى ئايلاندى، زېھنى چېچىلدى.ئارىلىشىش يەنە چۇڭقۇرلاشسا،بۇ گۇناھسىز،ساددا مارجا قىز ئۈمىدلىنىپ قالاتتى.ياق بولمايدۇ،رەھىمسىزلىك بۇ ! خەلىمنى ئۆز يۇرتىدا بويىغا يەتكەن بەش–ئالتە قىز ئۈمىدلىنىپ،كۈتمەكتە . خالىغىنىڭنى تاللاپ ئالىسەن! ياق، ھەزرەت ئۆيىگە ئاننانى ئېلىپ قايتىشقا بولمايدۇ .ياق،بۇ ئاننانى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلىش بولىدۇ .بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشماسلىققا نىيەت قىلىش كېرەك.
خەلىم بۈگۈن چەشمە بويىغا بارغاندا ،ئاننا كۈندىكىگە ئوخشاش شۇ جايدا ئىدى.لېكىن، ئۇنى ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئالمىدى.ئۇنىڭ چىرايى سولغۇن كۆزلىرىدە غەم–ئەندىشە ئالامەتلىرى بار ئىدى.خەلىم قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز قارارىنى ئېيتىشى كېرەك ئىدى.
–بىلەمسىز نيۋرا،–دېدى خەلىم،–سىز بىلەن ئۇچرىشىش بەك كۆڭۈللۈك، كىشىنىڭ كەيپى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ...لېكىن ئەتە مەن كېلەلمەيمەن.مېنى ئىنژېنېر چاقىرغانىدى... ئەپۇ قىلىڭ .
قىزنىڭ كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن ھەسرەتلىك كۆزلىرى يىگىتكە شۇنداق تىكىلىشىگە،يىگىتكە خۇددى يۈرىكىگە قادالغاندەك تۇيۇلدى.
–شۇنداقمۇ...ئۇنى سەزگەنىدىم ...ئەمىسە قاچان كېلىسىز ؟
نيۋرانىڭ ئۇنىڭغا قاراپ مۆلدۈرلەپ تۇرغان زەڭگەر كۆزلىرى خەلىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ تۇرغاندەك ئىدى.ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك، قانداق ئېيتىش لازىم ؟كېچىچە سۈرگەن ئېغىر خىياللارنى ئىپادىلىشى بەك تەس ئىدى.ئۇ قوللىرىنى بىردە قوۋۇشتۇرۇپ ،بىردە يانچۇقىغا سېلىپ، سۆز تاپالماي خېلى قىينالدى.
–سىز مەكتەپتە ئوقۇغانسىز–ھە ؟–دېدى ئۇ يىراقتىراق تۇرۇپ .
–ھەئە ، تۆتىنچى سىنىپقىچە ...
–بەلكى بىلىدىغانسىز،مەن ئەنە شۇ سىز ئوقۇغان دەرسلىكلەردە «بەدەۋىلەر» دەپ «ماختاپ» يېزىلغان خەلقتىن بولىمەن. مانا بۇلار مېنى ئەندىشىگە سالىدۇ،نيۋرا .بىزنىڭ دوستلىقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كەتسە ، سىزگىمۇ ، ماڭىمۇ قىيىن بولارمىكىن... ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ ،،،
قىزنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى،تاتارغان كالپۇكلىرى تىتىرەشكە باشلىدى.ئۇ بوغۇق ئاۋاز بىلەن يىغلامسىراپ :
–سىز مېنى مۇشۇنداق قورقۇتماقچى بولۇۋاتىسىز–ھە ؟!–دېدى.
–ياق ،مەن توغرىسىنى ئېيتۇۋاتىمەن ! سىز ئوقۇغان دەرسلىكلەردە مېنىڭ بوۋىلىرىم «بەدەۋىلەر» دەپ كۆرسىتىلىدىغۇ !
–شۇنداق بولۇشىنى سەزگەنىدىم ، كېچىچە خىيالغا چۆكۈپ چىقتىم چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىز . مېنى«مارجا» دەپ يامان ئويدا بولدىڭىز ، شۇنداقمۇ ؟
–سىز ئالدىن كۆرەرمۇ ىېمە؟–دەپ قويدى خەلىم چاقچاق قىلغان بولۇپ كۈلۈمسىرەپ .
–ئالدىن كۆرەر بولمىساممۇ ، كۆڭۈل سېزىدىكەن .مارجامۇ ئادەم ، ئۇنىڭمۇ جېنى بار .يۈرەك تاللىسا ، ئورۇسقا ، تاتارغا ئايرىپ تۇرمايدىكەن !
خەلىمنىڭ يۈرىكى سىقىلاتتى.ئۇ نېمە قىلىىشىنى بىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ خىل كەلمەيدىغان يەرلىرى يوق ئىدى.خەلىم ھازىرغىچە باشقا بىرىنى مۇشۇنداق ئەقلىدىن ئازغاشقۇدەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەمەستى. ئۇ ئالدىدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ،ئۆزىگە بەخت بولۇپ تۇرغان بۇ ياشلىق غۇنچىسىنى قۇچىغىغا ئالغۇسى،يېقىملىق سۆزلەرنى ئېيتىپ كۆڭلىنى بەزلىگۈسى،كۆز ياشلىرىنى سۈرتكۈسى كېلەتتى.لېكىن، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ،قوللىرىنى كەينىگە يوشۇراتتى.
نېمە قىلىش كېرەك ؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن ھەزرەت ئائىلىسىگە شەرم–ھاياسىز مارجا قىزنى باشلاپ بارارسەن ؟ خەلىم تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى:
–دۇرۇس گەپ قىلدىڭىز،نيۋرا ،–دېدى ئۇ ،–مەن بىلىمەن ،سىز ياخشى قىز . ئەمما ، ئېتقاد پەرقىمىز ... يەنە شۇ كىتابتىكى گەپ . ئۇ سىزنىڭ قېنىڭىزغا سىڭگەن ! ئۇنى قانداقمۇ يۇيۇپ چىقىرىۋېتەلەيسىز ؟
ئاننا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ،يۇمشاق ئالىقىنى بىلەن خەلىمنىڭ ئاغزىنى باستى:
–ياق،ياق،بەس! ھاجىتى يوق ! ئېيتماڭ ! كىتابلاردىلا شۇنداق ، توغرا ئەمەس !
–شۇنداقتىمۇ ، سىز ئاڭلاڭ ، بەدەۋىگە تېگىپ خاراب بولماڭ .بەختلىك بولۇڭ ، نيۋرا !
ئاننا كالپۇكلىرىنى چىشلەپ چىداپ تۇردى ، تۇيۇقسىزئالدىغا تەلپۈندى ھەم خەلىمنىڭ مۆرىسىگە ئېسىلىپ ،بالىلاردەك ئىسەدەشكە باشلىدى.
–سۆيۈملۈكۈم ، سىز مېنى تاشلىۋەتسىڭىز ، شۇنىڭ ئۆزى چىن بەختسىزلىك بولمامدۇ ؟! مەن مارجامۇ ياكى چىن كۆڭلۈمدىن مۇسلىمەمۇ ؟! سىز ئېيتقان مارجا مەن ئەمەس ، ئەمەس ! مېنىڭ تېنىم پاك ، جېنىم ساپ ،ئويلىرىم سۈزۈك ئەنە شۇ چەشمە سۇيىدەك ! چۈشىنىڭ سىز !
ئەمدى سۆز ئوشۇقچە ئىدى .ئۇلار بىر–بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئۈى–تىنسىز تۇرۇپ قالدى ، ئىككىسى بىر يولدىلا بىر نەرسىنى چۈشىنىپ يەتتى . دۇنيادا ئۆزلىرىدىن بەختلىك ئادەم يوق ئىدى ! مۇشۇ بەخت ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولۇشقا تېگىشلىك ، ھەئە ،ھەر قانداق بولسا ...
                                                                       2
مەلۇمكى،مۇھەببەتنىڭ تۈرلۈك نازۇك تەرەپلىرىنى ئىنىسىغا ئوچۇق–ئاشكارە سۆزلەپ بېرىش ئەدەپسىزلىك ئىدى.خەلىم ئۇلارنى كۆڭلىنىڭ چۇڭقۇر يېرىدە قالدۇرۇپ،فەھىمگە يۈزەكىلا دەپ بەردى.
–شۇنداق ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا،بىز بىر–بىرىمىزگە بەك ئۈگىنىپ كەتتۇق. مىجەزلىرىمىزمۇ كېلىشىپ قالدى ... نيۋرا مەن ئۈچۇن ئاللىقاياقلاردىن كېلىپ قالغان مارجا قىز ئەمەس ئىدى ...
شۇ ئەسنادا ئېشىك ئېچىلىپ،خەلىمنىڭ دىققىتى بۆلۈندى.نۇرجاھان ياسىنىپ– تارىنىپ نەگىدۇر جابدۇنغانىدى.ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ،فەھىممۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى.ئۆتكەندىلا چەشمە بويىدا ئەپكىشىنى ئوينىتىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئون سەككىز ياشلىق نيۋرا مانا ھازىر ئۇنىڭغا نۇرجاھان يەڭگىسى بولۇپ كۆز ئالدىدا تۇراتتى.فەھىم يەڭگىسىگە كۆز تىكىشتىن ئىھتىيات قىلىپ، كۆز قىيىقىدا زوقلىنىپ قاراپ تۇراتتى.نيۋرا–ھازىرقى نۇرجاھان بۇ يېزىنىڭ ياش كېلىنلىرىگە ئوخشاش كىينگەن: ئۇچىسىدا ئۈچ–تۆت لەپلىمە ئىتەكلىك، كۆزلىرىگە ئوخشاش قېنىق زەڭگەر كۆڭلەك، ئالدىدا گۈللۈك ئاق پەرتۇق، پۇتىدا كەشتىلەنگەن سەندەل. ياغلىقىنىڭ چېتىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈمۈش ھالقىسى، ئىككى تال ئۆرۈمە چېچى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ قىرمىزى يۈزلۈك، قىزىل كالپۇكلۇق، كۆكسى تولغان ياش كېلىننىڭ قىزلارغا ئوخشاش نەپىس،چىرايلىق چېغى ئىدى.
ئاكىسى ئېشىك ئالدىنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرغان چېۋەر خوتۇنىغا قاراپ قانائەتلەنگەن قىياپەتتە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. نۇرجاھان ئەركەكلەرنىڭ ئۆزىگە زوقلىنىپ قاراشلىرىنى سېزىپ، سەل ئوڭايسىزلاندى، لېكىن، ئۇ بۇنىڭدىن خۇش ئىدى .ئۇ كوچا تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ :
–ماگىزىنغا بېرىپ كېلەي... مەن كەلگۈچە پادا قايتسا،ماللارنى قاراپ كىرگۈزۈۋالارسىز ،–دېدى.
نۇرجاھان ھەربىر سۆزىنى كىتابتىن ئوقۇغاندەك،قانداقتۇر تىل ئۇھى بىلەنرەك بەك پۇختا ھەم ئوچۇق قىلىپ ئېيتاتتى.خەلىم ئۇنىڭغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
–ماقۇل، خەيرلىك يول، قاراپ يۈرەرسىز ،–دېدى.
يەڭگىسى قاپقىدىن چىققۇچە، فەھىم ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئالمىدى.نۇرجاھان تاتار قىزلىرىنىڭ مېڭىشىنى دورىسا كېرەك،بويىنىڭ زىلۋالىقى،نازەكەتلىكىنى گەۋ– دىلەندۇرۇپ،گەۋدىسىنى ئوينىتىپراق ماڭاتتى.ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇشىدىن نەق يېزا قىزلىرىنىڭكىدەك بىر ئاز شوخلۇقمۇ،تەمكىنلىكمۇ سېزىلەتتى .
فەھىم ئەجەبلىنىشتىن خالىي بولالماي بېشىنى چايقىدى :
–يەڭگەمنىڭ بىزگە شۇنچە تېزلا ئۆزلىشىپ كېتىشى مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.
خەلىم ئېڭىشىپ بىرتال ئوتنى ئېلىپ بارمىقىغا يۆگەپ ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.ئۇ ئىنىسىنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
–ھە، ئاكا ! تېخى سۆزلەپ بولمىدىڭ ! نيۋرا قانداق قىلىپ نۇرجاھان بولدى؟ نىكاھىڭلار قانداق ئوقۇلدى ؟
–ھە ؟.. خەلىم چىملىقتا يانچە يېتىپ،پۇتلىرىنى سوزدى–دە، ھىكايىسىنى داۋاملاشتۇردى ،– شۇنداق! كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ يۈردۇق،بىر كۈنى نيۋرا بەك خاپا كەلدى،ئاكىلىرى ئۇنىڭغا :«ئاڭلاپ تۇر ! ئەگەر سەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تاتار بىلەن ئارىلىشىدىغان بولساڭ،بىزدىن رەھىم–شەپقەت كۈتمە ! ئۇنىڭغا تەگسەڭ، بىز قېرىنداشلىقتىن ۋاز كېچىمىز . ئۇنى ئۆلتۈرۈۋىتىمىز !» دېگەنىكەن .
فەھىم ئالدىراپ ئاكىسىغا سوئال قويدى :
–توختا ! تاتارغا ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟
–دەل شۇنداق! ئېيتىمەنغۇ، مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ قويغان ئۇلار ! ئاكىلىرى مېنىڭ ئۆي خوجايىنىمغا كېلىپ، ئىشتىن قانچىدە قايتىدىغانلىقىمنى، قايسى يول بىلەن ماڭىدىغانلىقىمنى بىلىپ كېتىپتۇ. مەن سۇ بويىدىكى چاتقال ئارىسى بىلەن مېڭىپ، قاش قارايغاندا قايتىپ يۈردۈم.شۇنداق قىلىپ،ئىشىمىز خەتەردە قالدى.
فەھىم ئورنىدىن بىر تۇردى ، بىر ئولتۇردى :
–ياۋۇزلۇققۇ بۇ !
–قانداق قىلارمىز دەپ،باش قاتۇرۇپ يۈرگەندە،بىر كۈنى قولىدا بوپىسىنى تۇتۇپ،نيۋرا ئۆزى كىرىپ كەلدى، چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى.
–نېمە ئىش بولدى؟–دەپ سورىدىم . مەنمۇ ئەنسىرەپ قالدىم.ئويۇن ئەمەستە بۇ!
–مەن كېچىدە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشتىن قورقتۇم .
–نېمىشقا؟
–مېنى سىزدىن ئايرىل دەپ، كرېست بىلەن قەسەم قىلىشقا قىستىدى، لاپاسقا چىقىپ، ئۆزلىرىلا كۈسۈرلاشتى، مەن قورقتۇم ...
                                                                 3
ئىشلار مۇشۇنداق خەتەرگە يۈزلەنگەچكەخەلىمنىڭ ياتىقىدا تۇرۇشىمۇ خەۋىپلىك بولۇپ قالدى.چۈنكى ئاكىلىرىنىڭ سىڭلىسىنى ئىزدەپ،ئەڭ ئالدىدا مۇشۇ يەرگە كېلىشى تۇرغانلا گەپ .ئەمدى نەگە قېچىش كېرەك ؟
شۇنداق قىلىپ،ئىككى ياش يۈرەكنى تەقدىر بىر يەرگە كەلتۈرۈپ قويدى . خەلىمنىڭ ئۆي خوجايىنى ئادەمگەرچىلىكى كۈچلۈك، ئەقىللىق تاتار بوۋاي ئىدى . ئۇ ياشلارنى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ مەسلىھەت بەردى:
–بالىلىرىم ،كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن،سىلەرگە بىللە بولۇشتىن بۆلەك يول قالمىدى، ئىھتىمال خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى شۇدۇر ،
يىگىت ئانناغا قارىدى، ئاننامۇ قىزىرىپ «ھەئە ، شۇنداق» دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
–قىزىم ،بەلكىم بىلمەيدىغانسىز ،– ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنلىرى مۇرەككەپ ھەم قاتتىق . سىلەر ھازىرچە بىر–بىرىڭلارغا نامەھرۇم تېخى ، ھەتتا ياندىشىپ ئولتۇرساڭلارمۇ گۇناھ ھېساپلىنىدۇ .ياشلىق ئۇ بەك تۈزۈمسىزھەم تەۋەككۇل كېلىدۇ ...
بۇنى خەلىم ئۆزىمۇ بىلەتتى.
–قانداق قىلساق بولاركىن؟ بۇ يەردە تۇرۇش تەس بوپ قالدى بىراق،نيۋرانى يۇرتۇمغا ئېلىپ قايتالمايمەن.
–باشقا يېزىدا بىرەر تۇغقىنىڭ يوقمۇ؟ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرساڭلار، شاۋ–شۇ بىر ئاز بېسىققاندىن كېيىن، ياش كېلىننى يۇرتۇڭغا ئېلىپ قايتىشقا بولاتتىغۇ ،–دېدى بوۋاي.
خەلىم ئويلىنىپ قالدى. دەسلىپىدە ئۆز يېزىسىدىن قىرىق چاقىرىم يەردىكى ھاممىسىنىڭكىگە بېرىپ تۇرماقچى بولدى.بۇنى خوجايىن بوۋايمۇ مۇۋاپىق كۆردى .لېكىن ئۇ بىر شەرت قويدى:
–دېمەككى، كەلگۈسى تۇرمۇشىڭلارنى بۇزۇقلۇقتىن باشلىماسلىق ئۈچۈن، بۈگۈنلا نىكاھ ئوقۇتۇش لازىم.
–كىمگىمۇ ئوقۇتارمىز؟ شەرتىنى قىلىپ قويساقمۇ بولار ، بەلكىم ؟
–ياق، چىن نىكاھ كېرەك .مەن قۇلسەئىت يېزىسىنىڭ ھەزرىتىگە خەت يېزىپ بېرەي،–دېدى بوۋاي.بوۋاي خەت يازغان ئارىلىقتا،ئۇلارنىڭ يېنىغا بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.بوۋاي خەتنى ھېلىقى يىگىتكە بېرىپ،خەلىم بىلەن قىزنى نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم بەرەڭگە كۆكتاتلىقى ئارقىلىق چىقىرىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى .
–ئاق يول بولسۇن،بالىلىرىم .خۇدايىتائالا يولۇڭلارنى ئوڭ قىلسۇن ! – دېدى بوۋاي.
–قاش قارىيىشقا باشلىغانىدى. ھېلىقى يىگىت ئۇلارنى چاتقال ئارىسىدىن سوزۇلغان سوقماققا ئېلىپ چىقتى.
–چوڭ يولدىكى كۆرۈكتە تەكشۈرىدۇ. سەن ئەسكەردىن قاچقۇچى ئەمەسدۇرسەن، شۇنداقتىمۇ  بالادىن باش–ئاياغ...
خەلىم ھېلىقى يىگىتنىڭ قولىنى سىقتى :
–رەھمەت، تۇغقان ، راس دەيسەن، چوڭ يول بىزگە قولايلىق ئەمەس !
ئۇ سۆزىنى دەپ بولۇشىغا ،يان تەرەپتىكى چوڭ يولدا قازان شەھىرى تەرەپتىن چېپىپ كېلىۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.ئاننا ئەنسىزچىلىكتە : «ئوي!»دەپ ۋارقىراۋەتتى–دە، خەلىمنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى.ھېلىقى يىگىت بۇنى كۆرۈپ ، ئۇلارنى تېخىمۇ سولغىراق، قازانسۇيى دەرياسىنىڭ يار بويىغا ئېلىپ چىقتى.ئۇلارنى ئۇيەردە شىپالىق ھاۋا ۋە بۇلبۇللار ناۋاسى قارشى ئالدى.بۇ كىشىنى روھلاندۇرىدىغان كۆرۈنۈش ئىدى.دەريا بويلاپ سوزۇلغان قويۇق چاتقاللىقتا بۇلبۇلسىز بىرمۇ پۇتاق يوق،بۇلبۇللار بىرىدىن–بىرى مۇڭلۇق سايرايتتى.پۈتۈن يېقىن ئەتراپتا بۇلبۇل ناۋاسى ياڭرايتتى.بۇ ئىلاھىي سىمفونىيە ھەتتا يېقىندىكى شەھەر شاۋقۇنلىرىنى بېسىپ،يىراقتىكى ھال رەڭ شەپەق نۇرىدا قانداقتۇر سېھرىي مۇڭ بولۇپ ئاڭلىناتتى.
نيۋرا قەدىمىنى ئاستىلىتىپ،بالىلارچە چاۋاك چېلىپ كەتتى:
–ۋاھ ، نېمىدىگەن چىرايلىق.بۇلبۇللار نېمىدىگەن يېقىملىق سايرايدۇ !
خەلىم بۇنى ئۆزىچە چۈشەندى. ئاننا ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى، ئۇنىڭ بۇلبۇللىرىنى ئەسلىگەندۇ. تۇغۇلغان يۇرتىنى، ئەزىز ئانىسىنى تاشلاپ، چەت جايلارغا كېتىپ غايىپ بولۇش كىمنىڭ ئۆىكىنى ئۈزمىسۇن ؟! خەلىم ئۇنىڭ قايغۇسىنى چۈشۈنەتتى،مەشۇقىنىڭ كۆڭلىنى كۆتەرگۈسى كېلەتتى.ئۇ نيۋرانىڭ بىلىكىنى تۇتتى.
–نيۋرا ! كۆردىڭىزمۇ،ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ يېڭى يۇرتىڭىز سىزنى قانداق نەزمىلەر بىلەن قارشى ئېلىۋاتىدۇ ! ھۆرمىتىڭىزگە سايراۋاتىدۇ !
–مەن مۇنداق كۆپ بۇلبۇللۇق يەرنى ھېچقاچان كۆرمىگەنىدىم ،قالتىسكەن !–دېدى نيۋرا .
–بىلەمسىز ، نيۋرا ! ئۇلار، بىزنىڭ ئىدىل بويىغا شۇقەدەر چېۋەر قىز كېلىن بولۇپ كەپتۇ، دەپ شادلىنىۋاتىدۇ .
–سىز چاقچاقنىلا بىلىسىز ! –دېدى نيۋرا خەلىمنىڭ مۆرىسىگە يېنىككىنە نۇقۇپ .
قانداقلا بولسۇن، بۇلبۇللار مۇڭى ياشلار كۆڭلىگە خويمۇ خۇش كەلدى. ئۇلار قۇلسەئىت يېزىسىغا كەلگەندەقاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى.ھېلىقى يىگىت ئۇلارنى باشلاپ،كوچا بىلەن ماڭماي،قورۇق بويىدىكى سوقماقتا تېز–تېز يۈرۈپ،چوڭ بىر قاپقا ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە پەلەمپەيدە تۇرۇپ سالام قىلدى :
–ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
سالامغا جاۋاپ قايتۇرغۇچى بولمىدى.ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر ئاغىچا خېنىم ئۇن–تىنسىزچىقتى.يىگىت خەتنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى.
ئاغىچا خېنىم خەلىم بىلەن قىزنى ئايۋان ئارقىلىق چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىردى.خەلىمنىڭ كەينىدىن، ئۇنىڭ قولىغا يېپىشىپ،قورقۇمسىراپقىنا ئاننامۇ بوسۇغىدىن ئاتلىدى.ئاننا ئېغىر تىناتتى،يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىناتتى.ئۇ ئۆي ئىچىگە كۆز سېلىپ ، گاڭگىراپ قالدى... قارشى ئالغان كىشى چېركاۋ موناخلىرىغا ئوخشىمايتتى،ئاددىي،رەتلىك كىيىنگەن يېقىشلىق كىشى ئىدى.ئۇ بېشىغا زەڭگەر كەلەپۈش دوپپا ، ئۈستىگە يەڭگىل چاپان، پۇتىغا يېشىل ئۆتۈك كىيگەنىدى. ئۇ خەلىمنىڭ سالامىغا جاۋابەن قولىنى كۆكسىگە قويۇپ :
–ئەلەيكۇم ئەسسالام !–دەپ تۆرىدىكى دىۋاننى كۆرسەتتى.
ئۆيدىكى ئەينەكلىك ئىشكاپلاردا بەك كۆپ كىتاپلار تىزىلىپ تۇراتتى.پولدىكى قىزغۇچ گىلەمگە قومۇش جايناماز سېلىنغان، دېرىزە ئالدى خىلمۇخىل گۈل–چىچەكلەر بىلەن تولغان، ئۇ گۈللەردىن كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان خۇشبۇي پۇراقلار گۈپۈلدەپ تۇراتتى.
ھەزرىتىم مەش يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئاپئاق قوللىرىنى تىزى ئۈستىگە قويددى. چېچىنى تاتار قىزلىرىدەك ئۆرۈپ، ياغلىقىنىمۇ شۇلاردەك چىككەن بۇ چىۋەر خانقىز ھەزرىتىمنى بەك قىزىقسىندۇردى.ئۇ يېقىملىق ئاھاڭ بىلەن ساپ رۇس تىلىدا :
–سىز ئاننا خانقىز بولامسىز ؟–دەپ سورىدى .
ھەزرىتىمىنىڭ چوڭ زەڭگەر كۆزلىرى بەك ئۆتكۈر ئىدى. ئۇ سېنىڭ كۆڭلىڭدىكىنى بىلىپ تۇرغاندەك قىلاتتى. ئاننا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئېغىزىنى ئېتىپ،بېشىنى ئەگدى.
–خوپ،سىلەرگە نىكاھ ئوقۇش كېرەك، شۇنداقمۇ ؟
ئىككىسى ئۈچۈن خەلىم جاۋاپ بەردى.
–        ھەئە ، شۇنداق نىيەت بىلەن كەلگەنىدۇق . ھەزرىتىم مۇمكىن بولسا...
–نىكاھنىڭ مۇھىم بىر شەرتى بار . خانقىز باشتا ئىسلام دىنىغا كىرىشى كېرەك .سىلەر شۇنىڭغا ھازىرمۇ ؟– دېدى ھەزرىتىم .
بۇنۇڭ ئۈچۈن خەلىم جاۋاپ بەردى :
–ھەئە ، شەرىئەت شۇنداق بۇيرۇيدۇ .
–شۇڭلاشقا بىر سوئال سورايمەن . خانقىز بۇنى مەجبۇرىيەت دەپ چۈشىنەمدىكىن؟ ... يەنى مۇسۇلمان ئەرگە تېگىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغاچقىلا، بۇ دىنغا كىرمەكچىمۇ ؟ قۇرئاندا ئۇنداق كىرىشنى راۋا كۆرمەيدۇ.
ھەزرىتىمنىڭ ئېيىتقانلىرىنى خەلىم ئانناغا چۈشەندۈرۈپ قويدى.
–ئۇنداق ئەمەستۇ،دەپ ئويلايمەن . قېنى ئاننا ئۆزى نېمە دەيدىكىن يەنە ...–دېدى خەلىم .
ئاننا ئويلىنىپ قالدى. بايرامدا «خرستوس قېنى» دەپ قىزىل شاراب ئىچىش ،ئۆزى قىلغان ناشايان ئىشلارنى پوپقا كىرىپ سۆزلىگەندىن كېيىن ، ئاسانلا ئەپۇ قىلىنىش ئۇنىڭغا ياقمايتتى. لېكىن ، ئاتا–ئانىسىنىڭ دىنىنى يامانلاشقا نيۋرانىڭ تىلى بارمايتتى.
–ھەزرىتىم،–دىدى ئاننا ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاغزىنى ئېتىپ تۇرۇپ ،–توغرىسىنى ئېيتاي ئەمدى ئۇيات بولسىمۇ ،بۇ يىگىتنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس ، دىنىنىمۇ يۈرىكىمگە يېقىن تۇتىمەن ...
ھەزرىتىم دۆگلەك ساقىلىنى سىلاپ،كۈلۈمسىرەپ قويدى .بىر پەس ئۆزىچە «ھىم»دەپ ئولتۇرۇپ،يەنە سوئال سورىدى:
–سىز ئىسلام دىنى بىلەن تونۇشمۇ نېمە ؟
–تونۇش دەپ ئېغىز تولدۇرۇپ ئېيتالمايمەن ،شۇنداقتىمۇ تۆت ئايدىن بۇيان مۇسۇلمان بوۋاينىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇم ،بۇ دىننىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم . ھەم ئادىل ،ھەم كىشىنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدىغان دىن ئىكەن. شۇنداق دەپ بىلىمەن ...
ھەزرىتىم قانائەتلىنىپ بېشىنى ئەگدى.
–        مەرھابا ، قىزىم ! مانا ھازىر چۈشىنىشلىك بولدى! بۇنى ئاڭلاش تولىمۇ چوڭ خۇشاللىق ! –دېدى ئۇ
ھەزرىتىم ئىشكاپتىن نېپپىزرەك بىر كىتابنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىر بېتىنى ئاچتى–دە خەلىمگە سۇندى:
–بالام، مەن خاتالاشمىسام، سەن ئەرەپچە ئوقۇيالايدىغاندەك تۇرىسەن، شۇنداقمۇ ؟
–ئاز–تولا،–دېدى خەلىم .
–ئوبدان، باشتا «ئەئۇزۇ –بىسمىللا»نى ئۆگەت،ئۇنىڭدىن كېيىن مانا بۇ تىنىشتىن ماۋۇ تىنىشقا قەدەر ئاننا ئىچىدە يادلىسۇن .
                                                         4
ئىككىسى قالغاندا ،يىگىت نيۋراغا چىن دىلىدىن ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن سىلىدى .
–ھەي نيۋرا، سىزگە بەك تەستە،ھەرنېمە دېگەن بىلەن،بۇ ئويۇن ئەمەس،دۇنياغا يېڭىدىن ئاپىرىدە بولغاندەك بىر ئىش .
نيۋرا ئۈندىمەستىن بېشىنى لىڭشىتتى.
–بۈگۈنگە قەدەر سىز خرستىئانكا ئاننا ئىدىڭىز .ئەتە مۇسۇلمان بولۇپ ئويغىنىسىز .پۇشايمان قىلىپ قالارسىزمۇ ؟ھېلىمۇ يېنىۋېلىشقا ئۈلگۈرىسىز.
نيۋرا «ياق»دېگەننى بىلدۈرۈپ ، بېشىنى چايقىدى :
–خۇدا شۇنداق بۇيرۇغاندۇ ، ئەمدى كەينىمگە يانمايمەن ، ئۆگىتىۋېرىڭ .
بىر ئازدىن كېيىن ، ھەزرىتىم قايتىپ كىرگەندە ،نيۋرا تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، ئىمان شەرتىنىدۇدۇقلاپراق بولسىمۇ ئېيتالايدىغان بولغانىدى .ھەزرەت بۇنىڭغا تولىمۇ قانائەتلىنىپ ،تاماقخانىدىن ئاغىچا خېنىمنى چاقىرىپ چىقتى ،
–ئولتۇرۇڭ، ئاغىچا خېنىم !–دېدى ھەزرەت ،–خۇدايىتائالا سىز بىلەن ماڭا بۇياشنى مۇسۇلمان دىنىغا كىرگۈزۈپ ،ئۇنىڭغا مۇسۇلمانچەئىسىم قويۇشنىنېسىپ قىلدى .بۇىڭغا شۈكۈر قىلىپ بىر دۇئا قىلايلى .دۇئادىن كېيىن ھەزرىتىم نيۋرانى كىگىزگە تىزلاندۇرۇپ ، ۋەز ئېيتىشقا كىرىشتى :
–ھەي، خانقىز ! سىزنى خۇدايىتائالا بەختلىك ئايلاردا ، ئەزگۈ سائەتلەردە دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشقا نېسىپ قىلغان .سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە مۇقەددەس ئۇچقۇنلار يالقۇنلىغان. شۇچاغدا ، ھەقتائالا ۋە تابارەكنىڭ بىھېساپ پەرىشتىلىرى تەڭرىمىزگە مىڭ شۈكۈر«ئامىن!» دەپ تۇرغان بولسا كېرەك .چۈنكى ،سىزنىڭ تىلەكلىرىڭىز  لوبۇل بولغان .سىز ئۆزىڭىزگە«لەۋھۇلمەھپۇز»* دە يېزىلغاندەك، مانا مۇشۇ بەردەم مۇسۇلمان يىگىتنى ھەمرا قىلىپ تاللىغانسىز . ئاپىرىن ، بەك خوپ ، بەكمۇ ساۋاپلىق ئىش .ئاغىچا خانىم ئىككىمىز سىزنى بۇ ساۋاپلىق ئەمىلىڭىز–بولىدىغان نىكاھىڭىز بىلەن چىن كۆڭلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز . خۇدايىم سىزنى بەخىتلىك قىلسۇن ، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ! بارچە تىلەكلىرىڭىز قوبۇل بولسۇن ، ئامىن !
خەلىم بۇ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلغۇچە ،ھەزرىتىم قوللىرىنى تىزىغا قويغان ھالدا ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىشقا كىرىشتى :
–مەن ئېيتقاننى تەكرارلاڭ، خانقىز . لائىلاھە ئىللەللاھۇ، مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ !
نيۋرا يېنىدا ئولتۇرغان ئاغىچا خېنىمغا ئوخشاش قوللىرىنى يۈزىگە توغرىلاپ يايدى ، ئاغىچا خېنىم پىچىرلىغان سىرلىق سۆزلەرنى توغرا تەكرارلاشقا تىرىشتى :
–لائىلاخە ئىللەللاخۇ ، مۇخامېت راسۇلۇللاخ...
لېكىن دۇئا ئوقۇغاندا ،ئۇنىڭ كۆزىگە چىركاۋ كۆرۈنۈپ، بەدىنىگە تىترەك ئۇلاشتى .پىشانىسى چىپ–چىپ تەرلىدى .تىلى تۇتۇلۇپ قالدى . شۇنداقتىمۇ نيۋرا چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ، پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ،«لائىلەھە...»نى تەكرارلىدى .ھازىر ئۇنى قانداقتۇر بۈيۈك ،ئەزگۈ تۇيغۇلار قۇۋۋەتلەندۈرەتتى ، ھاياجانلاندۇراتتى .
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ھەزرىتىم گويا قىز بالىنىشۇقىيىن ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىغاندەك يېقىملىق ئاۋازا بىلەن قىرائەت قىلىشقا باشلىدى :
–يا رەببىم ، ناسارايى قوۋمىدىن بولغان ئۇشبۇ قىز بالىنى جىمى گۈناھلىرىدىن ئازاە قىلىشىڭنى ئىستەيمىز .يا رەببىم ، بۇ بۇ بەندەڭ سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭغا ،سېنىڭ قۇدرىتىڭگە ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولۇشىغا ئىخلاس كۆڭۈلدىن ئىمان كەلتۇرىدۇ . يا رەببىم ،بۇ قىز بالىنىئىسلام قوبۇل قىلىشىڭنى ئىستەيمىز .يا رەببىم ، سېنىڭ قۇدرىتىڭ چەكسىز ،بۇ بالىنى رەھمەت ۋە مەرھىمىتىڭدىن مەھرۇم قىلمىغايسەن . ئاللاھۇ ئەكبەر ،ئاللاھۇ ئەكبەر ...
ھەممىسى قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن ، ھەزرىتىم يەنە دېدى :
–يا ئاللاھۇ رەببىل ئالەمىن. ئاپىرىن قىزىم ! ئاغىچا خانىم بىلەن بىز سىزنى مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىز  ئۈچۈن ئخلاس كۆڭۈلدىن مۇبارەكلەيمىز . سىزگە خۇدايىتائالانىڭ شەپقىتى ، مەرھىمىتى نېسىپ بولسۇن ... ھە ، ئاغىچا خېنىم ،ئەمدى ئۇنىڭغا مۇسۇلمان ئىسمى كېرەك بولىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟
ئاغىچا خېنىم ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ بېشىنى ئىگىپ ،نيۋرانىڭ مۆرىسىن سىلىدى ھەم :
–ھەئە ، كېرەك،ئۆزىگە ئوخشاش گۈزەل . نۇرلۇق ئىسىم لازىم خانقىزغا ! –دېدى .
–شۇنداقمۇ ، نيۋرا ؟ –دېدى ھەزرىتىم .
نيۋرا قىزىرىپ ،ئوڭايسىزلىنىپ ، بېشىنى لىڭشىتتى.
–شۇنداق ، شۇنداق ...
–ئورۇس ، ئۇكرائىنلار «ئاننانى» ئەركىلىتىپ نيۋرا دەپمۇ ئاتايدۇ .شۇنداقمۇ ئاننا ؟
ئاننا «ھەئە ، دەل شۇنداق» دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى .
ھەزرىتىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
–ئەمىسە ، دىن قېرىندىشىمىزغا بۇرۇنقى ئىسىمىگە بىر ئاز ئوخشىتىپ ، نۇرجاھان دېگەن ئىسىمنى قويۇش مۇۋاپىق بولارمىكىن ؟
ئاننا بېشىنى لىڭشىتىپ ، بۇ ئىسىمنى چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى :
–منې ناراۋيتسىيا * نۇرجاھان ، نۇرجاھان !
–مانا مۇشۇنداق !بەكمۇ چىرايلىق ئىسىم .سىز ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپ ئېيتىدىغان بولىسىز .سىز بۇ ئىسىمغا رازىمۇ ؟
–ماڭىمۇ يارايدۇ ، مەنمۇ ماقۇل كۆرىمەن ، –دېدى خەلىم .
–ئەمىسە مۇشۇ ئىسىمنى خوپ كۆردۇق . خەير بىلەن ! ئاللاغا تاپشۇردۇق !
–خوپ كۆردۇق !
–        ئامىن ! – دېيىشتى .ھەزرىتىم ئاغىچا خېنىم بىلەن خەلىمگە ئايرىم–ئايرىم باش ئەگدى :
–        سىز ئاغىچا خېنىم ھەم سەن بىكتىمىر ئوغلى خەلىم گۇۋاھ بولۇڭلار ،يېڭى قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسمى بۇنىڭدىن كېيىن نۇرجاھان بولىدۇ — نۇرجاھان ! ئىنشا ئاللا ، يېڭى ئىسىمغا لايىق بولارخانقىز .پۈتۈن جاھانغا نۇر چاچار .
ھەزرىتىم بۇ ئىسىمنى ئېيتىپ ، نۇرجاھاننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى قېتىم سۈپكۆچلىدى ھەم «ئاللاھۇ ئەكبەر»نى ئېيتىپ دۇئا قىلدى .ئىككى قولىنى تىزىغا قويۇپ ،كۆزلىرىنى يۇمار–يۇممايكۆڭلى بوشىغان ھالدا يەنە مۇبارەكلىدى :
–يا خۇدا ! ئىمانىم كامىل ، مۇسۇلمان ئۈممىتىگە يەنە بىر مۇسۇلمان كېلىپ قوشۇلغان ئەزگۈ مىنۇتلاردا ، ئۇنىڭغا شۇنداق نۇرلۇق ئىسىم قويۇلغانلىقى ئۈچۈن خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن پۈتۈن جاھان نۇرلىنىپ تۇرۇر ۋە پەرىشتىلەر كۆك قاپقىسىغا يىغىلىپ، تەنتەنىلىك رەۋىشتە تەكبىر ئېيتۇر . بۇ ئىسىم خانقىزنىڭ پۈتۈن كېلەچىكىنى ئىلاھى نۇر بىلەن يورۇتۇپ بارۇر ،ئامىن ! قېنى بىر دۇئا ...
خەلىم ئۇنىڭغا ھەزرىتىمنىڭ سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا ، كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان نۇرجاھان ئىسسىق قوللىرى بىلەن يىگختنىڭ بىلىكىنى قاتتىق قىساتتى .
مۇشۇ خۇشاللىق پەيتلىرىدىن كېيىن ئاغىچا خېنىم چاي تەييارلاۋاتاتتى ، قاپقىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلاندى .ھەزرىتىم ھويلىدىن تەشۋىشلىنىپ كىردى ، دېرىزىنىڭ پەردىسىنى چۈشۈرۈشكە بۇيرۇپ ،لامپىسىنى بېسىپ قويدى .
–نېمە بولدى ، ھەزرىتىم ؟ بىرەر خەۋپ–خەتەر يوقتۇ ؟–دېدى خەلىم .
ھەزرىتىم سەللىسىنى ئېلىۋىتىپ بېشىغا قاما بۆك كىيدى.
–خەۋپ–خەتەر دېمەس ئىدىم ... شۇنداقتىمۇ... ئۇنداق ئىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن. قازان شەھىرى ئەتراپىدا تۆمۈر يول سالغۇچىلاردىن بىر يىگىت بىلەن بىر قىز يوقالغان، دەيدۇ .شۇلارنى ئىزدەيدىكەن .
نۇرجاھان چىرايى ئاقىرىپ ، ئورنىدىن دەسسىدە تۇردى :
–ھوي ،قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟ بىزنى ئىزدەيدۇ ... بىز ئۇ بىز ،–دېدى .
خەلىم ئۆزىدىن ئانچە غەم قىلمايتتى ، چۈنكى ئۇ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن ئىلتىماس يېزىپ ، ئۆز ئورنىغا ئىشەنچلىك بىر ئاغىنىسىنى قالدۇرغانىدى .شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قىيىن ئىدى .نۇرجاھاننىڭ ئاكىلىرى ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشسە ، چاتاق چىقماي قالمايتتى . چۈنكى خەلىم ئەمدى نۇرجاھاننى ھېچكىمگە بەرمەيتتى .ئاننانىڭ ئاكىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپبۇ يەرگە كېلىپقرلىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى ...
ئەمما ، ھەزرىتىمنىڭ ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇشى، جىددىلەشمەي ، پەم بىلەن ئىش كۆرۈشى ياشلارنى بىر ئاز تىنچلاندۇرغاندەك قىلدى .ھەزرىتىممۇ ئىچىدىن جددىلەشسىمۇ،، سىرتتىن تىنچ كۆرۈنەتتى .
–بىز ساۋابلىق يولدا ،ئىنشائاللا،خۇدايىم پاناھ بولىدۇ !–دېدى ئۇ .
ھەزرىتىم ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى قانداقتۇ ئىش بىلەن ئىشەنچلىك كىشىلىرىنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى . ئاغىچا خېنىم خاتىرجەم قىياپەتتە ، ئوچۇق چىراي بىلەن نۇرجاھاننىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ ، ئۇنى ئۆزى بىلەن تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى .ئۇ يەردە ئۇزۇن چاچلىق، زەڭگەر كۆزلۈك ئۇكرائىن قىزىنىبىرىنچى مەرتىۋە غۇسۇل–تاھارەت ئېلىشقا ، مۇسۇلمانلارغا خاس بولغان يەنە باشقا پاكلىىق قائىدىلىرىنى قىلىشقا ئۆگەتمەكچى ئىدى .
ئۇلار نىكاھلىنىش ئالدىدا تۇرغاچقا ، ھەزرىتىم خەلىمگىمۇ بېشارەت بەردى :
–ئوغلۇم ، ساڭىمۇ غۇسۇل–تاھارەت ئېلىپ پاكلىنىش پەرز بولىدۇ .
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتىم يىگىتنى باشلاپ قاراڭغۇ كوچىغا چىقتى .كوچىدا ئاتلارنىڭ چېپىپ ئۆتكەنلىكى ،ئاللىكىملەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى .ئۇلار چوڭ كوچىنى بىر ياققا قالدۇرۇپ ،قانداقتۇر تار كوچا ، ئېتىز–خامانلار بىلەن ماڭدى .سەل ماڭغاندىن كېيىن، يېرىم قاراڭغۇداھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوڭ مەسچىت يېنىغا كېلىپ توختىدى .
مەسچىتتە تېخى چىراغ يېقىلمىغانىدى . ئۇلارنى تاشقى ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان پالۋاندەك گەۋدىلىك ئىككى يىگىت قارشى ئالدى .ھەزرىتىم ئۇلارنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى :
–ھۇشيار بولۇڭلار ! يوچۇن ئادەمنى كىرگۈزمەڭلار ! چاتاق چىقارغۇچىلار بولسا، ماڭا خەۋەر قىلىڭلار !
ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ،ئۇلارنى ئىچكىرى كىرگۈزدى .
–خوپ ، ھەزرىتىم ،چىۋىننىمۇ ئۆتكۈزمەيمىز !–دېدى ئۇلار .
بىر دەمدىن كېيىن ئاغىچا خېنىم بىلەن نۇرجاھانمۇ يېتىپ كەلدى .نۇرجاھاننى نەق تاتار قىزلىرىدەك كىيىندۇرگەن ، ئىچكى ياغلىقى ئۈستىگگ نېپپىز كەشمىر ياغلىق  سېلىنغان . كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ ، مەڭزىلىرىگە ئەڭلىك يېقىلغانىدى .خگلىم خۇشاللىقىدىن تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى .مانا قارا ،نيۋرانىڭ تاشقى قىياپتىدە خوخول**قىزى دىيەرلىك ھىچ نەرسە قالمىغان.ئاغىچا خېنىمنىڭ يېنىدا قارا
قاشلىق،زەڭگەر كۆز ،زىلۋا بويلۇق چىرايلىق تاتار قىزى تۇراتتى .

* منې ناراۋيتسيا –ماڭا يارىدى ،
** خوخول –ئۇكرائىنلىق ئەركەكلەرگە قارىتا قوللىنىغان كەمسىتىش سۆزى .
*** لەۋھۇلمەھپۇز – ھەربىر بەندىنىڭ تەقدىرى يېزىلغان مەڭگۈلۈك كىتاب .
                                                                5
نۇرجاھان شۇ ئەسنادا خەلىم بىلەن يېقىن تۇرغۇسى كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئىنتىلدى ، لېكىن تېزلا ئېسىنى يىغىپ ، ئۆزىنى تۇتۇۋالدى .بۇ چىركاۋ ئەمەستە ! بۇ يەردە ئەنە شۇ ئاكىلارغا ئوخشاش ئۆزۈڭنى تىنچ، سالاپەتلىك تۇتۇشۇڭ لازىم .بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ، ئاغىچا خېنىم ئېيىتتىغۇ ،نىكاھ ئوقۇلۇپ بولمىغىچە بىر–بىرىگە ... نېمە دەيتتى ؟ ھە ، نامەھرۇم ئىكەن ...
بۇرۇنقى نيۋرا ،ھازىرقى نۇرجاھاننى ئاغىچا خېنىم قولتۇقىدىن يېنىككىنە تۇتۇپ يۇقىرىدىكى سۈننەت بۆلمىسىگەئېلىپ چىقتى . گىلەم سېلىنغان پەلەمپەيدىن چىقىشقا باشلىغاندا ، تۇيۇقسىز نۇرجاھاننىڭ كۆزىگەچۈشىدە كۆرگەندەك، باشقىچىلا قىياپەتتە ، ئاپىسى ئاگافىيە كۆرۈنۈپ كەتتى .نۇرجاھان شۈركۈنۈپ ، كۆزىنى بىر يۇمۇپ ،بىر ئاچتى ، لېكىن ئاپىسىنىڭ سىيماسىنى كۆزئالدىدىن نېرى قىلالمىدى .ئۇ ئاپىسىنىڭ كۆزياشلىرىنى كۆردى.ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى .
نۇرجاھان تىترەپ كەتتى . ۋاي نېمە بولغاندۇ ؟ چۈشىمۇ ، ئوڭىمۇ ؟ ھازىر ئۇنى ئەزىز ئاپىسىمۇ ، تۇغقانلىرىمۇ قارغايدۇ .ئۇ بەدەۋىلەر دۇنياسىغا كۆچۈپ كېتۋاتقاندىمۇ ؟ ئەقىلدىن ئازغاندىمۇ؟نۇرجاھان بېشى قېيىپ ، پەلەمپەي تۇتقۇچىغا ئېڭىشتى .ئاغىچا خېنىم خانقىزنىڭ بىردىنلا چىرايى تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، تەمتىرەپ قالدى .ئۇنى پەلەمپەي ئاستىدىكى كىچىك بۆلمىگە ئېلىپ كىردى . خانقىزنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئالدىغا تىزلاندى–دە، قوللىرىنى تۇتۇپ، ھالىنى سورىدى :
–ھەي قىزىم ، نېمە بولدى ؟ چىرايىڭىز ئاقىرىپ كېتىپتىغۇ؟ ئاغرىپ قالمىغانسىز؟  
–ياق ، ئاغرىمىدىم ، ئاپپاي . ھېلىلا ئاپام كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ كەتتى ، «بەدەۋىي» دەپ قورقۇتتى ...
ئاغىچە خېنىم چىرايلىق ئەگىم قاشلىرىنى يىمىرىپ ئالدى–دە ،چىرايىنى ئېچىپ كۈلۈمسىرىدى . ئۇ نيۋراغا تونۇش بولمىغان قانداقتۇر ئېسىل خۇشپۇراقلار كېلىپ تۇرغان يۇمشاق قولى بىلەن نۇرجاھاننىڭ دۈمبىىدىن سىلاپ ، مۆرىسىدىن سۆيدى . ئاندىن دۇئالار ئوقۇپ يان–يېنىغا سۈپكۆچلەپ قويدى .
–ئەستەغپۇرۇللا ! ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم... بىلەمسىز، قىزىم،سىزنىڭ جېنىڭىز ئۈچۈن ھازىر رەھىمسىز كۈرەش بولۇۋاتىدۇ . قارا كۈچلەر سىزنى قويۇۋەتمەسلىككە تىرىشماقتا .سىز پۇشايمان قىلمىغاندۇرسىز –ھ؟ كۆڭلىڭىزنى تەشۋىش زەھەرلىمىگەندۇ ؟
نۇرجاھان بېشىنى چايقىدى :
–ياق ،ياق ! مەن ئەمدى نۇرجاھان . كەينىمگە يانمايمەن ! ھېلى ئاپامنىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىشىلا تەمتىرىتىپ قويدى .
–ھە ، ئۇ كۆرۈنگەن زاتنى ئاپام دەپ خاتالىشىپ قالمىغايسىز . ئاپىڭىزنىڭ سۈرىتىگە كىرىۋالغان ئىبلىس مەلئۇن ،خرستىئانچە ساتان بولىدۇ .ئاپىڭىزنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ، ئەزگۈ نىيىتىڭىزدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ ئۇ ئىبلىس مەلئۇن !
–ھوي ،راستىنلا شۇنداقمۇ ،ئاپپاي؟ لېكىن ، مەن بەك قورقتۇم .
–جەزمەن شۇنداق ! ئۆزىڭىز ئويلاپ قاراڭ ،ئەقىللىق ئانا ئۆز بالىسىغا ياۋۇزلۇق تىلىمەيدۇ . بۈگۈن سىزنىڭ ئەڭ بەختلىك كۈنىڭىز ، بوشىشىپ قالماڭ، غەيرەتلىك بولۇڭ ،ئىمانىڭىزنى يېڭىلاڭ . قېنى ئېيتىپ بېقىڭا :لائىلاھە ئىللەللاھۇ ...
ئاغىچا خېنىم نۇرجاھانغا قارا بۇغداي ئۇرۇقىدەك بىر تال دان سۇندى :
–مانا بۇنى يەۋىلىڭ . ئىنشا ئاللا،چوقۇم شىپاسى بولىدۇ .ھەجدىن ئەكەلگەن
ھېلىقى دان راستىنلاشىپالىق نەرسە بولۇپ چىقتى .ئۇنىڭ ئۆزگىچە چۈچۈمەل ھەم تاتلىق تەمى پۈتۈن تېنىگە تارقىلىپ، خانقىزنىڭ كۆزلىرىنى يورۇتۇپ ، كەيپىنى كۆتۈرۇۋەتتى .
ئاغىچا خېنىم ئۇنى يۇمشاق گىلەم سېلىنغان سۈننەت بۆلمىسىگە ئېلىپ كىردى .ھەزرىتىم ئۇلارنى ئەرلەردىن بىر ئاز چەتكىرەك،تام يېنىغىراق ئولتۇرغۇزۇپ :
–ھازىر باشلايمىز !–دېدى .
نۇرجاھان سەل قىيىنسىناتتى ھەم ھاياجانلىناتتى. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭ كېلەچىكىگە چوڭ ئۆزگىرىش كىرگۈزمەكچى بولۇپ ، قانداقتۇر بىر ئىشلارنى قىلىش ئالدىدا تۇراتتى. ياشلار چىركاۋغا نىكاھلىنىشقا بارغاندا قوڭغۇراق چېلىناتتى.چىركاۋ ئىچىدە بولسا ،ئۇلارنى باشتىن ئايىغىغىچە ئالتۇنغا پۈركەنگەن خرستوس ،ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەددى–ھىساپسىز ئەزگۈلەر سۈرىتى،شۇنداقلا  يالتىراق رىزالار * كىيگەن بومبا ساقاللىق، يوغان بەستلىك پوپلار قارشى ئالاتتى .تۆردە دىنىي ناخشىلار ياڭراپ تۇراتتى .
نۇرجاھان نېمىنىدۇر  يوقسىنىپ ئەتراپىغا كۆز سالدى .تۆردىكى يەتتە لامپىلىق چىراغنىڭ خىرە يورۇقىدا ، ھەممە نەرسە — پۈتۈن مەسچىت ئىچى جانسىز ، غۇۋا كۆرۈنەتتى ، تۆر تەرەپتە تەسۋى تارىپ ئولتۇرغان مويىسىپىتلارمۇ ھەرىكەتسىز ،ئۇيقۇسىرىغاندەك سولغۇن كۆرۈنەتتى .
نۇرجاھاننىڭ چىرايىغا بىر قاراپلا ئاغىچا خېنىم ھەممىنى چۈشەندى .ئۇ قىزنىڭ قولىغا تەسۋى تۇتقۇزدى ،قۇلىقىغا يېقىملىق سۆزلەرنى ئېيتىشقا تىرىشتى:
–بىزدە مانا شۇنداقراق ، قىزىم .شاۋقۇن–سۈرەننى، پانىي دۇنيانىڭ يالتىراق نەرسىلىرىنى ئىشىكنىڭ تېشىدا قالدۇرۇپ كىرىمىز .ئىبادەتخانا كۆڭۈلدىن ئەخلەت– چاۋالارنى ئېرىغدايدۇ ، دىلىمىزنى پاكلاندۇرىدۇ  ... بۇ شۇنداق ئورۇن .مانا شۇنداق قىلىپ،تەسۋى تارتىمىز،يا ئاللا ، يا مۇھەممەد ، دەيمىز ...
نۇرجاھان «ھەئە، چۈشەندىم» دېگەندەك بېشىنى ئەگدى .ئاغىچا خېنىمغا ئوخشاش بارماق ئۇچلىرى بىلەن تەسۋى مارجانلىرىنى بىر–بىردىن سىيىرىشكە باشلىدى .ئۇ كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتىپ، ھېلىقى خاسىيەتلىك سۆزلەرنى تەكرارلايتتى. لېكىن كۆڭلىنىڭ تۆرى تېخى بوش .يېڭى دىننىڭ ئاجايىپ تۇيغۇلىرى روھىي ئوزۇق بولۇپ كۆڭلىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ كۆزئالدىغا ھېلى ئۇياقتىن ،ھېلى بۇياقتىن چىركاۋدىكى يوغان كۆزلۈك سۈرەتلەر كېلىۋالاتتى . نۇرجاھان بۇلاردىن تېز قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە ئولتۇرغان خەلىمگە كۆزسالدى .خەلىمگە مەخمەل بۆك شۇ قەدەر ياراشقانكى ، ھەيرانۇھەس بولدى ! ئۇ ئۆزىگە ئەجەپلەندى ، يېنىدا شۇنداق كېلىشكەن سۆيۈملىكى ئولتۇرغاندا ، ئۇنى ئاللىقانداق يېگانە سۈرەتلەر قانداقمۇ بىسەرەنجان قىلالىسۇن ؟ ئۇ سۆيۈملىكىدىن كۆزىنى ئالمايتتى ، ئۆزلىرىنىڭ ساپ مۇھەببىتىنىڭ رىشتىسى باغلىنىدىغان مۇشۇ بەختلىك مىنۇتلاردا خەلىمنىڭمۇ شۇ ھەقتە ئويلىنىشىنى،ئۆزىگە قاراپ بىر تەبەسسۇم قىلىشىنى تىلەيتتى .شۇ ئەسنادا ،يىگىتمۇ سۆيگىنىنىڭ يۈرەك ساداسىنى سېزىپ تۇرغاندەك،ئۇنىڭغا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى .
دەل شۇ چاغدا مېھراپ تەرەپتىن دىماغ قاققان ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۈستىگە يېشىل چاپان كىيىپ ، بېشىغا ئاپئاق سەللە ئورىغان ،ئېگىز بويلۇق ھەزرىتىم ھەيۋەتلىك قەدەم تاشلاپ ، مۇنبەر يېنىغا كېلىپ توختىدى .ئۇ سۆزىنى تەنتەنىلىك رەۋىشتە ھاياجانلىنىپ باشلىدى :
– جامائەت ! بۈگۈن بىزگە خۇدايىتائالانىڭ رەھمىتى بىلەن بىناھايات ساۋابلىق ئىش قىلىش نېسىپ بولماقتا . يىراقتىن كېلىپ ، تۆمۈر يولدا ئىشلىگۈچى ئىۋان قىزى ئاننا خانقىز دىلىنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتۇپ ،ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى !
ھازىرغىچە تىن تارتماي ئولتۇرغان سەپلەر بىردىن ھەرىكەتكە كەلدى .ئۇلاردىن خەيرخاھلىق ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
ھەزرىتىم سەل تۇرۇۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
– خانقىز تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزىگە مۇسۇلمان ئىسىمى قويۇشنى ئۆتۈندى .بىز خۇداغا تاپشۇرۇپ،خانقىزنىڭ بۇ ياخشى ئۆتۈنۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇرۇنقى ئانناغا نۇرجاھان دەپ ئىسىم قويدۇق !
سەپتە ئولتۇرغانلار بۇ يېقىملىق ئىسىمنى خوپ كۆرۈپ ، خۇشاللىقلىرىنى بىلدۈردى .ھەر تەرەپتىن «بارىكاللا !» ، «ئاپىرىن !» دېگەن سۆزلەر ئاڭلاندى . بەك كۆپ كىشىلەر نۇرجاھانغا بۇرۇلۇپ ،باش لىڭشىتتى ھەم دۇئا قىلدى ...
نۇرجاھاننىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقاتتى ، مەڭزىلىرى ياناتتى .ئۇمۇ تىترىگەن قوللىرىنى ئاغىچا خېنىمغا ئوخشاش دۇئاغا كۆتەردى .راستىنى ئېيتقاندا ، ئۇ ھەزرىتىمنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چۈشىنىپ كېتەلمىدى .لېكىن بەزەن سۆزلەردىن، ئاغىچا خېنىمنىڭ پىچىرلاشلىرىدىن شۇنى چۈشەندىكى ، ھەزرىتىم ئۇ ھەققىدە كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىپ ، يېقىملىق سۆزلەۋاتاتتى .ئۆزىگە شۇنداق ھۆرمەت–ئىھتىرام كۆرسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن نۇرجاھاننىڭ كۆڭلى يۇمشىدى .
نۇرجاھان ئىچىگە پاتمىغان خۇشاللىقىنى ئورتاقلاشقۇسى كېلىپ، ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان خەلىمگە كۆز سالدى .ئۇنىڭمۇ يۈزىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى . ئۇ :«كۆردىڭىزمۇ ، بىزنىڭ ئىشلار قانداق ئوڭغا تارتىۋاتىدۇ!» دېگەندەك شادلىنىپ ئىما قىلاتتى .
ھەزرىتىم گېپىنى داۋاملاشتۇردى :
– بۇ ئەمدى تەنتەنىنىڭ باشلىنىشىلا . مەسچىتىمىزدە خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن يەنە بىر ساۋابلىق ئىش بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ نۇرجاھان خانقىزنىڭ خەلىم بىلەن نىكاھلىنىشىدۇر .
يەنە تەبرىك ئاۋازلىرى ياڭراپ كەتتى .بەزىلەر ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ ، بۇ گۈزەلنىڭ ھالال جۈپتى بولىدىغان يىگىتنى كۆزلىرى بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى . خەلىم قۇلىقىغىچە قىزىرىپ ،ئوڭغىمۇ ، سولغىمۇ باش ئىگىشكە باشلىدى . ھەزرىتىم :
–ھازىر ، شاھىتلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا كىرىشسۇن !–دېدى .خەلىم يېنىدىكى كىشىنىڭ مەسلىھىتى بويچە سۈننەت بۆلمىسىگە چىقتى .ئاغىچا خېنىم نۇرجاھاننى شۇ بۆلمىنىڭ ئىككىنچى تەرىپىگە ئەكەلدى .ئىككى چوڭ كىشى نۇرجاھاننىڭ ئالدىغا كېلىپ باش ئەگدى .شۇلارنىڭ بىرى نۇرجاھانغا سوئال قويدى :
–ۋورونېژ ئۆلكىسىنىڭ ئىۋان قىزى— بۇرۇنقى ئاننا ، ھازىرقى نۇرجاھان خانقىز ،قېنى مەرھەمەت ،ئېيتىڭا ،سىز كىلدىبەك يىزىسىنىڭ بىكتىمىر ئوغلى خەلىمنىڭ ھالال جۈپتى بولۇشقا ئۆزىڭىز تىلەپ ،ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن رازى بولدىڭىزمۇ ؟ چۈشىنىشلىك بولدىمۇ ؟ يېسلىي پوناشېمۇ ترۇدنو ، ئوتۋېچايتې نا سۋويىم يازىكې.*
نۇرجاھانغا مەسچىتتە ئانا تىلىنى ئشلىتىش غەلىتىرەك تۇيۇلدى .ئۇ خۇشاللىقىدىن تەسۋى تۇتقان قولىنى ئۇلارغا ئوخشاش كۆكسىگە قويۇپ ،ھودۇقىپراق جاۋاپ بەردى :
–دا ، دا .كونېچنو ،پوسۋويىمۇ ژىلانيۋ ...كاك  ژې !**
–ئا . سكولكوم ۋام لېت ؟***–دېدى شاھىتلار .
– مايې يسپولنىلوس ۋوسېمنادتساد . ****
پۈتۈنلەي تاتارچە كىينگەن بۇ گۈزەل قىزنىڭ ساپ رۇسچە جاۋابى شاھىتلارغا كۆڭۈللۈك تەسىر قىلدى ، ئۇلار كۈلۈمسىرىشىپ:
–خاروشو ، خوپ ! – دەپ ، يىگىتنىڭ يېنىغا يۆنەلدى .
–ھە ، باتۇر يىگىت ، سىزمۇ ئېيتىڭ ئەمدى ! شەرىئەت شۇنداق بۇيرۇدى .
خەلىم بۇ ئىككى چوڭ كىشىگە ئىھتىرام يۈزىسىدىن بېشىنى ئەگدى .
–كۆپ رەھمەت ، ئاكىلار ! شۈكۈر ئارزۇيۇم قوبۇل بولۇۋاتىدۇ . نۇرجاھان خانقىزنى ئۆمۈرلۈك رەپىقەم بولۇشقا قوبۇل قىلىمەن .خەير دۇئا بەرگەيسىلەر !
شاھىتلار ھەزرىتىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ ،يىگىت بىلەن خانقىزنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نىكاھلىنىشقا كەلگەنلىكلىرىگە ھەر قايسىسى ئايرىم–ئايرىم گۇۋاھلىق بەردى .
ئىزاھلار :
*پوپلار چىركاۋدا كىيىدىغان دىنىي كىيىم .
** ئەگەر سىزگە تەس كەلسە ،ئۆزىڭىزنىڭ تىلىدا جاۋاپ بېرىڭ .
*** شۇنداق ، شۇنداق .ئەلۋەتتە ،ئۆز رازىلىقىم بىلەن ...شۇنداق!
****قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟
*****18 ياشقا كىردىم .
                                                                  6
مانا ھاياجانلىنىپ كۈتكەن مىنۇتلارمۇ يېتىپ كەلدى .نىكاھ ئوقۇشنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك چاغلىرى باشلاندى .مەزىن بوۋاي كۆلەڭگىدەك ئۈن–تىنسىز يۈرۈپ، بەش–ئالتە ئورۇندىكى لامپىنى يېقىۋەتتى. مەسچىت ئىچى يېقىملىق يورۇق نۇر بىلەن تولدى . ئاغىچا خېنىم نۇرجاھاننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
–نىكاھ دۇئاسى بۇ ! خەيرلىك بولسۇن !
نۇرجاھان ھودۇقۇپ ،ئاغىچا خېنىمنىڭ قولىغا يېپىشتى .ھەزرىتىم ھەيۋەت بىلەن دىمىغىنى قاقتى ! نىكاھنى ئادەتتىكىدەك ئەئۇزۇ–بىسمىللادىن باشلىدى .
–ئەلھەمدۇلىللا ھەللەزى قالە فى كىتابىھى...
ھەزرىتىم كۆزلىرىنى سەل يۇمۇپ ، يېقىملىق ئاھاڭدا ئوقۇيتتى . نۇرجاھان نىكاھنىڭ ھەربىر سۆزىنى يۇتۇۋالغۇدەك بولۇپ ،مېھراپ تەرەپتىن كۆز ئۈزمەيتتى . مانا قاراڭ ، كىم ئويلىغان! ئۇنىڭ يېڭى تۇرمۇشى مېچىتتە باشلىنىدۇ دەپ كىم خىيال قىلغان ! ئاجايىپ ئىش ئىدى بۇ! چۈشكە ئوخشايتتى.ئەمما چۈش ئەمەس،چىن ئىدى. چىن ! ئەنە ، ھەزرىتىم ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى مەڭگۈگە مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇماقتا .سۆيگەن يىگىتى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئېرى بولغۇسى، يا ئاللا!
نۇرجاھان ئوقۇلۇۋاتقان دۇئا سۆزلىرىنى چۈشەنمەيتتى .ئەمما ھەزرىتىمنىڭ قىرائىتى ئۇنىڭ كۆڭلىگە بەكمۇ خۇش كەلدى .ئۇنىڭ ھازىرغىچە مۇنداق غەيرى، ئاجايىپ مۇڭلۇق كۈينى ئاڭلاپ باققىنى يوق ئىدى . مەسچىت ئىچىگە چۈشكەن يوپيورۇق ئاي نۇرىغا كۆزى چۈشۈشىىگە ، بۇ سېھىرلىك كۈي نۇرجاھانغا مۇشۇ ئاي نۇرلىرى ئارقىلىق كۆكتىن چۈشكەندەك تۇيۇلدى .كۆزىنى يۇمۇشىغا ، ئۆزىنى خەلىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، ئاي نۇرىدا كۆككە قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى .ئاسمان جىمىرلىغان يۇلتۇزلار بىلەن تولغان ، ھەزرىتىمنىڭ نىكاھ دۇئاسى پەرىشتىلەر ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ ،پۈتكۈل ئاسمانغا ياڭراپ كەتكەندەك بولاتتى .
نۇرجاھان بۇ ئاجايىپ ئىشلارنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەلمەي كۆزلىرىنى ئاچتى . ھەئە ، ھەممىسى چىن  ئىدى .مانا بۇ كۆيۈمچان كىشىلەر ئۇنى ئۆز بىلىپ شەپقەتلىك قوللىرىنى سۇنماقتا ، ھەزرىتىمنىڭ يېقىملىق دۇئاسى ئۆزىنىڭ تىلسىم كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ قايناق مۈھەببىتىنى ئۆمۈرلۈككە چىڭىتىپ بارماقتا .مەڭگۈگە ! نېمە دەيتتى ؟ خۇدايىم بۇيرۇسا ،،،
ئەگەر ئىجازەت بولسا ، نۇرجاھان ھەزرىتىمنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ كۆز ياشلىرى بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ، تەشەككۈرئېيتقان بولاتتى .ئاغىچا خېنىمنى قۇچاقلاپ ئۆپكەن بولاتتى .
ھەزرىتىم نىكاھ دۇئاسىنى كۆڭۈللەرگە تېخىمۇ چۇڭقۇر ئورناشسۇن دەپ ، ئاخىرىغا كەلگەندە ئۆز تىلىدا داۋاملاشتۇردى .
– يا رەببىم ، يا خۇدا ! بىزنىڭ مەسچىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان نۇرجاھاننى ھەم ئۇنىڭ ھەمراھىنى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىنى ئىككى دۇنيادىمۇ بەخت– سائادەتلىك قىلىپ ،مۇر اد–مەخسەتلىرىگە ئېرىشتۈرگەيسەن ! خۇدا بۇ بەندىلىرىڭنى ئىنساپلىق ، تەۋپىقلىق كىشىلەر بولۇپ ياشاشقا نېسىپ قىلغايسەن ! ئۇلار پۈتۈن ئۆمۈر يۈزلىرى ئاق ،كۆڭۈللىرى پاك بولۇپ،باشقىلارغىمۇ ئەزگۈلۈك قىلىپ ،ئۆرنەك بولسۇن !
خەلىم بىلەن نۇرجاھان نىكاھ دۇئاسى ئوقۇلۇش داۋامىدا كۆڭۈللىرىگە يېڭى تۇيغۇلار  تولغانلىقىنى ھېس قىلاتتى .نۇرجاھان ئەمدى ئۆلۈم ئارقىلىق ھەيۋە كۆرسەتكۈچى ئاكىلىرىدىنمۇ قورقمايتتى .قىزنىڭ كۆڭلىدە ئۇلارغا ھېچقانداق ئاچچىقى يوق ئىدى .ئۇلار يوقىلاڭ نەرسىلەرگە ئىشىنىپ، كاللىسى ئېلىشىپ قالغان بىچارە بەندىلەر بولۇپ كۆرۈنەتتى.
نۇرجاھان بوينىدىكى كرېستنى خەلىمگە ۋەدە بەرگەن كۈنىلا ئېلىۋەتكەنىدى . ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ چىندىن نۇرجاھانغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ئۆزى رەھمەت ئيتقاندەك ، ئۆزىنى ئۆزى سۆيۈپ ،مەڭزىلىرىنى ،قوللىرىنى سىلىدى ،يەڭ ئۇچلىرىنى ،ياغلىق چەتلىرىنى تارتىپراق قويدى .تاتار ئۆي خوجايىنىنىڭ خوتۇنىمۇ دەل شۇنداق قىلاتتى ...
نىكاھ دۇئاسىنى ھەزرىتىم يەنە ئەرەپ تىلىغا كۆچۈپ تاماملىدى :
–بى ھۆرمەتى سەييىدىل مۇرسەلىنە ۋەلھامدۇلىللاھى راببىل ئالەمىن، ئامىن !
مەسچىت ئىچى دەررۇ گۈرۈلدەپ ، جامائەت ھەممىسى بىردەك «ئامىن» دەپ تەكرارلاشتى .
ھېلىلا جىم ئولتۇرغان مويىسىپىتلەر بىردىن جانلىنىپ كەتتى .ئۇلار تەرەپ– تەرەپتىن قوزغىلىپ ، ياشلارنى چۆرىدەپ كېلىپ،نىكاھ بىلەن مۇبارەكلەپ قوللىرىنى بېرىشتى .
–نىكاھىڭلار ئەزگۈ سائەتلەردە ئوقۇلدى .بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا بەختلىك بولۇڭلار .نىكاھىڭلارنىڭ مەسچىتىمىزدە ئوقۇلغانلىقىدىن بىز بەك خۇش،–  دېيىشتى .جامائەت ياش مېھمانلارنى چايغا ، قونۇپ قېلىشقا تەكلىپ قىلىشتى . لېكىن ، ئاغىچا خېنىم بىلەن ھەزرىتىم بۇ ھەقتە ئالدىن ئويلاپ قويغانىدى. مەسچىتتە نىكاھ ئوقۇلغان خەۋەر مىنۇت–سائىتى بىلەن پۈتۈن يېقىن ئەتراپقا تارقالدى . تۈرلۈك خەۋپ–خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياشلارنى تېزرەك كۆزدىن غايىپ قىلىش لازىم ئىدى .ئاغىچا خېنىم نۇرجاھاننى قولتۇقلاپ دالانغا ماڭدى :
–نۇرجاھان بىلەن خەلىم–بىزنىڭ مېھمانىمىز! ھەزرەتنىڭ بۇلارغا نىكاھ شاھادەتنامىسى بېرىدىغان ئىشى بار تېخى ،–دېدى .
ئۇلار قايتىپ كەلگەندە چوڭ ئۆيدە داستىخان تەييارلىنىپ قويۇلغانىددى .ئاغىچا خېنىم ياشلارنى داستىخاننىڭ تۆرىگە ئولتۇرغۇزدى .
–سۇبھاناللا ،كۆز تەگمىسۇن !– دېدى ئاغىچا خېنىم ،–خۇدايىتائالا سىلەرنى بىر–بىرىڭلارغا پار قىلىپ ياراتقان ، قەدرىنى بىلگەيسىلەر .شۈكۈر قىلغايسىلەر ، بەختلىك بولۇڭلار !
ھەزرەتنىڭ تۆرىدە ئولتۇرۇش زىيادە چوڭ ھۆرمەت ئىدى .بۇنىڭغا نۇرجاھان بەكمۇ ئوڭايسىزلاندى .ئۇ قىزاردى ،ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئېغىزىنى ئەتتى ، تامىقىنىمۇ بەھۇزۇر يېيەلمىدى.ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشەنچى خەلىمدە ، خەلىم بولسا ، ئۇزىگە نېسىپ بولغان بۇ خۇشاللىقتىن ئىسىنى يىغالمايتتى .ئۇ ھېلى ھەزرىتىمگە ،ھېلى ئاغىچا خېنىمغا قاراپ ئەجەپلەنگەندەك بېشىنى چايقاپ قوياتتى .
–ھېكايەتلەردىكىگە ئوخشاپ كەتتى بۇ ئىش... سىزلەر خىزىر ئىلىياستەك بىزنى توغرا يولغا سالدىڭىزلەر . بۇ خەيرلىك مىنۇتلاردا بىزگە ئاتا–ئانا بولدىڭىزلەر ، قانات ئاستىغا ئالدىڭىزلەر ، بىز سىزلەردىن مەڭگۈ مىننەتداربىز .
خەلىم قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ،خوجىلارغا باش ئەگدى .ھەزرىتىم خەلىمنىڭ ئاددىي يېزا دېھقىنى ئەمەسلىكىنى سەزگەنىدى .ئۇ تەجرىبىلىك ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ، كېيىنكى ئىشنى ئەتراپلىق ئويلىغانىدى . ئۇنداق بولمىغاندا،بۇ ساۋاپلىق ئىشنىڭ چوڭ جاڭجال بىلەن ئاخىرلىشىشى ئىھتىمال ئىدى .
–ئادىتىمىز بويىچە ، سىلەرنى بىر–ئىككى كۈن مېھمان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى .لېكىن ، سىلەرنىڭ بۇيەردىن تېزرەك كېتىشىڭلارنى خوپ كۆردۇق . چۈنكى،يورۇق چۈشۈشى بىلەن نۇرجاھاننىڭ ئاكىلىرى سىڭلىسىنى ئىزدەپ كېلىشى مۇمكىن .موسكۋا پويىزى كېلىشكە بىرەر سائەت قالدى ...
بۇ ئىش ھەممىسىنى جىددىلەشتۇردى، ياشلار ئاز–تولا تاماق يەپ داستىخاندىن قوپۇپ ،يولغا چىقىشقا تەييارلاندى .نۇرجاھان بۇ يەرگە كۆڭلەكچانلا كەلگەنىدى،  ئاغىچا خېنىم ئۇنىڭغا زەڭگەر مەخمەلدىن تىكىلگەن ، زەر تۇتقان كەمزۇل سوۋغات قىلدى .نۇرجاھان ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى قانداق بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالدى . مۇسۇلمانلاردا بۇ ئادەت يوقلىقىنى بىلسىمۇ ،يەنىلا ئاغىچا خېنىمنى قۇچاقلاپ سۆيدى، كۆز ياشلىرى بىلەن تەشەككۈرلەر ئېيتتى .ئۇلار  يولغا ئىككى پۈتۈن بولكا بەردى .
–ھازىر پۇل پاخاللىشىپ ئەخلەتكە ئايلىنىپ كەتتى،بۇ نان پويىزدا بېلەت ئېلىشقا يارايدۇ ،–دېدى ھەزرىتىم .
ئۇلار يولغا چىققاندا تېخى قاراڭغۇ ئىدى .ئۇلارنى دەرۋازا تۈۋىدە تارانتاسقا قېتىلغان ياخشى ئات ، تەپسە تۆمۈر ئۈزگىدەك ئىككى يىگىت كۈتۈپ تۇراتتى .
–مۇشۇ يىگىتلەر سىلەرنىڭ ھەممە غېمىڭلارنى قىلىدۇ ،–دېدى ھەزرىتىم .
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى .يىگىتلەر ياشلارنى پويىز كەلگۈچە قاراڭغۇ ئورۇنغا كىرگۈزۈپ قويدى .پويىز كەلگەندە پويىز خادىملىرىغا دېرىزىدىن بولكىنى شۇلار كۆرسەتتى ،بولكا كۆرسىتىلىشى بىلەن ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئېچىلدى .ئورۇنمۇ تېپىلدى ،ياشلار خەۋپ–خەتەرسىز سىبىر تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىي .
ياشلار ماڭغان تەرەپتە تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغاىىدى .بۇ ئىككى ئاشىق– مەشۇقنى ئالدىدا ئەنە شۇ تاڭ نۇرىدەك سۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تىلسىم مۇھەببەت، بەخت ھەم يېڭى تۇرمۇش كۈتەتتى ...
                                                              خاتىمە
خەلىم بىلەن نۇرجاھاننىڭ ئۆي تۇتقىنىغا بىر يېرىم يىلدىن ئاشقان ،ئىنىسى فەھىمنىڭ بولسا ،ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سەپدىشىنىڭ سىڭلىسى لەيلە بىلەن توي قىلىپ ، يېڭى ئۆي تۇتقان خۇشال كۈنلەرنىڭ ، يەنى ئەتىيازنىڭ گۈزەل كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى .
نۇرجاھاننىڭ ئېرى خەلىم ئىشىك ئالدىدىكى قىشقى ئەخلەت–چاۋار ، قالدى –قاتتى نەرسىلەرنى تازىلاپ يۈرەتتى .ئۇنىڭ قۇلىقىغا بۇ يەردىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتىكى رۇسلار يېزىسىدىن كەلگەن چىركاۋ قوڭغۇراقلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ شۇئان، بۈگۈن رۇسلارنىڭ چوڭ بايرىمى— پاسخا بايرىمى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدسى .
رۇس كىشىلىرى پاسخا بايرىمىنى ھەر يىلى شۇنداق ئەتىۋارلاپ ، كۈن بويى چىركاۋ قوڭغۇراقلىرىنىڭ ئەڭ چوڭىنى،ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە،كۈمۈش قوشۇپ قۇيۇلغانلىرىنى چالاتتى.ئۇنىڭ ئاۋازى ئەتىيازدىكى ساپ ھاۋادا قوشنا يېزىلارغىچە ئاڭلىناتتى .بۇ رۇسلارنىڭ تىمتاس تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئۆزگىرىش كىرگۈزەتتى . كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىپ ،بۇگۈن رۇسلارنىڭ چوڭ بايرىمى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەيتتى .
خەلىم بۇ ئاۋازنى يىل سايىن ئاڭلايتتى .بۇ ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيتتى .ئەمما ، بۇ يىل بۇ داڭ–دۇڭ خەلىمنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە سەۋەپچى بولدى .
خەلىم گۈرجەك،سۈپۈرگىلەر بىلەن ھەپىلىشىۋېتىپ ، خوتۇنى نۇرجاھاننىڭ بەرەڭگە كۆكتاتلىقىغا ئالدىراش–تېنەش كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى .لېكىن ، شۇنداقتىمۇ خەلىم بۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ كەتمىدى.خوتۇنىنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئېسىگە چۈشكەندۇ ،بەرەڭگە كۆكتاتلىقىغا چىقىپ ، قوڭغۇراق ئاۋازىنى ياخشىراق ئاڭلىغۇسى كەلگەندۇ ،دەپ ئويلىدى .نېمە دېگۈلۈك ،چىركاۋنىڭ بۇ تەنتەنىلىك تاۋۇشلىرىنى ئۇ كىچىكىدىنلا ئاڭلاپ ئۆسكەن تۇرسا . شۇىداقتىمۇ خوتۇنىنىڭ «ئاڭلىماي قالماي يەنە!»دېگەندەك تولىمۇ ئالدىراش كىرىپ كېتىشلىرى ئۇنى شەكلەندۇردى .
خەلىم يان–يېقىغا قاراپ ، ئىككىلىنىپ تۇردى–دە ، خوتۇنىنىڭ كەينىدىن ئۆزىمۇ بەرەڭگە كۆكتاتلىقىغا كىردى . مانا ... كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە كۆزى چۈشۈپ ، باسقان ئورنىدا قېتىپلا قالدى . ئۇنىڭ نۇرجاھانى— بىر يىلدىن ئارتۇق خوتۇنى بولۇپ ياشىغان نۇرجاھانى چىركاۋ قوڭغۇراقلىرىنىڭ داڭ–دۇڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ ،ئىگىلىپ –پۈكۈلۈپ ،پۈتۈنلەي بەجا كەلتۈرۈپ چوقۇنۇۋاتاتتى .
دەسلەپ كۆرگەندە ، خەلىم ئۇنىڭغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدى .ھىچقىسى يوق، بالا چاغلىرىدىكى ئادىتى بويىچە ئاپىلىرىنىڭ ئۈگەتكەنلىرىنى قايتىلاپ ،ئېسىدە يوق چوقۇنۇپ قويغاندۇ شۇ،بەلكى نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغاندۇ ،دېگەن ئويغا كەلدى .لېكىن ،خەلىمنىڭ ھالال جۇپتى ئۆتكۈنچى ھېسىياتقا بېرىلىپ ، بىر–ئىككى چوقۇنۇش بىلەن توختاپ قالمىدى .چىركاۋنىڭ داڭ–دۇڭى تەكرارلانغاسېرى،ئۇمۇ چوقۇنۇشىنى يېڭىدىن باشلايتتى .شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نۇرجاھان ئەمەس،بۇرۇنقى ئاننا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،چىركاۋ قوڭغۇراقلىرىنىڭ تاۋۇشى كەلگەن ياققا پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن بۇرۇلۇپ، ئىبادىتىنى چىن كۆڭلىدىن بەجا كەلتۈرەتتى .
خەلىم تىلسىز قالدى .بېشى قېيىپ ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى .بۇ ئەمدى يېڭىلىشىشمۇ ، ئويۇنمۇ ئەمەس ، ئىگىلىپ–پۈكۈلۈپ چوقۇنىشنىڭ دەل ئۆزى ئىدى .ئاننا بەك سېغىنغان ،ئۇمۇ شۇنداق ئىمكانىيەت تۇغۇلغىنىغا چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولۇپ ،بۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ قېلىشقا تىرىشاتتى .
خەلىم ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلمىدى .خوتۇنىنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى .ھازىر ئاننا ئۇنىڭ ھالال جۈپتى ئەمەس ،ئاشۇ چىركاۋ مۇڭىنىڭ قۇلى ئىدى .
– ئەپۈ قىلىڭ،ئاننا ،– دېدى خەلىم ئۇنىڭ رۇسچە ئىسىمىنى ئاتاپ،–بولمايدىكەن ... ئىۋان بىزنى دۈشمەن كۆرگەنىكەن ، بۇ ئەمدى مەڭگۈ شۇنداق !
خەلىم ھارۋىسىغا ئېتىنى قېتىپ، ئۇنى پويىز ئىستانسىسىغا يەتكۈزدى . ئۇ يەردە ئۇنى يۇرتىغا ئۇزىتىپ قويدى .
                                              (يازغۇچىنىڭ « ئىبرەت » ناملىق رومانىدىن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 19:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھارمىغايسىز ئىدىل ئاكا!
ئاۋال سىزگە رەھمىتمنى بىلدۈرۈپ تۇراي،  ئىنكاسنى تېمىنى ئالدىرىماي ئوقۇپ ئاندىن يازاي

Rank: 8Rank: 8

توردا
383 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
719 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئەسەر ماڭا ‹‹قىرىق بىرىنچى ›› نى ئەسلەتتى. قانغا سىڭىپ كەتكەن تەربىيەنى مۇھەببەتمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ دىگەن گەپتە.

ھاۋا تولىمۇ تۇتۇق،   چاي ئىچكەچ مۇزىكا ئاڭلاۋاتىمەن. ئىچىمدە تۈگىمەس خىياللار قوغلاشماق ئوينايدۇ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
253 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
726 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 08:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چۆچەك ئوقۇغاندەك بولىدىكەن كىشى.
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، بارىكاللا!

«قانغا سىڭگەن تەربىيەنى مۇھەببەتمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ». ئويلىنىپ قالدىم، دېمەك مۇھەببەت ھەممىگە قادىر ئەمەس...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
32 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
103 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئۇقاي بۇ تېمىنى . ئەجىرىڭىزگە رەخمەت

Rank: 1

توردا
19 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 
نادىر
يازما
131 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىسىملىق قىلىپ، داۋامى يەنە بار دەپ تازا تەققەزا قىلىپ تۇرۇپ يوللىغان بولسىڭىزچۇ ئاكا، مەندەك ھورۇنلار نەچچە كۈندە ئاران ئوقۇپ بولىمىز ھەقىچان ، ئاۋال تەشەككۈرىمنى دەپ تۇراي، جاپا چېكىپسىز ئاكا

Rank: 1

توردا
6 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
13 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەرۋەرى ، ئايدار ،قەھۋە ، دەرتمەن ،شاكىلات  سىلەرگە تەشەككۈرلەر بولسۇن . بەزىڭلار كۆرۈپ ، بەزىڭلار ئوقۇپ ،ھەممىڭلار ئىنكاس يېزىپ كۆڭلۈڭلەرنى بىلدۈرۈپسىلەر. سىلەردىن مىننەتدارمەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:09  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
203 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1145 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
گەرچە مۇھەببەت ئۇلۇغلاپ ئوت يېنىپ كەتسىمۇ ئېتىقانىڭ ئالدىدا باش ئەگمەي ئامال يوقكەن ...نۇرجاھاننىڭ سىرتقى قىياپىتى بولغان بىلەن قېنىغا سىڭگەن ، كىچىكىدىن ئۆگەنگىنىنى ئۆزگەرتمەك تەس كېلىپتۇ
ئىدىل ئاكىمىز ئېرىنمەي جىقراق يوللىسۇنچۇ مۇشۇنداق كىرىشىپ ئوقۇيدىغان تېمىلارنى ....مۇنبەرنى كۈندە يوقلايتتىم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 06:31 , Processed in 0.029503 second(s), 10 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.