يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 4

گىرىپتارلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:38:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



گىرىپتارلىق

(نەسىر)


ساداقەتجان ھاجى


تەڭرى سېنى مەن ئۈچۈن شۇقەدەر سۆيۈملۈك يارىتىپتۇ. ھەرۋاقىت سېنى كۆرگەن ۋە ئويلىغان چاغلىرىمدا بۇنى چۇڭقۇر ھىس قىلىمەن. گەرچە غۇرۇرۇم سەندىن قاتتىق ئازار يىگەن بولسىمۇ، نىمە ئۈچۈندۇر، قەلبىمگە ئاسىيلىق قىلىشقا پېتىنالمايمەن. خارلانغان ئەقىدەمگە تەسەللى بېرىپ، ياشلىقىمغا سۆيگۈ بەخش ئەتكەن گۈزەللىكىڭنى مەدھىيەلىگۈم كېلىدۇ.
قاچانلا قارىسام، نۇرلۇق كۆزلىرىڭدىن يارقىن تەبەسسۇم پارلاپ تۇرىدۇ. قىزىلگۈل بەرگىدەك زىلۋا بويۇڭدىن مۇھەببەت پۇراپ تۇرىدۇ. يېقىملىق ۋە شوخ ئاۋازىڭ ئەڭ گۈزەل ناخشىدەك روھىمغا شاد-خوراملىق بەخش ئېتىدۇ. ئوتلۇق تىنىقلىرىڭ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدەك كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ، روھىمنى ئويغۇتىدۇ. سۆيگۈنىڭ سۈزۈك سۇلىرى ئوخچۇپ تۇرغان بۇلاقتەك چىرايلىق لەۋلىرىڭگە سۆيۈپ، چاڭقاپ كەتكەن قەلبىمنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغۇم كېلىدۇ... كۆڭۈل دەپتىرىمگە سېنىڭ سۈرىتىڭ ئەنە شۇنداق سىزىلغان.
بىلەمسەن، كۆڭلۈمدە ئەنە شۇنداق گۈزەل سۈرىتىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، سېنىڭ قەلبىمدىكى مەۋجۇتلۇقىڭنى ئىنكار قىلالمىدىم. ساڭا بولغان غەزەپ-نەپرىتىم ئۇنتۇلدىيۇ، سۆيگۈ-مۇھەببىتىم ئەستىن چىقمىدى.
شۇتاپتا مېنىڭ روھىي تەشنالىقىم ئۈچۈن سېنىڭ قەلبىمدىكى مەۋجۇتلۇقىڭ ھەممىدىن مۇھىمدەك قىلىدۇ. بىر چاغلاردا سەن: «ئامراق بولماڭ، بىزار بولارسىز؛ بىزار بولماڭ، ئامراق بولارسىز.» دىگەن ئىدىڭ. بەلكىم گىرىپتارلىق دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك!؟
تالاي تاڭلارنى ئاتقۇزدۇم تۈن بويى سېنى سېغىنىش بىلەن؛ تالاي شېئىرلارنى يازدىم سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە تىۋىنىش بىلەن...
بىزارلىق مۇزلىرى ئېرىپ، گىرىپتارلىق سۇلىرى دولقۇنلىدى. نەپرەت بۇلۇتلىرى تارقاپ، مۇھەببەت قۇياشى پارلىدى. رەنجىش بورانلىرى توختاپ، زوقلىنىش شاماللىرى چىقتى. خاپىلىق غازاڭلىرى تۆكۈلۈپ، خۇشاللىق گۈللىرى ئېچىلدى. سەن ئاخىرى مېنىڭ قىلبىمدە گۈزەللىك ۋە مىھرىبانلىقنىڭ يۈكسەك سىمۋۇلىغا ئايلاندىڭ.
سەن باغرىمدىكى چاغدا نادانلىقىم تۈپەيلى، گۈلنىڭ تىكىنى، ھەسەلنىڭ ھەرىسى بولغاندەك، مۇھەببەتنىڭمۇ ئازابى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپتىمەن. ئاچچىق دورىنى ئىچكەندىلا ئاندىن شىرىن جانغا خۇش ئاراملىق ۋە شاد-خوراملىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن...
سۆيۈملۈكۈم، گەرچە سەندىن ئايرىلغان بولساممۇ، بۇ دۇنيادا مەۋجۇتمەن، بارمەن، ئۆمۈرۋايەت ئىشقىڭغا گىرىپتارمەن. سەنسىز بۇ ھاياتتا ئازاب چەكسەممۇ، بەختىمدىن  ھەرۋاقىت ئۈمىدۋارمەن!




★★★★★★
(1995-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى. قەشقەر)
(«تۇرپان گېزىتى»نىڭ 1997-يىللىق 18-ئاۋغۇست سانى)
★★★★★★



مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:06:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن باغرىمدىكى چاغدا نادانلىقىم تۈپەيلى، گۈلنىڭ تىكىنى، ھەسەلنىڭ ھەرىسى بولغاندەك، مۇھەببەتنىڭمۇ ئازابى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپتىمەن.
قەدرىمگە بىر يىتىپ باقساڭ ھە، قەدرىڭگە بىر يىتىپ باقسام..........



ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا شۇنداق تېزلا تۆنۈگۈن بىلەن خوشلاشتىم ھە. ئەتىدىن شۇنچىلىك ئەنسىزمەن، بۈگۈننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دىلغۇل ياشاۋاتىمەن...بۇ سۆزنى گەرچە ئەتە يەنە تەكرارلىساممۇ...!

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئامراق بولماڭ، بىزار بولارسىز؛ بىزار بولماڭ، ئامراق بولارسىز.»。。。。。。。。。。ئاللاھ ساقلىسۇن ، ئامراقلىرىمدىن بىزار بولغۇم يوق

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز بۇ ھاياتتا ئازاب چەكسەممۇ، بەختىمدىن  ھەرۋاقىت ئۈمىدۋارمەن!

مەڭگۈ ئۈمۈدۋار بولۇڭ!!!!!






كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:24 , Processed in 0.095205 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش