ئۇچۇرشۇپ قېلىش
غېنى سەمەت
بىر چاغ لىۋەن تەبەسسۇمىڭدا،
كۆكلەمنىمۇ باشلاپ كېلەتتىڭ.
سۆزلىشەتتۇق غايە ھەققىدە،
ئەجەپ ئۇماق ،ئۇماق قىز ئىدىڭ.
سەن ئويغانغان موڭلۇق سەھەردە،
بىر يۈرەكمۇ ئوينىغار ئىدى.
گۈزەللىكنى ئىزلەيتىڭ تىنماي،
تىنىقىڭدىن كۆكلەم پۇرايتى.
بىز ئەتىنى خىيال قىلغاندا،
يۈرۇگىڭگە باغلىنار ئىدۇق.
ئۈرۈمچىلىك بولمىغان بىلەن،
سەن كۈتكەننى بېرەلمەسمىدۇق.
تىرىكچىلىك كونا بىر چاپان،
كىيىۋالار ئۇنى ئاجىزلار.
ھالقىش نىمە؟يېڭىش-يېڭىلىش،
ئۇندىن يېڭى ھايات تۇغۇلار.
ئۆز-ئۆزىدىن يىراقلاشقانچە،\
ئادەملەرگە بۇلاركەن تۇتقۇن.
نىكاھ ئۇلۇغ بولسىمۇ شۇنچە،
مۇھەببەتچۇ؟قىسىدۇ بويۇن.
تونوگۇندىكى ئوتلۇق زەينۇرە،
يادلىناتتى ئىسمىڭ دىللاردا.
بۈگۈن كۆردۇم شۇكۇرچان ئايال،
كۆرگەنسەنمۇ مۇشۇ يوللاردا.
چاقنايدىغان پارلاق روھ ئىدىڭ،
بۈگۈن بوپسەن تۇرمۇشقا بەندە.
شۇ قەلبىڭگە قايتىپ كەلگەندە،
چىچەكلەيسەن پاك كۆڭۇللەردە.
مىنىڭ سۆزۇم تەسىر قىلمىسۇن،
ئۆتمۇش دىگەن كوڭلى بار جەسەت.
ئۇچرىشىشقۇ بولسۇن بولمىسۇن،
ساڭا بەخت تىلەيمەن ئەبەت.
2003-يىللار
"ئىلى دەرياسى"2003-يىل 4-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:10