يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 7

بىرمىنۇت. . . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:11:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                


بىرمىنۇت. . .

(جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلىدىن)

چوڭ بىركۆلدە ياشايدىغان بىرتاشپاقا كۆلنىڭ بۇيىغا ھەركۈنى كىلىپ تۇرىدىغان بىرجۇپ ياۋاغاز بىلەن دوست بۇلۇپ قاپتۇ. ئاي-يىللارئۆتۈپ، كۈنلەرنىڭ كۆل سۈيى تۈگەپتۇ.تاشپاقا بىرجۇپ ياۋاغاز دوستىغا«مەنمۇ ئۇچالىغان بولسام، سۈيى ئەلۋەك جايلارغا سىلەربىلەن بىللە كەتكەن بۇلاتتىم. . . »دەپ يىغلاپتۇ.

شۇىڭ بىلەن، بىرجۇپ ياۋاغاز مەسلىھەتلىشىپ، ئەپچىل چارە ئويلاپ، تاشپاقىنى بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بۇپتۇ: ئۇزۇن بىرشاخىڭ ئىككى ئۇچىنى ياۋاغاز چىشلەپتۇ، تاشپاقا ئوتتۇرنى چىشلەپ ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ. بىرجۇپ ياۋاغاھەرقانداق ئەھۋالدا گەپ قىلماسلىقنى جىكىلەپتۇ. . . ئۇلارنىڭ شۇھالەتتە كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلار چۇرقىرىشىپ كۈلۈشۈپ « ھوي تاشپاقا!  سىنىڭ ھالىڭ نېمە دېگەن كۈلكىلىك؟!…»دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. تاشپاقا ئاچچىقىنى باسالماي بالىلارنى تىللىماقچى بۇلۇپ ئېغىزىنى ئېچىشىغىلا يەردىكى قۇرامتاشنى ئۈستىگە چۈشۈپ پارچە-پارچە بۇلۇپ كىتىپتۇ.

بۇمەسەلدە ئىپادىلىگەن ئەھۋالنى بىزكۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلەرئارسىدا دائىم دىگۈدەك ئۇچۇرتىپ تۇرىمىز.

پىسخولوگىيەلىك ئانالىز بويچە ئېيتقاندا، ئادەم ئاچچىقلىنىپ ئۆزۈنى كونترول قىلالمىغان ھامان ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمە نىسبىتى نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ، بىرمىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن تىزلائەسلىگە كىلىشكە باشلايدۇ. بۇخۇلاسىدىن چۈشۈنىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، سىزئاچچىقىڭىزكەلگەندە ئاغىزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ بىرمىنۇت جىم بۇلۇۋېلىشنى ، مۆلچەرلىگۈسىز كۈڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلىنىپ قالالايسىز. ئاغىزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ تۇرغان بىرمىنۇت ۋاقىت سىزئۈچۈن ھايات ياكى ماماتنى بەلگىلەيدىغان پەيت بۇلۇش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ بىرمىنۇت جىم بۇلىۋالالايدىغان، ھەمدە ئاشۇ بىرمىنۇتتا زادى نىمە ئۈچۈن ئاچچىقانماقچى بولغانلىقىنى، ئاچچىقلىنىشنىڭ زۆرۈرىيتى، ئەھمىيىتى، پايدىسى بارمۇ-يوق، دېگەنلەرنى ئويلىيالايدىغان ئادەم دانا ئادەمدۇر.

ئادەم نېمە ئۈچۈن ئاچچىقىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا، يەنى باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن نارازى بۇلۇش. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەككى، روھىڭىز ۋە تىنىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ-دە سالامەتلىكىڭىز ئېغىردەرىجىدە زىيانغا ئۇچۇرايدۇ. دىمەك، ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى بەدىلىگە ئۆز-ئۆززىنى جازالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئادەمنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئۆزكەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا ئىادىلىنىدۇ. ئاچچىقى كەلگەندە ئېغىزىنى باشقۇرالماسلىق، توختىماي سۆزلەش، تىل ياغدۇرۇش، ئۆزگىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىش، ھاماقەتلەرنىڭ قىلىقىدۇر. چۈنكى، بىرىنچى بۇلۇپ ھەمدە بەكىرەك جاراھەتلىنىدىغىنى يەنىلاتىل ياغدۇرماقچى بولۇپ ئاغىزىنى ئاچقان ئادەمدۇر.

ئەجداتلىرىمىز: «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇرئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر»دەپ ئىنتايىن توغرائېيتقان؛ ئاچچىقى كەلگەندە ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزكەيىياتى بىلەن ھىسابلىشىپ نۇرمال مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى«پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش» دەپ تەمسىل كەلتۈرگەن. ھالبۇكى، كەيپىياتى بۇزۇلغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ئادەم پەلەككە تاقاشقان تاغنى يەلكىسىگە ئېلپ كۆتۈرەلەيدىغان گىگانت ئادەمدىنمۇ كۈچلۈكرەكتۇر.

ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئادەم ھاياتىنىڭ 30% پاسسىپ كەيپىياتقا دۇچ كىلىدىكەن ياكى ناچار كەپىيات ئىچىدە ئۆتىدىكەن.

خارۋارد ئونىۋېرىستېتى يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتاربولغان 1600 نەپەر ئادەنى تەقىق قىلىپ، دائىم ئاچچىقلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرك، مىڭە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى ئۆزىنى كونترول قىالايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقۇرى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

روھسىزلىق، ئۈمىدسىزلىنىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، جىددىيلىشىش، ئۆپكىسىنى باسالماسلىق، تىت-تىت بۇلۇش، تېرىكىش، چىچاڭشىش، رەنجىش، نارازىلىق، نەپرەتلىنىش، غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، بىزارلىق، غەزەپلىنىش قاتارلىق قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بۇلۇپ بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت، جاھاندارچىلىق، قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈنمۇ مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشلارى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەم ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلمەيدىغان ياۋا توڭگۇز ياكى ياۋا ئات ئەمەس.ئادەم شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. تەربىيەلىنىش ئادەمنى ئۇلۇغلۇققا ئېرىشتۈرىدۇ. مىجەز-خاراكتىرنىڭ قانداق بۇلىشىمۇ تەربىيەلىنىشكە باغلىق. بىزكەيپىياتىمىز ۋە ھېسياتىمىزنىڭ قۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇنى تاۋلاشقا ماھىربولىشىمىز، تۈرلۈك بېسىم، زىددىيەت، خەيىم-خەتەرۋە كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى بىلىشىمىز لازىم.

بىرئادەمنىڭ مىجەز خاراكتىرى شۇ ئادەمنىڭ تەقدىرىى بەلگىلەيدۇ. سىزنىڭ بەخت-ئىقبالىڭىزياكى بەخىتسىزلىكىڭىز ئۆز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىغا پايدىلىق.

مەنبە:روھچىن قەلب خاتىرىسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:11  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1225

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:57:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىدارىدە مەن شۇنداق تولا چېچىلىپ ئاغرىپ قالغانىدىم ، بۇ قېتىم ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن شۇنداق چېچىلماس بولۇپ كېتىپتىمەن ، ياكى بولمىسا ئادەم بىر ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزسە شۇنداق تەۋرىمەس بولۇپ قالامدۇ بىلمىدىم ، خېلى -خېلى ئېغىر ئىشلارمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمەس تەسىر قىلماس بولۇپ قاپتۇ ...ھەتتا تۇرمۇشۇمدىمۇ شۇنداق كۆتۈرۈشلۈك بولۇپ كەتتىم ، ھەقىقەتەنمۇ شۇ دەقىقە ئاچىچىقىمنى بېسىۋالساملا ئانچە چوڭ ئىش ئەمەسكەن دەپ ھىس قىلىپ قالدىم ، سىزگە قاراپ قارشى تەرەپمۇ ئېغىرلىق قىلىدىكەن ، شۇنىڭدىن بەكلا سۆيۈندۈم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋېلىش پايدىسى چوڭ بىجىرىش قىيىن ئش ئىكەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز دېسە، مەنمۇ مۇشۇ كۈندە ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.....بىراق ئاچچىق بىزگە ئەگىشىپلا يۈرسە قانداق قىلغۇلۇق.....

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقنى شەيتان دەپ بىلەيلى ،قېنى قايسىمىز شەيتاننى يېڭەلەيدىكەنمىز .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
381 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1014

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:08:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، بەزىدە ئاچچىقتا  كۆزگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. بۇرۇنلاردا نەق مەيداندا ئەمىلىيلەشتۈرمىسەم بولدى قىلمايتىم. ھازىر بىر تەرەپتىن خۇداغا قويۇپ قويىدىغان، بىر تەرەپتىن ئارغامچىنى ئۇزۇن تارتىپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. يەنىلا ياشىشىم كېرەككەن،  بۇرۇنقىدەكلا كۈلۈپ چىرايلىق ياشىمىسام بولمىغۇدەك. ئەمما نەتىجىسى يامان ئەمەس، ئاچچىقىنى يېڭىپ، ئۆزىمىزنى تۇتىۋالساق نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر تەبىئىيلا بىزدىن يىراقلاپ ماڭىدىكەن. بەزىدە ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، دەپ ئويلايدىغان بولدۇم.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
216 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر!

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:45 , Processed in 0.045855 second(s), 19 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش