يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 755 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 6

تانسىخانىدىكى ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تانسىخانىدىكى ھېكايە

ۋۇ شاۋجيەن

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات


يۈەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئېرىنىڭ ياقىسىدا ئۇزۇن چاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. يۈەن بۇ چاچنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمدىكى چاچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدى، بۇ چاچلارنىڭ ئىنچىكە- توملۇقى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن يۈەن ئېرىنىڭ سىرتلاردا ئۇزۇن چاچلىق بىر ئايال بىلەن باردى- كەلدى قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىسىلا غەزەپتىن ئۆرتىنىپ كېتەتتى.

ھەپتە ئاخىرىدا ئېرى كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ يەنە چىقىپ كەتتى. يۈەنمۇ چاندۇرماي ئېرىنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپلا چىقتى. ئۇ، بۇ قېتىم ئېرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىق ئايالنىڭ زادى كىملىكىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى. بىراق، ئۇ كوچىغا چىقىشى بىلەنلا، چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدىكى مىغ- مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا ئېرىنىڭ قارىسىنى يىتتۈرۈپ قويدى.

بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن يۈەن زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.

ئالدى تەرەپتىكى بىر تانسىخانىدىن كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان دېسكو مۇزىكىسى ياڭرىماقتا ئىدى. تۇيۇقسىز يۈەننىڭ مۇشۇ تانسىخانىغا كىرىپ، دەردىنى  تازا بىر چىقىرىۋالغۇسى كەلدى- دە، ئۇدۇل تانسىخانىغا قاراپ ماڭدى. يۈەن ئالا- يېشىل چىراغلار غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان تانسىخانىغا كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان لېمون چېيى بۇيرۇتتى. بۇ چاغدا تانسا مۇزىكىسى يېنىك بىر مۇزىكىغا ئالماشقان ئىدى. بىراق، يۈەننىڭ قەلبىنى ئالدىدىكى لېمون چېيىغا ئوخشاش ئاچچىق ھەم ئازابلىق بىې ھېسىيات چۇلغىۋالغانىدى، مەڭزىلىرىگىمۇ مارجاندەك ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. يۈەن سومكسىدىن قولياغلىقىنى ئالاي دەپ تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-خېنىم، كۆڭلىڭىز تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ، لېكىن بەزى ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە ياش تۆكۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ياش ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىت، ئۇنىڭغا پاكىز قولياغلىقنى  سۇنۇپ تۇراتتى.

يۈەن سەل ئارىسالدى بۇلۇپراق قولياغلىقنى ئالدى ۋە ياشلىرىنى سۈرتتى، ئاندىن ھېلىقى يىگىتكە سەپسېلىشقا باشلىدى. ئاق پىشماق، كىلىشكەن، تالىپ چىراي بۇ يىگىت تاقىۋالغان كۆزەينىكى بىلەن كىشىگە بىر قاراشتىلا ياخشى تەسىر بېرەتتى. يۈەندە ئىختىيارسىز بىر يىگىتكە نىسبەتەن بىر خىل ياخشى تەسىرات پەيدا بولدى، يىگىت ئۇنى تانسىغا تاتىۋىدى، ئۇ تارتىشمايلا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى تانسىخانىغا قەدەم بېسىپ باقمىغاچقا، پۇت- قوللىرى كالۋالىشىپ، تانسىنى تۈزۈك ئوينىيالمىدى. يىگىت ئۇنىڭ ئۆزىگە تازا ماسلىشالمايۋاتقىنىنى كۆرۈپ، مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا غىڭشىغاچ ئۇنى ئاستا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا يۈەننىڭ يىگىتكە بولغان ياخشى تەسىراتى بىراقلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدى.

-خېنىم، قارىغاندا سىز مەندىن چوڭدەك تۇرىسىز، مەن سىزنى« ئاچا» دەپ چاقىرىۋېرەي. ئاچا، تانسىخانىغا ئۆزىڭىز يالغۇز كەلگىنىڭىزگە قارىغاندا، بىرەر پىشكەلچىلىككە يولۇققان ئوخشايسىز. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا دائىم بەخىتلىك ياشايمەن دېگىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا بەزى بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشى تەبىئىي، بىرەر قېتىملىق ئازابنى دەپ كېيىنكى گۈزەل تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگەننىڭ پايدىسى يوق. ئاچا، قورسىقىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇڭ، تۇرمۇشتا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. قارىسام ئۆزىڭىز شۇنچە چىرايلىق ھەم ئەقىللىقكەنسىز، كۆپ سۆزلىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن....- دېدى يىگىت.

يىگىتنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرى ئۇنى قوي مېيىدەك ئېرىتىۋەتتى،« ھازىر بۇنداق ئاق كۆڭۈل، كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەرلەر ئاز ئۇچىرايدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە. شۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىتنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مەستانە بۇلۇپ تانسىنى توختىماي ئوينىدى. يۈندە تۇيۇقىسىز يىگىتكە بولغان بىر خىل قىيالماسلىق ھېسىياتى پەيدا بولدى ۋە « تانسا ئاياغلاشقاندا چوقۇم ئۇنىڭ چاقىرغۇسىنىڭ نۇمۇرىنى سورىۋالاي» دەپ ئويلىدى.

بىراق، ئىش ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى.

ئەڭ ئاخىرقى تانسا مۇزىكىسى باشلانغان چاغدا يىگىت ئۇنىڭغا:

-ئاچا، چاي پۇلىنى تۆلىۋەتسىڭىز،- دېدى، بۇنى ئاڭلىغان يۈەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.

-ئاچا، مەن سىزگە بىر ئاخشام ھەمراھ بولدۇم، شۇڭا چاي پۇلى ئالمىز،- دېدى يىگىت قايتىلاپ؛ شۇندىلا يۈەن ئىشنىڭ تىگىگە يەتتى ۋە ئۈمۈدسىزلەنگىنىچە ئاھ ئۇرۇپ قويدى، ئاندىن پورتمالىدىن پۇلنى چىقىرىپ يىگىتكە تەڭلىدى. يىگىت بولسا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوشكىسىنى تەڭلىگەچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-ئاچا، بۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىڭىز ئارامىدا يوق چاغلاردا، مېنى ئىزدەپ كەلسىڭىز بۇلىدۇ،- دېدى.

يۈەن ئاچچىقىدا تانسىخانىدىن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ كەتتى.  

(بۇ ھېكايە ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› نىڭ 2000- يىل 17- ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)

مەنبە: پاساھەت بلوگى



ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق ھەدە، سىزگە بىر سوئال تاشلاي خاپا بولماي جاۋاپ بېرەرسىز.
سىز نېمىشقا مۇنبەر مەسئۇلى تۇرۇقلۇق بۇنداق چاپلىما ئەسەرلەرنى چەكلىمەي ئەكسىچە ئۆزىڭىز يول ئېچىپ بېرىسىز؟
خاتالاشمىسام، جۇلالىق بىلوگى سىزنىڭغۇ دەيمەن، قاراپ باقسام شۇ يەردە شۇنداق جىق ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىز باركەن، شۇلاردىن يوللىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ، بۇ پەقەت مۇشۇنداق ئېسىل مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتنى كۆزدە تۇتۇپ دېگەن سۆزۈم خالاس، كۆڭلىڭىزگە كەلسە سۆزۈمنى قايتۇرۋالاي!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچان بولۇشۇمنى ئەسكەرتىدىغان سوئال تاشلىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت سىڭلىم.
مەن خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا سىزگە رەھمەت تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن.
-----------------------------------------------
سىز نېمىشقا مۇنبەر مەسئۇلى تۇرۇقلۇق بۇنداق چاپلىما ئەسەرلەرنى چەكلىمەي ئەكسىچە ئۆزىڭىز يول ئېچىپ بېرىسىز؟
------------------------------------------------
جاۋابى سىڭلىم، سىز دېگەندەك جۇلالىق يەتتە قىزلىرىمنىڭ مۇنبەر مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە چاپلىما ئەسەرلەرنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىشىنى، مۇنبەرنىڭ باشقا يەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئەسەرلەرگە توشۇپ كېتىشىنى توسۇشى كېرەك ئىدى. بىراق، مۇنبەر مەسئۇلى بولغان قىسمەت ئاكامنىڭ يەتتە قىزلىرىمنى قۇرۇشتىكى مەقسىدى تورغا چىقىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۈچۈن پىكىرداش ياخشى بىر سورۇن ھازىرلاپ بېرىشنى ھەمدە خانىم-قىزلارنىڭ مۇشۇ ئاددىي سورۇندا جەم بولۇپ مۇلاھىزە قىلغان مۇنازىرەلىرىدىن تۇرمۇشىغا پايدىسى يېتىشىنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇپ چىققان.
دېمەك، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى بىز خانىم-قىزلار مۇنازىرە قىلىدىغان سورۇن بولغاچ ئاساسلىقى ئاياللار توغرۇلۇق بىلىملەر كۆپرەك يوللىنىدۇ. مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ھەر بىرىمىزنىڭ يازغۇچىلىق قابىلىيىتى، ئىقتىدارى بولۇشى ناتايىن. بەزىلىرىمىز بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يوللىيالىغان بىلەن كۆپىنچىلىرىمىز ئىجادىي تېما يوللىغانلارنىڭ تېمىلىرىغا باھا بېرىپ ئىنكاسلارنى يازىمىز. يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى تور دۇنياسىدىكى كىچىك بىر پىكىر سورۇنى. مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ئەزالارنىڭ باشقا مۇنبەر ۋە بلوگلاردىكى ياخشى تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرەلىشى ناتايىن.  شۇڭا مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ئەزالارغا پايدىلىنىش قىممىتى بار ياخشى دەپ قارالغان ئەسەرلەرنى شۇ تور بەت ۋە بلوگنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە يوللاپ كەلدۇق. مۇنبەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ باشقا يەردىن تېما يوللاشنى چەكلىمىدۇق. لېكىن، پايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەن تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ مۇنبەرنى پاخال قىلىۋېتىشكە چەكلىمە قويدۇق.
مەن نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۆزۈممۇ باشقا يەرلەردىن كۆچۈرگەن تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇپ قىسمەت ئاكامغا مۇنبەردە باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن ئەخلەت تېمىلار كۆپىيىپ كەتتى.  مۇنبەرنىڭ ئەخلەت تېمىلارغا كۆمۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك دەپ قاخشىغان ۋاقتىمدا قىسمەت ئاكامنىڭ مۇنۇ دېگەن گېپى ھەر ۋاقىت ئېسىمدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ھەمدە بەكلا ۋەزنى بار ئورۇنلۇق سۆز ئىدى.

سىڭلىم، مۇنبەردە كۆچۈرۈلمە تېمىلارنىڭ كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق پىكىر بەرگىنىڭىز ياخشى بولدى. بىراق، بىر ئېغىز سۆزنى بەكلا خاتا قىلدىڭىز.
بىر ئادەم جاپا تارتىپ يېزىپ يوللىغان تېمىنى تېما شۇ ئادەمنىڭ ئىجادىي تېمىسى بولسۇن ياكى ژورناللاردىن بېسىپ يوللىغان تېما بولسۇن ۋە ياكى شۇ تېما ياخشى ناچار بولۇپ كەتسۇن بىز ئۇنى ئەخلەت تېما دەپ باشقىلارنىڭ قىلغان ئەجرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلساق بولمايدۇ. مۇنبەر ئەركىن پىكىر سورۇنى شۇڭا ئەزالارنىڭ تېما يوللاشتىكى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىساق بولمايدۇ. قىممىتى يوق دەپ قارالغان تېمىلارنى تېما يوللىغۇچىغا ئەسكەرتمە بېرىپ قويۇپ ئۆچۈرۈۋەتسەك بولىدۇ. ئەزالارغا مۇنبەرگە پەقەتلا باشقا يەردىن كۆچۈرۈلمە تېما يوللىمايسەن دەپ كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.  مۇنبەرگە كىرگەن ھەر بىر ئەزا ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلغاندىلا ئاندىن مۇنبەر ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. ئەزالارمۇ كېيىنچە دىققەت قىلىدىغان مۇنبەر ئۈچۈن كۆيىنىدىغان مۇنبەرنىڭ پاخاللاشقان مۇنبەرلەردىن بولۇپ قالماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغا بولىدۇ. مانا بۇ ئەركىنلىكنىڭ قەدىر-قىممىتى دېگەن ئىدى.
--------------------------------------------------------
خاتالاشمىسام، جۇلالىق بىلوگى سىزنىڭغۇ دەيمەن، قاراپ باقسام شۇ يەردە شۇنداق جىق ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىز باركەن، شۇلاردىن يوللىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ، بۇ پەقەت مۇشۇنداق ئېسىل مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتنى كۆزدە تۇتۇپ دېگەن سۆزۈم خالاس، كۆڭلىڭىزگە كەلسە سۆزۈمنى قايتۇرۋالاي!
------------------------------------------------------
توغرا دەيسىز سىڭلىم، جۇلالىق بلوگى مېنىڭ ئۇنى مەن قۇرغان. مەن بىر ئەدەبىياتقا قىزىققۇچى ھەمدە بلوگ ھەۋەسكارى.
2006-يىلدىن باشلاپ بلوگ قۇرۇشقا قىزىقىپ قالغانچە شۇ قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئايرىم بلوگ قۇردۇم. ئۆزۈمدە بار ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىق بىلەن ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ بلوگقا يوللاپ تۇردۇم.
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە جۇلالىق بلوگىدىكى يازمىلارنى يوللىماسلىقىمدىكى سەۋەب. يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدە داڭلىق شائىر، يازغۇچىلىرىمىز خېلى بار. ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىمۇ كۆپ. شۇڭا مەندەك بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارىنىڭ ئاددىي يازمىلىرى مېنىڭ شەخسىي مەھەللەم بولغان ئاشۇ يەردىلا تۇرۇشقا لايىق دەپ ئويلىغاچ ئۇ يەردىكى يازمىلارنى مۇنبەرگە يوللىمىدىم.
مېنىڭ جۇلالىق بلوگىدىكى يازمىلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە يوللىماسلىقىم مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ مەن ھەر ۋاقىت مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىگە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىمەن.
چۈنكى جۇلالىق يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن بىللە، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ ھەر  بىر بېتىدە مەن جۇلالىقنىڭ ئىزلىرى بار. مېنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە چوڭقۇر مېھرىم بار. مەن ھەر بىر قەدەمنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى بىلەن  ئالىمەن.
سىڭلىم، يەنە باشقا سوئاللار بولسا تارتىنماي سوراڭ مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:11:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ...جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەستايدىللىق بىلەن بەرگەن جاۋابىڭىزدىن سۆيۈندۈم، بىراق ئەخلەت ئەمەس ئىكەن دەپلا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چاپلاپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسئۇليەتسىزلىك دەپ قارايمەن.
كىتاپ ژورناللاردىن ئۆزى ئەجىر قىلىپ ياخشى يازمىلارنى يوللاش بۇ باشقا گەپ، ئەمما بىراۋنىڭ تەييار يازمىسىنى چاپلاپ قويۇشمۇ مەسۇليەتسىزلىك.
توغرا مۇنبەردە ھەممىلا ئادەم شائىر ياكى يازغۇچى ئەمەس، ئەمما كىرگەنلا كىشىنىڭ تېما يوللاش مەجبۇريىتى يوق دەپ ئويلايمەن.
قىسمەت ئەپەندىم ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ، بىراق بۇ ئەزالارغا قارىتىلغان گەپ، چۈنكى ئەزا بولغان ئادەم مۇنبەرگە كىرىپ ئۆزى يازالمىسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ ئەكىرىدۇ، ئەمما مۇنبەر مەسئۇللىرى بولغان سىلەر بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى قارىشىم خالاس.ئارتۇقچە گەپ قىلىپ قويدۇم كەچۈرۈڭ.




Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:42:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ئىنكاسنى بىرمۇنچە كوتۇلداپ يازسام ئىنكاسىمنىڭ ئاران يېرىمى چىقىپتۇ، يوللاپ بولۇپ قارىسام يېرىمى يوق تاس قالدىم ئاچچىقىمدا يېرىلىپ كەتكىلى، ئەسلى بۇ ئىنكاسنى ھازىرقىدىنمۇ بەك تەپسىلىي يازغان ئىدىم. ئىنكاسىمنىڭ يېرىمىنى تور بەت يەپ كەتتى.
ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنىڭ ئارلىقىدا يەنە مۇنۇ سۆزلەر بار ئىدى.
2011-يىلى كىرىشتىن بۇرۇن مەن جۇلالىق مۇنبەرگە ئاساسلىقى ژورناللاردىن ئۆزۈمگە يارىغان ياخشى دەپ قارىغان تېمىلارنى تاللاپ  بېسىپ يوللايىتتىم. 2011-يىلى كىرىپلا مەنمۇ دەھشەت ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ھەم مەن بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسام بولمايدۇ، ئوماقلىرىمنى ياخشى تەربىيىلەش ۋەزىپىسى ماڭا يۈكلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 3-ئايدىن باشلاپ ئوقۇش باشلىغاچقا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم قىس بولۇپ قالغاچ تورغا كىرىشكە ۋاقتىم يەتسە مۇنبەرگە كىرىپ تېمىلارغا ئىنكاس يېزىۋېتىپ باشقا يەرلەردە ياخشراق تېما بولسا يوللاپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىغان بولدۇم. مۇنبەردىن قۇرۇق قول چىقىپ كەتكۈم كەلمىدى. بەلكىم بۇمۇ ئۆزۈمنى ئاقلاشقا بىر باھانەدۇر. بىراق، ئەمەلىيەت شۇنداق.
مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەزالارنىڭ نەزىرىدە خاتا دەپ قارالسا مەن شاكىلات سىڭلىمغا ۋە پۈتكۈل مۇنبەردىكىلەرگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى جۇلالىق بۇنىڭدىن كېيىن يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە ھەرگىز كۆچۈرۈلمە تېما يوللىمايدۇ. ئامال بار ۋاقتىمنى چىقىرىپ ژورناللاردىن ياخشى تېمىلارنى يوللايمەن.
شاكىلات سىڭلىمنىڭ مېنىڭ توغرا قىلمىغان ئىشلىرىمنى، كەمچىللىكىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىگە، مۇنبەر ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكى ھەر بىر ئەزا سىزدەك ئوچۇق سۆزلۈك دوستىمىزنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىگە موھتاج. يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى ھەر بىرسىڭىزلەر بىلەن گۈللەنگۈسى!


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ماۋۇ ئېسىل پىكىرلەرنى.
شاكىلات قىزنىڭ ياخشى پىكىرلىرىگە ۋە جۇلالىق سىڭلىمىزنىڭ ئەستايدىللىقىغا تەشەككۈر!
ئالدىنقى قېتىم ماڭا چ چ دا بىرى مۇشۇنداق يۆتكەلگەن تېما توغۇرسىدا پىكىر بەرگەن، مەنمۇ جايىدا چۈشەندۈرۈش بەردىم، بۇ چۈشەندۈرۈش بېرىشىم ھەرگىزمۇ مۇنبەرگە ھەر قانداق تېمىنى يۆتكەپ چاپلىسا بولىۋېرىدۇ، دېگەنلىكىم ئەمەس. مەن  بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ دېگەن، يېڭى خەۋەر، پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىلار بولسا بولىدۇ، كىتاپلاردىن ياخشى دەپ قارىغان ئەسەرلەر بولسا بولىدۇ .
شاكىلات قىز دېگەندەك مۇشۇ جەھەتتە مۇنبەر مەسئۇللىرى، باشقۇرغۇچىلار ئالاھىدە دىققەت قىلساق، ئاخىرىدا شاكىلات قىزغا يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:35 , Processed in 0.061689 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش