يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 481|ئىنكاس: 8

قايسى رەڭنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:29:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى رەڭنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز


تۆۋەندىكى رەڭلەرنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغانلىرىدىن باشلاپ تېزىپ چىقىڭ:

يېشىل، قوڭۇر، سۆسۈن، كۆك، قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، ئاق.


يۇقىرىقى رەڭلەردىن ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغىنى سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ۋە ھازىرقى كەيپىياتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

قېنى سىز قايسى رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزدىڭىز، كۆرۈپ باقايلى:


A . يېشىل رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزغۇچىلار:


يېشىل رەڭ « قىزىل» بىلەن «كۆك» رەڭنىڭ ئارىلىقىدىكى رەڭ، يېشىل رەڭنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ئىش قىلغاندا، بەزىدە شۇنداق ئاكتىپ، بەزىدە پاسسىپ بولىدۇ. ئومۇمەن بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئەقىل-پاراسەتلىك، مول ئەقىل-ئىدراكلىق كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ سۇبيېكتىپ كۆز قارىشى بار، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولالايدۇ.

B . قوڭۇر رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزغۇچىلار:


قارامتۇل قوڭۇر رەڭ ئاددىي-ساددا ھەم سەل قېنىق رەڭ. قارامتۇل قوڭۇر رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلار يارىشىملىق، ئەمما ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. شەيئىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتىگە ۋە خاراكتېرىگە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. بۇ خىل رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلار باشقىلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا، قارشى تەرەپكە ئانچە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرمايدۇ. ئەمما، بىر مەزگىل ئارىلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچان، سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىش قىلىشتا ئەستايىدىل. ئاساسلىق كەمچىلىكى: ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ ئىنتايىن ئەتراپلىق، چوڭقۇر، ئىنچىكە ئويلاپ كېتىدۇ.

C . سۆسۈن رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزغۇچىلار:


سۆسۈن رەڭ قىزىل بىلەن كۆك رەڭنىڭ ئارىلاشمىسى، ئۇ كىشىلەرگە مۇرەككەپ ۋە سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ. سەنئەتكارلار بۇ خىل رەڭگە ئامراق، بۇ رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە ئامراق، شۇ سەۋەبتىن بەزىدە ئابرويپەرەسلىك قىلىپمۇ قالىدۇ. ئەمما، بەزىدە يېقىن دوستلىرىغا سەۋەبسىز قوپال تېگىپ قويمىسىلا، ئادەتتە ئىنتايىن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ.


D . كۆك رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزغۇچىلار:


كۆك رەڭ سوغۇق قانلىق ۋە رومانتىكىلىققا سىمۋول قىلىنغان. كۆك رەڭ كىشىگە بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ بېرىدۇ. كۆك رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ھېسسىياتقا باي، يالغۇز قېلىشتىن قورقىدۇ. ئۇلار بىرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ. تۈز مىجەزى بىلەن باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولالايدۇ.


E . قىزىل رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزغۇچىلار:


قىزىل رەڭ تولۇپ تاشقان ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچنىڭ بەلگىسى. قىزىل رەڭلىك ئىچىملىق ۋە يېمەكلىكنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بار. قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئاكتىپ، ئىرادىسى مۇستەھكەم، قىيىنچىلىقتىن باش تارتمايدۇ، ھەر قانداق ئىشتا ئەتراپلىق پىلان تۈزىدۇ. قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى، شۇنچە قەيسەرلىشىپ كېتىدۇ.

F . قىزغۇچ سېرىق رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزغۇچىلار:


قىزغۇچ سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلار مۇناسىۋەت باغلاشقا ماھىر. ئۇلار مال ساتقۇچى، ئايروپىلان كۈتكۈچىسى، مۇلازىمەتچى قاتارلىق كەسپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. بۇ خىل رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلار يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ. كىشىلىك ھاياتقا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مول تەسەۋۋۇر بىلەن قارايدۇ.

G . ئاق رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزغۇچىلار:


ئاق رەڭ پاكلىقنىڭ سىمۋولى. ئۇ يەنە مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ غايىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۆز ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيدۇ ھەم تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالمايدۇ. بۇ خىل رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى: ئۇلار ھەر قانداق ئىش قىلغاندا بەل قويۇۋەتمەيدۇ، سەمىمىي ھەم مەسئۇلىيەتچان كېلىدۇ.


تەرمىلەر ژورنىلىدىن ئېلىندى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:34  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 17:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرىق ،قوڭۇر ، قىزغۇچ ، كۆك ،قىزىل ، سۆسۈن ، يېشىل ، ئاق

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:27:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 17:02
سېرىق ،قوڭۇر ، قىزغۇچ ، كۆك ،قىزىل ، سۆسۈن ، يېشىل ، ئاق ...

ۋۇيۇۇۇۇۇۇۇ ئانار سىز ھەممىلا رەڭنى ياخشى كۆرەمسىز، دېمەك سىز بەكلا مۇرەككەپ خارەكتىرلىك گۈزەل ئىكەنسىزدە
مەن يېشىل بىلەن قىزىلنى تاللىدىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىنەپشرەڭنى ئەڭ ياقتۇرىمەن. ئەپسۇس، بۇ رەڭ يوقكەن. بىنەپشە رەڭدىن قالسا يېشىل بىلەن سېرىقنى ياقتۇرىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەممىدىن ئاق رەڭنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇندىن قالسا كۆك ، سۆسۈن ، قىزغۇچ ،قىزىل ، يىشىل ، سېرىق ، قوڭۇر ~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 08:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xakilat يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:27
ۋۇيۇۇۇۇۇۇۇ ئانار سىز ھەممىلا رەڭنى ياخشى كۆرەمسىز، د ...

تۆۋەندىكى رەڭلەرنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغانلىرىدىن باشلاپ تېزىپ چىقىڭ:

يېشىل، قوڭۇر، سۆسۈن، كۆك، قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، ئاق.


يۇقىرىقى رەڭلەردىن ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغىنى سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ۋە ھازىرقى كەيپىياتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

قېنى سىز قايسى رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزدىڭىز، كۆرۈپ باقايلى:

تېمىدا شۇنداق تەلەپ قويۇپتىغۇ ، ياخشى كۆرمەيدىغاندىن ياخشى كۆرىدىغانغا قاراپ تىزىڭ دەپ ...شۇڭا سېرىق رەڭنى ئەڭ ئاخىرىغا قويسام ،مېنىڭ خاراكتىرىم يوقكەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوڭۇر.سۆسۈن .قىزغۇچ.كۆك.قىزىل .سىرىق.ئاق.يېشىل........ ‹    يېشىل رەڭ « قىزىل» بىلەن «كۆك» رەڭنىڭ ئارىلىقىدىكى رەڭ، يېشىل رەڭنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ئىش قىلغاندا، بەزىدە شۇنداق ئاكتىپ، بەزىدە پاسسىپ بولىدۇ. ئومۇمەن بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئەقىل-پاراسەتلىك، مول ئەقىل-ئىدراكلىق كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ سۇبيېكتىپ كۆز قارىشى بار، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولالايدۇ.›
توغرا دەك  قىلامدۇ نىمە!!!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     كۆك رەڭ سوغۇق قانلىق ۋە رومانتىكىلىققا سىمۋول قىلىنغان. كۆك رەڭ كىشىگە بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ بېرىدۇ. كۆك رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ھېسسىياتقا باي، يالغۇز قېلىشتىن قورقىدۇ. ئۇلار بىرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ. تۈز مىجەزى بىلەن باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولالايدۇ. كۆك رەڭنى ياقتۇرمايدىغان تۇرسام، ماڭىلا چۈشكىنىنى دەيمەن...

      سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلار مۇناسىۋەت باغلاشقا ماھىر. ئۇلار مال ساتقۇچى، ئايروپىلان كۈتكۈچىسى، مۇلازىمەتچى قاتارلىق كەسپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. بۇ خىل رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلار يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ. كىشىلىك ھاياتقا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مول تەسەۋۋۇر بىلەن قارايدۇ.  بۇنىڭغىمۇ چۈشىدىكەنمەن، قانداق بولۇپ قالغاندىمەن




ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرىق ،قوڭۇر ،قىزغۇچ ،ئاق ،يىشل ،كۆك ،سوسۈن ،قىزىل

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:39 , Processed in 0.071067 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش