يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 3

قەلىبدىكى كۈنلۈك..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 12:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەندە ئۇ ئەمدىلا توققوز ياشقا كىرگەن بولۇپ ،باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيتتى.
ئاشۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاپىسىنى خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ ئاپىسىنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ئىلىپ كىتىشتى.
مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇ يالغۇزلا قىلىپ ،دەرۋازىدىكى تۆمۈر تۈۋرۈكلەرنى قايتا-قايتا ساناپ چىقتى.
بىر چاغدا،بىر پىكاپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇختىدى.پىكاپنىڭ ئىشىگى ئىچىلىپ ،دادىسى ئۇنى قول ئىشارىتى بىلەن چاقىردى.ئۇ گەپ-سۆز قىلماستىن ماشىنىغا چىقتى.دادىسىنىڭ چىرايى جىددىي تۈس ئالغان ئىدى.ئۇ ئۈيدە قانداقتۇر بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىگىنى پەملىگەن بولسىمۇ،دادىسىدىن سۇراشقا پىتىنالمىدى.ماشىنا بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە دادىسى ئۇنىڭغا<< بالام،ئاپاڭ كېتىپ قالدى،ئۇ ئەمدى كەلمەيدۇ،خىزمىتىم ئالدىراش،شۇڭا مەكتەپتىن ئۆزۈڭ قايتىپ كىلىشنى ئۈگۈنىۋالغىن>> دىدى.
ئەمەلىيەتتە ،ئۇ ئېسىنى بىلگەندىن  تارتىپ دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئوتۇرسىدا جىدەل تۈگمەي كىلىۋاتاتتى.ئۇ دائىم ئاپىسىنىڭ << ھامان بىر كۈنى بۇ ئۈيدىن چىقىپ كىتىمەن...>> دېگىنىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزى بىلەن خوشلاشمايلا بۇنداق ئۇشتۇمتۇت كىتىپ قىلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ جىمىغۇرلىشىپ كەتتى،ھەمىشە ئاپىسىنى ئويلايتتى.ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەن چاغدا،ساۋاقداشلىرىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاپىللىرىنى ساقلاپ تۇرغانلىغىنى كۆرسە ئازاپلىنىپ ئۆزىنى يىتىم بالىدەك ھىس قىلاتتى.ئۇ ئاپىسىنىڭ كىتىپ قالغانلىغىنى ساۋاقداشلىرىغا بۈلدۈرمەسلىك ئۈچۈن،ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى. ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە سېنىپتا يالغۇز قىلىپ ،باشقا ساۋاقداشلىرى بىر-بىرلەپ كىتىپ بولغاندىن كىيىن ھەممىنىڭ ئاخىردا قايتاتتى.
بىراق ،ئاپىسىنىڭ ئۇنى ئالغىلى كەلمەيدىغانلىغىنى ساۋاقداشلىرى تىزلا بۈلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى كەپسىز ساۋاقداشلىرى ئاپىسىنىڭ ئۇنى تاشلاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى سىنىپتا خۇپىيانە تارقىتىشقا باشلىدى.<< ئاپىسى يوق يىتىم ئوغلاپ...>>دىگەن بۇ سۆز شۈبىھىسىزكى بالارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەت قالدۇراتتى. ئاشۇ كۈنلەردە ئۇ سىنىپتا باش كۆتۈرمەي يۈردى.بىشىنى كۆتۈرۈپ ساۋاقداشلىرىغا قارىسىلا ،ئۇلارنىڭ غەلىتە نەزەردا تىكىلىپ تۇرغانلىغىنى كۆرەتتى.يىقىن دوستلىرىمۇ بارا-بارا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى،ئۈگۈنۈش نەتىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر سىنىپ مەسئۇلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.سىنىپ مەسئۇلى ئۇنىڭ ئۈگۈنۈشتە چىكىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ،زىھنىنى ئۈگۈنۈشكە قارىتىشنى تەلەپ قىلدى،مۇئەللىمى ئىلگىرى ئۇنىڭغا ناھايتىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى،ئىلگىرى ئاپىسى ھەر قىتىم ئۇنى ئالغىلى كەلگەندە،ئاپىسىغا ئۇنى ماختاپ بىرەتتى.ئۇ مۇئەللىمگە << ئاپام كىتىپ قالدى،مەن ئەمدى قانداق ياخشى ئۈگۈنەلەيمەن....>> دىمەكچى بولغان بولسمۇ،تىلىنىڭ ئۇچىدىكى گەپنى يۇتىۋەتتى.
ئۇ بىر چۈشتىن كىيىنكى تەكرار ۋاقتى ئىدى.سىرىتتا ئۇشتۇمتۇت يامغۇر يىغىشقا باشلىدى،يامغۇر ياغقانسىرى ئەدەپ تۇختايدىغاندەك قىلمايتتى. ساۋاقداشلىرى دىرىزىنىڭ سىرتىغا قاراپ تىتت بولۇشقا باشلىدى.<< ئاپام ماڭا چوقۇم كۈنلۈك ئەكىلىپ بىرىدۇ>>....ساۋاقداشلىرىنىڭ پاراڭ تىمىسى ئاپىللىرىنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتى.<< ئاپا>> دىگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. دەل مۇشۇ چاغدا،سىنىپنىڭ ئىشىكى ئىچىلىپ ،سىنىپ مەسئۇلى كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ قولدا قاتلانغان بىر كۈنلۈك بار ئىدى.مۇئەللىمى ئۇدۇل ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ ،ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا:<<ئاپاڭ بايا كەلگەن ئىدى،ئۇ بۈگۈن كەشتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەن،شۇڭا سىنى ئىلىپ كىتەلمەيدىكەن،بۇ كۈنلۈكنى ساڭا بىرىپ قويۇشۇمنى ئۆتۈندى.>> دىدى ۋە كۈنلۈكنى ئۇنىڭغا بىرىپ ،تىزلا سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.مۇئەللىمىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇ،قايمۇقۇپلا قالدى،ساۋاقداشلىرىمۇ بۇنىڭدىن ھەيران قىلىشتى ھەم قىزغانغاندەك بولدى.
ئۇ بۇ كۈنلىكنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ غورۇرى ۋە ئىشەنچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى،شۇنىڭدىن باشلاپ ھەممە ئىشتا ئۆزگىرىش بولدى.
كېيىن ئۇ تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئەللا نەتجە بىلەن قوبۇل قىلىندى.ھەر قېتىم يامغۇر ياغقاندائۇ كۈنلۈك ئەكىلىپ بەرگەن سېنىپ مەسئۇلىنى ئويلايتتى. مۇئەللىمى يىقىملىق يالغان سۆز ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە مۇھاپىزەت كۈنلىكى تۇتۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ كۈنلۈك ئۇنى قاراڭغۇلۇق تۇمان ئارسىدىن ئىلىپ چىقىپ مۇۋاپىقىيەت يولىغا سالماق قەدەم تاشلاتقان ئىدى.

ساتتار غوپۇر تەرجىمىسى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1823

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:06:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر قېتىملىق ئادىدىيغىنە رىغبەت سۆزى ئىنساننىڭ ئۆمۈرلۈك يولىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. يۈرەككە نەشتەردەك سانچىلغان قاتتىق گەپلەر قەلبى يۇمشاق ئىنسانلارنى تاش يۈرەككە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىقنىڭ  يىغىنچاقلىشى  ھەجەپ دەل  جايىغا  چۈشۈپتۇ ................

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
705 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2136

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى مۇزنى بىر ئېغىز چىرايلىق گەپ ئېرىتىۋېتەلەيدۇ، بېشىدىن ئۆتكەن كىشىلەر تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.
بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى، يېنىمدىكى شۇ پەرىشتىلىرىمنىڭ قەلبىنىڭ خۇشاللىق بىلەن تولۇشىنى، كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقماسلىقىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلىدىم ۋە چىقارماسلىققا تىرىشىشقا ئۆز- ئۆزۈمگە ۋەدە  بەردىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:35 , Processed in 0.047856 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش