يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1763 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 814|ئىنكاس: 6

سىيىت نوچى زامانىمىزدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
859 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
157

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 09:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىيىت نوچى


سىيىت نوچى (رولدا: ئابدۇكېرىم ئابلىز)


ماتىتەي (رولدا: يالقۇن قۇربان)


سىيىت نوچىنىڭ ئايالى ھۆسنارخان (رولدا: رۇقىيە ئوبۇلقاسىم)


بىشارەتچى بوۋاي (رولدا: مەمەتجان روزى سايىت)


مەلۇماتچى بەگ (رولدا: مەمەتجان ئابدۇقادىر)


     20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەردە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە نامى تارالغان سىيىت نوچى ئىسىملىك بىر زات ئۆتكەن. تارىخچىلار ئىزچىل تارىخنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان، زامانىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە دۆتلۈكنىڭ، ساۋاتسىزلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان نوچى ئەينى دەۋردىكى خەلق نەزىرىدە رىۋايەت كەبى ئوبرازى، توغرا سۆزلۈكى، ھەقتىن يانماسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇراتتى.
     مېنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئويغا سالىدىغىنى – نوچىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى، ئۆلۈم ئالدىدىكى پوزىتسىيەسى ئىدى. ئۇ قېچىپ كېتىش پۇرسىتى تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇش بېرىش ئارقىلىق، نېمىنىدۇر ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى.
     بۇ پۇرسەت شۇ دەۋردىكى ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق باھادىرلىقتا ھەقدادىغا يەتكەن ئېسىللەرگىمۇ نېسىپ بولغان. ھازىرقى زاماندىكى بەزى قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن «سىياسىي ئېڭى يوق»، «مۇناپىقسىمان سۈپەتكە ئىگە» دەپ قارىلىنىۋاتقان بۇ ئوت يۈرەكلەر خۇددى نوچىدەكلا نېمە سەۋەبتىندۇر ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن ئىدى.
     مىلادىدىن ئىلگىرىكى يۇناندا سوقرات ھەزرەتلىرى قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى ئۈچۈن ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن بولسا، ئىككى مىڭ يىل ئۆتكەن 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى يەر شارىنىڭ بۇ تەرىپىدە يەنە بىر توپ كىشىلەر قەۋمىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىۋاتاتتى…
     …
     2006-يىلىنىڭ ئاخىرى يىللاردىن بېرى سالام-سەھەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جۈپ ئاكا-ئۇكىنىڭ سىيىت نوچىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇلار بىلەن خېلى ئوبدان ھال-مۇڭ بولدۇم. ئۇلار نوچىنىڭ ماڭا مەلۇم بولمىغان نۇرغۇن ئىش-پائالىيەتلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىشتى. مەن سىيىت نوچى ھەققىدە پوۋېستتەك بىر نەرسە يېزىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتىۋېدىم. ئۇلار يازما ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.
     ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتتى. مەن ماتېرىياللارنى ئېلىۋالماق بولۇپ ئۇلارنى ئۆيىگە باردىم. ئەپسۇس، كونىلارنىڭ «كېيىن قالغان ئىشقا قار ياغىدۇ» دېگىنىدەك بولدىمۇ بىلمىدىم. ئۇلار «ماتېرىيال يوق ئىدى، سىزگە مۇنداقلا دەپ قويغان» دەپ گەپنى كەستى. ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يالغان گەپ، ئۇلاردا ماتېرىيال بارلىقىنى باشقىلاردىنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئەسلى تارىخنى يوشۇرۇشىغا نېمە سەۋەب بولغاندۇ؟ بىرەرسى ئۇلارغا قورقاق سالدىمۇ؟بۇ ھازىرغىچە سىر.
     نەچچە ئايدىن كېيىن كەمىنە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھىجرەت قىلدىم. ئۇلار بىلەن قايتا پىكىرلىشىش نېسىپ بولمىدى. ئەمما، سىيىت نوچى ھەققىدىكى بۇ ئوت يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا چوغدەك ساقلىنىپ قالدى.
     …
     ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەزىمەتنى توساتتىن يەنە «ئۇچرىتىپ» قالدىم.
     ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىز «سىيىت نوچى»نى سەھنىلەشتۈرۈپ، كەمىنىنىڭ ئۇزۇن يىللىق چاڭقاق قەلبىگە شەربەت سۇنغان ئىدى.
     -ياشا يىگىت، – دېدىممەن سەنئەتكارنىڭ قولىنى غايىبانە سىقىپ.
     بۇ سەھنە ئەسىرىنى بۇ يەرگە يوللاش نەشىر ھوقۇقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش بولغانلىقى سەۋەبىدىن، پەقەت قىسمەن سۈرەتلەر يوللاندى.
     ھوزۇرنى ئەسلى ئەسەردىن ئالغايسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىيىت نوچىنىڭ پاك روھىغا دۇئا قىلىشنى، سەنئەتكارىمىز ۋە كەمىنىنىڭ بۇ ئەرزىمەس ئەمگىكىگە بەرىكەت تىلەشنى ئۇنتۇمىغايسىز.

     مەنبە: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/siyit-nochi.html


«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
99
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:12:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:17:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىز ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمىغان ئەزىمەتلىرىمىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر!
بۇ ئىتوتنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن بىر نەرسە يازاي.

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم بىر كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك ئېتوت ئىكەن بۇ، ئابدىكېرىم ئابلىز خەلقىنى كۈلدۈرۈشتىن ھالقىپ ئۆتمۈشنى، ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دالالەت قىپتۇ، ياشىسۇن ئابدىكېرىم ئابلىز:)

Rank: 3Rank: 3

توردا
80 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
355
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىتوتنى كۆردۇم ،ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ ...تارىخنى ئەسلەپ قالدىم .

مەن   ئۇخلاي ....ئاللاھغا ئامانەت دوستلار

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىت نوچىنىڭ نوچىلىقى دەل ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتىنى كۆرمەستىن ئاپىرىپ بېرىشىدە. ناۋادا ئۇ شۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسا ئۇ تىللاردا داستان بولالماسلىقى ئېنىق. ئۇ ئۆلۈمنى خىيانەتتىن ئەلا بىلگەن. مەن ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن سىيىت نوچىدەك(لۇكچەكلەر).ئاللا شۇنداق لارنى كوپرەك قىلسائارىمىزدا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:47 , Processed in 0.057157 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش