يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1895 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1084|ئىنكاس: 10

نەۋرىزە: نېمە تارتقۇلۇق!!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
111

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە تارتقۇلۇق !
       ئارزىگۈل بۈگۈن دەم ئالغان ئىدى. ئادىتى بويىچە سەھەر تۇرۇپ چوڭ تازىلىق قىلاتتى ،ئاندىن ئائىلە ئەزالىرى ياخشى كورگەن تاماقلارنى ئېتەتتى ئەمما بۈگۈن قانچە تىرىشسىمۇ ، ئۇ ئىشلارنى قىلىشقا رەۋىتى بولمىدى . چۈنكى  ئېرى يېرىم كېچە بولغاندا ، غەرىق مەس ھالەتتە كېلىپ ئۇنى ، بۇنى سوراپ ئاغزىغا كەلگەننى دەپ ، ئۇنىڭغا ھەيۋە ئىشلىتىپ، زوتاللىق قىلىپ ئۇنى زادىلا ئۇخلاتمىغان ئىدى . شۇڭا ئارزىگۈل ئەتىگەندە ئۇخلاپ قېلىپ چۈشكە يېقىن ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.
چۈش، ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق  بولۇپ ئاسماندا ئالقاندەكمۇ بۇلۇت يوق ئىدى ، ئىگىزدە جىم جىت  ئېسىىقلىق تۇرغان قۇياش ياپ -يېشىل  ئوت-چۆپلەرنى كۆيدۈرمەكتە ،  دەرەخ شاخلىرى ۋە سۇ يۈزىمۇ تىمتاس ئىدى، كىشىنى ئازاپلايدىغان تىنجىق ھاۋا گويا قىلچە ئۆزگىرىش ھاسىل  قىلماي قېتىپلا قالغاندەك ، بارلىق مەۋجۇداتلار خۇددى ئۆلگەندەكلا بىلىنەتتى، ئەسلىدە ھەقىقى ئۆلگىنى ئۇنىڭ  كۆڭلى ئىدى،  قۇياشنىڭ يالقۇنجاپ  چېچىۋاتقان كۈچلۈك نۇرىدا ، قىزارغان يۈزلەر ئەلەم ئىچىدە شامالنى كۈتۈۋاتاتتى، لېكىن شامالدىن تېخى ئەسەر يوق ،  قانداقتۇر ئۇنى ئويلىمىغان بىر ئازاپ كۇتىۋاتاتتى.  ئۇ ئايال قەدەملىرى ئاۋىمىغان ھالدا بېشىنىمۇ كۆتەرمەي مىسكىن ھالەتتە  كېتىۋاتاتتى ، نىشانسىز ماڭە ماڭ بېشىنى كوتۈرۈپ قارىغىدەك بولسا شەھەرنىڭ بىر ئاۋات جايىغا جايلاشقان  تېز تاماقىانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىكەن،  شۇندىلا ئۆزىنىڭ  ناشتىنىمۇ قىلمىغانلىغى دەرھال ئېسىگە كەلدى . بىردىنلا ئۇ، ئۆز ئۆزىگە ھەي سەن تاماق يىيىشىڭ كېرەك !  بالىلىرىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك!  سەن پەقەت شۇ ۋاپاسىز ئەر ئۈچۈنلا ياشامتىڭ؟! دەپ ، ئۆزىنى ئۆزى زورلاپ تېز تاماقخانىغا  كىردى . كۈتكىچىلەر ئۇنى بىكارلانغان يالغۇز بىر جوزىغا باشلاپ قويدى ، ئايال ئاغزىغا كەلگەن بىر تاماقنى بۇيرىتقىنىچە بېشىنى جوزىغا قويۇپ ئالىقانداق چېگىش خىيللار ئىچىدە ئولتۇراتتى . بىر تەخسە لەغمەن جوزىغا قويۇلدى .ھە....لەغمەن بۇيرىتىپتىمەندە دەپ  كۆڭلى تارتمىغان ئىشتىھا بىلەن تاماققا چوكا سېلىشىغىلا ، كەينىدىن بىربىشەم قول چېچىنى قاماللىغىنىچە ، <<ۋۇي رەسۋا بۇزۇق  سېنى ئاخىرى تۇتتۇم>> دەپ  سۆرەپ يەرگە بېسىپ دەسسەپ ئۇرۇپلا كەتتى .  بۇ بىچارە ئايال نىمە بولغىنىنى بىلمەي تۇرغاندا بىر ئەرنىڭ ،ئۇ ، بۇ...بۇ...ئۇ،  ئەمەس! ئۇرمىغىن!!! دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ قالدى . دېمەك بۇ ئەرمۇ جىددىچىلىك ئىچىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي گۇنايىنى تەبىئىي ئىقرار قىلىۋاتقان ئىدى.  ئەسلىدە بۇ ئەر ئۇرغۇچى بىشەم ئايالنىڭ ئېرى بولۇپ ،  ئۇمۇ  مۇلازىملارنىڭ باشلاپ قويۇشى بىلەن ،  ئارزىگۈل  بار جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان ئىكەن، ئەمما غەمگە پاتقان ئارزىگۈل قېشىدا بىر ئەرنىڭ ئولتۇرغىنىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى. ئەرنىڭ ئايالىمۇ  ئېرىنىڭ خورلۇقلىرى دەردىدە بىر قېپ - قىزىل بىشەم ئايالغا ئايلىنىپ ، ئاياللىق نازاكىتىنىمۇ يوقاتقان چېغى.  شۇ كۈنى ، بۇ ئايال  گۇمان بىلەن ئېرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ مارلاپ كەلگەندە دەل بىر بىگۇنا ناتىۋان ئايالنى خاتا تونۇپ قالغان  .
بۇ يەردىكى مۇشۇ پاجئەلىك  كورۈنۈشنى  دېمىسەممۇ  كۆز ئالدىڭلارغا ئەكىلەلەيسىلەر ئەلۋەتتە، تاماق يەۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ، دەر غەزەپ بىلەن ، خەقنىڭ ئېرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندىن كېيىن تازا ياخشى بوپتۇ،  جاجىسىنى يەپتۇ، دىسە  يەنە بىر قىسىملار ،  بۇ بۇزۇقنى دەپ ئۆزىڭىزنى ئۇپىراتماڭ بۇزۇقلارنىڭ جاجىسىنى خۇدايىم بېرىدۇ دەپ ، ئۇرغۇچى بىشەم ئايالغا ئىچ ئاغرىتىپ تەسەللى بېرىۋاتاتتى . بىچارە ئارزىگۈلگە بولسا نەپرەت كۆزلەر تىكىلگەن ئىدى... شۇ تاپتا بۇ بىگۇنا ئايال قانداقمۇ ئۆزىنى ئاقلىيالىسۇن !؟  قانداقمۇ كىشىلەرنى ئىشەندۈرالىسۇن!؟  پەقەت تاياق ،  تىل-ئاھانەتلەر ئىچىدىن  قۇتۇلۇپ چىقىشلا ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى بىردىن- بىر ئازۇسى ئىدى،  شۇ ئەسنادا باشقىلارنىڭ ئايرىپ قويۇشى بىلەن مىڭ بىر تەستە بىشەم قولدىن قۇتۇلۇپ يىغلىغىنىچە تاماقخانىدىن يۈگىرەپ چىقىپ كەتتى.  ئەسلىدە ئارزىگۈل مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ تازلىق ئىشچىسى بولۇپ كۈنلەپ جاپالىق ئىشلەيتتى.  ئشتىن چۈشىشىگە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى . بۇ بىچارە ئايالغا تەۋە ھېچقانداق خوشاللىق  يوق بولۇپ ، پەقەت ئوماق ئىككى پەرزەنتىلا كۆڭۈل چىرىغىنى ئازاراق پىلىلدىتاتتى . ئېرىنىڭ كۈنلەپ -كۈنلەپ كەش كېلىشلىرى، مەس كېلىپ تىللاشلىرى ئۇرۇشلىرى ، بۇزۇق ئاياللار بىلەن باردى كەلدى قىلىپ ، غورورىنى دەپسەندە قىلىشلىرىغا چىدىماي  نە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالغان بىچارە ئايال ئۆيىدىن يامانلاپ چىققان ئىدى . ھەي........بۇ نىمە تاتقۇلۇق !؟

ئاپتورى: نەۋرىزە




Rank: 8Rank: 8

توردا
783 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1345

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:55:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەن بوپتۇ...

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بوپتۇ.
ھەي بىچارە، ناتىۋان ئايال.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1412 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3529

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:13:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا نىمە تارتقۇلۇق بۇ:L

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
99
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 03:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا-قازا كەلسە قوش كەپتۇ دەپ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى بۇ ئايالغا كەپتۇدە.

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇشماسلىقلار ھامان بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئالدىدا ئۆزىگە پاك بولالىسىلا، باشقىلارنىڭ ئۇ گەپ سۆزلىرى ھامان تۈگەيدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋاش ئادملەر زادى شۇنداق بوزەك بوپلا ئۆتىدىكەن دىسە ....بىر تەخسە لەغمەننى كەيدۈرۈپلا قويماي ئۇ ئەرنىڭ ياكى بىشەم ئايالىنىڭ بېشىغا :@نىمانچە ئادەمنىڭ ئىچىنى سېيرىلدۈرۈپ بۇ ئايال

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
111

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:11:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راسلام بولغان ئىش....مەنمۇ خۇددىي سىلەردەك ھېسىياتتا بولغۇنۇم ئۈچۈن، ئاددى تەپەككۇرۇم بىلەن، قەلىمىم ئاجىز بولسىمۇ بۇ ھىكايىنى يازغۇم كېلىپ قالدى. ئەزىز مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئەسىرىمنى قىزىقىپ ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزگىنىگە تەشەككۇر ئېيتىمەن!!!!

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 08:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ لەنىتى ھاراق بىلەن تالادىكى «قۇشقاچلار» ،ئاياللىرىمىزنى ،باللىرىمىزنى سارغايتىۋەتتى ،مانا مۇشۇنداق ناتىۋانلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تارتقۇلۇقلارغا دۇچار قىلىۋەتتى .مۇشۇ يولغا كىرىپ كەتكەن ئەرلىرىمىزدە مەسئوليەت تۇيغۇسى دىگەن نەرسە بارمۇ - يوق ؟!نىمە ئۈچۈن ھارام خۇتۇنلار ھالال خۇتۇنلاردىن يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىدۇ؟...نىمە ئۈچۈن باللىرىمىز بۇيۇن قىسىپ قالىدۇ؟..ئادەم بولغانكەنمىز ھالال ياشايلى !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:11 , Processed in 0.059926 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش