يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 10

چ چ ....... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   (ھىكايە)
پۈتكۈل خىزمەتداشلىرىڭغا چاپلاشقان  ، چ چ ،كىسىلى ساڭمۇ چاپلاشتى.  مانا،ئۈيگە كەش سائەت 11دىن بۇرۇن
قايتمىغىنىڭغا ئۈچ ھەپتە بولغىنىغا قارماي،ئىشتىن چۈشۈپلا يەنە كومپىيوتىر ئالدىغا كىلىپ مۈكچەيدىڭ.
يۈرەكلىرىڭنڭ ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقىۋاتقانلىقى جىددىيلەشكەن چىرايڭدىن چىقىپ تۇراتتى.
تاماكا قالدۇقى بارماقلىرىڭنى قىزتقاندىلا ئاندىن ئالدىڭدىكى كۈلدانغا مىجىپ باستىڭ -دە،يەنە بىرتال
تاماكىنى دۇرداي كالپۇكلىرىڭغا قىستۇردۇڭ.
<< تاك،تاك،تاك.>>چ چ ،ئىشىكى ئىچىلدى.   ئالدىراشلىق بىلەن تىزىملىكنى ئاچتىڭ،يەنە شۇ ئۆزىگە << تارىم >> دەپ ئىسىم قويغان ئەكرەم. كەيىپىڭ ئۇچقان ھالدا<< سۈبىھى>>گە خەت يىزىشقا باشلىدىڭ.
_يىقىندىن بۇيان تورغا چىقمىدىڭىزغۇ؟
بەش-ئالتە سىكۇنىتلاردىن كىيىن سىگىنال ئاۋازى بىلەن تەڭلا قارىشى تەرەپتىن خەت كەلدى.
_شۇنداق،مىجەزىم يۇق.
چ چ،سىگىنال كانىيىدىن بىرنىڭ دوسلۇق تەلەپ قىلىپ ،يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
<<شاھ قۇت>>دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپلا يەنە ئەرۋاھىڭ ئۇچتى.<<پەرىنى>>كۈتىۋاتقىنىڭغا بىر ھەپتىدىن
ئاشتى. ئالدىنقى شەنبە كەشتىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇچىرتالمىدىڭ.
      *               *                 *                *                    *                      *                      *
ئۆيگە كىرىپلا ئايالىڭنىڭ مىقتەك قادىلىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆردۈڭ.
_بولدى،بىز  ئاجىرشايلى،_دېدى ئۇ بىر پەس سۈكۈتتىن كىيىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۈن-تىنسىز  قارىدىڭ.
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا << پەرى>> بىلەن ئۇچىرشىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرمەكچى بولغانلىقىڭنى كىم
دەپ قويدىكىن تاڭ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئاراڭلاردا جىدەل قۇرمىغاندى.
_ئاجىرشىپ كىتىشىڭلاردىكى سەۋەپ نىمە؟
دەپ سورىدى نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇش ئورندىكى ئاقپۇشماق ئايال.
_چ چ ، _ ئايالىڭ زەردە بىلەن جاۋاپ بەردى.
ئاجىرىشىش جەدىۋىلىگە ئىمزا قويىۋاتقان چاغدا،ھەر ئىككىڭلار كۆزۈڭلاردىن قۇيىلىۋاتقان ياشنى بىر-بىرىڭلارڭلاردىن يۇشۇرۇپ تەتۈر قارىشىۋالدىڭلار.

*               *                 *                *                    *                      *                      *
ئايالىڭ بىلەن ئاجىرشىپ 18 كۈن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ يەنىلا << پەرى>> نى  تاپالمىدىڭ . ھەركۈنى
كېچىسى 11-12 لەرگىچە ئۇنى كۈتكىنىڭ كۈتكەن .   مەيلى ،ئۈچ كۈن بۇرۇن تۇنۇشقان <<ھەمراھ>>
ئىسىملىك ماۋۇ تۇرداشمۇ << پەرى>>دىن  قىلىشمايدغاندەك تۇرىدۇ.
<<ھەمراھ>> قا  خەت يىزىشقا باشلىدىڭ:   
_قانداق تاماقلارنى ياخشى كۆرىسىز؟
قارشى تەرەپتىن جاۋاپ خەت كەلدى.
_قىيمىلىق تاماقنى.
بۇ سەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار ئىدى.
يەنە خەت يازدىڭ.
_ نىمىگە  ئۆچ؟
_ يۇيۇلمىغان پايپاق پۇرىقىغا.
ئختىيارسىز  كۈلۈپ كەتتىڭ.خۇداغا شۈكرى،سابىق ئايالىڭنىڭ ھەر خىل چارە_تەدبىرلىرى،پايپاقلىرىڭنى زىرىكمەي يۇيۇپ تۇرىشى نەتىجىسىدەھازىر پۇتۇڭ پۇرىمايدۇ،يەڭگىل نەپەس ئالدىڭ.
قارىشى تەرەپتىن يەنە خەت كەلدى.
_ <<قەيسەر يۈرەك>> دىگەن فىلىمنى تەۋسىيە قىلىمەن،ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۈچ قىتىم كۆرۈپ چىقىڭ.
توۋا تىخى بىرەر ئاي ئالدىدا بۇ فىلىمنى بىر كۈندە تەكرار ئۈچ قىتىم كۆرۈپ بولغان ئىدىڭ،شۇ كۈنى كاللاڭ
گادىرماچ بولۇپ كەتكەن ،تىخى ئايالىڭغا باش پۇرسۇناجنى  ئالا-تاغىل دوراپ بەرگەندىڭ.
خەت يازدىڭ:
_قىززىقىشىمىز ئوخشايدىكەن.
_ئەلۋەتتە.
_ئىككىمىز چىقىشىپ كىتەلەيمىزمۇ؟
_ئەگەر ماڭا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى بەرسىڭىزلا.

  *               *                 *                *                    *                      *                      *
بۈگۈن << ھەمراھ>> بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇڭ ،پۈتۈشكەن جايغا يىقىنلاشقانچە يۈرەكلىرىڭ ئەنسىز سوقۇشقا
باشلىدى.كۆز ئالدىڭغا ھەر خىل قىياپەتلەر كىلىشكە باشلىدى. قىززىق،ئۇ ھەتتا بۈگۈنكى ئۇچىرىشىشنى سەن
ئەڭ كۆپ كىلىدىغان << ئەتتىرگۈل تىز تاماقخانىسى>> غا يەنە كىلىپ ،212-ئۈيگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
ئىشىكنى ئىچىپلا ھەيرانلىقدىن ئاغزىڭ ئىچىلىپلا قالدى،تىلىڭ گەپكە كەلمىدى،ئىشەنمىگەندەك قىلىپ ئىشىك نومىرىغا قايتا قارىدىڭ،خاتا ئەمەس ،دەل 212.
ئايالىڭ بىلەن تۇنجى قىتىم ئۇچراشقانداتاماق يىگەن ئايرىمخانا دەل مۇشۇ .مانا ئۈچ يىل بۇرۇنقى  ئەشۇ
گۈزەل مىنۇتلاردەكلا ئايالىڭ قىپقىزىل ئەتتىر گۈل رەڭدە كىيىم ،ھىلىق چىرايلىق تەبەسسۇمىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ كۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
يەڭگىل باش لىڭشىتىپ سالام قىلغاندىن كىيىن ئولتۇرۇشقا تەمشەلگىنىڭدە ،ئايالىڭ قولىدىكى ساڭا ئاتاپ
ئالغان بىر نەچچە جۇپ پايپاق بىلەن ئىچ مايكىنى ساڭا سۇنغاچ:
_ئەگەر ماڭا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى بەرسىڭىزلا چوقۇم چىقىشىپ كىتەلەيمىز،_ دىدى.
كۆزلىرىڭگە ئىسسىق ياش كەلدى،سوۋغىنى ئالماقچى بولغان قوللىرىڭ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتتى.

   مەنبە(شىنجاڭ ئاياللىرى)



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
705 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2136

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىكى مۇھەببەت  توغۇرىسىدا ئۈزۈلمەي يېزىلىۋاتقان مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىلارنى ئوقۇغىنىمدا بەك ھاياجانلىنىمەن، بولۇپمۇ بۇنىڭدىن نەچچە يىل بۇرۇنقى تور ئالدىدا بىھۇدە ئۆتكۈزگەن شۇ ۋاقىتلىرىمغا ئۆكۈنىمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
207 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
389

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ياخشى تاماملىنىپتۇ.
ئايرىلمىغۇچە ياندىكى نەرسىنىڭ قەدىرى بىلىنمەس دىگەن شۇ-دە

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىكى مۇھەببەت ئۆمچۈك توردەك باغلېۋالىدۇ ....

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنىڭ ئۈچۈن توردھ...
ھا..ھا...ھا  .تورغا چۈشۈپتۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1823

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:29:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەرنى يەنىلا ئۆز ئايالى  ھەقىقىي چۈشۈنىدىكەن.
بۇ بىر ھېكايە بولسىمۇ تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار ئىچرىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھەر ئىش ئۆزۈڭگە باغلىق. تورنى بىلىم ئېلىش يولىدا ئىشلەتسەڭ ئۇتۇق قازىنىسىەن. ھاۋايى-ھەۋەس بىكار ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتسەڭ روھىيىتىڭنىڭ تۈگەشكىنى شۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا مۇھەببەتلىشىپ قالىدىغانلار ھەيرانمەن، قانداقمۇ ياخشى كۆرۈش بولسۇن ئۇ بىر-بىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:38
توردا مۇھەببەتلىشىپ قالىدىغانلار ھەيرانمەن، قانداقمۇ ...

ئۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىش ئەمەس، كۆنۈپ قېلىش. كۆيگەنگەندىن كۆنگەن يامان دەپ بىكار ئېيتىلمىغان.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت دىگەن ئەنە شۇنداق سىرلىق بولىدىكەن.جىسمىمىزنى بىر يەرگە كەلتۈرمەي تۇرۇپمۇ كۆڭۈللىرىمىزنى ئۇچراشتۇرۇپ سۆھبەتكە سېلىپ قويىدىكەن.بۇنۇڭدىن ھەيرانمىز......
بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەنىدىم ، بەلكىم راستتۇ
Pئىشقىلىپ ئايال كىشى مۇھىم پەيتلەردە يەنىلا كەڭ قورساق جۇمۇ
لېكىن بىز  جادىلار بىلەن كۆرۈشمەيلا شۇنداق ئىچ قويۇن تاش قويۇن بولۇپ كەتكەن ھە مەرىم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
705 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2136

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:14:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:08
مۇھەببەت دىگەن ئەنە شۇنداق سىرلىق بولىدىكەن.جىسمىمىزن ...

ئۇنى بىر دىمەڭ، مانا تا مۇشۇ كەمگىچە خۇددى ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئارلىشىپ، ئىزدىشىپ ئۆتىۋاتمامدىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:09 , Processed in 0.061776 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش