ھەسەل چاي
زاماندىن زامانلارغا ئېقىۋاتىمىز
قولىمىزدا باردۇر ھېچنىمە
ساقلىۋاتىمەن كەلمەس بىرسىنى
مەن كۆزۈمنى تىكىپ ئىشىككە
ئۇ چاغدا
ھەسەلدىن بىر تامچە تامسا چېيىمغا
يۈرەككە تاماتتى مىڭ تامچە ئازاب
ھازىر مەن ھەسەلگە ئامراق بوپ قالدىم
ئۆتمۈشتىكى كۈنلەرنى ئويلاپ
ھەسەل چاي
ئۆتكەندى نەملەپ قۇرغاق ھاياتنى
ئەسلىمە قېپ قالدى مېنىڭدە پەقەت
ئويلايمەن يۆلىنىپ دېرىزە تامان
قەيەردىن كەلگەندۇ مەندىكى خىيال
قەيەردىن كەلگەندۇ يۈرەكتىكى تاش
ھەسەل چاي ئىچىۋاتىمەن
تومۇر-تومۇرۇمغا
مۇھەببەتلىك بىر خىيال تاراپ
....
زۇكام
زۇكام-بىر خىل بۇرۇقتۇم تۇيغۇ
ئۆيدە تۇرۇپ خىزمەت ساقلاشقا ئوخشاپ كىتىدۇ
بېشىمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ
دېرىزىگە قارىدىم ئۇزاق
خىيالىمدا مەن ئىگىز ئۇچقان قۇش
ئاققۇلارنىڭ ئاپئاق قانىتى
قۇمللۇقلارنىڭ ئىگىز ئۆركىشى
قۇياش يورۇتىدۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى
مەن ئۆزۈمنى ئويلايمەن تىنماي
مەن زادى كىم ؟
باشقىلار مېنى نىمىدەپ ئويلار
ئاي يورۇقىدا، شام يورۇقىدا
كۈزىتەمدۇ مېنى يا ئۇلار ؟
ياپراقلىرى چۈشكەن دەرەخنىڭ
سايىسىدا ئولتۇردۇم بىر پەس
ئىشىك ئالدىم كەڭ
كەڭرى گۇيا مېنىڭ كۆڭلۈمدەك
زۇكام --بۇرنۇم پۈتۈپ قالدى،
ئاۋازىممۇ چىقماس جاراڭلىق
ئاققۇلار ئۇچۇپ ئۆتتى ئالدىمدىن
مەن بىر ئادەممەن، بىر تال ھاياتلىق.....
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە
مەن پىشقان، تاماقنى مەززىلىك ئىتەلەيدىغان ئايالغا ئايلاندىم
ساڭا لەغمەن ھەققىدە جىق ھېكايە دەپ بىرەلەيمەن
تاغلارنىڭ بۈيۈكلىكى ھەققىدىكى گەپلەرنى دەپ ئولتۇرۇپ
مۇلايىم، يۇمران مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلىشقا تىرىشىمەن
ئۆسكەن ساقاللىرىڭ ماڭا قەھىرلىك مۇھەببەتتەك بىلىنىدۇ
ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا
مەن ھېلىقى سۇئالنى سەندىن سوراپ سېنى كۈلدۈرۈپ سالىمەن
سوپۇن مازغىپى سۈرۈلگەن يۈزۈڭگە سۆيۈپ قويغۇم كېلىدۇ
تۇرۇبىدىكى سۇلاردەك سەن تامان جىمجىت ئاققۇم كېلىدۇ
ئۈن-تىنسىز مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن باغرىمنى يەرگە ياققۇم كېلىدۇ
قۇياش بىز تەرەپكە ئۆرلىدى، قارا ئۇنىڭ سايىسى كۆڭلۈڭنى خىرەلەشتۈرمىسۇن
ئاي شولىسىدىكى دەملەرگە يەنە بىر نۆۋەت قايتقۇم كېلىدۇ
ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسىگە ھېكايىمىزنى ياپقۇم بار
ئىككىمىزنىڭ بۇ دۇنياسىدا
سېنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ
تۇغۇلغان كۈنۈڭ ھەققىدە چۆچەك توقۇۋاتىمەن، بىلسەڭ ئەزىزىم
سوۋغا قىلغان گۈلۈڭگە سۇ قۇيۇپ قويدۇم چىن مېھرىم بىلەن
ئايال، مەن بۇ دەمدە سەن ئۈچۈنلا بىر لەرزان ئايالغا ئايلاندىم
سەنلا بىلىسەن، مېنىڭ قايغۇلىرىمنى
بۇقۇلداپ يىغلاپ نىمىلەر ئۈچۈن ۋايىم يەيدىغانلىقىمنى
پەقەت سەنلا بىلىسەن
تۇغۇلغان كۈنۈڭدە
سەن يوق شامسىز كىچىدە سېنى ئەسلەپ بۇ شېئىرنى يازغانلىقىمنى .
دادا سېنى سېغىندىم
دادا سېنى بەكلا سېغىندىم
كۆز ياز بولۇپ بالقىدى ئازاپ
مەيدەمدە بىر نەرسە كۆيدى لەپىلدەپ
تېلىفۇندا ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ
دادا، دادا، جان دادا
ئىسىڭدە بارمۇ مەن تۇغۇلغان چاغ
خوش بولغانمۇ شۇ كۈنى بەكلا
قوللىرىڭدا ۋىلىقلاپ كۈلسەم
كىتەر دىگەنمۇ يىراق-يىراققا
سەن يەنىلا ئۈمىد ئىلكىدە
سەن يەنىلا مەندەك سەپىرا
سەن يەنىلا قىرىق ياشلىقتەك
ئېتىزلاردىن كەلمەيسەن يانا
دادا سېنى سېغىندىم بەكلا
كۆز يېشىمدا يازدىم مىسىرا
سېغىنىشتا ئۆكسۈيمەن ئۇزاق
سالامەت بول دەيمەن پەقەتلا.