يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 758 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 6

چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر دېڭىزى» قازاقىستاندا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر دېڭىزى» قازاقىستاندا


               

چىمەنگۈل ئاۋۇت كۆپنىڭ بىردەك ئېتىراۋىغا نائىل لېرىك شائىرەمىز.ياش شائىرلار ئارىسىدا چىمەنگۈلنىڭ شۆھرىتى ئاياللار ئىچىدىن ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئادىل تۇنىياز، ئەسقەر ياسىن، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىملار بىلەن تەڭ قاتاردا ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.شۇنىڭدەك ئۆزگىچە ئىپادىلەش ماھارىتى چىمەنگۈلچە پوئىزىيە ئېقىنىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئەلۋەتتە.

بۈگۈن مەن قازاقىستان
ئۇيغۇر ساتىرىك يازغۇچىسى ئابدۇخالىق ماخمۇدۇف ئاكىنىڭ قولىدىن مۇھىم بىر ئامانەتنى ــ چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ قازاقىستان مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر دېڭىزى» ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.توپلام قاتتىق مۇقاۋىلىق،بەت چۆرىسى نەقىشلىك،70 گىرام ئاق قەغەزدە نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ، مۇقاۋىدا بۇلۇتلار ئارا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاق قۇلار توپى بىلەن بىر ساھىبجامال سۈرىتى كىرىشتۇرۈپ بېرىلگەن، كەينى مۇقاۋىغا چىمەنگۈلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھال ۋە رەسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىتابنىڭ تىتۇل قىسمىدا چىمەنگۈلنىڭ چىمەن دوپپا كىيگەن، چوڭ كۆزلىرى سالماق نەزەر تاشلاپ تۇرغان كۆركەم ئاپتۇر سۈرىتى بېرىلگەن. توپلام 2011-يىل 16-ئىييۇل نەشىرگە قول قويۇلغان بولۇپ،« تونۇردىن يېڭى چىققان ئىسسىق نان بۇ » دېدى ئابدۇخالىق ئاكا مەمنۇنىيەتتە. توپلامنىڭ نەشىر نومۇرى
ISBN 978-601-7272-28-9:

، ئەينى زاماندا تىيۇپجان ئېلىيېفنىڭ تۇنجى توپلامىمۇ قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغانلىقى يادىمدىن كەچتى.

توپلامغا شائىرەنىڭ مۇتلەق كۆپ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن،خاتىمە قىسمىدا مەسئۇل مۇھەررىرى ئالماسبېكنىڭ چىمەنگۈل ئىجادىيەتلىرىگە ئارنالغان «ئوتلۇق ئېھتىراس ۋە تەپەككۇر ساھىبەسى» سەرلەۋھەلىك 34بەتلىك ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان تەقرىزى بېرىلگەن. كىتابنىڭ «مۇھتىرەم شېئىرخان» دېگەن نەشر كىرىش سۆزىدىمۇ شائىرەنىڭ ئەمگەكلىرى يۈكسەك سۈپەتلەردە تەرىپلەنگەن.

ئابدۇخالىق ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، چىمەنگۈلنىڭ شېئىرلىرى خېلىدىن بۇيان قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ.قازاقىستاندىكى پەيزۇللا ئەخمەتۇف، ئابلىز ھېزىموف قاتارلىق نەشرىياتچىلار بىلەن چىمەنگۈلنىڭ قويۇق ئەدەبىي ئالاقىسى بار ئىكەن، بۇ توپلامنى ئۆز مەبلىغى بىلەن نەشر قىلدۇرغان ئالماسبېكمۇ چىمەنگۈل شېئىرلىرىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي مەپتۇنكارلىقىغا قايىل ئەدىبلەرنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇ چىمەنگۈلنىڭ ئەسەرلىرىنى چېلىقتۇرغان يەردە توپلاپ يۈرۈپ مانا بۇ توپلامنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان.

مەزكۇر توپلامنى قولغا ئالغان چېغىمدا چىمەنگۈل ئەشۇ ئاق قۇلار كەبى ئوتتۇرا ئازىيا ئەدەبىيات ئاسمىنىدىن بالقىپ بىر كۈنلىرى دۇنياۋى مەشھۇر شائىرە بولۇپ قالىدىغاندەك سۆيۈنۈش ۋە ئارزۇلار ۋۇجۇدۇمنى تەۋرەتتى.بىزدە« ئەتىۋارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك» دەيدىغان سۆز بار. ئەدىبلىرىمىزنىڭ مانا شۇنداق غېمىنى يەۋاتقان يىراقتىكى قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!









http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=30&TopicID=5681

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:01  


Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:12:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىمەنگۈل ئاۋۇت


قورغاقچىلىق



1

قەھرىم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ
كۆبجىگەن تۇمۇرۇمنى كېسىۋەتتىم.
قۇياش چۇل – چۇل بولدى جىممىدە،
مەندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات
چىقىۋالدى كېمىگە…
ئۈزىۋەتتىم تۈگمىلىرىمنى،
بارمىقىمغا يىڭنە كىرسۇن دەپ.
كىچىكىمدە.
ئانام مېنى ئوتلاپ قاققىلى
دوقىراتتى ئۆي – ئۆيگە،
يۇرۇن تىلەپ.
سېرىق رەڭگە ئۆچ بولدۇم بۈگۈن،
لامپۇچكىنىڭ ئۆلمەكتە نۇرى.
قۇش پىيىدەك قىرقىلغان ۋاقىت،
سۆيمەكتە ھەم يېمەكتە مېنى.
ساڭا تونۇش تۇيغۇلىرىمدەك،
بېسىپ كەلدى رېئاللىق ماڭا.
قورسىقى ئاچ ئايالدەك كېچە،
قارايماقتا كۆزلەردەك يانا.
كارىۋىتىمغا تاشلاندىم گۈلدەك،
بۇلۇت بولۇپ يېيىلدى بارچە.
چىكىلمىدى ئىشىكىم يېنىك،
سەنبىلمەيسەن مېنى تېخىچە.
نېمىشقىكىن ئېغىپ يۈرىكىم،
مەنئۆزۈمگە سىغماي قالىمەن.
تېلېۋىزورغا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ،
ئاياللىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن.
خەرىتىنىڭ سىزىقلىرىنى،
يېڭىلايمەن قارا سىيادا.
يەر تەۋرەيدۇ شۇقەدەر تەمكىن،
بوغۇلىمەن قىيا – چىياغا…

2

ئىشخانىدىن چىقتىم يىلاندەك،
ۋاقىت مېنى چاقىدۇ تىنماي.
چىڭقى چۈشنىڭ شىرنىلىرىنى،
بىر توپ چىۋىن يالايدۇ قانماي.
ئاپتوبۇستا،
«تۇرپان» ژۇرنىلىنى ئوقۇپ ئولتۇرسام
يېنىمدىكى سىمىز بىر ئايال،
تۇپان دەپ ھەجىلىدى تۇرپان دېگەننى.
ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ كۈلۈپ سالدىم،
بىلىپ – بىلمەي يۈرىكىمنى تۇتۇپ سالدىم.
توۋا…
يېنىمدىلا ئۆرە تۇرغان بوۋايغا
ئۇنتۇپتىمەن
بوشۇتۇشنى ئورۇندۇقۇمنى.
يەرگە يەنە چۈشتۈم پەرىشان،
ھېچكىم بىلمىدى خىياللىرىمنى.

3

سېنىڭ ئاناڭ نېمىش قىلىدۇ
نان ياقىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
ئاش ئىتىدۇ.
ئاش ئېتىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
كىر يۇيىدۇ.
مېنىڭچۇ؟ شېئىر يازىدۇ.
يالغۇز ئوغلۇم بىر توپ بالىغا،
بېرەر ئەنە شۇنداق چۇرۇقلاپ.
ئانا!
رەسىم سىزسام تام قاناپ كەتتى،
دەپ قالىدۇ گاھى بۇقۇلداپ.
ئىشىنىپ قېلىپ ئۇنىڭ گېپىگە.
دەپ سالىمەن مەنمۇ تۇيۇقسىز:
«سۇمۇ يىغلايدۇ تاش ئاتما بالام».
سەن مەن بولغاندا، مەن سەن بولغاندا،
ئۇ يەنە مۇشۇنداق باشلار ھېكايە:
ئايغا چىقىمىز،
يۇلتۇز بەك جىقكىن
ئۆيىمىزگە ئېلىپ چۈشىمىز
ئۇلار سېنى ئىمىپ چوڭ بولسا،
قاتار قىلىپ ھويلىمىزدا
مومام بىلەن بىللە باقىمىز…
ئۇنى سۆيۈپ باغرىمغا بېسىپ،
كۆز يېشىمنى يۇتىمەن مەغرۇر.
كېچە يەنە ئاۋازىڭدەكلا
ئېپ كېلىدۇ خەتەر ھەم ھۇزۇر.

4

يېنىمدىكى دوستۇمنى يېنىك نوقۇدۇم،
14 – قۇردىكى خەتنى تەكرار ئوقۇدۇم:
تۈتەكلەردەك يۈرىدۇ لەيلەپ،
تارام – تارام كوچىلارئارا.
يۈرىكىگە ئوىشايدۇ ئۇنىڭ،
كۆل بويىد چىقىلغان كوزا.
قىزىق تاشقا دەسسەپ يالاڭياق،
كۆز تىكىدۇ دېسىڭىز تەرەپكە.
جىرىلدىماس يالغۇز چېكەتكە.
تۈۋرۈكلەرگە پۈتكەن يېزىقتەك،
سىرلىق پېتى ياشايدۇ ئۇلار.
ئىسسىق ياشتەك چايقىلار جىمجىت،
ئايىقىغا تۆكۈلگەن نۇرلار
سۇ ئايلىنار ھورغا خىرامان،
تىرەكلەرمۇ كۆيىدۇ دەھشەت.
سوزۇلماقتا مۇڭلۇق كۈي بولۇپ،
ئايالدەكلا ئۇلۇغ مەدەنىيەت.
قورام تاشنى كېسەلمىسىمۇ،
كېسەلمەيدۇ تاش بولۇپ ئۆزى.
يىشىنمەكتە ئايال پاتىشا
قانغا تولدى كېچىنىڭ كۆزى.
يۇتۇپ كەتتى ئۇلارنى توپان،
لېكىن يىللار قەي قىلدى ئۇنى.
چىرىتمىگەن بىر تال مېۋىدەك
كۆكلىمەكتە ئۇلارنىڭ خۇنى.
ئاق ئاي سۇندى يۈتمىدى لېكىن،
بۇ جاھاندىن مۇقەددەس گۇناھ.
13 ياشقا كىرگەن قىس سېنى،
ئۆز قولىدا كۆمدى بىر ئاتا…

ھاياجاندىن جۇدۇلداپ تۇرۇپ
كىتابنى ياپتىم،
ياق! ياق… ئېزىپتىمەن
كېنى كۈتكەن ئازابنى تاپتىم.
ئەزان چىقتى…
سېنىڭ قولۇڭدا
دېرىزەمنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.
قۇلىقىمدا،
ئوغلۇمنىڭ تۈنۈگۈنكى ئاۋازى:
«ئاپتاپ چىقما،
ئاپتاپ چىقما!
بەش بالاڭنى ئاغاچ چىقما.
بەش تال گۈللام ئاغاچ چىق…



Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلچىمەنگە مۇبارەكلەر بولسۇن، بېشىدىن ئايغىغىچە گۈلگە تولسۇن، ئىجادىي قەدەملىرى قۇتقا تولغاي....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:24:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەدىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 01:11:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش  خەۋەرلەرنى يىراقلاردا تۇرۇپ ئاڭلىۋالدۇق يەنە بىر قېتىم .....
چىمەنقۇش قاچان ئۇچىدىكەن بىز تەرەپكە ؟ قاناتلىرىنى قىرقىپ بىر تۇتۇپ قالايلى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
19
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائېرىمىزنى ئەمدى تونۇدۇم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنگۈلگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي، خۇشاللىق سىزگە يار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:57 , Processed in 0.056838 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش