1.خورەك كېسەللىكمۇ؟
خورەك بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇيقۇ ھادىسىسى،ئادەتتە بوش خورەك تارتىش سالامەتلىككە ئانچىمۇ تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما نەپەس بىردەملىك توختاپ قالىدىغان خورەكچىلەرنىڭ نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، بۇ بىر خىل ئېغىر كېسەللىك، بۇ مېدىتسىنادا ئۇيقۇلۇقتا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، دېيىلىدۇ، ئىنگلىزچە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قىسقارتىلغان نامى ئوساس. بۇ خىل كېسەللىك نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ، ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىرلاشقاندا ھەتتا جاننى ئالىدۇ.
2.قانداق ئامىللار خورەك تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
نوپۇزلۇق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، %70 ئۆپچۆرىسىدىكى خورەكچىلەر سېمىزلىكتىن خورەك تارتىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرۇن بوشلۇقى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى، نەپەس يولى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى، بۇرۇن ياللۇغى، كېكىرتەك ياللۇغىمۇ ئېغىر خورەك تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوپقان (دىئابىت) بىمارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىمۇ خورەك تارتىش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
3. خورەك تارتىش قانداق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
يۇقىرى قان بېسىم خورەك تارتىشنىڭ ئاساسلىق ئەگەشمە كېسەللىكى بولۇپ، خورەكنى قاتتىق تارتىدىغانلارنىڭ %80 تىن كۆپرەكىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداقلارنىڭ قان بېسىمىنى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىلىرى بىلەن تىزگىنلەش ناھايىتى قىيىن.چۈنكى، خورەك تارتقۇچى ئۇيقۇلۇق ھالەتتىكى چېغىدا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن بەدەندە كۆرۈلگەن ئىنكاس قان بېسىمىنى تېز ئاشۇرۇۋېتىدۇ، نەپەس راۋانلاشقاندا بولسا قان بېسىمى يەنە تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشقاندا يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىك ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ، بۇ خىلدىكى يۇقىرى قان بېسىمى خورەك تارتقۇچىدا نەپەس توختاپ قېلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، خورەك تارتقۇچىدىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كېسەللىك ئەھۋالىنى ساقايتقاندىلا ئاندىن يۇقىرى قان بېسىمىدىن ئىبارەت بۇ ئەگەشمە كېسەللىكنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خورەك تارتقۇچىدا ئۇيقۇلۇقتا ۋاقىتلىق نەپەس توختاپ قېلىش سەۋەبلىك ئوكسېگىن يېتىشمەيدۇ، نەتىجىدە يۈرەككە قان يېتىشمەيدىغان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، يۈرەك سانجىپ ئاغرىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ.
4. خورەك تارتقۇچىلاردا قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟
(1) بوش خورەك تارتقۇچىلاردا: بوش خورەك تارتقۇچىلار يۇقىرى ئاۋازدا رىتىملىق خورەك تارتقاندا ئۇيقۇلۇقتا ۋاقىتلىق نەپەس توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغان بولسىمۇ لېكىن بەزىدە ئېغىز قۇرۇش، بوش تەرلەش، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستىلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
(2) ئوتتۇراھال خورەك تارتقۇچىلاردا: ئۇخلاشقا ياتقاندا تېزلا ئۇيقۇغا كىرىشسىمۇ لېكىن ئاسانلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن يۈرەك مۇسكۇللىرى نورمالسىزلىنىپ بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەتىگىنى ئويغانغاندا بېشى قېيىپ مېڭىسى چىڭقىلىپ، بېشى ئاغرىيدۇ، خۇددى كېچىچە ئۇخلىيالمىغاندەك كۈندۈزى ئىچى سىقىلىش، نەپەس قىسىلىش، چارچاش قاتارلىق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
(3) قاتتىق خورەك تارتقۇچىلاردا: ئۇخلىغاندا ئېغزى ئوچۇق ئۇخلاش، گۈلدۈرمامىدەك قاتتىق ئاۋازدا خورەك تارتىش، خورەكنى باشلىغان ھامان نەپەس توختاپ قېلىپ ئون نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئويغىنىپ كېتىش، نەپەس يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى تاڭ ئاتقىچە تەكرارلىنىدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇللىرى بىنورماللىشىش، يۈرىكى قاتتىق سېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇنداقلار كۈندۈزنى ئۇيقۇسىزلىقتا ئۆتكۈزىدۇ، ئولتۇرغۇدەك پۇرسەت بولسىلا مۈگدەيدۇ، ھەتتا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپمۇ ئۇخلىۋالىدۇ، بەزىدە ھەتتا مېڭىسىگە ئوكسېگىن يېتىشمەي ھوشىدىن كېتىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.
5. قاتتىق خورەك تارتىدىغانلار (ئوساس) نى كلىنىكىدا قانداق داۋالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك؟
ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدىمۇ قاتتىق خورەك تارتىدىغانلار (ئوساس) نى ئۈنۈملۈك داۋالىيالايدىغان خىمىيىلىك دورا يوق، دوختۇرخانىلاردا ئاساسەن ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن داۋالاش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئوپېراتسىيىنىڭ ئۈنۈمى %70 ئەتراپىدا بولسىمۇ ئەمما بۇنداق ئوپېراتسىيە ئادەم بەدىنىگە تولىمۇ زىيانلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى، ئوپېراتسىيە باھاسىمۇ قىممەت بولۇپ، ئادەتتە 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە بولماقتا. نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتىدا داۋالاشنىڭمۇ ئۈنۈمى يۇقىرى، ئەمما باھاسىمۇ قىممەت، ئەرزانلىرىنىڭ 5~6 مىڭ يۈەن، سۈپەتلىكرەك بولغان ئىمپورت ئاپپاراتلىرىنىڭ باھاسى 15~20 يۈەنگىچە بولماقتا، شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ئاپپاراتتا داۋالىنىش خورەكنى يىلتىزىدىن ساقايتالمايدۇ، شۇڭا خورەك تارتىدىغانلار بۇ خىل ئاپپاراتلارنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
6. «شىپايى خورەك» نىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى
ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا مېدىتسىنا ساھەسى ئىزچىل قاتتىق خورەك تارتىشنى يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان دورا تەتقىق قىلىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتى، جۇڭگو تېبابىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېبابەت ساھەسى ھازىرغا قەدەر قاتتىق خورەك تارتىشنى كلىنىكىدا داۋالايدىغان بىرەر دورا تەتقىق قىلىپ چىقمىدى. ئەنئەنىۋى تېبابەتتە بىرنەچچە خىل دورا خورەكنى ساقايتىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بەك تۆۋەن، ئاستا بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتالمىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى: قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى سەمرىپ، قان بېسىمى، قاندىكى شېكەر، ماي تەركىبى ئارتىپ كەتكەنلەر بولۇپ، بۇ كېسەللىكلەر قاتتىق خورەك تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىددىغان ئامىللارنىڭ بىرى. قاتتىق خورەك تارتىشنى داۋالاشتا، سېمىزلىكنى داۋالاپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، شېكەر
ۋە ماي تەركىبىنى تۆۋەنلەتكەندىلا ئاندىن قاتتىق خورەك تارتىش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
«شىپايى خورەك» دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېتىراپ قىلغان بىخەتەر، ئەكس تەسىرى بولمىغان ھەم يېمەكلىك ھەم دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان تەبىئىي ئۆسۈملۈك خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان تەبىئىي (يېشىل) مەھسۇلات. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارنىڭ ئۇخلاۋاتقاندا ۋاقىتلىق نەپەس توختاپ قېلىش ھادىسىسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش بىلەن بىللە ئورۇقلىتىش، قان بېسىمىنى تەڭشەش، قاندىكى شېكەر، ماينى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. «شىپايى خورەك» قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ناھايىتى ئاز ساندىكى سېمىزلىك قاتارلىق باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن كىشىلەرمۇ «شىپايى خورەك» نى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەمما ئىستېمال قىلغاندا كۈندىلىك ئىستېمال مىقدارىنى ئازلىتىپ كۈنىگە بىر قېتىملا ئىشلەتسە بولىدۇ.
مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدە بىز بۇ مەھسۇلات رېئاكسىيە بېرىدىغان، ماس كەلمەيدىغانلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتتۇق. نۇرغۇن كىشىلەر يېمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رېئاكسىيە تەسىرىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى زۆرۈر تاپتۇق. ئىنسانلار ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان تەبىئىي يېمەكلىكلەر ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەردە رېئاكسىيە تەسىرى بېرىدۇ، ھەتتا بەزىلەرگە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغان گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلارمۇ رېئاكسىيە تەسىرى بېرىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان رېئاكسىيە بېرىدىغان يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى بېلىق، راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدۇر، ئاندىن قالسا سۈت، تۇخۇم، يەر ياڭىقى قاتارلىقلار. «شىپايى خورەك» تەبىئىي، يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان ئۆسۈملۈكتىن ياسالغانلىقتىن، ئاز ساندىكى رېئاكسىيە تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلاردا ئىنكاس پەيدا قىلىشى نورمال ئەھۋال.
ناۋادا، رېئاكسىيە تەسىرى (بەدەن قىچىشىش، قىزىرىپ قېلىش ياكى كۆڭلى ئېلىشىش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش) قاتارلىق ئەھۋال كۆرۈلسە، «شىپايى خورەك» نى ئىستېمال قىلىشنى توختاتسىلا دەرھال نورمال ھالەتكە كېلىدۇ. رېئاكسىيە پەيدا قىلىش نىسبىتى مىڭدىن بىر، يەنى رېئاكسىيە تەسىرى پەيدا بولىدۇ، دېيىلگەندە مىڭ ئادەمدە بىرەرىگە رېئاكسىيە قىلىش ئالامىتى كۆرۈلىۈشى مۇمكىن.
(تەرجىمان : ئەركمان)
تېلېفون: 0991-8566887
بۇ دورىنىڭ رولى نەپەس يولىدىكى ئېلاستىكلىقىنى يوقاتقان بەزلەرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىم نورماللىشىدىكەن، يۈرەك خىزمىتى ياخشىلىنىدىكەن!
http://hi.baidu.com/erkmandadxah/blog/item/135696d3715fac1b3bf3cf7e.htmlمەن بىر ئاي ئىچىپ قان بېسىمىم نورماللىشىپلا قالماي يەنە خورەك تارتىشىم بېسىقتى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:15