يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 361|ئىنكاس: 9

مارس كۈندىلىك خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدە قانچە ياشقا كىردى؟
ئۈچ ياشقا.
ھە....ئۇنىڭدا يەسلىي يىشىغا تۇشۇپتىدە ئەمسە؟
شۇنداق،ئەمما بىز بالىمىزنى ھازىرچە يەسلىيگە بەرمەيمىز.بىز ئالدى بىلەن بالىمىزنى دىننى تەرەپتىن تەربىيلەپ،دىننى ساۋادىنى چىقىرىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن يەسلىيگە بېرىمىز،ھەمدە بالىمىزنى خەنزۇ تىلىدا ،ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇتىمىز.
ھازىر ئۇيغۇر تىلى كارغا كەلمەس بولۇپ كەتتى.
ئۇنداق دىمەڭ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۆزىمىزنىڭ تىلى تۇرسا،بالىڭىزنىڭ تىلى چىققاندا ئۇيغۇر تىلىدا <ئانا>دەپ چىققاندۇ؟
ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتنىڭ تىلىدا چىقمىغاندۇ؟
ئوش...............ئۇخلاپ قاپسىز، ھازىرچۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇسا نان تىپىپ يىيەلمەيدۇ.
ئۇ دۇنياغا بارغاندىمۇچۇ سۇئال-سوراق بار،<ئەلھەمدۇ دىسە نان يەمدۇ،نان يىمەي ئۆلەمدۇ>دەپ قاراپ تۇرسا ھەممە گۇنا بىز ئاتا-ئانىلارغا بولمامدۇ؟
ھە............................شۇنداقمۇ؟
ئەلۋىدا ئۇيغۇر تىلى........ئەلۋىدا!
<ياراتقۇچى> ئۇلۇغ تەڭرى يەر شارىدىكى ھەربىر مىللەتكە ئوخشىمىغان دەرىجىدە،ئوخشاش بولمىغان تىلنى ئاتا قىلغان.شۇڭا ھەربىر مىللەت <ياراتقۇچى> ئاتا قىلغان تىل بايلىقىنى جىنىدىنمۇ ئەزىز بىلىپ قوغدىشى شەرت.چۈنكى< ياراتقۇچى> تەڭرى ئۇ دۇنيادىكى سوراق ئالدىدا بىزدىن:مەن ساڭا تىل بايلىقى ئاتا قىلدىم سەن ئۆز ئانا تىلىڭنى قانداق ئشلەتتىڭ؟نەگە ئشلەتتىڭ؟قانداق پايدىلاندىڭ؟ئۆز ئانا تىلىڭنى قوغدىيالىدىڭمۇ؟مەن ئاتا قىلغان تىل بىلەن مىنى ھەر ۋاقىت يات ئىتەلىدىڭمۇ؟دەپ سورىشى مومكىن.<بۇ مىنىڭ قارىشىم>
بالىنى توغۇپ قۇيۇپلا <ئۇلۇغ>ئانىلار سىپىگە قۇشۇلغىلى بولمايدۇ.
ھەرقانداق بىر بالا ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىغا راۋان-پىششىق بولۇشى كېرەك.ئاندىنلا باشقا بىلىم خەزىنىسىگە ئىچكىرلەپ كىرەلەيدۇ.
تىل دىمەك بايلىق دىمەكتۇر!ئانا تىل شۇ بايلىقنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىدۇر!ئۇلى ياخشى سىلىنمىغان قۇرلۇش ھامان ئۆرلۈپ چۈشىدۇ.مەسئولىيەتچان بۇلايلى!
ئانا تىل دىگەن بىر گۈھەر.ئۇ دىلىڭىزدا گويا قۇياشتەك چاقناپ تۇرىدۇ،سىز دىلىڭىزدا چاقناپ تۇرغان گۆھەرنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مىللەتنىڭ تىلىنى باشلاپ ئەكىرىشكە قانداقمۇ ۋىجدانىڭىز چىدايدۇ؟؟؟

2011.0821.<غ>




مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
537 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1165

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە يامانراق ئىنكاستىن بىرنى يازىمەن مارىس...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى سۆزۈم سىزگە ياقمىغاندۇ ئەمدى،قەھۋە باشلىق؟
تەڭرىم ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىپ كۈنلىرىنى باياشات ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن تىلى چىققاندىن تارتىپ مىنكاۋخەنچە تەربىيىلىسەك ئاندىن كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ.
بىر بالىنى تۇغۇپ تەربىيىلىمەك بەكلا تەسكەن. مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا ھېرىپ كېتىۋاتىمەن.
مارسنىڭ تېتىملىق يازمىلىرىغا رەھمەت.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:02
ئەتە يامانراق ئىنكاستىن بىرنى يازىمەن مارىس...

قەھۋە جانىم، يامان ئىنكاسنى ئىزدەپ نەلەرگە كەتكەندۇ؟ يۇۋاشراق بولسىمۇ ئىنكاستىن بىرەرنى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتمەي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قەھۋە ئىنكاسنىڭ قاتىلىنى يازىمەن دەپ ....نەچچە كىرىمەن بۇ تېمىغا ، نۇرغۇن پىكىرلىرىمنى يازاي دىسە قەھۋەنىڭ ئىنكاسى يارىلاندۇرۇپ قويامدىكىن دەپ يېقىنلىشالماي ....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:56:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىيەن قىزىمنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقارغان دىمىگەن بىلەن كۈرەش قىلىپ يۈرۈپ ...بەك تاتلىق سۆزلەيتى ، قالغان قوشۇمچە تىلنى پەقەت بىلمەيتتى ، ئويناتقىلى ئېلىپ چىقسام  سېيرىلغۇچنىڭ بۇ بېشىدا تۇرۇپ ، كۆزىگە سىغىپ قالغان باشقا مىللەت بالىلىرىغا ئۇيغۇچە :ھەي ، مەن شېنى شاقلاۋاتىمەن ، كېلە ...دەپ چۇۋۇلداپ تەرلىتىۋېتەتتى بىزنى يەسلىگە بېرىپمۇ نەچچە كۈندىن كېيىن : ئايىلار دىۋە تىلىدا سۆزلەيدىكەن دەپ كەلگەن (چۈشەنمىگەن تېلىنىڭ ھەممىسنى ئورتاق دىۋىچە سۆز دەپ چۈشىنىدۇ )ھازىر .............نەق ئاشۇ ئايرىۋالغۇسىزلا بولۇپ قالدى ، مەن ھەدەم بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدۇ ، سەللا قىيىپ كەتسە ، قايسى لاۋلىيۇۋنىڭ قىزى بۇ دەپ قويسام ئوڭشىلىدۇ ، بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە مۇھىت بەك سەۋەپ بولۇپ كېتىدىكەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادىكى سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ،ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش ئالدىدا،ئاق كۆڭلەكنى كىيىپ ئۇ دۇنيانىڭ سەپەر ئىتى بولغان‹ياغاچ›ئاتقا مىنىپ تەق بولۇپ تۇرغان بىر ئۇلۇغ ئانىنىڭ،توققۇز ئاي-توققۇز كۈن قۇرساق كۆتۈرۈپ ئۇ دۇنيانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇغۇت جىڭى قىلىپ تۇغۇپ ۋە چۆلدە يەپ-كۆلدە ئىچىپ مىڭ بىر جاپادا چوڭ قىلغان ئوغلى،ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆلۈم كۈنى-مىيىت نامىزىدا ھاراقنى ئىچىپ غىرىق مەس‹نەششىمۇ چىكىۋالغان›ھالەتتە،جامائەت ئالدىدا ئانىسىغا ۋاكالەتەن جامائەتتىن رازىلىق سوراش ۋاقتىدا.........
گۈم قىلىپ- يىقىلىپ چۈشتى.....
ئۇ،يەنە بىرمىلەرنى دەپ -بىر مىلەنى قىلىپ .ئورنىدىن تۇردى.............
ئۇنىڭ ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەي ئۈچ بال شامالدا لىڭشىغان دەرخ شىخدەك لىڭشىپ تۇرالمايۋاتاتتى ،ئۇ ئاخىرى زىۋانغا كەلدى........مە........مە.........مەن.......چو....چو.......چوڭ ئوغلى..غىق..غىق....ئانامنىڭ ھە............رقايسى جامە.......ئەتنىڭ ئالدىدا توغرا ئۆتۈپ قويغان يېرى بولسا مەن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ئىلىم-بىلىم بېرىشلىرى بولسا قايتۇرىمەن.
گۈم.......‹سوقما تامدەك›ئۆرلۈپ چۈشكەن بۇ نىجىس يەردە ياتاتتى.........
ئانا ‹ياغاچ›ئاتتا جىم ئولتۇرالمىدى ئانا نېمە دىمەكچىدۇر؟
بەلكى ئانا..........ھەي نىجىس مەن ساڭا بەرگەن ئاق سۈتۈمدىن رازى ئەمەسمەن.........سىنى باققىنىمدىن ھايۋان بالىسىنى باقسام بولمامدۇ........ھە؟
ھەي........ئۇلۇغ تەڭرىم‹ئاللاھ دىمەكچى›مەن سىنىڭ ئالدىڭدا نېمە گۇنا قىلدىم؟بۇ سىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى سورىقىڭنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ..........................؟
ياغاچ ئات ماڭدى، ئۇمۇ ئانىغا تەسەللى بەرگەندەك ئاستاغىنە مېڭىۋاتاتتى..............
قۇياشنىڭ ئىللىق ھارارىتى بىلەن سۈزۈلۈپ كەتكەن تىنىچلىق ئەلچىسى كۆك ئاسماننى تۇيۇقسىزلا بىر پارچە قارا بولۇت قاپلاپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.
قارىغاندا ئانىنىڭ نالىسى ‹تەڭرىگە›يەتتىمۇ ئەيتاۋۋۇر،قارا بولۇتنىڭ يىنىدا بىر پارچە ئاق بولۇتمۇ ياغاچ ئات بىلەن تەڭ كىتىۋاتاتتى‹بەلكى تەڭرى ئەۋەتكەن پەرىشتە بولۇشى مومكىن›.
ئاھ................! ياراتقۇچى ئۇلۇغ تەڭرىم،كۆرىۋاتقانسەن سەن ‹ئادەم›قىلىپ تۆرەلدۈرگەن ئادەم نېمە قىلىقلارنى قىلمىدى؟
ئۇ نىجىس ئۆزىنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي ئانىسىنى ئۇ دۇنياغىمۇ ئارام- خۇدا تىنىچ كەتكىلى قويمىدىغۇ؟بۇ سىنىڭ ئۇ نىجىسنىڭ پىشانىسىگە پۈتكەن تەغدىرمۇ؟
مارسنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياش تارام قىلىپ ‹ئانا›دىگەن خەتنىڭ ئۈستىگە دۇمۇلاپ چۈشتى.....................

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:49:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بالامنى دەرسنى ياخشى ئوقۇمىدىڭ ، گەپ ئاڭلىمىدىڭ ، ئۇنى قىلمىدىڭ ، بۇنى بىلمىدىڭ دەپ كەچكىچە تەنقىتلەيتتىم ، ھازىر ئويلاپ باقسام بۇنىڭ سەۋەپچىسى پۈتۈنلەي ئۆزەمدە ئىكەن .
بۇدا بالا تۇغۇپ قالسام قالتىس پىلانلىرىم بار ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىمنىمۇ مۇنبەردە كۆرگىلى بولىدىكەن ھە1؟
تۇغمىغان بالىغا پىلان تۈزەپ كەتكەن گەپما؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:28 , Processed in 0.052028 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش