يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 384|ئىنكاس: 4

ھاياتنىڭ مەنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتنىڭ مەنىسى

ئۇ ئەسلىدە بىر شائىر ئىدى ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ھېچكىم ياقتۇرمىغاچقا ئۇ ئامالسىز ئىجادىيەت قىلىشتىن توختاپ ھاياتنىڭ مەنىسى   ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندى ، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ھاياتلىقنى بىر مەيدان چۈشكە ئوخشاتتى ،ئۇ  ئۆلۈم چۈشنىڭ باشلانمىسى دەپ ئويلىدى ۋە ئاخىرى ئۆلۈۋېلىشنى قارار قىلدى .
ئۇ ئۆيىدىن بىر گۈرجەك ئېلىپ چىقىپ شەھەرنىڭ سىرتىغا بېرىپ ئۆزىگە بىر قەبرە قازدى ، قەبرىنى قېزىپ بولۇپ ئۆزىنىڭ قېلىن ئۈچ كىتاب چىققۇدەك قېلىن  شېئىرلار توپلىمىنى ئېسىگە ئېلىپ قالدى ، بۇ شېئىرلار ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق قان – تەرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى ، ئۇ ئۆلۈم ئالدىدا بۇ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلدى ۋە ئەسەرلىرىنى ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى ، ئۇ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگىنىدە ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىلىكىدە بىر ۋەقەنى بايقىدى : بىر توپ كىچىك بالىلار  ناھايىتى خۇشال – خۇرام ھالدا ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە ئويناۋاتاتتى ، قارىماققا ئۇلار ئۇزۇن – قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان تاياقچىلارنى قەبرىنىڭ ئۈستىگە قاداپ قېلىن ئوت چۆپلەر بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىۋاتاتتى ، ئارقىدىن بۇ « بازىسى » نىڭ ئۈستىگە توپا تاشلاۋاتاتتى .
شائىر :-سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر ؟ دەپ سورىدى بالىلاردىن .
- بىز قەلئە ياساۋاتىمىز !بالىلار بىر تەرەپتىن توپا تاشلىغاچ بىر تەرەپتىن جاۋاب بەردى .
- قەلئە ؟ سىلەرچە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ ؟دەپ سورىدى شائىر .
- « ئەھمىيىتى ؟ ئۇ قانداق نەرسە ؟ ئوينايدىغان نەرسىمۇ ياكى يەيدىغان نەرسىمۇ ؟» بالىلار قىزىقىپ  كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقان ھالدا شائىردىن تەڭلا سوراشتى ، ۋە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى ، بىزنىڭ قەلئەيىمىز ھازىرلا پۈتىدۇ ، بىز بۇنى پۈتتۈرۈپ بولساق يەنە بىرنى ياسايمىز ، بولمىسا سىزمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلامسىز يا ؟ بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق !» بالىلار ساددىلارچە شۇنداق دېيىشتى .
بالىلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىز ھالىتىنى كۆرۈپ شائىر تۇيۇقسىز بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بولدى :« ھاياتنىڭ مەنىسى ئەسلىدە ئىش قىلىشتا ئىكەن ، ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خۇشاللىققا ئېرىشىشتە ئىكەن !»
  بۇ ھېكايە بىزگە شۇنداق بىر ھېكمەتنى بىلدۈرىدۇ ، ھېچنېمە ئىش قىلماي ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلانساق ئاخىرىدا ئۆزىمىزنى تەگسىز بىر ھاڭغا باشلاپ بارىمىز ، ئەكسىچە زېھنىمىزنى ئۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنە ئىشلارغا سەرپ قىلساق ھاياتىمىزغا بىر ئاكتىپ جاۋاب تاپالايمىز .

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
393

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 05:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى پەلسەپەچىلەر ھاياتنىڭ مەنىسنى «بېغىشلاش»دەپ چۈشەندۈرەتتى.   ھىكايىنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ شۇمەنا چىقىدىكەن، دىمەك سىزھەرقانداق ئىشنى ئۈزۈڭىزنى بېغىشلىغان ھالەتتە بىجىرسىڭىز ھەم مۇشۇ ئادەتنى يىتىلدۈرسىڭىز ئۇنداقتا سىز ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىسىز، مەنىسىنى چۈشۈنىسىز .

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:48:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات دىمەك كۈرەش دىمەكتۇر!
بىز كۈرەش قىلغاندىلا ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرالايمىز.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:30:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ بالىلار چوڭ بولغاندا بىلىدۇ ، ھاياتنىڭ قەلئەسىنى ياساشنىڭ بەسىي مۈشكۈللىكىنى ....ئىشقىلىپ مېنىڭ ھازىرقى ھاياتىمنىڭ مەنىسى ئەتە قانداق ئاماللار بىلەن دەم ئېلىشقا بانا تېپىشنى ئىزدىنىش

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:28:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:30
شۇ بالىلار چوڭ بولغاندا بىلىدۇ ، ھاياتنىڭ قەلئەسىنى يا ...

مۇشۇ تاپتا مەنمۇ دەم ئېلىشنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە توختىمايلا ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 07:17 , Processed in 0.048003 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش