يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 425|ئىنكاس: 3

ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى ھەققىدە
(فىلىيەتۇن)

مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇۋەلى




پاھ ، پاھ ...ھازىرقى دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار ، ئېغىزلار نىمە دېگەن يۈگۈرۈك ! ياشىساڭ مۇشۇنداق زاماندا ياشا ، بولىدىغان - بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرەلەيسەن ، ئاڭلىساڭ زامانىمىزدىكىنى ئاڭلا ، خىيالىڭغىمۇ ، چۈشىڭگىمۇ كىرمەيدىغان ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلايسەن .
« قۇمۇل ئەدەبىياتى » نىڭ 2003 - يىل 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئابدۇخالىقجان ئابلىمىتنىڭ توختىباقى ئارتىشى ئاكىغا يازغان ئۇچۇق خېتىدىن بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى « دىنى تۈس ئالغان دەپتەر » دەپ چەكلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم . ئۆزۈمچە قانداق ئادەملەرنىڭ دېگەنلىكى ئۈستىدە پەرەز قىلىپ باقتىم . چوقۇمكى ، بۇنداق گەپلەر دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقمايدۇ . چۈنكى ، ئۇلار جان بېقىش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئارام تاپالمايۋاتقاندا ، بۇنداق دان چۈشمەيدىغان گەپلەرگە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن ؟ خىزمەتچىلەرمۇ ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ؟ ياق ، ئۇلارمۇ ئەمەس . ئېغىزىدا دەپلا قويماي يەنە « چەكلەش » كىمۇ قۇدىرىتى يېتىپتۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، مىللى مەدەنىيەت ، مىللى ئۆرۈپ - ئادەت ، مىللى ئەنئەنە ، تارىخ دېگەنلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسەپكە يولۇقۇپ قالغان ، بىكار ئولتۇرۇپ قېنى قىزىپ چېپىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان كالتە دوغىلارنىڭ ئىشى .
بۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ، 2001 - يىلىدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كىلىۋالدى .
شۇ يىلى بەزى جايلاردا ساقال - بۇرۇت ئۈستىدە خېلى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان ئىدى . بەزى يولداشلار بۇنداق بىمەنە گەپ - سۆزلەرگە ئېچىنىپ ، « ساقال - بۇرۇت بىلەن ئىدىيىنىڭ ، ساقال - بۇرۇت بىلەن پارتىيىۋىلىكنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى ؟ دۇنيادا شۇنچە ئىلغار نەزىرىيىنى ياراتقان ماركىس ، ئىنگىلىسلارنىڭمۇ ساقال بۇرىتى بارغۇ ؟ » دىگەندە ، ئايرىم ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز « سىلەر بىلەمسىلەر ؟ ماركىس بىلەن ئىنگىلىس قايسى دەۋىرنىڭ ئادىمى ؟ » دېگەنىدى .
نىمە دېگەن كاتتا ئاساس ؟ ئەجەبلىنەرلىككى ، بۇدۇنيادا ئىدىيىسى ئاجايىپ ئىلغار ، ساقال بۇرىتى قالاق ئادەملەرمۇ ئۆتۈپتىكەن . ئۆزىمىزنىڭ بىلىمسىلىكىگە توۋا قىلماي ئامال يوق . بىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىسنىڭ كونا زاماننىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق . مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا شەپكە كىيمەي سەللە يۆگىۋالغىنىدەك « گوناھ »ى بارلىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەپتۇق .
ھېلىقى ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىس ، مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ياشىغان دەۋرىنىلا بىلىپ ، ئۇلار ياشىغان دەۋىرنىڭ ئارقى كۆرىنىشى ، مەدىنىيەت ، ئۆرۈپ - ئادەت قاتارلىقلارنى ، ئۇلار ياراتقان ئىدىيە ، ئىجادىيەت - كەشپىياتلارنى تېخىچە بىلمىگەن بولسا ، بۇ كەمدە ئەمدى ئۇلارغا دەرىس سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى دۇنيا تارىخىدىكى بۇ تۆت بۈيۈك ئادەمنى كۆرمىگەن . پەقەت رەسساملارنىڭ مېھنىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ساقال - سۇمباتلىق ۋە سەللىلىك ھالىتى بىلەن تۇنىغان . بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى ۋە سەللىسى ئۇلارنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بۈيۈك ئالىملىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، بەلكى ئاشۇ سىرتىقى كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراتقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزىدۇ . بىراق ، ماركىس ، ئېنگىلىسلار ساقال بۇرۇتىنى ئېلىۋەتكەن ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار سەللە كىيمىگەن بولسا ، زامانىمىزدىكى ئومۇملاشقان مۇدا بويىچە ئۆزىنى تۈزىگەن بولسا ، مۇشۇنداق گەپلەرگە قالارمىدى ؟
لېكىن ئۇ بوۋىلىرىمىزدىن بۇ ھەقتە ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق . ئەيىب كىمدە بولسا شۇ تۈزتىشى كېرەك . شۇڭا ، مەن رەسساملارغا مۇنداق تەكلىپ بەرمەكچىمەن : بونىڭدىن كىيىن ماركىس ، ئېنگىلىسلارنىڭ رەسىمىنى ساقال - بۇرۇتسىز قىلىپ ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى بېشىغا شەپكە ياكى شىلەپە كىيگۈزۈپ سىزىڭلار . ئەمما ، ئۆز تەكلىپىمگە قارىتا يەنە بىر گۇمانىم بار : ئاشۇ تۆتەيلەن يۇڭدىۋېتىلگەن ئېڭىكىنى كۆرۈپ قەبرىسىدە نېمىلەرنى دەركىن
مەنبە : ئوكيان تورى




Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:50:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماركىس بىلەن ئىنگىلىس قەبرىسىدە يېتىپ پاراڭلىشارمىش؛ياخشى بىز بۇرۇنلا ئۈلۈپ بوپتىكەنمىز،بولمىسا زوڭتۇڭ بوش ساقىلىمىزغا قاراپلا بىزنى بىن لادىن بىلەن ئالاقىسى بار دەپ جايلىۋىتەركەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپىسىنى ئەكەل دېسە بېشىنى ئەكىلىدىغانلار زامانىسى..........
تامنىڭمۇ قۇلىقى بار دەپتىكەن، تۆت ئەتراپىمغا قارىۋېتىپ ئاندىن ئىنكاس يازاي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ زامانلاردا ئەينەك يوق ، چوڭ -چوڭ ئەرباپلار كۆل بويىغا چىقىپ  شولىغا قاراپ چاپلىشىپ تۇرۇپ  ساقال بۇرۇت ياساي دىسە سۈپەتكە تەسىر يەتكەن ، بىرەرىنى ئېلىپ كېلىپ ياسىتاي دىسە كۈندۈزى ئىلىم بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ كۈن-تۈننىڭ نىمە بولۇپ كەتكىنىنى ھىسابلاشقا چولىسى يوق ،كېچىسى شام يورۇقىدا تېخى قاملاشمىغان شۇڭا شۇنداق ھەيۋەت بىلەن قويۇپلاۋەتكەن گەپ ...مەنچە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:36 , Processed in 0.048661 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش