يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 381|ئىنكاس: 3

ھەممىلا ئادەم پۇل تاپالايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 17:29:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن  نامرات ئادەم پۇل تېپىشنىڭ كويىدا ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسمۇ ،لىكىن يەنىلا نامرات پىتى قېلىۋىرىۋاتىدۇ .پۇل تېپىش ئۈچۈن ھىسابات قىلىشنى بىلۋىلىش كېرەك ؛ھېساباتنى توغرا قىلغاندا ،گەرچە ئارتۇق پۇلغا ئىگە بۇلۇپ كىتەلمىسەكمۇ ،لىكن ھەر كۈنى پۇل تېپىۋاتقان بولىمىز .  
                       ساغلام تۇرغانلىق پۇل تاپقانلىقتۇر
بەزىلەر نەچچە يىل ئوبدانراق يىمەي -ئىچمەي ،تۈزۈكرەك كىيىنمەي ،مىڭبىر جاپادا تىرىشىپ -تىرمىشىپ خلى كۆپ پۇل تاپسىمۇ ،لكىن ئاخىرى بېرىپ سالامەتلىكنى كاردىن چىقىرىۋالدۇ .مۇشۇ كۈنلەردە داۋالىنشنىڭ قانچىلىك قىمممەت بۇلىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ، باشقا كىسەللىكلەرنى قۇيۇپ تۇرۇپ ،ئادەتتىكى بىر زۇكام ياكى قىزىتمىنى مىسالغا ئالساق ،دوختۇر سىزگە ئىككىلەنمەيلا بىر تۇتام تەكشۇرۇش قەغىزى كېسىپ بېرىدۇ .شۇنداق دىيشكە بولىدىكى ،مۇشۇ ئاي ،مۇشۇ كۈنلەردە دوختۇرخانىدا يىتىپ داۋالىنىشقا نى -نى ئادەملەرمۇ پايلىمايدۇ .قولىڭىزدا بىرەر يۈز مىڭ يۈەن پۇل بولغنىن بىلەن ،بىرلا ئاغىرىپ قالسڭىز ،ئەسلى -ۋەسلىڭىزدىن ئايرىلپ سورۇلۇپ كېتىشىڭىز مۈمكىن .شۇڭا مەيلى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇنلانماڭ ،سالامەتلىكىڭىزنى ئالتۇننى ئايىغاندەك ئاسراڭ ،يانچۇقتىكى پۇلنى دوختۇرغا چاڭگاللىتىپ قويماسلىقنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق ئەمەسمۇ ؟!
                       پەرزەنتلەرنى تەربىيەلىگەنلىك پۇل تاپقانلىقتۇر
پەرزەنتلەر ئوبدان ئادەم بولسا ،نامرات ئائىلىلەرمۇ بېيىيالايدۇ .ئەكسچە ،بېقىپ تەربىيلىگەن پەرزەنتلەر يارىماس چوڭ بۇلۇپ قالسا ،باي ئائىلىلەرمۇ ۋەيران بۇلۇپ كېتىدۇ .بەزىلەر پەرزەنتلىرىگە ھەممىنى تەل قېلىپ بېرش،ئۇلارنى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قىلىشنى پەرزەنتلەرنى ئوبدان تەربىيلىگەنلىك دەپ قارايدۇ -دە ،جىمى ئاماللار بىلەن پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ .ئەمەلدار بولسا خىيانەتچىلىك قىلدۇ ؛سودىگەر بولسا ساختىپەزلىك قىلدۇ ؛ئۇلار پۇل تېپىش جەريانىدا پەرزەنتلىرىگە تۇتام -تۇتام پۇللارنى خەجلىگىلى بېرىش ئارقىلق ،ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى كۆز -كۆز قىلدۇ .بۇنىڭ بىلەن باللىرىغا شۆھرەتپەرەسلىكنى قاندۇرغاندىن سىرت كۆپىنچە ھاللاردا پەرزەنتلەردە ناچار ئىدىيە ،ھەتتا جىنايەن بىخلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ .شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ پەرزەنتلىرى جەمىئيەتنىڭ داشقىلىغا ياكى جىنايەتچىگە ئايىلىنىپ قالغاندا بولسا ،ئۆزىدە يەنىلا ھىچنىمە قالمىغانلىقىنى بايقاپ ،«نامراتلىقىمدىن پۇلدىن باشقا ھىچنەرسەم قالمىدى »دەپ ھەسرەت چېكىشدۇ .ئەگەر سىزمۇ ئۇلاردەك پالاكەتكە ئۇچرىمىغان بولسىڭز ،بۇمۇ سىزنىڭ پۇل تاپقانلىقىڭىزدۇر .
                           مودىدىن ھۇشيار بولغانلىق پۇل تاپقانلىقتۇر
بىلش كېرەككى ،مۇتلەق كۆپ ساندىكى مودىنى سودىگەرلەر بارلىققا كەلتۇرىدۇ .ئۇلار سىزگە 10يۈەنلىك چاپاننى ئالدۇرماي ،بەلكى 1000يۈەنلىك چاپاننى ئالدۇرىدۇ .ئەمەلىيەتتە ،10يۈەنلىك چاپان بىلەن 1000يۈەنلىك چاپاننىڭ ھەر ئىككىلسى بەدەننى ئىسسق تۇتالايدۇ ،پاسونىمۇ كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ ،سودىگەرلەر بۈگۈنى قوش قاپاق چىقارسا تېخىمۇ ئۇزلىشپ كېتدۇ دىسە ،ئەتىسى يالاڭ قاپاق قىزلارنى بەكلا چىرايلىق كۆرۇنىدۇ ،دەيدۇ ؛بۈگۈنى چاچنى قىزىلغا بويىۋالسا چىرايلىق كۆرۇنىدۇ دسە ،ئەتىسى يشىلغا بويىۋالسا تېخىمۇ جەلىپكارلىشىپ كېتىدۇ ،دەيدۇ .سودىگەرلەرنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلغىلى تۇرسىڭىز ،ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا دەسسەيسىز -دە ،قولىڭىزدىكى پۇللارنى بىلىپ -بىلمەيلا ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسىز .بەزى ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرىنى مىسالغا ئالساق ،نەچچە ئەۋلاد دەرىجىسنى ئۆستۇرۇش تېخنىكىسنى ئاللىقاچان بارلىققا كىلىپ بولغان بولسىمۇ ،لىكىن سودىگەرلەر مەلۇم ئىلىكتىر ئۈسكۈنىسگە كىچىككىنە بىر تال زاپچاس قوشۇپ ،ھەتتا ھىچقانداق زاپچاس قوشماي تۇرۇپ ،ئالدىن لايىھلەپ قويغان تەرتىپلەرنى بىر نەچچە قىتىمغا بۆلۇپ ئۇنىڭغا كىرگىزىدۇ .سودىگەرلەر ئەلۋەتتە بۇنى مەخپىي تۇتىدۇ ،ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى بىراقلا بازارغا سالماي ،بەلكى سىزنى قەدەممۇ قەدەم يۇقىرى ئىستىمال قوغلىششقا ،نەچچە رەت پۇل خەجلەشكە قىستايدۇ .شۇنداق قىلىپ ،سىز بىچارە بىر دانە يانفون سېتىۋىلىشنىڭ ئورنىغا بەش دانە يانفون سېتىۋلىشقا مەجبۇر بولىسىز .ئاقىۋەتتە ،چاغلىقلا كىرىم  قىلىدىغان ھۆكۇمەت خىزمەتچىلىرى بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ بىر دۆۋە مودا ئۈسكۈنلەرنى كۆتۇرۇپ كىلدۇ .شۇڭا قارىغۇلارچە  مودا قوغلاشماسلىقمۇ پۇل تاپقانلىقتۇر .
                               ئاددى- ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكمۇ پۇل تاپقانلقتۇر
ئەمەلىيەتتە ،پۇلدار ئائىلەرنىڭ خەۋىپ -خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتدارى ھەممىدىن بەك ئاجىز بولىدۇ ؛پۇلدارلىقنىڭ خەۋىپ -خەتىرى چوڭ بولىدۇ ،پۇلدارلارنىڭ غېمى كۆپ بۇلۇپ ،ئۇلار ھەتتا تاماقنىمۇ بىزدەك ھوزرۇلىنىپ يىيەلمەيدۇ .ئىقتىسادشۇناسلىقتا «مارگىنال ئېففېكتى »دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار .سىز ئۇنى چۇشەنمەسلىكىڭىز مۈمكىن .ئەمما ھىچقىسى يوق ،سىز پەقەت بەزى پاكىتلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقسىڭزلا كۇپايە .بايلار قولىغا پۇل كىرسىلا كۆڭۇل ئىچىشنىڭ غېمىنى قىلشقا باشلايدۇ ،دەم ئېلىش كۈنلىرى بىزدەك ئادەتتىكىچە تۇرمۇش كەچۇرۋاتقانلارنىڭ ماكانىغا كىلپ ،تاغ -دەريالارنى ساياھەت قىلدۇ ،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ نېمەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ ؛ئۇلار بىز ئۈچۈن ئادەتتىكىچە تۇيۇلدىغان ئىشلارغا ھەيران قىلشدۇ ؛بىز بولساق بىر تىيىن پۇل خەجىلىمەي تۇرۇپ ،بۇ بايلىقلاردىن ھەرۋاقىت قانغۇچە ھوزرۇلىنىمىز .شۇنداق تۇرۇقلۇق ،يەنە نىم ئۈچۈن ئۆزىمىزنى نامرات ھېسابلاپ يۈرىمىز ؟بايلار يەنە بەدەن چىنىقتۇرىمەن ،ئۇرۇقلايمەن دەپ بىر مۇنچە پۇلغا ھەر خىل ئەزالىق كارتلارنى سېتىۋالدۇ .تاماق يەپ بولغاندىن كىين ،ئۇنى سىڭدۇرمەن دەپ چېنىقىش سايمانلىرىنىڭ يىنىغا چاپىدۇ ،بىز بولساق ھەر كۈنى ئىشقا بىرىپ كەلگۈچە پىيادە يول يۈرىمىز ،بەدەن چىنىقتۇرىمەن ،تەر چىقىرىمەن دەپ چىقىمدار بولۇپ يۈرمەيمىز ،سىزنىڭچە بۇ پۇل تاپقانلىق ئەمەسمۇ ؟
                             باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقمۇ پۇل تاپقانلىق
بۇ دۇنيادا ھىچقايسىمىز تەنھا ياشىمايمىز .ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ،ھىچقانچە ئىقتدارى يوق ،سەۋىيەسىمۇ ئادەتتىكىچە خىلى كۆپ كىشلەرنىڭ شۇنچە ئوبدان ياشاۋاتقانلقىنى ،ئىشلىرنىڭ ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز ،ئۇلار كۆڭلىدە قانداق ئويلىشىدىن قەتئىينەزەر ،ھىچبولمىغاندا باشقىلارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلدۇ .گەرچە ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ دېگىندەك ،خىزمەتنىڭ ئۈچ ئۆلۈشى خىزمەت ،يەتتە ئۆلۈشى مۇناسىۋەت بولمىسمۇ ،لىكىن سىزنى بىلىدىغان ئاز سانلىقلار سىزنى قوللىغان بىلەن ،ئۇلار كۆپ سانلىقلارنى قايىل قىلىپ كىتەلمەسلىگى مۇمكىن ،شۇڭا ،ئىككى ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە ،گەرچە ئۇلارنىڭ ئىقتدارى كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ ،لىكىن كۆپىنىچە ھاللاردا باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلدىغان ،ئاممىۋى ئاساسى ياخشى ئادەم تاللىنىپ چىقىدۇ ،ئىقتىدار ئەلۋەتتە مۇھىم ،ئاددىي ئادەملەرنىڭ نەزەرىدىكى ئادەم بولۇشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ،يەنە كىلىپ بۇمۇ پۇل تاپقانلىققا باراۋەر .

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:03:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىلىك تىكلەشتە تېزرەك ئۇتۇق قازىناي دېسىڭىز بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ.
بىرىنچى، ئىگىلىك تىكلەش پەيتى
بىرەر ئىش – ئوقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، دېگەن سۆزنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ، بازارنىڭ قېلىپلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق ئىش – ئوقەتنىڭ پايدا – زىيىنىنىڭ ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كۈچىمەيلا تېز بېيىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەشكە بالدۇر تۇتۇش قىلىپ ۋاقىتنى ئۇتسىڭىز، پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىككىنچى، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش
پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، سىزگە باشقىلار ئاسان پۇل تاپقاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن پۇل تېپىش پۇرسىتى سىزگە كەلگەندە نېمىشقا قىيىنلىشىپ كېتىدۇ؟ بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز يۈزەكى ئەھۋالدۇر، باشقىلارنىڭ پۇل تېپىش جەريانىدا تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىنى سىز ئۇقمايسىز. شۇڭا پۇل تېپىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يولى ئەگرى – توقاي دەيمىز. ئۈمىدلىك بولۇپ، چىڭ تۇرۇپ تىجارىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىزمۇ ئۇتۇق قازىنالايسىز.
ئۈچىنچى، يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاش
(1) مەبلەغ خامچوتىنى ياخشى تۈزۈش، پىلان بولۇش كېرەك، پىلان بولمىسا ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشكەندە تەمتىرەپ قالىسىز. ئىگىلىك تىكلەشكە يېڭى كىرىشكەندە چەكلىك مەبلىغىڭىزنى دەل جايىغا ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. سىزدە جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھى بولۇشى كېرەك، ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچى راھەت كۆرۈش باسقۇچى ئەمەس. (2) زاپاس مەبلەغ تەييارلاش كېرەك. دەسلەپكى خامچوتتىن باشقا يەنە چارە – ئامال قوللىنىپ مەبلەغ غەملەش كېرەك. بەزىدە ئىشەنچلىك دوستىڭىزدىن پۇل سورىسىڭىز بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا يەنىلا ئائىلىڭىزدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىز ئىشەنچلىك.
تۆتىنچى، شېرىكلىشىش
ئىگىلىك تىكلەشتە ئۆز كۈچىڭىز يىتىشمىسە شېرىكلىشىش يولىنى تۇتۇڭ.بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، شېرىكنى ياخشى تاللاڭ؛ ئىككىنچىدىن، مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا سۆزلىشىپ ھەل قىلىڭ؛ ئۈچىنچىدىن، گەپنى باشتا دەۋېلىڭ، ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ.
بەشىنچى، كارخانىنى ساقلاشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش
چوڭ گەپ قىلماي، تىجارەتنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىڭ. ھاياتلىق بولسىلا، تەرەققىياتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ. بازار ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۈزۈلگەن پىلانلارنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. تىجارەتتە پۇل تېپىشتىن باشقا ئىشلارغا كۆپ باش قاتۇرماڭ، سۆلەتۋازلىق قىلىپ، ئۆزىڭىزگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. باشقۇرۇش تىجارەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، بەك ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ.
مەنبەسى:www.uyghurstock.com

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك مەن پۇل تاپالمايمەن
مال -دۇنياسىنى بىر تەرەپ قىلالمىغانلار بولسا ياردەمگە چاقىرساڭلار تېزلا سورۇپ بېرەلىگۈدەكمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
207 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
392

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:19:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:25
دىمەك مەن پۇل تاپالمايمەن
مال -دۇنياسىنى بىر تەرەپ قى ...

چاقىردىغانلار بولسا مىنىمۇ ئېلىۋالارسىز مىنىڭمۇ قۇلۇمدىن كىلىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:23  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:02 , Processed in 0.073063 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش