يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 5

(قەھۋە)ئۇيغۇردا پەرزەنت تەربىيىسى تەقەززاسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، كەمىنە بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ، تۆۋەندىكى ئەسەرنى(ئەسەر دېگەندىن مۇلاھىزە دېگىنىم تۈزۈكتەك قىلىدۇ) ئۇچرىتىپ قالدىم، قىممىتى بار، ئويلىنىشقا تېگىشلىك، جايىدا يېزىلغان مۇلاھىزىكەن. مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئەسەر ئاپتورىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم. ھەر قايسىڭىزلارنىڭ كۆرۈپ تەھلىل يۈرگۈزۈپ بېقىشىڭىزلارنى سورايمەن!

ئۇيغۇردا پەرزەنت تەربىيىسى تەقەززاسى



-بىز نېمە ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىگە تەقەززا بولۇپ قالدۇق؟


ئابدۇۋەلى ئايۇپ




تەقەززالىق ئالامەتلىرى


    ۋەتەنگە قايتقاندىن كېين ئادىتىم بويىچە كىتابخانىلارنى ئارىلىدىم. مەزمۇن نوقتىسىدىن ئويلاشقاندا كىتابخانىلاردا مۇۋەپپەقىيەتكە، ساغلاملىققا ۋە پەرزەنت تەربىيىسىگە  دائىر كىتابلارنىڭ تۈرى باشقا تۈردىكى كىتابلاردىن جىق ئېدى. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق يازغان "ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى"، "يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى " دېگەن كىتابلار پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگىگەنىدى. بۇلارنى كۆرۈپ 2006- يىلى تۈركىيەدىن قايتىپ ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇئەللىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيسى ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا مۇئەللىم مېنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنى تەۋسىيە قىلغانىدى. ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن يازغان خاتىرىلىرىمدىن ئەڭ كۆپ ئوقۇلغىنى ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى بۆلەك بولدى. "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" ئىچىدە ئاتا ئانىلاردىن ئەڭ كۆپ خەت تاپشۇرۇپ ئالغىنىم ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەربيىسى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىم بولدى. دېمەك، بىز پەرزەنت تەربىيىسىگە شۇ قەدەر مۇھتاج، شەيدا، تەقەززا بولدۇق. سەۋەب نېمە؟


تەقەززالىق سەۋەبلىرى


بىرىنجى، ئائىلە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش. 80- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بىرى، ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنتلىك ئائىلىلەر كۆپەيدى، يەنە بىرى، نەچچە ئەۋلاد بىرگە ياشايدىغان جەمەتلىك ئائىلىلەر ئاساسەن ئازايدى. مائارىپنىڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈلىشى ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلەر ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلدۇردى. ئائىلىلەردىكى پەرزەنت سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئاتا- ئانىلاردا پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. "بارلىق تاپقان تەرگەن پەرزەنت ئۈچۈن" دەيدىغان ئاتا-ئانىلار ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپەيدى.

ئىككىنجى،  ياشاش شارائىتىدىكى ئۆزگىرىش. جوڭگۇنى قاپلىغان بازارلىشىش دولقۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارائىتىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. مەسىلەن، قەۋەتسىز ئۆيلەرنى چېقىپ تاشلاپ بىنالاشتۇرۇش ئەنەئەنىۋى  مەھەللىلەرنى ۋە مەھەللىنى بىرلىك قىلغان جامائەتچىلىكنى يوقاتتى. نەتىجىدە مەھەللىنىڭ پەرزەنتلەرنى تەبىئى تۈزەيدىغان مەكتەپلىك رولى ئاجىزلاشتى. جامائەتچىلىكنىڭ يوقۇلىشى ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەشرەپلەر يوقالدى. بۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنى سەنئەت، ئەقىل ۋە ئەخلاقتا نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان بۆشۈك بەربات بولدى.

ئۈچۈنجى ئىجتىمائى موھىتنىڭ بۇلغىنىشى. نازارەتچىلىك ئورگانلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل نازارەتچىلىك سېستىمىسنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك مائارىپ چىرىكلىكنىڭ ئوچىقىغا ئايلىنىپ قالدى. سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلىكى سەۋەبلىك بالىلار چىقسىلا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئەخلەت يىمەكلىكلەر بازارلارنى قاپلاپ كەتتى. ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك بالىلارنى خاتالىققا باشلايدىغان مېھمانخانا نامىدىكى پاھىشخانا، تورخانا نامىدىكى قىمارخانالار ئاۋۇپ كەتتى. يالغانغا، شەكىلۋازلىققا، مىللەتچىلىككە، باستۇرمىچىلىققا، زوراۋانلىققا تولغان موھىت بالىلارنىڭ نورمال ئىنسانى تۇيغۇلىرىنىڭ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

تۆتىنجى: تۈزۈلمە ئۆزگىرىشى، ئۇچۇر دەۋرى ۋە  ئاتا ئانىلارنىڭ ماسلىشالماسلىقى. ئىچكىرىدىكى ئالاھىدە رايۇنلاردا سىناق قىلىنغان بازار ئىگىلىكى ئەندىزىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىىزغا قارىغۇلارچە تەدبىقلىنىپ كىشىلەرنىڭ تۈزۈلمىگە ماسلىشالماسلىقى كېلىپ چىقتى. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى دىيارىمىزدىكى مائارىپنىڭ بىر ئەۋلاد چالا تەربىيىلەنگەن كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى ئاشكارلىدى. نەتىجىدە ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشالماسلىقنىڭ ئىجتىمائى ۋە ئىنسانىي ئاساسى كۆزگە تاشلىنىپ قالدى.

بەشىنجى، مائارىپتىكى  تىلنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاتا-ئانىلاردىكى چارەسىزلىك. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى مائارىپنىڭ ئورنىنى  "قوش تىللىق مائارىپ" ئىگىلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا تەپەككۇر ھاڭى شەكىللەندى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغزىدا دائىم تەكرارلىنىدىغان "بالام جاھىل بولۇپ قالدى"، " بالام بىزنى كۆزگە ئىلماس بولۇۋالدى"دەپ ئاغرىنىش، "بالام مەندىن جىق پەرقلىق" دەپ ئويلاش مائارىپتىكى تىلنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى تەپەككۇر ھاڭىنىڭ ئىپادىسى. بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ دەپ بېرىشىچە، بالىسىغا خەنسۇچە كىتاپ ئوقۇپ بەرسە بالىسى ئاپىسىنىڭ تەلەپپۇزۇنى ياراتماي، "ئاپا سەن ئوقۇغانمۇ؟" دەپ سوراپتۇ.


ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتۇمى (پوزىتسىيەسى)


يۇقاردا بىز تىلغا ئالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈرلۈك تۇتۇمدا بولۇۋاتقىنى ئېنىق. ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتۇم-پوزىتسىيەسىنى مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرى  بىرى قاقشاشقا، غۇدۇراشقا مايىل بولوش، ئەمما تەدبىرگە بىپەۋالىق؛ يەنە بىرى كەسكىن، رەھىمسىز بولۇش، ۋاستە تاللىماستىن ئۈنۈم قوغلۇشۇش. 2011-يىلى ئىيۇننىڭ بېشىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ پىسخىك نۇقسانلىرى ھەققىدە ئەھۋاللاشتىم. ھەتتا بەزىلەر بىلەن يېرىم كۈنلەپ پاراڭلاشقان ۋاقتىممۇ بولدى. قىزىق يېرى پەرزەنتلىرى ھەققىدە سائەتلەپ دەرت تۆككەن ئاتا-ئانىلاردىن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى لېكسىيەگە كەلگەنلەر تولىمۇ ئاز بولدى. پەرىزىمچە ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان ئورتاق غۇدۇراش، باتناش، قېيداش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردەك قىلاتتى. بۇنداق كېسەلنىڭ بىمارلىرى توختىماي قاقشايتتى-يۇ تەدبىر ھەققىدە باش قاتۇرمايتتى. ئەڭ چاتاق يېرى باش قاتۇرۇلۇپ خۇلاسىلەنگەن تەدبىرلەرگىمۇ بىپەۋالىق قىلاتتى. يەنە بىر تۇتۇمدىكىلەر پىسخىك نۇقسانلارنى تۈزەشنىڭ جىسمانى نۇقساننى داۋالاشقا قارىغاندا كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان، ئاتا-ئانىلارنىڭ، مەھەللە-كوينىڭ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى. ئۇلارچە بولسا كېسىدىغان يېرى بولسا كېسىپ، چانايدىغاننى چاناپ نېمىلا بولسۇن بىر كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىگە ئېرىشىش موھىم ئېدى. بۇنداق ئالدىراقسانلىق، پايدىنىلا كۆزلەش، ئۈنۈمگىلا ئەھمىيەت بېرىپ ۋاستىنىڭ قەبىھلىكىگە كۆز يۇمۇش شىنجاڭچە سىياسىي رىياللىقنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىدىكى ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ تەدبىرى

    ئاتا-ئانىلارنىڭ يۇقارقى پوزىتسىيە-تۇتۇملىرىغا كۆرە تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە بولماقتا.  

بىرىنجى ئائىلە تەربىيىسىنى تەكىتلەش. بۇنىڭدا يېتەكچى ئىددىيە "ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلىدۇ" دېگەندىن ئىبارەت. "مىراس" ژورنىلىنىڭ " مىللىتىم تۈزەلسۇن دېسەڭ ئىشنى ئائىلىدىن باشلا" دېگەن سەھىپىسىدىنلا يۇقارقى يېتەكچى ئىددىيەنىڭ رەسمى ساداغا ئايلانغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلالامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئائىلە تەربىيىسى بىر بىرىدىن ياخشى پەرزەنتلەر بىلەن تولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئائىلىلىكلەر قوراسى نېمە ئۈچۈن 90-يىللاردا خىرويىننىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى؟ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى نېمە ئۈچۈن خىرويىننىڭ، ئەيدىزنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى؟
ئىككىنجى ئەسكىرى تۈزۈمگە باش ئۇرۇش. پەرزەنت تەربىيىسىدە مەغلۇپ بولغان، ياكى ئامال قىلالمىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ يەنە بىر تاللىشى پەرزەنتلىرىنى ئەسكىرىي تۈزۈمدە تەربىيىلەشكە ماييىللىق بىلدۈرۈش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ئىھتىياجغا ئاساسەن مائارىپپەرۋەر زات غوپۇر نۇر بىر مەكتەپمۇ ئېچىپ باققان. مەكتەپكە ئەسكىرىي مەكتەپتىن ئارامغا چىققان بىر ئوپىتسىر تەكلىپ قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئەسكىرىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلغانىكەن. مەن 1998-يىللىرى غوپۇركام بىلەن ئەھۋاللاشقاندا مەكتەپنىڭ خاراپلاشقانلىقىنى ھىس قىلغانىدىم. ئۇزاققا قالماي ئۇ مەكتەپنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. بۇ يەردە ئىككى خاتالىق بار. بىرى قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، يەنە بىرى بالىلارنىڭ قەلبىگە قۇللۇقنى تامغىلاش. مەيلى ئىلمىيلىك جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئەخلەق نوقتىسى بويىچە بولسۇن 18 ياشقا تولمىغان بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش خاتا. بالىلارنىڭ 18 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىگە قېنىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلىنىپ رۇھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىدىغان مەزگىلى. بۇ مەزگىلنى يات موھىتتا، ئاتا-ئانىسىدىن مۇستەسنا ئۆتكۈزگەن بالىلاردىكى رۇھى كەمتۈكلۈك ئۇلارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. ئەسكىرىي تۈزۈم بالىلارغا مۇتلەق بويسۇنۇش-بويسۇندۇرۇش تەربىيىسى بېرىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرىدۇ. نەتىجىدە بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە قۇللۇق تامغىسى بېسىلىپ باراۋەر ئىنسانلىق سالاھىيىتىدىن ئۆزلىگىدىن ۋاز كېچىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ياكى باشقىلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان خۇي يېتىلدۈرىۋالىدۇ.


مېنىڭ تەشەببۇسۇم


مەنچە پەرزەنت تەربىيىسىدە تۆۋەندىكىچە ئاماللارنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

بىرىنجى، ئاتا ئانىلار بىرلىكتە ئۆگىنىش. بۇ خىل ئامالدا پەرزەنتلەردە باراۋەرلىك تۇيغۇسى يېتىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار تاپشۇرۇق ئىشلەش، كىتاپ ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بالىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ مەشخۇلاتى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۆزىنى چوڭلار بىلەن ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن ئىلگىرلەۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ ۋە باراۋەرلىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدۇ. يەنە بىرى بۇ ئامال پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق. ئۈچىنجىدىن پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىغا، ئۆز ئارا چۈشىنىشگە پايدىلىق.

ئىككىنجى، مەھەللىۋىي ھەمكارلىق. پەرزەنتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. گەرچە ئۇلارنىڭ تەكلىپ بېرىش، نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولسىمۇ بۇ ھوقۇقلارنىڭ قوللىنالايدىغان جۇرئەتكە ئىگە ئاتا-ئانىلار يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭا ئۆز مەھەللىسدىكى بالىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، چېنىقىش ئادىتى، ئىقتىسادىي ئاڭ يېتىلدۈرىدىغان تۈرلۈك مۇسابىقە، پائالىيەت ۋە لاگىرلارغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئىجتىمائى موھىت يارىتىش بالىلارغا پايدىلىق جەمئىيەت تەربىيىسىنى بەرگەنلىككە باراۋەردۇر.
ئۈچىنجى، چايلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قاتار چاي ھادىسىسى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەشرەپلىرىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى. بۇ يېڭىلىقتا سەل قارالغىنى بالىلار تەبىيىسىنىڭ دىققەتسىز قېلىشى. كۆزىتىشىمچە بۇنداق چايلاردا بالىلار بىر بولسا يېقىن يولۇتۇلمايدۇ. يەنە بىر بولسا چوڭلار سورۇنىنىڭ كىچىك تاماششابىنلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىزىقىشلىرىغا ماس پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلماي قالىدۇ. مەنچە چايلاردا بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ماس پائالىيەت، يېشىغا ماس ئىچىملىك، ئەخلاقىغا ماس سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش.

ئىلاۋە: بۇ يازما قەشقەر شەھىرى پەن تېخنىكا سارىيىدا 2011-يىلى 10-تومۇزدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك لېكسىيەنىڭ تۇنجىسى. قەلەمگە ئېلىش جەريانىدا بىر ئاز قىسقارتىلىدى ۋە تۈزۈتۈلدى. مەزكۇر لېكسىيە 4 نۆۋەت سۆزلىنىپ توختۇتۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا سۆزلەنگەن تېمىلار "ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت چۈشەنچىسى"، "بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىسخىك تەرەققىياتى"، " بالىلارنىڭ ئەقلى تەرەققىياتى ۋە تىل تەرەققىياتى". قالدى تېمىلار بەلكىم رەتلىنىپ يوللۇنىشى مۇمكىن.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:07  


ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل 10كۈن بوپتۇ...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:01:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئائىلىدە ئۈچىلىمىز 1- سىنىپقا كىرگەندە ئۇدا بىر مەۋسۇم ئاپام -دادام ئىككىسى نۆۋەتلىشىپ يېتەكچىلىك قىلغان ، 2- مەۋسۇمدىن باشلاپ ھەدە بولغان ئادەمنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە بولىدۇ ، دادم- ئاپاملار ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ تاماقتىن كېيىن كىتاپ كۆرەتتى ، ماتىرىيال يازاتتى ، شۇنىڭ تەسىرىدىنمىكىن ئۈچىلىمىز كىتاپ كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمىز .  كىچىكمدىن ھازىرغا قەدەر ئۈچ ھەدە - سىڭىل ھەل قىلالمىغان ھەر قانداق مەسىلە ، مەيلى ئۇ تۇرمۇش جەھەتتىن ياكى جەمىئەتتىكى بەزىبىر ئىشلار بولسۇن ھەل قىلمىغان چۈشەنمىگەنلىكى نەرسىنى دادامدىن سورايمىز ، داداممۇ نەدىن سورىساق شۇ يەردىن ئىھتىياجىمىزدىن چىقىدۇ ، بۇ ئۇنىڭ كىتاب كۆرۈشى سەۋەبلىكمىكىن دەيمەن ، دادام ئۈگۈنۈشنى ھازىرغىچە  داۋاملاشتۇرىدۇ ،كىتاپ كۆرىدۇ دىگەندەك شۇڭا ئاتا- ئانىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ .

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:50:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:07
دەل 10كۈن بوپتۇ...

قەھۋە جانىم، نېمىگە 10 بوپتۇ؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:55:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:50
قەھۋە جانىم، نېمىگە 10 بوپتۇ؟

بۇ تېمىنى يوللاپ 10 كۈن بولغاندا قارىسام بىرمۇ ئىنكاس چۈشمەپتىكەن

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:08:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:55
بۇ تېمىنى يوللاپ 10 كۈن بولغاندا قارىسام بىرمۇ ئىنكاس  ...

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن دەپ تۇرىدىغۇ بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:10 , Processed in 0.055962 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش