يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 611|ئىنكاس: 7

بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:19:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىپ 21-ئەسىرگە كىرگەن، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش، جۇڭگونىڭ يۈز-ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقى تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى بوۋاقلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاتالمىش «داڭلىق كارخانا» سەنلۇ باشچىلىقىدىكى 22 كارخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستېمال بۇيۇمغا ئارىلاشتۇرۇش چەكلەنگەن خىمىيىلىك تەركىب قېتىپ، ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن جۇڭگو ۋە خەلقئارانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
     يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەردە جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىقىنى، جاپادىن قورقمايدىغان روھىنى، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم قىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى دۇنيا خەلقىگە نامايان قىلىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، پۇلدىن باشقىغا چوقۇنمايدىغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى، ئىنسانپەرۋەرلىكىنى يوقىتىپ، زەھەرلىك قارا قولىنى دۇنيادىكى ئەڭ پاك، ئەڭ گۈزەل، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، ئىنسانىيەتنىڭ داۋامىغا تەپتارتماستىن سالدى. بۇ خىل رەھىمسىز،ئىنسان چىداپ تۇرغۇسىز قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە جازالاش كېرەك. گەرچە ئۇلار ئۆز قىلمىشىنى قانداق ئاقلىسۇن، ئۇلارنى مەڭگۈ كەچۈرمەسلىك كېرەك!
     ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا سۆيۈملۈك پەرزەنتىدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، بارلىق سۆيگۈسىنى ئاتا قېلىپ، يەنە ئاتا قىلمىغان نېمە نەرسىسى بارلىقىنى ئىزدەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، سەنلەر ھەر خىل ۋاسىتە قوللىنىپ، ئاتا-ئانىنىڭ سۆيگۈسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ قولىغا زەھەر بېرىشتىڭ، ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بارلىقى بولغان تىلسىز بوۋاققا ئۆز قولى بىلەن زەھەرنى ئىچۈردى. دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە بولامدۇ؟! سەنلەرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن قۇرغان ئالدام خالتاڭغا چۈشكەن ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بارلىقىغا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان زەھەر ئىچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلگەندە، يۈرەك-باغرىنىڭ قانغا مىلەنگىنى سەنلەر مەڭگۈ ھېس قىلالمايسەن. ئۇلار ھامان سەندەك پەسەندىلەردىن ئىنتىقامىنى ئالىدۇ ۋە ئالغۇسى!
     «دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات» دېگەن نامنى ئېلىپ، مەھسۇلاتىڭنىڭ ئابرۇيىنى دۆلەتنىڭ نوپۇزى بىلەن باغلاپ قىلغان پەسكەشلىكىڭنىڭ دۆلەتنىڭ نوپۇزىغا قانداق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىشمەمتىڭ؟ ھەر مىللەت خەلقى 60 يىلدىن بۇيان جاپالىق كۆرەش ئارقىلىق تىكلىگەن دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى سەندەك ئەخلەتلەر تۆكۈشسەڭ، بۇ دۇنياغا پاتقۇسىز ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟!
     ساختا سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ بوۋاقلارنىڭ بېشى يوغىناپ كەتكەندە، قارا خىش زاۋۇتىدا ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغاندا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى سەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەندە، باشقا ئەل خەلقى بىزگە قانداق كۆزى بىلەن قارىدى؟ بىر دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى، ئىناۋىتىنى نەچچە ئون يىلدا تىكلەپ بولغىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟! بىلىشسەڭ، جۇڭگو خەلقى سەنلەرنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.
     ئىشلەپچىقارغىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە يېزىپ قويغاندەك مەھسۇلات ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك ئەخلەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قېلىش ھالىتىگە كەلگەندە بىرىڭ پۇلدىن يەنە بىرىڭ ھوقۇقتىن كېچەلمەي خەلقنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشتىڭ، ئىش پاش بولغاندا بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە ئېڭىشىپ كەچۈرۈم سورىسام ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلامسەن؟
     سەھىيە تارماقلىرىدىكى سامان قورساق ئەپەندىلەر، خانىم-قىزلار تىنچ -ئامان تۇرۇشتۇقمۇ؟ ئىش چىقمىسا سىلەرنى تېلېۋىزوردا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىش چىقسا زۇۋۇك تالىشىپ شالىڭلارنى چاچرىتىپ سۆزلەپ، « %80 مەھسۇلات يەنىلا ئىشەنچلىك» دېگەندە نېمىشقا يۈزۈڭلار قىزارمايدۇ؟ بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قۇيۇلغان تەلەپنىڭ %100 ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىڭ بېرىشتىڭ ئاۋۇ «دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات» دېگەن كىنىشكىنى؟
     بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى دۆلەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، بىراق خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇش، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېمىتمەسلىك، سۈت چىقماسلىق دېگەندەك ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا سۈت پاراشوكىغا تايىنىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق مەسىلىنى ئەخلاق تەربىيەسى، ئىنسانپەرۋەرلىك تەربىيەسى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
     جۇڭگودىكى نەچچە ئون مىليون ئاتا-ئانىنىڭ ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكىنى، خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ قانچىلىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى مەن دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز.
     دۆلەتنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان، ئىنسان كەچۈرەلمەيدىغان بۇنداق قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك. بوۋاقلارغا زەھەرلىك قولىنى سالغان بەدبەختلەرنى مەڭگۈ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلاش كېرەك.

     مەنبە: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/bowaq.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:44:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەشۇ چەت ناھىيەلەردىمۇ نۇرغۇن بالىلار يېشىغا تەگمەي تۇرۇپ ئوپراتسىيە پىچىقىدا قارنى يېرىلدى.
ھەرقانچە قىلغان بىلەن تىگىدىن ئاز-تۇلا ساپاسى بولمىسا بىكاركەن جۇمۇ ؟
«تېزىنى ياپسا مېزى»دىگەندەك، چاپىقىنى تازىلىسا پوتلىسى ئېقىپ تۇرغان .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىڭلار دەپ تەشەببۇس قىلغان بىلەن ئۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت بەرسە بولىدۇدە ، تۇغۇتتىن كېيىن بارلىق دەم ئېلىشىنى يىغسا 5 ئايغا ئاران ئۇلىشىدۇ ، كۈندە بىر سائەت ۋاقىت بەرگەن بىلەن تۆۋەنلەردە قانداقكىن ، ئىشقىلىپ ئۈرۈمچىنىڭ بۇ قاتناش قىستاڭچىلىقىدا ئۇنچىلىك ۋاقىت بېرىشقا يەتسە كېلىشكە يەتمەيدۇ ، بىچارە بوۋاقلارمۇ 5ئايىدن كېيىن ۋاقىتقا قاراپ،  ئىشىككە تەلمۈرۈپ ئۆگىنىدۇ ، سىڭلىمنىڭمۇ 4 ئاي ۋاقتى توشۇپ قالاي دىگەن ، بىچارىنىڭ بېشىدا غەم ، نەدە قويارمەن ، كىم قاراپ بېرەر دەپ ...ھازىر بىزنىڭ ئىدارىدە ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى نەق بىر يىل ، 4 ئايدىن كېيىنكى مۇئاشىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە كۆتۈرىدۇ ، شۇڭا خىزمەتچىلەرمۇ بوۋاقلىرى  بىر يىل خاتىرجەم چوڭ  قىلۋالىدۇ ، خىزمىتىدىنىمۇ ، ئىقتىساتتىنمۇ غەم قىلمايدۇ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلالايدۇ ،شۇڭا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە - ئورگانلارمۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرسە بولىدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ چوڭ قىزىمغا بۇلماق ئۇنىنى ئۆزۈم تەييارلاپ چوڭ قىلغان، ناھايتى ئاددى، ئۇننى جىمبىلدە ھورداپ پىشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق شېكەر قاتىمىز، بۇنداق بولغاندا بازاردىكى سۈت پاراشۇكلىرىدىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ھەم قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.
لېكىن يۇقۇردا ئانارىم دېگەندەك تۇغۇن دەم ئېلىش توشقاندىن كېيىن بالىنى كىمگە باقتۇرۇش مەسىلىسى ھەممە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بولماقتا.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:07:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى دېگەندەك بۇلماق ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى، يەنە يىلىكمۇ بار. ئانا سۈتى يىتىشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئامال بار سۈت پاراشۇكلىرىنى ئاز بەرگەن ياخشى. ھازىر بەزى خىزمەتچى ئانىلار تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى سۈت پاراشۇكىغا كۆندۈرگەچ تۇراي دەيدۇ، بۇمۇ خاتا ئەمەس. دېمىسىمۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن تەبىئيلا سۈت ئازلاپ، بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ئانار دېگەندەك دۆلەت چوقۇم دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بەرسە توغرا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا خىزمەت ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ، بوۋاقلارمۇ ساغلام يېتىلىپ دۆلەتكە پايدىلىق، ئەقىللىق بالا بولۇپ چىقىدۇ.
   سۈت پاراشۇك ۋەقەسىدىن كېيىن، شۇ ماركىلىقتىن باشقا پاراشۇكلارنى يەنە ئىستېمال قىلىۋاتىمىز. بولسا ئامال بار كالا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۆندۈرەلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:15
بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىڭلار دەپ تەشەببۇس قىلغ ...

سىز دىگەندەك بىر يىل تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىدىغان قايسى ئىدارە ئۇ ؟نىمە دىگەن ياخشى ،بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرگە قاچانمۇ كېلەر شۇ سىياسەتلەر .مەنمۇ 3 ئاي ئارانلا دەم ئېلىپ يەنە خىزمەتكە چىقىپ كەتكەن ،ھازىر كۈندىكى بالا ئېمىتىش ۋاختىدا بېرىپ كېلىپ يۈرۈپ بەك بىلىندى بۇ ۋاقىتنىڭ قىسقىلىغى .

بەخىت - قەلبىڭدە ،يېنىڭدا ،كەلگۈسىگە سىڭدۈر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nafisa يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:26
سىز دىگەندەك بىر يىل تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىدىغان قايسى ...

‹‹ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى›› نەفىسە، مېنىڭچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە- ئورۇنلارنىڭ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن جۇمۇ.

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:46:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ بىر يىل دەم ئالىمەن دىسە، ئالغىلى قويىدۇ، پەقەت، كېيىنكى ئايلاردىكى مائاشىنى تۇتۇپ قالىدۇ. لېكىن، بۇمۇ ياخشى بولدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 04:48 , Processed in 0.044191 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش