ئۇھ. چاقچاققا بېشىمنى تىقىۋېلىپ مونۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىغىنىمنى دەيمىنا. ئارمانجاننىڭ ئالدىدا سەت بولدى دە .
ئەرلەردە بىر گەپ بار. بېسىمنىڭ ئۆزى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ . مەنمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا ھەممە نەرسەمنىڭ بىراقلا تەل بولۇپ كېتىشىنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيمەن. چۈنكى بىرەر نەرسىمىز كەم بولسا، بىزدە شۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن بىر نىشان بولىدۇ ئەمەس. بىرەر قىيىنچىلىقنىڭ ئۆزى بىزنىڭ كاللىمىزنى سەگىتىدىغان بىر سىناق. ئاللاھ ئىگەممۇ بەندىلىرىگە شۇ سىناقنى بىلىپ بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى ھەر بىر كېسەلنىڭ شىپاسىنى قوشۇپ بەرگەندەك، شۇ سىناقلارنىڭمۇ توغرا بىر قانۇنىيەتلىك ھەل بولۇش تەرىپى بولىدۇ.
شۇڭا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا « مەن جاھاندا بىر دەپ» خۇش بولۇپ، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا « بۇ جاھاندا مەنلىمۇ؟» دەپ قاقشاپ كېتىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق. قىيىنچىلىق ياكى بېسىم ئالدىدا قۇرۇق قاقشاشنىڭ چامغۇر شورپىسىچىلىك بىر تەمى بولمىسا كېرەك.
كىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش بولىدىغان ياخشى ھىكايەت ۋە نەسىھەت تېمىسى ئىكەن.
قاتىل بىلوگى دىگەن ئىسىممۇ قالتىس قويۇلۇپتۇ ھە .
قايسى كۈنى كەچلىك بازارغا ئۆيدىكىنى ئېلىپ بارغان. قىزدۇرۇلغان تۇخۇم ئالماقچى بولۇپ قارىساق سېتىپ تۈگەپتۇ. تۈگىگەن بولسا قايتايلى دەپ تۇرساق، سودىگەر كىشى، ساندۇقتىن يىڭى پىشۇرۇلغان تۇخۇملارنى ئېلىپ تىزىپ تۇرۇپ :« كەلسىلە مېھمان، يىڭى پىشقان تەملىك، قاتىل تۇخۇملار چىقتى مانا » دىگەنىدى. ئالدىراپ ئېچىۋالغان ماندارىن ئىچىملىكىنى تاس قالدىم پۈركىۋەتكىلى . دەقىقە ئىچىدە شۇنداق كىچىك ئاپپاق، يۇمشاق تۇخۇمنى قاتىل ئاتالغۇسى بىلەن بىرىكتۈرۈپ بولالماي . . . مۇشۇ كۈنلەردە جىق سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم دىسە.
