يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 734 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 614|ئىنكاس: 5

مۇنداق كۆڭۈل سۆزىنىمۇ ئاڭلاپ قويۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:26:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ  بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ قالدىم، گەرچە ئۆزبەكچە ناخشىلارغا دىگەندەك قىزىقىپ كەتمىسەممۇ ئانچە- مۇنچە ئاڭلاپ قوياتتىم، ئەمما نىمىشقىدۇر بۇ ناخشىنى قايتا- قايتا ئاڭلىدىم، تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ يىغىلىرىنى باشتا ناخشىچىنىڭ كۆزىنىنىڭ كۆرمەس ئىكەنلىكى سەۋەپتىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، لېكىن ناخشىنى توختىماي ئاڭلاش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ يىغىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

بۇ بىر ناخشىلا ئەمەس بەلكى بىر مىيىپ ، كۆزى كۆرمەيدىغان بىر بەندىنىڭ ياراتقان ئاللاھقا ئېيتقان شۈكرىسى ئىكەن. كۆزلىرىمگە ياشلار كەلدى، يورۇقلىقنى كۆرمەيدىغان، كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ ئوخشاشلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان ، خۇددى ئۆزى ناخشىسىدا ئېيتقاندەك ئاي ۋە قۇياشنى كۆرۈشنى ئىستىسىمۇ كۆرەلمەي، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ چىرايىنى، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىنى، يىغىسنى كۆرەلمەي ياشاۋاتقان مىيىپ كىشىنىڭ قەلىب ساداسى مېنى يىغلاتتى، ئۇ قارىغۇ ئەمەس ئىكەن، ئۇنىڭ كۆزى كۆرمىگەن بىلەن قەلىب كۆزى بارلىق نەرسىلەرنى، ياخشىلىقنى، يامانلىقنى كۆرەلەيدىكەن، بۇ كۈنلىرىگە شۈكىرى قىلىشنى بىلىدىكەن، ھاياتلىقتا نىمىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلىقىنى بىلىدىكەن.

مەن ئاڭلاپ چۈشەنگىنىمچە ناخشىدىن بىر ئىككى كۇبلىتنى يېزىپ قويدۇم، داۋامىنى ناخشىدىن ئاڭلىغايسىز، سىزمۇ، مەنمۇ بۈگۈنكىدەك بۇ باياشات كۈنلىرىمىزگە شۈكرى قىلايلى!

ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ياخشى ئىشلارغا شېرىك بولايلىكى، يامانلىقتىن نېرى تۇرايلى!

زۇلمەت ئىچىرە ئۆتەر مېنىڭ كۈنۇ- تۈنۈم،

مەن ھەم سىزدەي كۆرگۈم كېلەر ئاي- قۇياشنى.

لېك تەقدىردىن نالەنمەستىن ياشايمەنكى،

پەرياد سالىپ تاشقا ئۇرماي ئەزىز باشنى.

شۈكرى دېيمەن ئاياق- قولۇم سالامەتتۇر،

گەر نالىسەم بۇ خۇداغا مالامەتتۇر.


مېن بار شۈكرى كۆككە يېتەر بويلارىمىز،

ھەر كۈن تويغا ئۇلانماقتا تويلارىمىز.

تىرىك جاننىڭ رىسقىن بېرەر قادىر خۇدا،

ئەلگە تېنچلىق سورەر گۇۋا تويلارىمىز.


نىمەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى تىلاۋەتتۇر،

گەر نالىسەك بۇ خۇداغا مالامەتتۇر.



Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە دۇئا ئىبادەتنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ، بەزىدە، ئاللاھ بەرگەن شۇنچىۋالا نىمەتلەر تۇرۇپ، يەنە تىلەۋېرىشكە ئادەم خىجىل بوپ قالىدۇ، ئەمما، قانچە تىلىسەك ئاللاھ بىرىدۇ. چۇنكى، ئاللاھ بەگەك، مېھرىبان، شەپقەتلىك. ئەلۋەتتە، دۇئا بىلەن تىلەشنىڭ پەرقى بار .بەزىدە ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ كىشى. مۇھىمى، خاتىرجەملىك، كۈڭۈل ئازادىلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئەۋزەل.

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:10:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام كۆرگەندىم بۇ ناخشىنى ...ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:35:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشىنى قانچە قىتىم ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە يوق . ھەر بىر قىتىم ئاڭلىغىنىمدا شۇنچىلىك تەسىرلىنىمەن.

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم ئۇيغۇرغۇ دەيمەن ،مۇشۇنداق بىر ناخشا ئېيتىدىغان ئادەم بولدىغان دۇتتا چىلىپ سول قولىدا ،شۇ كىشىمۇ بۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
neyime يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:23
بۇ ئادەم ئۇيغۇرغۇ دەيمەن ،مۇشۇنداق بىر ناخشا ئېيتىدىغ ...


ياق نەئىمە، بۇ كىشى ئېنىقلا ئۆزبەك، ئۇ سىز ئېيتقان ئادەم ئەمەس، مەن كىچىك ۋاقىتلىرمىدا  ئاتۇشتا بىر ناخشىچى بولىدىغان گارمۇن چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان، شۇ ئادەمگىمۇ ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتكىلى..........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:53 , Processed in 0.052790 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش