يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 590 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 551|ئىنكاس: 6

ئەڭ يېڭى كۈندىلىك خاتىرە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
196
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.قاتتىقلىق ئىچىدە يۇمشاقلىق، يۇمشاقلىق ئىچىدە قاتتىقلىق. ئەركىچانلىق ئىچىدە ئەركىسىز، ئەركىسىز ئىچىدە ئەركىچانلىق بىلەن تەربىيلەنگەن پەرزەنت ئەدەپ-ئەخلاقلىق، شەرمى-ھايالىق، ئار-نۇمۇسچان، ساپالىق قورۇلمىسى مۇكەممەل بولغان پەرزەنت بولۇپ چىقىدۇ.

2.ئانا تەربىيىسى%99 نى  ئىگەللىسە، مەكتەپ تەربىيىسى %1 نى ئىگەللەيدۇ.

3.جىنىم ئاپا، جىنىم دادا  مىنى تىرىك يىتىم قىلماڭلا بۇلامدۇ-؟ نالە-پەريات پىغانلىق بىلەن يۈرىكىدىكى قاننى ياشقا ئايلاندۇرۇپ يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتقان بالىلار......................

21.4 - ئەسىرنىڭ ھەقىقي شۇئارى تىنىچلىق، تىنىچلىق ئەركىنلىك ئىچىدىكى تىنىچلىق.

5. مۇھەببەتنىڭ سىناقلىرى كۈرمىڭ، سىزنى تاشلىسا سىزمۇ تاشلاڭ، چۈنكى بىر ماشىنا كەتسە يەنە بىر ماشىنا كىلىدۇ.

6. بىلەت ئالماي ماشىنىغا چۈشۈپ مەنزىلىگە يىتىۋىلىش، پىشمىغان ياڭاقنى بالدۇر چىقىپ يىۋىلىش بۇ مەن ئەركەك دىگەنلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. مەسئۇليەتسىزلىك ھامان سىزنى ۋەيران قىلىدۇ.

7. بىز ئىنسانلار بۇ دۇنياغا كەلگەن بىر مېھمان خالاس!  بۇ دۇنيا بىزگە مەڭگۈلۈك ئەمەس.
بۇ يەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى، نىسىۋىسى بار. بىز ھوقوقىمىزغا، يانچۇقىمىزدىكى پۇلىمىزغا تايىنىپ، چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىپ، بۇزۇپ-چېچىپ، تەرەققىياتنى دەپ ئېنىرگىيە تىجىمەي، مۇھىتنى ئاسرىماي بۇلغىساق،  كىسىپ ئېيتالايمەنكى تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچۇرايمىز!
8. يەر شارى ئانىنىڭ باغرى لەختە-لەختە قان بىلەن تولدى. ئۇنىڭ كۆز يىشى بولغان دېڭىز تاشماقتا. ئۇنىڭ ئىلىكى قۇرۇپ تەرتىپسىز ھالەتتە تەۋرىمەكتە. ئۇنىڭ ۋەھشى ئىنسانلانىڭ ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىسى <تەڭرىگە>سۇنۇلۇپ ماقۇللاندى.  (<يەر شارى تەتۈر ساناق باسقۇچى>كەمىنە بۇ ھەقتە مەخسۇس تېما يوللايدۇ.)
9. ئۇيغۇر يىگىتى بولسىڭىز ئۇيغۇر قىزى بىلەن، ئۇيغۇر قىزى بولسىڭىز،ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن ئارلىشىپ چىن مۇھەببەت،  چىن سۆيگۈ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭ، ھەرگىزمۇ بايلىقنى، دۇنيانى دەپ يات مىللەت بىلەن ئارلاشماڭ ۋە  تۇرمۇش قۇرماڭ، مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي!!


10.تۇرمۇش ئالدىدىكى مۇھەببەت خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھىساپ دەرىسلىكىگە ئوخشايدۇ <فورمىلاسىز>. ئەمما تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنكى مۇھەببەت بە ئەينى ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ ماتىماتېكا دەرىسلىكىگە ئوخشايدۇ<فورمىلالىق>.

ئاپتورى:<غ>
2011.08.06-كۈنى مارستا ئولتۇرۇپ يەرشارىنى كۈزىتىپ يېزىلدى.



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:25:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى كۈندىلىك خاتىرىڭىزنىڭ ۋاراقلىرى داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل دۇردانىلەر بىلەن بىزەلگەي!

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق كۈندىلىك خاتىرە يازسسىمۇ بولىدىكەن، ھە يېڭىلىق!

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 4

توردا
62 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
232
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2.ئانا تەربىيىسى 99% بولسا، ئاتا تەربىيىسى ئىناۋەتسىزمۇ ياكى ئاتىلار تەربىيە قىلمىسىمۇ بولىدۇ، دىمەكچىمۇ ؟
كوچىلاپ سوراپ قالدىم، ئەپۇ قىلىڭ. ئەقلىڭىز زىيادە بولسۇن.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
380 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
998

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارىسنىڭ تېمىللىرى باشقىچە دەيمەن، ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ھەم ھوزۇرلاندۇرىدۇ.

بۇ 10تۈرلۈك مەزمۇن ماڭا بەك يارىدى، نەق گەپلەر جايىدا دېيىلىپتۇ. قايسىسىنى نەقىل قىلىشنى بىلەلمدىم

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ئالدىدىكى مۇھەببەت خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھىساپ دەرىسلىكىگە ئوخشايدۇ <فورمىلاسىز>. ئەمما تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنكى مۇھەببەت بە ئەينى ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ ماتىماتېكا دەرىسلىكىگە ئوخشايدۇ<فورمىلالىق>.
مەن فورمىلاغا ئۆچ ، ھەممىنى ئۆزۈمنىڭ شۇ دەقىقىدىكى ھىسياتىمغا سېلىپ تۇرۇپ ئىش كۆرۈشنى خالايتىم

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1724

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3.جىنىم ئاپا، جىنىم دادا  مىنى تىرىك يىتىم قىلماڭلا بۇلامدۇ-؟ نالە-پەريات پىغانلىق بىلەن يۈرىكىدىكى قاننى ياشقا ئايلاندۇرۇپ يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتقان بالىلار......................
---------------------------------------------
مۇنۇ قۇرلارنى ئاتا-ئانا بولۇش سالاھىيىتى يوق مەسئۇلىيەتسىزلەر كۆرسە دەيمەن. ئاتالمىش مۇھەببەت، بىردەملىك قىزغىنلىقلارنى دەپ بالىلىرىنى تىرىك يېتىم قىلغانلارغا لەنەتلەر ئوقۇيمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:22 , Processed in 0.078565 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش