يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1895 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1396|ئىنكاس: 16

(ئاھۇ)يۈرىكىم سۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
444

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرىكىم سۇ

پەشتاقتىن ئاۋايلاپ چىقىۋاتىمەن،
لېفىتنىڭ ئىشىكىدە تۇرغۇم  كەلمىدى
يامغۇردا ھۆل بولغان نەمخۇش چاچلىرىم،
ئورماندۇر ئاھ لېكىن بۆرە كەلمىدى.



سومكامنىڭ بېغىنى چىڭ تۇتقان قولۇم،
ئىسسىق بىر تىترەكنى قالماقتا تۇيۇپ.
ئەتىرگۈل شېخىغا ئوخشايدۇ كۈلەر،
مەن بەلكىم ياشايمەن تىكەنلا يۇلۇپ.



لېۋىمنى بوش چىشلەپ ئالدىممەن نەپەس،
تاملارغا قاراشتىن قوقتۇم ئۆزەمچە.
ئويلۇدۇم كۆزۈڭنىڭ زۇلمەتلىرىنى،
سەھەر ئۇ ھەرگىزمۇ ئەمەستۇر كېچە.



نەچچىنجى قەۋەتكە چىقتىمكىن ھازىر،
كۇنگىردىن ئىللىق نۇر پەشتاققا چۈشتى.
ئۇزۇندىن چاڭ باسقان كىچىك بىر چىراغ،
ئۇھ ،مېنى كۆرۇپلا تۇيۇقسىز ئۆچتى .



جايىمدا نېمە دەپ تۇرۇپ قالدىمكىن،
ساقىدى چېچىمدىن ئاسماننىڭ يېشى.
مەن بايا ئوتلىغان بىر پىيالە چاي،
سوۋىدى ئىشخانىدا بەلكىم شۇ پېتى.



كارىدور شۇقەدەر تىنىچ بەك تىنىچ،
پەشتاقتىن لەيلىگەندەك چىقىۋاتىمەن.
ئەينەككە قارىۋالدىم يەنە بىر قېتىم،
پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىۋاتىمەن.



سەن ئامراق رەڭمۇ ھەي بۇ ئەمەس ئىدى،
قارىدىم ئۇچامدىكى قارا كىيىمگە.
چېچىمنى تۈزەشتۈردۈم تىرنىقىم بىلەن،
قان نەدى يۇقتىكىن قاچان لېۋىمگە؟



يامغۇرنىڭ توختىغۇسى يوقتۇر تېخىچە،
پۇخادىن چىققۇدەك راسا كېرىلدىم.
سەزدىممەن تۈگمەمنىڭ ئۈزۈلگىنىنى،
بىرتال غۇنچىدەك قات-قات يېرىلدىم.



ئىشىكنى ئاچتىڭسەن باغرىڭ بىلەن تەڭ،
كۆزۈمگە سۇس تارتقان سۈرمەم ئىرىدى.
قۇشلارنىڭ ناۋاسى ئۆچتى ئورماندىن،
قاي سەۋەپ ئاھ بۇنى ھېچكىم بىلمىدى.



يۈرىكىم سۇ بولدى قۇرىدى دەريا،
ئالقىنىڭ ئارىسىدا يۈزلىرىم ئاسمان.
نەزىرىم يەردىكى قىلىچتا قالدى،
يالمىدى پەريادىمنى لالىرەڭ تۇمان

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:18:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق بوپتىكەن ئاھۇ خېنىمىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇمىغىلى ، ئاچچىق قەھۋە ، ئاچچىق تەدبىھلەر بىلەن بىللە روھىي دۇنيارىمنى قالايمىقان قىلدىغۇ :Q.....يۈرۈكۈمنىڭ سۇ بولۇشنى خالىمىغۇدەكمەن ئەھۋالدىن قارىغاندا  

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1412 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3529

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:25:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەملەر مۇبارەك ئاھۇ!
ئانىرىم ئېيتقاندەك ئۇزۇن بوپتىكەن شېئىرلىرىڭىزنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى، يوقاپ كەتمىگەيلا!
ئايدار، ئۆتكەن كۈنلەر بىلەن ئانچە - مۇنچە يېزىشىپ تۇرۇڭلار مانداق...

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
783 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1345

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇنىڭ شېئىرلىرىنى سېغىنىپ قالدۇققۇ.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر بەك يارىدى ماڭا، گەرچە ئانچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ. ئاھۇ خانىمنىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باشقىچە خۇش بوپ قالدىم ئۆزەمچە.:victory:

كارىدور شۇقەدەر تىنىچ بەك تىنىچ،
پەشتاقتىن لەيلىگەندەك چىقىۋاتىمەن.
ئەينەككە قارىۋالدىم يەنە بىر قېتىم،
پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىۋاتىمەن.





ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
444

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنغان ئەزىزلەرگە ئاھۇدىن سالام.مۇشۇ ئانارنىڭ غەلۋىسى تۇگىمەيلا ئۆتىدۇ زادى....;P

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:51
سېغىنغان ئەزىزلەرگە ئاھۇدىن سالام.مۇشۇ ئانارنىڭ غەلۋى ...

قانداق قىلىمەن ھەدە غەلۋە قىلماي ، بۆرىلىرىم قاچىمەن دەپ جىدەل قىلىۋاتسا :'(

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
444

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىدىغان تاغلىرى بىلەن ئورمىنىنى بىلىۋالسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟يىغلىمىڭە.....:P

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[b]يۈرىكىم سۇ بولدى قۇرىدى دەريا..................

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:29
قاچىدىغان تاغلىرى بىلەن ئورمىنىنى بىلىۋالسىڭىزلا بول ...

بىلىۋالىمەن دەپ مەن ئېزىپ كېتىپ يۈرمەي يەنە ;Pتېخىمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىپ .......
سىزنىڭ ئىزىڭىزغا چۈشىدىغان گەپمىكىن ، يۈتۈپ كېتىۋاتىسىز پات - پاتلا :@

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:12 , Processed in 0.092640 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش