يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1293|ئىنكاس: 11

جورىڭىزنىڭ بەش خىل تەلىۋىنى قاندۇرۇڭ. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:44:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھتا بوھران پەيدا بولغان ھامان ئەر خۇتۇنلار ئارا  نىكاھتىن ئاۋالقى بىر -بىرىنى جەلىپ قىلىش كۈچى ئۆز رولىنى يوقىتىپ ،ئۇلار سۇ بىلەن ئوتتەك چىقىشالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ .بۇنىڭدا سەۋەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بىر بىرىنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرالماسلىققا مەركەزلىشىدۇ .نىكاھنى ئاخىرىغىچە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەر -خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپ ئەستايىدىللىق بىلەن سەۋەپنى ئىزدەپ تېپىپ ،جورىسىنىڭ قايسى تەلىپىگە سەل قارىغانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىشى كېرەك .ھەر قانداق ئەر خوتۇنلار تۆۋەندىكى بەش خىل ئەڭ مۇھىم ھىسسي تەلىۋىنى قانداق قاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋالسا ھەمرايىنىڭ رەت قىلىپ بولمايدىغان جورىسىغا ئايلىنالايدۇ .
1.مۇھەببەتنى ئىپادىلەڭ :گۈل ،سوۋغات تەقدىم قىلىش ،گەپ -سۆز ۋە ئادەتتىكى مۇراسىم شەكىللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆز مۇھەببىتىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ .
2.مۇڭدىشىپ تۇرۇڭ :ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق -چۈششەك ئىشلاار ،بالىلارنىڭ ئىشى ياكى كەلگۈسى پىلان ھەققىدە مۇڭدىشىپ تۇرۇڭ .
3.ئاڭلىق ،سەمىمىي بولۇڭ :ئىشلىرىڭىزنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرماي ئەينەن خەۋەردار قىلىڭ .
4.ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاڭ:ئەگەر ھەمرايىڭىزنىڭ تاپاۋىتى ئائىلىڭىزنىڭ ئاساسىي چىقىمىنى قامدىيالمىسا،ئۇنى ئۆز كەسپىنى تىرىشىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ .
5.ئائىلىدىكى ۋەدە :يىتەرلىك ۋاقىت ۋە مەنىۋى كۈچ ئاجرىتىپ بالىلارنى تەربىيلەش ئىشلىرىدا ئاكتىپراق بۇلۇپ بالىڭىزغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىڭ ،بالىڭىز بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىپ بالىڭىزنى سىرىتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئائىلە بۇيىچە كۆڭۈللۈك ئايلىنىپ كىرىڭ .
ئەگەر سىز بۇ تەلەپنى قاندۇرمىغان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا يۈز پىرسەنت تىرىشىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ .

              مەنبە :"ئىككى كىشىلىك دۇنيادىكى سىرلار"ناملىق كىتاپ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nafisa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:45  


بەخىت - قەلبىڭدە ،يېنىڭدا ،كەلگۈسىگە سىڭدۈر

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1173

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جورىڭىزنىڭ بەش خىل تەلىۋىنى قاندۇرۇڭ ،دېسە دەرھال كىردىم. ئەمەلىيەتتىغۇ چوڭ تەلەپمۇ ئەمەسكەن، ئەمما يەنىلا توڭلاپ كېتىۋاتىمەن...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىدا ئېيتىلغان بۇ بەش تۈرلۈك تەلەپلەرغۇ دىمەككە ناھايىتى ئاسان ھەم ئادەتتىكى ھىسسىي تەلەپلەر بولسىمۇ ئەمما ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ ئەمىلىيىتىدە كۆرسىتىپ ھەمرايىنىڭ خوشاللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس .مەن بۇ تىمىنى ئوقىغاندىن كېيىن يۇقارقى تەلەپلەرنى دائىملاشتۇرۇپ ،ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايچۇ دىگەن خىيالغا كەپ قالدىم .بولسا ھەممىمىز دائىملاشتۇرساق چۇقۇم ئويلىمىغان خوشاللىققا ئېرىشەلەيمىز .

Rank: 1

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكىدەك تۇمۇز ئىسسىقتا قەھۋە خانىمنىڭ توڭلاپ كېتىۋاتقىنى نىمە گەپ ئەمدى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى خوش قىلسا ئۆزىمۇ خوش بولىدۇ ئەلۋەتتە ...لېكىن مەنمۇ توڭلاۋاتىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:38:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات ھېچكىمگە قانائەتلەنگىدەك جاۋاپ بەرگەن ئەمەس، مۇھەببەتمۇ ھەم شۇنداق.....بىراق بەل قويىۋېتىشكە بولمايدۇ...
پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن.، ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawriza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:42  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.مۇھەببەتنى ئىپادىلەڭ :گۈل ،سوۋغات تەقدىم قىلىش ،گەپ -سۆز ۋە ئادەتتىكى مۇراسىم شەكىللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆز مۇھەببىتىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ .

گۈلنى مەن قىسمەتكە سوۋغا قىلامدىم ياكى قىسمەت ماڭا سوۋغا قىلامدۇ؟  نەفىسە مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئېنىق چۈشەنچە بېرۋەتمىسىڭىز بولمىدى، مەنمۇ توڭلاپ كېتىۋاتىمەن

2-5- سىنى قىسمەتكىلا يېزىپسىز ھە ، كۈندە ئاۋازلىق ئوقۇپ بېشىنى ئاغىرتىۋەتتىم

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1173

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەلەپلەرنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتمىز بولمىسا، نېمە بولۇۋاتىدىكىن بۇ كۈندىكى جورىلار...توڭلاپلا يۈرىۋاتىمەنغۇ تاڭ:   L

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا گۈل سوۋغا قىلماس بولۋالدى دىسە ........... گەپ قىلسام تۇتۇپ بولغان بىلىققا يەمچۇك تاشلىغاننى كۆرگەنما دەۋاتىدۇ

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
esil يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:05
ماڭا گۈل سوۋغا قىلماس بولۋالدى دىسە ........... گەپ قىلسام ت ...

راست دەپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 04:33 , Processed in 0.053967 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش