كەل جېنىم
كەل جېنىم ،
يامغۇر سۈيىگە يېشىمنى قوشۇپ
چاي دەملىدىم .
كەل جېنىم ،
قالغاچمۇ كەلدى .
ئەتە -ئۆگۈن
چېچەكلەر غورا بولاي دەيدۇ،
توپىلار لاي بولاي دەيدۇ ،
تالمۇ يىغلاپ
سانجاق-سانجاق نۇر بولاي دەيدۇ .
كەل جېنىم ،
تولۇن ئايدەك پىيالەم
لىغىرلايدۇ قولۇمدا .
مەن كۆيىمەن بىمالال
سەن بولغاچقا جېنىمدا.
كەل جېنىم،
شامال چىقسا
يەردىكى چېچەكلەر نى تەرمەيدۇ ھىچكىم ،
سەنمۇ مېنى سېغىندىڭ بەلكىم.....
يەر يۇمشىدى سېنىڭ كۆڭلۈڭدەك ،
پىژ-پىژ قىلىپ كۆيمەكتە ئاپتاپ .
ئېتىزلىقىم بولغان بولسىدى ،
كۆك تىرەتتىم ساڭىلا ئاتاپ .
كەل جېنىم ،
گۈللۈرۈممۇ شۇنچە خۇشپۇراق ،
ئاسمىنىڭدا لەيلەيدۇ پىراق .
شامالنىڭ ئىرىمۇ كۈنلەمچى ئىمىش ،
گۈللەر
دەرەخلەر
يىگىتلەر
كېرىلگەچكە ئۇنىڭغا قاراپ .
لېكىن، مەن ـ
كۈنلىمىدىم سېنى شامالدىن .
كەچۈر مېنىڭ ساراڭلىقىمنى ،
چاچلىرىمنى يەلپۈگەن پېتى
سۆيۈپ ئۆتسۇن سېنىڭ يۈزۈڭنى...
كەل جېنىم ،
ئوت قالىدىم .
نان جىگدىسى كۆمۈپ بىرىمەن،
قوقاس ئىچىدىن
ئۆز قولۇمدا
پۈۋلەپ تۇرۇپ ئېلىپ بىرىمەن!
ئۈگرە ئىتىپ بەرگۈم بولسىمۇ ،
گۈرۈچتەك قايناپ كۈلگۈم بولسىمۇ ،
جىگدە ئوتۇنىدەك كۆيگۈم بولسىمۇ...
يول ئارىسى يۈرەكنى ئىزەر ،
دەردىمىزنى بىر ئاللاھ سىزەر .
كەل جېنىم....