يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2384|نەقىل: 24

ئەخلەت تۈكۈش نۇمۇسلۇق ئىشمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دوستلار، سىلەردىن سوراپ باقسام، ئەخلەت تۈكۈش نۇمۇسلۇق ئىشمۇ ؟
  مىنىڭ مۇنداق سورىشىمدىكى سەۋەب،بىزنىڭ بىنادا، بىر دوم، ئوخشاش قەۋەتتە، 4 ئائىلىك ئولتۇرىمىز، بىزگە يېقىنلا يان قوشنىمىز بار، ھازىرغىچە ئىسمىنىمۇ بىلمەيمىز، ئۇلارمۇ بىزنى سورىمايدۇ، بىزمۇ يېقىن ئۈتۈپ بولالمىدۇق، دائىم ئەخلەتلىرىنى ئىشىك ئالدىغا دۆۋىلەپ قويىدۇ، بەزىدە بىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا دۆۋىلەپ قويىدۇ، بەزىدە پەلەمپەينىڭ قېشىغىلا قۇيۇپ قويىدۇ، بەزىدە، ئىككى قەۋەت ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىققا قۇيۇپ قويىدۇ، بىزنىڭ دومنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق بولغاچقا، مۈشۈكلەر چىقىپ كىرىپ تۇرىدۇ، مۈشۈكلەر بۇ ئەخلەتلەرنى چېچىپ، ئىچىدىكى سۈڭەكلەرنى ۋە يەيدىغان يىمەكلىكلەرنى يەيمىز دەپ ، ئەخلەتلەرنى چېچىپ، بىر قىلىۋېتىدۇ. ئىشقىلىپ، بىزغۇ ئەخلەتنى ئاساسەن كېچە بۇلۇپ كەتسىمۇ ، ئاچىقىپ تاشلىۋېتىمىز، ياكى ئىشىكنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئەتىسى ئىشقا ماڭغاچ تۈكىۋېتىمىز. ئۇ خوشنىمىزغا شۇنداق گەپ قىلىش نىيىتىمىز بولسىمۇ، بەزىدە، خوشنىلار ئارا ئىناقلىققا تەسىر يىتىپ قالامدىكىن گەپ قىلغۇمىز كەلمەيدۇ، ئاڭلىسام، بىر چاغدا، مۇشۇ ئەخلەت توغرىلىق تازىلىق قىلىدىغانلار پىكىر قىپتىكەن، ئەر خوشنىمىز، بەك سەت گەپلەرنى قىپتۇ، شۇندىن بىرى، ئۇ خوشنىمىزدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق، بەزىدە يۇرتتىن مىېۋە -چىۋە ئەۋەتسە، قالدى ئىككى خوشنىمىزغا بىرەر ئىككى تەخسىدىن بىرىمەن، ئەمما، ئۇ خوشنىمىزغا بىرەي دىسەكمۇ، ئەھۋال ئەنە شۇنداق، بەرمەيلى دىسەك، ھەدىستە، ئەڭ يېقىن خوشناڭغا بەكرەك ياخشىلىق  قىل، دىگەن گەپ بار ئىكەن، ئۇ بىزنىڭ ئىشىك تۈۋىدىلا، ئىككى ئىشىكنىڭ ئارىلىقى باشقا خوشنىلارغا قارىغاندا ئەڭ يېقىن، شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداق قىلسام بولار دەپ، بەزىدە چىشىمنى چىشلەپ ئاچىقىپ بىرىمەن، بىر قېتىم ئاچىقسام، رەھمەتمۇ يوق، ئىككىنچى قېتىم ئاچىقسام، ئىشىكنى ئاچمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قەۋەتتىكى تۇل چوڭ ئاپاشقا ئاچىقىپ بەردىم.
     تۇللۇقسىزدىكى چاغلاردا، بىزنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز قىزبالا ئىدى، ئۇ ئوغۇللارنى باشقا ئىشقا سالسىمۇ، ئوغۇل بالا ئەخلەت تۆكسە بولمايدۇ، دەپ، ئەخلەتنى بىزگە تۆككۈزمەيدىغان، جىق ئەخلەت بولسىمۇ، ئۆزى تۈكەتتى.  مەن ئويلايمەن، ئەخلەت تۈكۈش نۇمۇسلۇق ئىش ئەمەس، ئۇنى خوشنىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا دۈۋىلەپ قويۇش تېخىمۇ توغرا ئەمەس، سىلەرچە ،ئەخلەت تۈكۈش نۇمۇس قىلىدىغان ئىشمۇ ؟

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 19:45:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپا مەسىلىسى باردە بۇ يەردە...
تامغا خەت چاپلاڭ، ئۇ خوشنىڭىز كۆرەلىگۈدەك ئورۇنغا، قوش تىلدا تازا
بىنانىڭ پاكىزە مۇھىتى ئۈچۈن مەدەنىيەتلىك كىشى بولسىڭىز ئەخلەتنى ئەخلەتخانىغا تاشلاڭ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ دائىملا ئۇدۇل خوشنامنىڭ پەلەمپەينىڭ ماڭىدىغان يېرىگە سۈيلىرىنى ئېقىتىپ قويغان ئەخلەتلىرىنى تولا تۆكۈپ ھېرىپ قالدىم، ئالدىراشمىكىن دېسەم خىزمەت قىلمايدۇ، ئۆيدە بىكارچى بولمىسا:L

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بىنادىكىلەرمۇ ۋەھشىي ھورۇن جۇمۇ ...ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ لېفىتقا ياكى لېفىتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويىدۇ :Q

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەخلەتنى چىقارغۇچە نۇمۇس قىلماس بۇ خەق، ھېلىمۇ بىنا ئۆينىڭ تۆۋىنىدىلا قاتار ئەخلەت ساندۇق
مېنىڭ ئاستىمدىكى بىر خوشنام دائىملا ماڭىدىغان يەرگىلا ئەخلەتنى قويۇپ قويدۇ، يازنىڭ كۈنى تاۋۇز، قوغۇنىڭ شاپاقلىرى، ئۇنىڭ سۈيى پەلەمپەي بويلاپ ئېقىپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئەتىراپىغا چىۋىنلەر يىغىلىپ قىزغىن بەزمىگە چۈشكەن، تېخى نەچچە كۈن تاشلىماي پۇراقلار زالنى بىر ئالىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي، بۇنداق گەپلەرنى دەپ كېلىدىغان بولساق، غەيۋەت سورۇنى بولىدۇ بۇ يە. مېنىڭمۇ بەك ئىچىم قاينايدۇ. ئاپاملارنىڭ ئۇدۇل خوشنىسى تولا جاپا سېلىپ، بىز ئۇلارنىڭ ئەخلىتىنى تولا تۆكۈپ ھېرىپن كېتىمىز. ھېلى يۇيۇپ قويساق، ھېلى ئەخلەت تاشلاپ ماڭىدۇ. ياش تېخى ئۇلار، خۇدا ساپا دېگەن شۇنچىلىكلا. دادام ئۇلارنىڭ ئەخلىتىنى ئېلىپ ماڭسا ئاچچىقىم كېلىپ كارىدوردىلا قاينايمەن، ئاپام ئارىلاشماڭ، ئۆزەم گەپ قىلىمەن، دەپ تازا گەپ قىلغاندىن بېرى خېلى دېققەت قىلىدىغان بولدى. رەتسىز، مەينەت كىشىلەردىن خۇدا ساقلىسۇن!
  مېنىڭ ئۇدۇل خوشنام قەدىرلىك ساقچى يولداشمۇ كۈندىلا 大包小包 ئەخلەت ئەپچىقىپ قۇياپ قويىدۇ، ئىچىم قايناپ ئىشىكىنى چېكىپلا دەيمەن، ما خەقنىڭ ئەخلىتىنى تۆكۈشكە رايى بارمايدىكەن كىشىنىڭ.
  بىرەر-ئىككى قېتىم ئۆتكىدەك سۆزلەپ قويسىڭىز خىجىل بولارمىكىن تاڭ ئاشۇنداقلار.

ئاللا، ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە غەيۋەت قىلىپ كەتتىممۇ ئەمدى:L.....

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توۋۋا ، ئەخلەت تۆكمەيدىغانلار ھەممىلا يەردە بارمۇ نىمە ؟ تېخى بىر خەن خوشنىمىز كۈچۈك بېقىپ ، كارىدورنىڭ ھەممە يېرىنى كۈچۈكنىڭ چوڭ تەرىتى بىلەن توشقۇزىۋېتەي دەپ قالدى . ئاھالىلار كومىتىتىدىكى مەھەللىمىزگە مەسئول خادىمغا دىگەنتۇق . يەنىلا ئوخشاش . يەر ئاستى ئۆينىڭ كارىدورىمۇ ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قالاي دىدى . بىر تەتەي خوشنىمىز دائىم ئەخلەت قەغەزلەرنى كارىدورغا توپلايدۇ . يا تازىلاپ قويمايدۇ . نەچچە قېتىم «قەغەزلىرىڭنى باشقا يەرگە قوي ، ئوت كىتىپ قالمىسۇن » دىسەكمۇ يەنىلا ئوخشاش . بەزىدە تېخى ھاجەتخانىدەك سېسىق پۇراق چىقىدىغان بۇلۇپ قالدى . 1- قەۋەتتىكىلەر قانداق قىلىۋاتىدىكىنتاڭ بۇ پۇراقتا . مەن نەچچە قېتىم تازىلاپمۇ زىرىكتىم .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۆكۈپ قويىمەن ئەخلەت دىگەننى ..
ئۆيدىن چىقساملا قولۇمدا بار خالتا ئىشقىپ ...

باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئوخشاش دەردى بارلار خېلى بار ئوخشايمىز.
بىزمۇ تولا تۈكۈپ ھېرىپ قالدۇق بۇ خوشنىمىزنىڭ ئەخلىتىنى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7YIGIT يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:22
مەن تۆكۈپ قويىمەن ئەخلەت دىگەننى ..
ئۆيدىن چىقساملا قول ...

ھى ھى ھى ھى ھى يەتتە يىگىتنىڭ خالتا كۆتۈرۈپ غۇدۇراپ تۇرۇپ ماڭغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى ;P

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:39 , Processed in 0.052905 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش