يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 433 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 590|ئىنكاس: 14

يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
628 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
112

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىسمەت، كۆلتېكىن ئورتاق يازمىسى


    1-تاغ: ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى
    جۇڭگودا ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەپ، كىشىلەرنىڭ بېشى قاتىدىغان، ھەر ساھە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ پۈتۈن جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولۇپ، ئولتۇراق ئۆي يىلدىن-يىلغا ھەسسىلەپ سېلىنسىمۇ يەنىلا نېمە ئۈچۈن باھا شۇنچە ئۆرە بولىدۇ؟ بۇرۇن بىنا ئۆي ئاز چاغلاردا باھاسى ئەرزان ئىدى، ھازىر سېلىنغان ئۆي كۆپىيىۋىدى، باھا ئوڭ تاناسىپ بىلەن ئۆرلەپ كەتتى، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ بەزىلەر نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئېشىپ، ئۆي سېتىۋالىدىغانلار كۆپىيىپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى دەپ چۈشەندۈردى.
    ئادەتتە شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۆينىڭ باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىلدۇقكى، پايتەخت بېيجىڭدا ئولتۇراق ئۆينىڭ ھەر بىر كىۋادرات مېتىرنىڭ باھاسى 22 مىڭ سومدىن ئېشىپ كەتتى. 100 كىۋادرات ئۆينىڭ باھاسى 2 مىليون 200 يۈەن بولسا، ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەجەبا پايتەختىكىلەر شۇنچە بېيىپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ مائاش سەۋىيىسى شۇنچە يۇقىرىمۇ؟بىر بىنانىڭ پۈتۈپ چىقىش تەننەرقى راستىنلا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىمۇ؟
    مەركەز ماكرولوق تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، بۇ خىل ھالەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمىدى. كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى پەقەتلا ماس كەلمىدى. بۇ مەسىلە كىرزىس ھالىتىگە بېرىپ قالدى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
    ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلاردىمۇ ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، نورمال كىرىملىق بىر كىشىنىڭ 10 يىل يېمەي-ئىچمەي يىغقان پۇلىغا بىر ئۆي كەلمەيدىغان ھالەتكە يەتتى. بۇ بىر نورمالىسزلىق بۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ غەم -ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى.

    2-تاغ: داۋالىنىش مەسىلىسى

    داۋالىنىش تەس ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە ئەڭ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى ئېغىر دەرىجىدە قاتۇردى. قانچە ئىسلاھ قىلسىمۇ بۇ مەسىلە تۈپتىن ھەل بولمىدى. دورا-ئوكۇلنىڭ باھاسى ۋە تەكشۈرۈش ھەققى قىممەتلىشىپ، ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ (ئاتالمىش ئاجىز ئامما) داۋالىنالماسلىقتەك ئېغىر مەسىلە كېلىپ چىقتى، خەلقنىڭ ھاياتى دۇچ كەلگەندە چارىسىز قالدى. زادى نېمە ئۈچۈن داۋالىنىش شۇنچە قىممەت بولىدۇ؟ تەرەققىي قىلىمىز دەپ داۋالىنالمايدىغان ئىش بولسا، نېمە قىلىدۇ تەرەققى قىلىمىز دەپ؟ مانا مۇشۇنداق نارازىلىق كەيپىيات كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، ھەممە كىشى مەسىلىنىڭ نېگىزى نەدە دەپ ئويلىنىشقا باشلىدى.

    3-تاغ: ئالىي مەكتەكتە ئوقۇش مەسىلىسى

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىراجىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئۆسۈش سەۋىيىسى ئالدىنقى ئىككى تۈردىن ئانچە قېلىشمايدۇ.
    ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن ھېسابلىغاندىمۇ بەش مىڭ يۈەندىن كەم ئەمەس. بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، تەتىلدە ئۆيگە بېرىش، كېلىش ۋە ئۇششاق چىقىملارنى قوشۇپ ھېسابلىساق، ئاتا-ئانىنىڭ بىر بالىنى ئوقۇتىدىغان يىللىق چىقىمى 12-15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بالىنى تۆت يىل ئوقۇتتى دېسەك، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش چىقىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 48-60 مىڭ يۈەن بولىدۇ دېگەن گەپ.
    بالا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن مۇقىم بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ بولغىچە، بىر يىل بىكار يۈردى دەپ تۇرايلى. بۇ بىر يىلدا ئەڭ بولمىغاندا 10 مىڭ يۈەن قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ.
    بالىنىڭ بىكار يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن «بالام يامان يولغا كىرىپ قالمىسا بولاتتى» دەپ ئىچى پۇشقان ئاتا-ئانا بالىسىغا ئايلىقى 700-800 يۈەندىن بولسىمۇ ئىش تېپىپ بېرىدۇ. ئەپسۇس بۇ پۇل بالىنىڭ ئۆز خىراجىتىگە يېتىشى ناتايىن. ئاتا-ئانا يەنە قاراپ تۇرالمايدۇ.
    بالا بىرەر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، «بالام دۆلەتنىڭ كادىرى بولۇپ قالسۇن» دەپ ئويلىغان ئاتا-ئانا يول ماڭىدۇ. دۆلەت ياسىغان يولدا بىكارغا ماڭغان بىلەن، ئاۋۇ يولدا بىكارغا ماڭغىلى بولمايدۇ.
    ھېسابلاپ بېقىڭ، ھەرگىز 100 مىڭ يۈەندىن كەم چىقمايدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي: رايونىمىزدا بەزى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا قايسى ئاتا-ئانىنىڭ نەق 100 مىڭ يۈەن پۇلى بار؟

    خۇلاسە

    بۇ ئۈچ چوڭ مەسىىلىنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزسەك، كىشىلەرنىڭ غەم ئەندىشىسىنىڭ، جاپاسىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. (خوتۇن ئالىدىغان، ئەرگە تېگىدىغان چىقىمنى ئويلاشساق، چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ تېخى)
    كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرنىڭ ئۆسۈش سەۋىيىسى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ، بۇ ئۈچىدىن باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋىلىش كۈچىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ، باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى.
    كونا جۇڭگودا «ئۈچ چوڭ تاغ» دېگىنى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمنى كۆرسىتەتتى. خەلق ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئۈچ چوڭ تاغنىڭ باشقىچە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىزنى ئويغا سالماسمۇ؟
    خوش، مۇلاھىزە سىزگە قالدى…

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/uch_chong_tagh.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:47:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ قايسى كىتاپتىلىقى ئېسىمدە يوق ئىشقىلىپ مۇنداق بىر ماقالە ئېسىمگە كەپ قالدى:
ئۆي ئالايمۇ، ئۆيلىنەيمۇ ياكى ئۆلۋالايمۇ ؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xakilat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:48  


Rank: 8Rank: 8

توردا
448 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
784

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن داۋالىنىش قاتتىق مەسىلىمىكىن دەيمەن.

جىق ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتىمەن. كىتاب ئوقۇۋاتىمەن.....ئىشلار يامان ئەمەس!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
636 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
4
يازما
2018

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:12
ھەممىدىن داۋالىنىش قاتتىق مەسىلىمىكىن دەيمەن.

ھازىر تېخى بۇرۇنقىدىن جىق ياخشى ئاداش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئاھالىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۆۋەن كاپالەتلىكلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ھەمكارلىق داۋالاش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار پۇقرالارغا ئاز بولسىمۇ نەپ يەكتۈزۋاتىدۇ، ئازراق بولسىمۇ ئاچقان يېرىگە بېرىۋاتىدۇ، ئەمما داۋالاش راسخوتىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى يەنىلا پۇقرالارنى ھالسىرتىۋاتقان مۇھىم مەسىلە، مەسىلەن ئەڭ ئاددىي بىر كېسەل بىلەن بالنىستا ياتسىڭىز تونۇش بىلىش يوق ئەھۋالدا ئاز دېگەندىمۇ 4000-5000 ئەتتىراپىدا خەجلەيسىز.
ئېسىمدە قېلىشىچە كونا لىنىيە مۇنبىرىدە قايسى بىر زۇڭلىغا‹‹ گېپىڭىز بارمۇ ؟ ›› دەپ بىر تور ئادرىسىنى يوللاپتىكەن، مەن شۇ ئادىرىسقا كىرىپ مۇشۇ داۋالاش راسخوتى توغۇرلۇق سۆز قالدۇرغان، گەرچە مەندەك بىر ئاددى ئىنساننىڭ بۇ سۆزى ئۇ رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىگە ئېلىنمىسىمۇ، مەن ئۆزۈم كۆرگەنلىرىم ۋە بىلگەنلىرىم ئاساسىدا شۇنداق بىر ئويغا كەلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا مەركىزىي تېلۋېزىيە ئىستاسسىنىڭ بىر قانىلىدا مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىشكە نومۇر ئېلىش ئۈچۈنلا نەچچە ئاي نۆۋەت كۈتۈپ ئاشۇ دوختۇرخانا قورۇسى ئىچىدە يامغۇر كۈنلىرىدىمۇ يەردە يېتىۋاتقان ئاتا- ئانىلارنى كۆرسەتتى ۋە قانداق قىلغاندا مانا مۇشۇنداق قىينچىلىقلارنى ئاسانلاشتۇرغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىدە بىر نەچچە مۇتەخەسسىلەر پىكىر يۈرگۈزدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
448 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
784

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 07:40:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭدا كىسەل كۆرسىتىش، ياتاققا كىرىش دىگەنلەر بەسى مۈشكۈل ئىدى. ھازىر ياخشىلىنىپ قالغانمىدۇ؟

جىق ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتىمەن. كىتاب ئوقۇۋاتىمەن.....ئىشلار يامان ئەمەس!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
636 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
4
يازما
2018

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 07:40
بېيجىڭدا كىسەل كۆرسىتىش، ياتاققا كىرىش دىگەنلەر بەسى  ...


ئالدىنقى قېتىم بىر گېزىتتە قايسى بىر شەھەر باشلىقى بېڭجىڭدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا يالغاندىن بىمار بولۇپ كېسەل كۆرسىتىش جەريانىدىكى رەسمىيەتلەرنىڭ تولىمۇ كۆپلىكىنى، پەقەت نومۇر ئېلىش ئۈچۈنلا ئۈچ سائەت تۇرغانلىقى، تېخى دوختۇرغا كۆرسۈتىشكە ئۆچرەت كەلمەي تۇرۇپلا چۈشلىك دەم ئېلىش بولۇپ كەتكەنلىكى توغۇرسىدا بىر ماقالە كۆرگەن ئىدىم، كېيىن مۇشۇ توغۇرلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىدىكەن دەۋاتقان، بىز ئادەتتىكى بىر پۇقرا بولغاندىن كېيىن پەقەت ئۆز ئائىلە ۋە خىزمەت ئورنىمىزدىكى ئىشلارنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپلا ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز، قالغان ئىشلارنى قىزىل ھۆججەت چۈشۈپ بىزگە ئەتتىگەنلىك يىغىنلاردا ئۇقتۇرسىلا ياكى بىرەر چوڭ يىغىن ئۆگىنىشلەردە ئۇقتۇرسا بىلىدىكەنمىز بولمىسا يۈرىۋېرىدىكەنمىز.
بولسا مۇشۇ دوختۇرخانىسىكى سودا تۈسىنى ئالغان بەزىبىر قائىدە- تۈزۈملەر يوق قىلىنسا، دوختۇر- سېستىرالار خەلىق قەلبىدىن ئاق خالاتلىق قاراقچى› سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ‹ ئاق خالاتلىق پەرىشتە› سۈپىتىدە ئورۇن ئالسا .
باشقا ساھەلەردىكى ئايلىق ۋەزىپە دوختۇرخانىلاردا بولمىسا، كېسەلنى تېگىشلىك تەكشۈرۈشنى قىلىپ، كېرەكلىك ئوكۇل- دورىلار بىلەن داۋالىسا، ئارتۇقچە چىقىم بولمىسا مېنىڭچە كېسەل كۆرسىتىش، ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىش، پۇل يوقتى دەپ كىچىككىنە كېسەلنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرسىتەلمەي ئاخخرىدا يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدەك ئېچىنىشلىق ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتىى...

Rank: 3Rank: 3

توردا
57 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
182
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياشاي سەن ئۆل،مەن تۇراي سەن يوقال.مانا بۇ 21-ئەسىرنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇننىيەتلىك فورمىلاسى!

Rank: 8Rank: 8

توردا
448 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
784

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن يەنىلا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىشى ھېچ بولمىغاندا تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

جىق ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتىمەن. كىتاب ئوقۇۋاتىمەن.....ئىشلار يامان ئەمەس!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
210 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى يېڭى ئۈچ تاغ بايقالغان بولسا ئولاش چولاش ئويناپ كەلمەمتۇق دەپ قىسمەتكە جىدەل قىلغىلى كىرىپتىكەنمەن
ئەفسۇس ..............قۇربىم يەتمەس  تاغلاركەن ، يىراقلاردىن نەزەر سېلىپ قوياي

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
636 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
4
يازما
2018

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 10:19:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:30
مەن تېخى يېڭى ئۈچ تاغ بايقالغان بولسا ئولاش چولاش ئوين ...


قۇربىڭىز يەتمەيدۇ، ئەمەس سىز چوڭ ئىككى تاغنى ئۆرۈپ بولغان  
ئۆي دېسە ئۆي بار، تېخى ئىككى يۈرۈش،  داۋالاش ھەققىگە كەلسەك سىز ئانچە كۆپ قىينالمايلا خاتىرجەم يېتىپ داۋالىنالايسىز، يائاللا داۋالىنىسىز دېسەملا سىزنىڭ ھېلىقى ھوشسسىز ھالىتىڭىز كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ دېسە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:15 , Processed in 0.047932 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش