قىسمەت، كۆلتېكىن ئورتاق يازمىسى
1-تاغ: ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى
جۇڭگودا ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەپ، كىشىلەرنىڭ بېشى قاتىدىغان، ھەر ساھە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ پۈتۈن جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولۇپ، ئولتۇراق ئۆي يىلدىن-يىلغا ھەسسىلەپ سېلىنسىمۇ يەنىلا نېمە ئۈچۈن باھا شۇنچە ئۆرە بولىدۇ؟ بۇرۇن بىنا ئۆي ئاز چاغلاردا باھاسى ئەرزان ئىدى، ھازىر سېلىنغان ئۆي كۆپىيىۋىدى، باھا ئوڭ تاناسىپ بىلەن ئۆرلەپ كەتتى، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ بەزىلەر نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئېشىپ، ئۆي سېتىۋالىدىغانلار كۆپىيىپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى دەپ چۈشەندۈردى.
ئادەتتە شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۆينىڭ باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىلدۇقكى، پايتەخت بېيجىڭدا ئولتۇراق ئۆينىڭ ھەر بىر كىۋادرات مېتىرنىڭ باھاسى 22 مىڭ سومدىن ئېشىپ كەتتى. 100 كىۋادرات ئۆينىڭ باھاسى 2 مىليون 200 يۈەن بولسا، ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەجەبا پايتەختىكىلەر شۇنچە بېيىپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ مائاش سەۋىيىسى شۇنچە يۇقىرىمۇ؟بىر بىنانىڭ پۈتۈپ چىقىش تەننەرقى راستىنلا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىمۇ؟
مەركەز ماكرولوق تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، بۇ خىل ھالەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمىدى. كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى پەقەتلا ماس كەلمىدى. بۇ مەسىلە كىرزىس ھالىتىگە بېرىپ قالدى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلاردىمۇ ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، نورمال كىرىملىق بىر كىشىنىڭ 10 يىل يېمەي-ئىچمەي يىغقان پۇلىغا بىر ئۆي كەلمەيدىغان ھالەتكە يەتتى. بۇ بىر نورمالىسزلىق بۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ غەم -ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى.
2-تاغ: داۋالىنىش مەسىلىسى
داۋالىنىش تەس ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە ئەڭ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى ئېغىر دەرىجىدە قاتۇردى. قانچە ئىسلاھ قىلسىمۇ بۇ مەسىلە تۈپتىن ھەل بولمىدى. دورا-ئوكۇلنىڭ باھاسى ۋە تەكشۈرۈش ھەققى قىممەتلىشىپ، ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ (ئاتالمىش ئاجىز ئامما) داۋالىنالماسلىقتەك ئېغىر مەسىلە كېلىپ چىقتى، خەلقنىڭ ھاياتى دۇچ كەلگەندە چارىسىز قالدى. زادى نېمە ئۈچۈن داۋالىنىش شۇنچە قىممەت بولىدۇ؟ تەرەققىي قىلىمىز دەپ داۋالىنالمايدىغان ئىش بولسا، نېمە قىلىدۇ تەرەققى قىلىمىز دەپ؟ مانا مۇشۇنداق نارازىلىق كەيپىيات كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، ھەممە كىشى مەسىلىنىڭ نېگىزى نەدە دەپ ئويلىنىشقا باشلىدى.
3-تاغ: ئالىي مەكتەكتە ئوقۇش مەسىلىسى
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىراجىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئۆسۈش سەۋىيىسى ئالدىنقى ئىككى تۈردىن ئانچە قېلىشمايدۇ.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن ھېسابلىغاندىمۇ بەش مىڭ يۈەندىن كەم ئەمەس. بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، تەتىلدە ئۆيگە بېرىش، كېلىش ۋە ئۇششاق چىقىملارنى قوشۇپ ھېسابلىساق، ئاتا-ئانىنىڭ بىر بالىنى ئوقۇتىدىغان يىللىق چىقىمى 12-15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بالىنى تۆت يىل ئوقۇتتى دېسەك، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش چىقىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 48-60 مىڭ يۈەن بولىدۇ دېگەن گەپ.
بالا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن مۇقىم بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ بولغىچە، بىر يىل بىكار يۈردى دەپ تۇرايلى. بۇ بىر يىلدا ئەڭ بولمىغاندا 10 مىڭ يۈەن قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ.
بالىنىڭ بىكار يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن «بالام يامان يولغا كىرىپ قالمىسا بولاتتى» دەپ ئىچى پۇشقان ئاتا-ئانا بالىسىغا ئايلىقى 700-800 يۈەندىن بولسىمۇ ئىش تېپىپ بېرىدۇ. ئەپسۇس بۇ پۇل بالىنىڭ ئۆز خىراجىتىگە يېتىشى ناتايىن. ئاتا-ئانا يەنە قاراپ تۇرالمايدۇ.
بالا بىرەر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، «بالام دۆلەتنىڭ كادىرى بولۇپ قالسۇن» دەپ ئويلىغان ئاتا-ئانا يول ماڭىدۇ. دۆلەت ياسىغان يولدا بىكارغا ماڭغان بىلەن، ئاۋۇ يولدا بىكارغا ماڭغىلى بولمايدۇ.
ھېسابلاپ بېقىڭ، ھەرگىز 100 مىڭ يۈەندىن كەم چىقمايدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي: رايونىمىزدا بەزى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا قايسى ئاتا-ئانىنىڭ نەق 100 مىڭ يۈەن پۇلى بار؟
خۇلاسە
بۇ ئۈچ چوڭ مەسىىلىنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزسەك، كىشىلەرنىڭ غەم ئەندىشىسىنىڭ، جاپاسىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. (خوتۇن ئالىدىغان، ئەرگە تېگىدىغان چىقىمنى ئويلاشساق، چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ تېخى)
كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرنىڭ ئۆسۈش سەۋىيىسى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ، بۇ ئۈچىدىن باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋىلىش كۈچىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ، باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى.
كونا جۇڭگودا «ئۈچ چوڭ تاغ» دېگىنى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمنى كۆرسىتەتتى. خەلق ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئۈچ چوڭ تاغنىڭ باشقىچە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىزنى ئويغا سالماسمۇ؟
خوش، مۇلاھىزە سىزگە قالدى…
مەنبە: قىسمەت بلوگى
يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/uch_chong_tagh.html