يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 9

سىز ماڭا مەنسۇپ ئەمەس(مەرۋەرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىراقتىن كەلگەن ساقچى ماشىنىسى ناھىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا توختاپ ئىچىدىن چىرايلىققىنە بىر قىز ساقچى بىلەن ئوتتۇرا ياش بىر ئەر كىشى چۈشۈپ كەلدى.
ئۇلارنىڭ مەكتەپ قورۇسى ئىچىگە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا ئوقۇتقۇچىلار بىناسى ئالدىدا بىر مۇنچە ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار پەيدا بولۇپ بىر- بىرىگە گۇمان بىلەن قاراشقىنىچە، نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىرىشىپ ساقچىلار كىرىپ كەتكەن تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قارىشاتتى.
- مەكتەپ مۇدىرىمىزنى بىرەرسى پارا يىدى،  دەپ چاقتىمۇ قانداق-؟
-شۇنداق بولسا ياخشىتىغۇ، كۆزىمىزدىن تېزرەك يوقىلاتتى بۇ تويماس يوغان قوساق ئوغرى.
- ۋاي بولدى قارىسىغا گەپ قىلىشماڭلارچۇ، ھېلى مۇدىرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا ئىككى پۇتىمىزنى بىر ئۆتۈككە تىقىدۇ جۇمۇ.
بەس- مۇنازىرىنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا قولىغا كويزا سېلىنغان رازىيە بىلەن بايامقى ئىككى ساقچى چىقىپ كەلدى.
- ۋاي خۇدايىم، رازىيەغۇ بۇ، نىمىش بولغاندۇ؟
- يولدىشنى بىر ئىدارىغا باشلىق بوپتۇ دەۋاتقان، يا يولدىشى چىرىكلەشكەن بولسا.......
- ۋاي بىلمەي قارىسىغا گەپ قىلماڭلارچۇ، مانا مەن بىلىمەن، دىدى قاشلىرىنى ئىنچىكە سىزىۋالغان ئوتتۇرا ياش بىر ئايال.
- دەڭە، تېزرەك دەڭە، زادى نىمە بوپتۇ؟
- ۋاي- ۋۇي ئادەمنى جىددىيلەشتۈرمەي دەڭە تېزرەك، ئالدىراتتى يەنە بىر ئايال.
- رازىيەنىڭ يولدىشى ئۆزىنىڭ كاتىپىغا بۇزۇلۇپتىكەن، رازىيە سېزىپ قېلىپ ئەتتىگەن يولدىشىنىڭ ئىدارىسىغا بېرىپ يولدىشىنىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ كاتىپ قىزنى تازا ساپتۇ دەيدۇ، ھازىر ئۇ ئايالنىڭ ئەھۋالى بەكلا خەتەرلىكمىش.
- ۋاي خۇدايىم، شۇنداقمۇ قاراملىق قىلامدۇ، بولغۇلۇق يەنە ئۆزىگە بولدى مانا، زادى بۇ ئەر خەق دېگەن ئازراقلا پۇل تاپسا، يا مەنسەپ تۇتسا ئەسلىنى ئۇنۇتۇپ قالىدۇ، ئۇ نايناق خېنىمغىمۇ خوپ بوپتۇ، كىم ئۇنى خەقنىڭ رىسقىغا چاڭ سالسۇن دەپتىمەن.
بىر- بىرىگە گەپ بەرمەي بەس- مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان ئاياللار يىراقتىن مۇدىرنى كۆرۈپلا يۈگۈرۈشكەن پېتى سىنىپلارغا قاراپ مېڭىشتى.

سىرتىدىن قارىسىمۇ ئادەمنىڭ تېنى ئەيمىنىدىغان بۇ ساقچىخانىنىڭ چەتتىكى سوغۇق ئۆيىدە ئىككى ساقچى رازىيەنى سوراق قىلۋاتاتتى.
- ئىسمىڭ نىمە؟
- رازىيە.
- جىنسىڭ؟
- ئايال.
- نەچچە ياش؟
- 38ياش.
-كەسپىڭ؟
- ئوقۇتقۇچى.
- بۈگۈن سېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىشتىكى سەۋەبنى بىلەمسەن.
- بىلىمەن، ھەممىنى قىلغان ئاشۇ پاسكىنا، مېنىڭ بەختلىك ئاىئلەمنى ۋەيران قىلدى.
- گەپ- سۆزگە دىققەت قىل، بىز سورىغان سوئالغا ئەستايدىللىق بىلەن جاۋاپ بەر.
- بولىدۇ.
- نېمىشقا شەھىدەنىڭ خىزمەت ئورنىغا بېرىپ ئۇنى ئۇرىسەن؟
- ئۆيىگە  بېرىپ ئۇرمىغىنىمغا خوش بولسۇن ئۇ رەسۋا، ئۇ ئېرىمنى ئازدۇردى، بەختىمنى ۋەيران قىلدى.
-يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي گەپ سۆزدە ئەدەپلىك بول!
ئائىلە ئىشلىرىنى نېمىشقا ئۆيدە ئېرىڭ بىلەن چىرايلىق بىر تەرەپ قىلماي، باشقىلارنىڭ خىزمەت ئورنىدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىسەن، يەنە كېلىپ بىر ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ؟
- مەن ئەتىگەن ئۆزۈمنى زادىلا كونتۇرۇل قىلالماي قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ رەسۋا.. كەچۈرۈڭ،  ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى جان- جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەچكە قانداق قىلىپ ئۇنى ئۇرغانلىقىمنى ھازىر ئويلىسام بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتىدۇ، خوپ بولدى، بېشىنى يەر ئىلاھىم.
- ئۇ بېشىنى يىسە سەنمۇ ئامان قالمايسەن، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولىسەن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان رازىيەنىڭ بايامقى ھەيۋىسى يوقاپ پېشانىسىدىن تەر تامچىسى پەيدا بولدى ۋە بىردىنلا ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى .
- شەھىدەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بەكلا ئېغىر، ئۇنىڭ مىڭە قىسمى قاتتىق زەخمىلەنگەچكە تېخىچە ھوشىغا كەلمەپتۇ، قاچان ھوشىغا كېلىدۇ، ھوشىغا كەلسىمۇ تولۇق ساقىيالامدۇ- يوق، بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەسكەن.
- نى...نىمە ، شۇنچە ئېغىرما، مەن...مەن... ئۇنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولۇپ ئاۋازى سىرتىغا چىقمايلا قالدى.
-دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ھوشۇغا كېلىپ ئۇزۇن مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن تولۇق ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى بەك تۆۋەنمىش، ساقايدى دېگەن تەقدىردىمۇ كېسەللىك ئاسارىتى قېلىش ئېھتىماللىقى باركەن.
- قانداق كېسەللىك ئاسارىتى؟
- تىلى راۋان بولماسلىق، پۇت ياكى قولى پارالىچ بولۇپ قېلىش، كۆرۈش قۇۋىتى تەسىرگە ئۇچراش دېگەندەك...
- ئاھ خۇدا! مەن نىمە قىلىپ قويدۇم،، ياق ، ياق مەن ئەمەس، مەن ئەمەس، ھەممىنى قىلغان كېرىم... مەن ئەمەس-، رازىيەنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
- ئۆزەڭنى بېسىۋال، بۇ دىگەن بىر پەرەز ، ئەگەر سەن بىزگە ماسلىشىپ ئىشنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي دەپ بەرسەڭ بەلكىم ساڭا پايدىسى بولۇپ قالار.
- بولىدۇ، مەن دەي. مەن ھەممىنى دەي، ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى تۈرمىگە سولاپ قويمىساڭلار، مېنىڭ ئىككى بالام بار، ئوقۇغۇچىلىرىم مېنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇ يەنە ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى.
ياش ساقچى ئۇنىڭغا قولياغلىق سۇنغاچ ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ ئەكىلىپ ئۇنىڭغا سۇندى ۋە:
- قېنى رازىيە ئىشنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي سۆزلىگىن.


داۋامى ناھايتى تېز سۈرئەتتە يوللىنىدۇ!




Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。كۈتۈۋاتىمەن !

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى...

Rank: 4

توردا
219 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:34:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە داۋامىنى  تېز يىزىڭە    زادى راسمىي ئەر كىشى دېگەن يۈزىدە تۈكى بار 2 نان تاپسا بىرسىدە داپ چالىدىغان  خەقكەن
مۇشۇ نەچچە كۈندىنمۇ بىزنىڭ باشلىق ئاجىرىشمەن دەپ يۈرگەن باشقا بىركىملەر بىلەن يۈرگەن چىغى  ئەتە ئۆگۈن ئاجرىشىمەن دەپ يۈرۈپ يەنە تۈنۈگۈن مۇش بىلەن تازا ئۇرۇپتۇ ئاچاشنى  شۇنداق نىرۋامغا تەگدى  ئۇ ئاچاشنىڭ سىڭلىسى ساۋاقدىشىم ئىدى

مۇشۇنداق ئەھۋالنى جىق كۆرۈپ كىتىپ توي قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم دىسە ھى ھى

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى توختاپ قالمىسىكەن مەرۋەرى

Rank: 4

توردا
219 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە  داۋامى يوققۇ بۈگۈنمۇ

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقىپ قالدۇق، تېزراق!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 1989- يىلى ئىلى سىفەن مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قۇبۇل قىلىندىم، دەپ سۆزىنى باشلىدى رازىيە.
مەكتەپكە بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىزدىن بىر قارار يۇقۇرى سىنىپتىكى كېرەم يەنى ھازىرقى يولدۇشۇم بىلەن تونۇشتۇم، ئۇنىڭ ئۆيى شۇ شەھەردە ئىدى. بىز تاكى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە شۇنداق ياخشى يۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن توي قىلدۇ، ھازىر ئىككى بالىمىزمۇ بار، توي قىلىپ دەسلەپكى چاغلاردا بىز خۇددى يېڭى مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىمىزدىكىدەك شۇنداق ئىجىل ئىناق ئۆتتۇق، ئۇ خىزمەتتە ناھايتى تېزلا ئۆستى، بۇنى ئۇنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنىڭ نەتىجىسى دېسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خىزمەتنى شۇنداق ئەستايدىل ئىشلەيدۇ، ئادەتتە ئائىلىدە ماڭا ياردەملىشىدىغان ۋاقتى يوق دىيەرلىكلا، مەن بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟
لېكىن ئۇنىڭ مەنسىپى ئۆسكەنسىرى ئالاقە قىلىدىغان  ئادەملىرى، بارىدىغان سورۇنلىرى كۆپەيگىلى تۇردى، بۇرۇن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ماڭا يارددەملىشىشىدىن گەپ ئېچىش مۇمكىن بولمىغان بولسا،  ئەمدىلىكتە بولسا  ئۇنىڭ ئۆيدە بىز بىلەن بىرەر يېرىمدەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشى،  بىرەر ۋاق تاماقتا بىللە بولۇشى بىز ئۈچۈن تولىمۇ تەس بىر ئىش ئىدى، ئۇنىڭغا بېقىپ ئۇنىڭ مىجەزلىرىمۇ غەلىتىلا بولۇشقا باشلىدى، رازىيەنىڭ ئاۋازلىرى تىتىرەشكە باشلىدى.
-يولدۇشۇڭ بىلەن زەخمىلەنگۈچى شەھىدە ئىككىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە قاچاندىن باشلانغانلىقىنى ئېيت!
- دىسەم گەپ جىق، يولدۇشۇمنىڭ ئىدارىغا كەلگەن چىرايلىق قىزلار بىلەن ئانچە- مۇنچە ئارلىشىپ قويۇشى، ئۇلار بىلەن بىللە تاماقلارغا چىقىشى ماڭا نىسبەتەن نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان، مەن سېزىپ قېلىپ شۇنداقلا خاپا بولدىممۇ:
- بۇ دېگەن خىزمەت ئىشى، بىز پەقەت خىزمەت ئىشى ئۈچۈنلا......... دېگەندەك بىر توقاي گەپلەرنى قىلاتتى، مەنمۇ بارا- بارا ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان بولدۇم، چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئۇ  قانداقلا بولمىسۇن ۋاقتىدا ئۆيگە قايتاتتى، مىجەزلىرىدىمۇ چوڭ ئۆزگۈرىشلەرنى سەزمىگەن ئىدىم. لېكىن بۇ شەھىدە ئۇنىڭ يېنىدا قاچان كاتىپ بولدى ئۇ ئۆزگەردى.
شەھىدە دەسلىپىدە كېرىملەرنىڭ ئىدارىسىغا تازلىق ئىشچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن، ئەمما ئېرىمنىڭ شاپائىتىدە ئۇ ناھايتى تېزلا ئاۋال خەت- چەك بۆلىمىدە ئىشلىدى، ئاخىرسىدا بېرىپ ئېرىمگە كاتىپ بولدى كاتىپىلا ئەمەس ئاشنىسى بولدى، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۆز ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسىز ساقچى ئەپەندىم.
ئۇنداقتا بىز كېرەم شەھىدەلەر بىلەن  سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بۇ ئىشقا ھۆكۈم چىقىرىمىز، شۇڭغىچە سەن ئۆيۈڭگە قايتىپ ئارام ئېلىپ تۇرساڭ بولىدۇ، ئەمما بىز ھەر ۋاقىت سېنى چاقىرتىشىمىز مۇمكىن.
- ماقۇل، مەن ھەر ۋاقىت سىلەرگە يېقىندىن ماسلىشىمەن. رازىيەنىڭ دىماقلىرى ئېچىشىپ بوغۇزىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدى، ئۇ قولىدىكى مۇزدەك بۇ تۆمۈرنى ئېلۋەتكەندىلا ئاندىن ئۆزىنى خېلى يېنىڭ ھېس قىلدىدە، سىرتقا قاراپ ماڭدى.
ئۇ ساقچىخانا دەرۋازىدىن چىقىپ دوختۇرخانىغا بېرىش- بارماسلىق توغرۇسىدا خېلى ئۇزۇن  خېلى ئۇزۇن ئويلاشتى.

داۋامى داۋاملىق ھوزۇرىڭىزدا ~~~





Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقىللار مۇنبىرىگە بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىنى يوللاپ قويمىسىڭىز بولمىدى جۇما

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 21:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayberchin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:33
ئاقىللار مۇنبىرىگە بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىنى يوللاپ قويمى ...


يوللاپ قويدۇم جانىم ، ئەسلى يوللىمىساممۇ بولغانكەن، قارا كۆزلىرىڭلارنى ئاۋارە قىلىپ، ئاللاھ خالىسا يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:10 , Processed in 0.055514 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش