يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 737|ئىنكاس: 15

سىدام قىسمەتلەر (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
724 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:47:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يېقىندىن بېرى ئىشلىرىمنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى مېنى ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويدى. گەرچە دەم ئېلىشىم جايىدا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دەم ئېلىش پەقەت بەدىنىمدىكى چارچاشنى تۈگەتكەندەك تۇرىدۇ. بالىلىقىمنى، ھېچقانداق رەڭ بېرىلمىگەن قىسمەتلىرىمنى ئەسلەش بىلەن روھىي جەھەتتىكى چارچاشلىرىمنى تۈگەتمەك بولدۇم.
    رۇس خەلقىنىڭ پەخرى، يازغۇچى ل.تولستوي ھەزرەتلىرى «ئەسلىمىنىڭ باشلىنىشى قېرىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر، دېگەنىكەن». بەلكىم شۇنداقتۇ. لېكىن، مەن ئەمدىلەتىن 33 ياشقا كىرگىلىۋاتقان ئەركەك، بۇ قاراشنى بەك قۇۋۋەتلەپ كەتمىدىم.
    خوش، گەپنى باشلايلى.


    مەكتەپكە كىرىش
    1985-يىلى 9-ئاي مەزگىلى.
    دادام رەھمىتى مېنى مەكتەپكە بەرمەك بولۇپ، جىلتەمنى بوينۇمغا ئېسىپ، بوز ئېشەككە مىنگەشتۈرۈپ، تەخمىنەن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئېلىپ باردى.
    بۇنىڭدىن بۇرۇن دادام بىللە بۇنداق ئۇزۇن (شۇ چاغلاردا ئۇزۇن بىلىنەتتى، ئەلۋەتتە) سەپەرگە چىقىپ باقمىغانلىقىمدىن ياكى قۇرداش بالىلار بىلەن جەم بولۇش خۇشھاللىقىدىن بولسا كېرەك، ئەتراپقا تويماي قاراپ كېلەتتىم.
    شۇنداق قىلىپ ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدىم...
    يىل ئاخىرى بولاي دېگەندە مەكتەپتىن تەتىللىك تاپشۇرۇق (شۇ ۋاقىتتا بۇنى نېمە دەيدىغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە يوق، لېكىن، شۇنداقراق بىر نامدا ئاتايتتۇق) بەردى. بۇ 20-30 بەتچە كېلىدىغان، ھازىرقى ژۇرناللاردىن چوڭراق كىتابچە ئىدى. جىلتەمگە سىغمىغاچ، دادام كىتابچىنى جىلتەمگە قاتلاپ سالماقچى بولدى. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان چوڭ ئاچامنىڭ قىزى «چوڭ دادا، خانىم (بىز ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى خانىم دەيمىز) قاتلىماڭلار دېگەن» دېۋىدى. دادام تۇرۇپ كېتىپ، «بالام، ناننىمۇ قاتلاپ، ئوشتۇپ يەيمىز، كىتابنى قاتلىغانغا ئىچىدىكى ئازلاپ كېتىدىغان ئىش يوق» دەپ ئىشىنى داۋام قىلدى.
    ئۇزۇن يىل «ئەمەلدارنىڭ بالىسى» دەپ جازالىنىپ، بىھۇدە رىيازەت چەككەن، دېھقان زىيالىي دادام مۇشۇ پاراڭلاردىن تەخمىنەن ئىككى ئاي كېيىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كەتتى.
    17 بالىنىڭ دادىسى بولغان، ھاياتىنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭ بەدىلىگە يەتكۈچە دەرد تارتقان جەننەتماكان دادامنى ئەسلەيمەن.

    كىچىك سودىگەر
    كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىمىزنىڭ يېنىدا ھەربىي قىسىم (ھازىرمۇ بار) بار ئىدى. بىز قويلىرىمىزنى باققاچ، قىسىم ھويلىسىغا ئەركىن كىرىپ چىقاتتۇق. قىسىم ماگىزىنىدا نەرسە-كېرەكلەرنى سىرتتىكىدىن ئەرزان سېتىۋالغىلى بولاتتى. چوڭلار بەرگەن پۇڭلۇق پۇللارنى يىغىشتۇرۇپ ئالتە مو قىلىپ، 10 تال سېغىز (ھازىرقى 大大 سېغىزى شۇدەك ئېسىمدە) سېتىۋالاتتۇق. ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ سېتىپ بىر يۈەن قىلاتتۇق. تۆت مونى ئۆزىمىز خەجلەپ، قالغىنىغا يەنە شۇنداق قىلىپ سودا قىلاتتۇق.
    كېيىن، قىسىمنىڭ مۇداپىئەسى كۈچەيتىلىپ، سىرتتىن خالىغانچە كىرگىلى بولماس بولدى، سودىمىزمۇ توختاپ قالدى.
    ھەرقېتىم يۇرتقا بارسام، قىسىم ئالدىدا بىرپەس توختاپ ئۆتىمەن، خۇددى ئۆزۈم قىسىم دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېلىدىغاندەك.

    ئۈزۈم بارىڭىدا
    كىچىك ئوغلى مەن بىلەن ساۋاقداش بىر تام قوشنىمىز بولىدىغان. يامان ئېسىل باغلىرى بار ئىدى.
    باشلانغۇچنىڭ 3-4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى سەھەردە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھاجەتخانىغا ماڭدىم. ھويلىغا يېنىپ كىرىپ بولغاندا بۇرنۇمغا بىردىنلا ئۈزۈم پۇراپ كەتتى. قوغۇن پۇرىدى دەپ ئاڭلايدىغان، ئۈزۈم پۇرىغانلىقىغا ھەيرانمەن، ئىشقىلىپ پۇرىغانلىقى راست . شۇ كالتە ئىشتان پېتى (ئۇ چاغلاردا تىزغا كېلىدىغاننى كىيەتتۇق جۇما) ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ، ئارقا ئىشىكىمىز تەرەپتىن قوشنىمىزنىڭ تېمىغا ياماشتىم.
    خۇمار دېگەن بىر بېسىلىدىغان بولدى دەپ، ئۈزۈم باراڭنىڭ ئۈستىدە يېتىپ مەززە قىلىپ ئۈزۈم يەۋاتىمەن. بىر چاغلارغا پەستىن بىر تىۋىش كەلگەندەك قىلدى. باراڭنىڭ ئارىلىقىدىن شۇنداق قارىغىنىمنى بىلىمەن، بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرمامدۇ، بەدەر قاچتىم …
    ئەسلىدە ئاۋۇ ساۋاقدىشىمنىڭ ئاكىسى مېنىڭ باراڭ ئۈستىدە شاراقشىتىپ مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى سېزىپ قالغان ئىكەن.
    ئۇ كىشى خېلى زامانلارغىچە «ئاخشام بىزنىڭ باراڭدا ئۇخلىغانما؟» دەپ چېقىشىدىغان.

    يۈسۈپ
    باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مەھەللىگە بىر خۇيزۇ ئائىلىسى كۆچۈپ كەلدى. بۇ ئائىلىنىڭ يۈسۈپ (ئۇيغۇرچە ئىسمى) دەيدىغان، بىز بىلەن دېمەتلىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ ئائىلىدىكى بوۋاي، موماي بەش نامازنى قازا قىلمايدىغان تەقۋا كىشىلەردىن بولغاچ، ئوغلىنىمۇ يېتەرلىك تەربىيەگە ئىگە قىلغان ئىدى.
    مەھەللىنىڭ چېتىدە بىز «گور ئۆستەڭ» دەۋالىدىغان سۈيى ئۇلۇغ، چوڭقۇر بىر ئۆستەڭ بولىدىغان. ياز مەزگىللىرىدە مەكتەپتىن، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن ئېشىنغان ۋاقتىمىز ئاساسەن مۇشۇ ئۆستەڭ بويىدا ئۆتەتتى.
    بىز ھەممىمىز ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سۇغا سەكرەيتتۇق. ئۆستەڭ يېنىدىكى قۇملۇقتا ئاپتاپقا قاقلىناتتۇق. بىرلا يۈسۈپ تىزىغا كەلگۈدەك كالتە ئىشتان بىلەن سۇغا چۈشەتتى.
    بىر كۈنى بالىلار بىلەن يۈسۈپنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇۋەتمەكچى بولۇپ پىلان تۈزدۇق. ئۇ بىزنىڭ پىلانىمىزنى بىلىپ قالغانمۇ ياكى ئەزەلدىن شۇنداقمۇ بىلمىدۇق، ئۇ كۈنى كالتە ئىشتىنىنىڭ بوغقۇچىنى نەچچە چىرماپ بوغۇۋەتكەن ئىكەن. پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، ئۇنى تەڭنە قازان (پۇت-قولىدىن تۆتەيلەن تۇتۇپ كۆتۈرۈشنى شۇنداق ئاتايتتۇق) قىلىپ، ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپ «پۇخادىن» چىققان بولدۇق.
    كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. بىز ئۇنىڭغا قوغۇن، تاۋۇزلىرىمىزنى، ئۇ بىزگە چىلىغان سەيلىرىنى سۇنۇپ تۇرۇشاتتۇق. چىلىغان سەينى تۇنجى قېتىم شۇ يۈسۈپ ئارقىلىق يېگىنىم ئېسىمدە.
    كۈنلەر ئۆتتى، يىللار ئۆتتى. بىز تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئوينايدىغان بالىلىقتىن چوڭىيىپ يىگىتلەرگە ئايلىنىپ كەتتۇق.
    يۈسۈپ ئاشپەزلىككە شاگىرت كىردى، مەن ئوقۇش ئىشى بىلەن بولدۇم…
    2000-يىللارنىڭ بېشىدا يۈسۈپنى ئائىلىسى بىلەن كۇچا ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېتىپتۇ، كۇچادا چوڭ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. نەچچە يىل بۇرۇن بىر قايغۇلۇق خەۋەر قۇلىقىمغا يەتتى: يۈسۈپنى توك سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كەتتى.
    ئاللاھ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/qismet_1.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:55:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
33 ياشلىق ئەرلەر ئۈچۈن ئەسلىمە يېزىش سەل بالدۇرلىق قىلسىمۇ ،ئەمما،ئەشۇ بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىسىدە يالت قىلىپ يېنىپ ئۆچكەن ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر كىشى قەلبىدە ئاجايىپ تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ.
قىسمەت ئەپەندىمنىڭ ‹سىدام قىسمەتلەر›ىنى سۆيۇنۇش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.ئۇقۇغانسېرى بىر خىل تاتلىق سېزىم مىنى بالىلىق چاغلارغا ئېلىپ كەتتى،شۇ چاغلاردىكى ئەل-ئاغىينىلەر كۆز ئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتۇشكە باشلىدى.مىنىڭمۇ قىسمەت ئەپەندىمگە ئوخشاش ئۇنتۇلماس دەقىقېلېرىم بولغان.مانا ھازىر ئەشۇ تاتلىق تۇيغۇلار ئىچىدە، ھايات قىسمەتلېرىنى ئەسلەشكە مەجبور بولىۋاتىمەن.
30 ياشلىق ئەرلەر جەميەتنىڭ غوللۇق تاياچ كۈچلېرى،ئائىلىنىڭ سۇلماس تۇۋرىگى بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ زىممىسىگە يۇكلەنگەن يۇك ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ،خىزمەتتە،كەسپتە،ئائىلىدە ئالغا ئىنتىلىش تۇيغۇسى كۈچلۇك بولىدۇ.بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا،ئۇزلۇكسىز ئۆزىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.بۇ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئىجاتچانلىغى كۈچلۇك،مىجەزى چۇس بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇلۇپ،بۇ مەزگىل ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ،كەسپتە يوقىرى ئۆرلەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدۇر............
قىسقىسى،قىسمەت ئەپەندىمنىڭ خىزمىتىدە،كەسپىدە،ئائىلىسىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:56  


Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:30:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمىنى ھەر كۈنى يېزىش كېرەك!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 17:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتنىڭ ئەسلىمىلىرى شۇنداق كۆڭۈللۈككەن، (يۈسۈپنىڭ ئۆلۈمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا). دېگەن بىلەن بۇرۇننى ئەسلەشمۇ بىر خىل كۆڭۈللۈك ئىش.  كىچىك چاغلاردىكى دوستلارنى ئەسلەش، ئوينايدىغان ھەرخىل ئۇيانلار...ئادەمگە يېقىملىق بىلىنىدىكەن. مەنمۇ دائىم كىچىك چاغلىرىمنى، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمنى، ئوقۇغان دەۋرىمنى، يىگىىتلەرنى قوغلىتىپ يۈرگەن ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەپ كېتىمەن. ئالبۇم كۆرۈشمۇ بىر خىل يېقىمىلىق ئەسلىمىدۇر. بىردىنلا شۇ چاغلارغا قايتىپ قالسامچۇ، دېگەن ئويغا كېلىدۇ كىشى. ئەمما مەن ئۆتمۈشنى ئەسلەش قېرىلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارىمايمەن. ئەسلىمەم قانچە كۆپەيگەنسېرى، ئۆزەمنى شۇنچە ياشىرىپ، كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن تېخى.
   سىلەرمۇ ئەسلەپ بېقىڭلار، يېنىڭلاردا بىللە ئەسلىشىپ بېرىدىغان كىشى بولسا، ئۇنىڭ ھوزۇرى تېخىمۇ باشقىچە بولىدۇ.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:22:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈندە مەنمۇ تولا بالىلىقىمنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم، قىسمەت ئەپەندىمنىڭ گېپىچە مەنمۇ قېرىلىققا قەدەم قويغان ئوخشايمەن

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەھەللىنىڭ چېتىدە بىز «گور ئۆستەڭ» دەۋالىدىغان سۈيى ئۇلۇغ، چوڭقۇر بىر ئۆستەڭ بولىدىغان. ياز مەزگىللىرىدە مەكتەپتىن، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن ئېشىنغان ۋاقتىمىز ئاساسەن مۇشۇ ئۆستەڭ بويىدا ئۆتەتتى.
    بىز ھەممىمىز ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سۇغا سەكرەيتتۇق. ئۆستەڭ يېنىدىكى قۇملۇقتا ئاپتاپقا قاقلىناتتۇق. بىرلا يۈسۈپ تىزىغا كەلگۈدەك كالتە ئىشتان بىلەن سۇغا چۈشەتتى.

بۇ مىنىڭ كىچىك چېغىمغا ئوخشايدىكەن.
قىسمەتكامنى چوڭ ئادەممىكىن دىسەم، مەن نەچچە ياشلا چوڭكەنغۇ

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Insan يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:33
مەھەللىنىڭ چېتىدە بىز «گور ئۆستەڭ» دەۋالىدىغان سۈيى  ...


قىسمەت بارغانسىرى كەينىگە يېنىۋاتقاندەكلا تۇيىلىدۇ ،ماڭا، بۇنى زاغىر تىلىدا خوتۇن ياراشتى دەيمىزما ھاھاھاھاھاھاھاھا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلەيسەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:37  


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:37
قىسمەت بارغانسىرى كەينىگە يېنىۋاتقاندەكلا تۇيىلىدۇ  ...

بۇنىسى راست دىلەيسەم، سىزدەك كۆزى ئۆتكۈر ئادەملا سېزەلەيدۇ جۇمۇ

باھا سۆز

dilroh  ھا ھا ھا ھا  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:48:02

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
790

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:51:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمە يىزىپ قالدۇرۇپ تۇرغان ياخشىكەن جۇمۇ زادى  دىيەلمىگەن گەپ سۆزلىرىنىمۇ مۇشۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈملەرنى دادامنىڭ ئالدىدىكى بىر قانچە ئاكاش دادامدىن تارتىپ تۈگۈن تۈگەپ كەتكەن ئاپاشنىڭ ئۆلۈمىگە بولغانلارنى بولۇپمۇ دادامنى ئەسلەپ شۇنداق بىر خىل  ھەركۈنى  كىتىپ قالدىغاندەك  پالانچىدا قەرزىم بار پالانچى ئېلىشىم بار   ئاۋۇ جايدا مانچە پۇلۇم بار دەپ پات پاتلا ئاچامغا دەپ قويىدىغان بوپ قالدىم  

ھىلى كۆرگەن ئادەم ھىلى يوق ئاخشىمى ئۇخلاپ قالغان پىتى مەڭگۈلۈك ئويقۇغا كىتىپ بارغان  خۇدايىم ساقلىسۇن ئۆز پاناھىدا ئىشقىلىپ


مۇشۇ تىنىق بار چاغدا ئامال بار قىلغۇسى كەلگەن ئىشنى قىلىش كېرەككەن زادى `

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
790

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدە مۇناسىۋەتسىزلا بىر ئىنكاسلارنى يىزىپ قويدۇممۇ نىمە ؟

مەنمۇ بىر قىسقىچە ئەسلىمە يىزىۋىتەي ھە

1987 - يىل 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى  دۇنياغا كەلدىم ، ئانام مېنى تۇغۇشنىڭ ئالدىدا نان يىقىپ كىرىپتىكەن توۋا  چوڭلىرىمىز نىمە دېگەن چىداملىق بولغۇيتى ھە    ........

1993 - يىل مەكتەپكە كىردىم ، 2-3 - سىنىپلارغا چىققاندا بىر مالىم تەنتەربىيە دەرسىدىن ئىمتىھان ئالىمەن دەپ ھىلىقى بىر كىچىك گۈللۈك 2 يۈەنلىك توپنى ئۆرلىتىشتىن ئىمتىھان ئالدى ، 4- 5 نى قىلىپلا توپنى قاچۇرۇپ قويدۇم نەدىن كەلدىكىن يېنىمدا نەۋرە ئاكام تۇرىدۇ مالىمغا يەنە بىر بىرىپ باقسۇن دەپ يەنە قىلسام يەنە شۇ  شۇنداق سەت ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن شۇ چاغ سەت قاراپ  

خەپ  دەۋەتتىم دە  مانا ئەمسە دەپ 11 يىل ۋاسكىتبول ئويناپتىمەن ھا ھا  تولۇقسىزدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ نەچچە يىلغىچە   مەكتەپ كوماندىسىدا توپ ئويناپ ```  ھازىر 500 نى ئۆرلەتدىسىمۇ قىلىمەندە


2002 - يىل تولۇقسىزنى پۈتتۈردۇم  ، 2005 - يىل تولۇقنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردىم نومۇرىم تولۇق كۇرسنىڭ 2 - تۈركۈمىگە 10 نومۇر كەملىدى ، 3 - تۈركۈمنىڭ ئوقۇش پۇلىغا چىقىش قىلىپ بولغىلى بولمىغاچ يازمىغان شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس كۇرستا ئوقۇدۇم  ئۆيدىكىلەر سەنمۇ بولسا تولۇق كۇرستا ئوقۇ قايتا ئوقۇپ دىسە ياق دەپ ئۇنماي ھازىرغىچە قاقشايدۇ

2005 - يىلدىن 2008- يىلغىچە  ئالىي مەكتەپتە كەسىپلەرنى دەرىسلەرنى ئۆگەندىن سىرت  ۋاسكىتبول دېگەننى ۋەھشىي ئوينىۋەتتىم بىزنىڭ فاكۇلتتىنىڭ ئوغۇللار كوماندىسىمۇ قىزلار كوماندىسىمۇ ھەر قېتىم بىرىنچى ھى ھى

2008 - يىل قىشلىق تەتىلدىن كېيىن پاراكتىكا قىلىڭلار دەپ بىر مەۋسۈم قويۋەتتى  ،  رەھمەتلىك دادام  پىراكتىكا قىلمايمەن شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىمەن دىسەم چىدامسە دەپ ھە دىسەملا ئاپىرىپ پۇلنى تۆلەپ بەرگەن ئۆگىنىۋالغىنىم قالدى مانا

10 - ئايدىن 12 - ئايغىچە ئىككى ئاي ئەلچى تور دۇنياسى دېگەن تور خانىدا ئىشلەپتىمەن

2009 - 3 - ئايدىن  11- ئايغىچە كەنىت ئاھالىلەر كوممىتىىدا ئىشلىدىم 11 - 12 - ئايغىچە يىزىلىق ھۆكىمەتتە

2009 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كىچىك ئاچامنىڭ تويى بولدى
2009 - يىل 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەيشەنبە  پىشىن نامازدىن يىنىپ ئۆيگە كىرىپ  يىتىۋالاي دەپ ياتقان دادام  2 ۋاقىرغىنىچە سائەت 2 لەر ئەتىراپىدا مېنىڭ كۆز ئالدىمدا  ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كىتىپ قالدى . نەچچە ئايغىچە ئۆزۈمنى بىلمەي ئاغزىمغا بىرنىم تىقىسىمۇ يىمەي يۈردۈم ````
شۇ سەۋەپ ئىشقا بارمىسام  بىلىپ تۇرۇپ ئىشقا كەلمىدى دەپ يوغان قورساق باشلىقلا  ئىزىمغا  ئۆزنىڭ سىڭلىسىنى سىلىۋالدى  ئاۋۇ خىزمەت يوق بولدى
2010 - يىل 5- ئايدا بىر ئۇچۇر مەركىزىدە ئىشلىدىم    تور كەلدى بۇ چاغ 5 - ئاينىڭ 15 مۇ كەلدىغۇ ھە 8 - ئايغىچە ئىشلەپ  ھازىرقى ئورنۇمغا چىقىپ كەتتىم شۇنىڭ بىلەن مەن چىقىپ كىتىش سەۋەبلىك ئاۋۇ ئۇچۇر مەركىزىمۇ تاقالدى .

بۇلتۇر 8 - ئايدىن ھازىرغىچە  ھازىرقى تور مۇلازىمەت مەركىزىمىزدە ئىشلەپ دېگەندەك  مائاشلار يا ئۆسمىگەن  ھۆكىمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئىمتىھاننى بىرەي دىسەم  بىر قىتىم ئاندا ئىش بولغاندىن كېيىن بەك بەك بەك ۋەھشىي سەت ئۆچ بولۇپ كىتىپتىكەنمەن .

شەنبە كۈنى چىشىمنى يۇلدۇرۋىرىتىپ   ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈمنى ھىس قىلدىم   نەچچە ئۇكۇلغا مەس بولماي چىشىم ```

بۈگۈن بىر كۈن ئىشخانا كۆچتۈق  

بۇ ئەمدى كۈندىلىك خاتىرە بولۇپ قالدىمۇ   ئىنكاس يىزىشنىمۇ ئۇنۇتتۇممۇ نىمە   
بولدىمۇ يا مۇشۇ ئىنكاس  بولسا بولمىسا مەيلى ئەمدى ئاران يازغاندىكىن يوللاپلاۋىتەي ھە   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:33 , Processed in 0.061260 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش