يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1885 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 960|ئىنكاس: 7

ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    بۇرۇنلاردا يۇرت چوڭلىرى مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى خالىس بىر تەرەپ قىلاتتىكەن. تەۋەلىكىدىكى يېتىم-يېسىرلارغا، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا ياردەم قىلىپ، باشقىلارنىڭمۇ ياردەم قىلىشى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىپ تۇراتتىكەن.
    بۈگۈنكى كۈندە ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئەنە شۇ يۇرت چوڭلىرىنىڭ رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىپ، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرماقتا.
    دەرۋەقە، ئاھالىلەر كومىتېتلىرى بولۇپمۇ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە ھەقىقەتەن ئىگە بولىدۇ. بىرەر كىشى قىيىنچىلىققا يولۇقسا باشقىلارنىڭ ئۇ كىشىگە ياردەم بېرىشى ھەققىدە بىزگە ئەسكەرتمە بېرىپ تۇرىدۇ. ئىشخانىمىز قاراشلىق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن يېنىمىزغا كىردى، بىزمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئۇزاتتۇق. گەرچە كونكرېت كىمگە ياردەم قىلغانلىقىمىزنى بىلمىسەكمۇ، ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ياردىمىمىزگە ئېرىشكەن شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى كۈنلەرنى تىلىدۇق.
    ئەسلى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى تاختىغا خىزمەت پىلانى، خىزمەت خۇلاسىسى ۋە باشقا ئىش-پائالىيەت خاتىرىسى قاتارلىقلارنى چاپلاپ، ئۆز خىزمەت ئەھۋالىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل «ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاشكارىلاش» ئىشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. پۇقرالار بۇ ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپىدۇ. زۆرۈر تاپقانلار ھۆكۈمەت خىزمىتىگە مۇۋاپىق پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنىڭ ياخشى جارىي قىلدۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ.
    لېكىن، بۇ تاختىلاردا ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولمىغان خىزمەتلەرمۇ ئاشكارىلىنىپ، بەزى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتى يەر بىلەن يەكسان قىلىنماقتا. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازىنىننىڭ مەڭزىگە چىققان سۆگەلدەك خىرەلەشتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئىش ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان، نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئاھالىلەرنى سۈرىتى بىلەن قوشۇپ ئاشكارىلاش ئىشىدۇر.
    بەلكىم، ئاھالىلەر كومىتېتى بۇ كىشىلەرنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، «باشقۇرۇش رايونىمىزدا مۇنداق ئاھالىلەرمۇ بار، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق. باشقىلارنىڭمۇ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېمەكچىدۇ!؟…
    ھېيت-بايراملاردا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تەۋەلىكىدىكى پىنسىيەگە چىققانلارنى، ياردەمگە موھتاج غېرىب-غۇرۋالارنى يوقلاپ، ئۇلارغا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭمۇ ھېيت خۇشھاللىقىنى بىللە سۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
    بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى ئىنتېرنېت، تېلېۋىزور، رادىئو، گېزىت-ژۇرناللاردىن ئىشىتكىنىمدە رەھبەرلەرنىڭ ئەمەل تۇتقاندا پۇقرالارنى ئۇنتۇماي يوقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولىمەن، ئۇلارغا تېخىمۇ كاتتا مەرتىۋىلەرنىڭ نېسىپ بولۇشىنى تىلەيمەن.
لېكىن…
    ئۆرىلەي دەپ قالغان نەچچە ئېغىز ئەبجەق ئۆي، توپا ئۆرلەپ تۇرغان كونا كىگىز، چىۋىن گىژىلدىغان قازاندىن باشقا روزىغارى يوق شۇ ئاۋارىلەر «رەھمەت» دەپ مىننەتدارلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ تېلېۋىزور ئېكرانىدا، گېزىت بەتلىرىدە پەيدا بولغىنىدا، ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ كەينىدە يەنە بىر جۈپ كۆزى باردەك، تۆككەن ياشلىرى مىننەتدارلىق ئۈچۈن ئەمەستەك ھېس قىلىمەن.
    نېمە، ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ بىزدەك شەھەردە ياشاپ يالغان كۈلۈشكە، يالغان يىغلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ بۇنى سېزىشى تەس. ئىشلارنى پاك دېھقاننىڭ كۆزىدە، جاپاكەش ئىشچىنىڭ كۆزىدە، ئىمانى ئەركەك زىيالىينىڭ كۆزىدە، قىسقىسى بۇلغانمىغان ئەقىل، پەردىلەنمىگەن كۆزدە كۆزىتىپ باقسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلىسىز. نەچچە يىل كۆزى تۇتۇلۇپ، جاھاننى كۆرەلمىگەن ئەما كىشىنىڭ تۇيۇقسىز كۆزى ئېچىلىپ، «ۋاھ…» دېگىنىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە مەن ئىشىنىمەن.
    قىستۇرما: بورتالادىن چىققان ساخاۋەت ئىگىسى ئەيساجان نىزامىدىن (ۋاپادارىم 912) نىڭ «بىر سوم پىلانى» نى 2006-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىگە تەھسىن ئوقۇيمەن. «بىر سوم پىلانى» نىڭ يىللىق خۇلاسىسىدىكى «پالانى يەردىكى بىر كىشىگە مۇنچە يۈەن ياردەم قىلدۇق، پالانى مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچىغا مۇنداق ياردەم قىلدۇق» دېگەن بايانلارنى ئوقۇغىنىمدا، ياردەمگە ئېرىشكەنلەرنىڭ نامىنى ئاشكارىلىماسلىق بىلەن ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى كۆتۈرگەن بۇ يىگىتنىڭ قوللىرىنى غايىبانە سىقىمەن: «ئاتاڭغا رەھمەت ، يىگىت!»
    خۇلاسە كالام، ئىنسان ئۈچۈن بىر باك ماي، بىر خالتا گۈرۈچكە قارىغاندا ئىنسانىي غۇرۇر تېخىمۇ مۇھىمراق. باشقىلارغا ياردەم بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنمىغاي. ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ياردەملىرىمىز ئەكس ئۈنۈم بەرمىگەي، ئاتىلار سۆز بىلەن ئېيتقاندا، «ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىگەي» …

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/yaxshiliq.html


«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1405 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3507

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:19:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تېما يوللاپ مەن ئىنكاس يېزىپ قىزىپ كەتمەي، باشقىلارنىڭ پىكىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى:P، مەن سەل كەينىدىرەك ئۆزۈم ئويلىغانلىرىم ئۈستىدە يازاي!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خۇلاسە كالام، ئىنسان ئۈچۈن بىر باك ماي، بىر خالتا گۈرۈچكە قارىغاندا ئىنسانىي غۇرۇر تېخىمۇ مۇھىمراق. باشقىلارغا ياردەم بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنمىغاي.
:Lبۇنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ ، ھەر قېتىم مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش فىلىملىرىگە قارىغۇممۇ كەلمەيدۇ ، مۆلدۈرلەپ تۇرغان قاپقارا كۆزلەردىن تۆكۈلىۋاتقان مىننەتدارلىق ياشلىرى بەكلا ئىچىمنى ئېچىشتۈرىدۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
113
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:09:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەت ئەپەندىم تەبئى پەندە ئۇقۇغاندەك تۇرىدۇ. بەزى تىمىلىرىغا قاراپ شۇنداق ھوكۇم قىلدىم.
چۇنكى تەبىئى پەندە ئۇقۇغانلار ھەممىگە دىققە قىلىدىغان، كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ خۇلاسە چىقىرىدغان مىجەزلىك كىلىدۇ.

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1405 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3507

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئىنسان ئەپەندىم، بۇ ئادەمنىڭ يانچۇقىدا بىر كىچىك خاتىرە بىلەن قەلەم بار، كېتىۋېتىپ كۆزىگە چېلىققان نەرسىلەرنى تىزىملاپ ماڭىدۇ، ئاندىن ھەممىمىزنى چىقىرۋېتىپ بىر نىمىلەرنى يازىدۇ، بولمىسا ئۇ كۆرگەن نەرسىلەرنى مەنمۇ كۆرىمەن، ئەمما مەن نېمىشقا ؟؟؟........:P

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
770 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2044
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدەك ئىختىيارى موخپىرلار ھەر ئايلىق خەۋەر يېزىش ۋەزىپىمىزنى ئورونلاش ئۈچۈن تالىشىپ رەسىمگە تارتىپ خەۋەر يېزىپ كىتىپتىكەنمىز..ھەي ،ئەمدى ئويلىنىپ قالدىم

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:43:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئېسىل تېما بىر نەچچە ئىنكاس بىلەنلا چەكلىنىپ قاپتىغۇ؟ مېنىڭ ناخشا-مۇزىكا تېمامغىلا كىرمەي، بۇياققىمۇ كىرىڭلار ئەزالار.:P
قىسمەتنىڭ پىكرى ھەقىقى، ئەل قەلبىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كىچىككىنە ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارغىچە ھەممىنى كۈزىتىپ، خۇلاسە قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىگە تەلەپچان. سەرلەپ، مىسقاللاپ سۆزلەيدۇ(مەرۋەرى دېگەندەك:lol) ئەمما دېگەن بىلەن ساز سۆزلەپ قويىدۇ .
بىزنىڭ بىر تۇغقىنىمىز بار ئىدى، تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالىدۇ. ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر يىلدا بىر نەچچە قېتىم كىرىپ، ئەھۋال سوراپ چىقىپ كېتىدىكەن. يەنە رەسىمگە تارتىپ دېگەندەك. ئەمما تۇرمۇشى خېلىلا ياخشى. يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن يول مېڭىپ يۈرۈپ، قىزلىرىغا تۇرمۇش پۇلى بېرىشنى قولغا كەلتۈرگەن. مەن قارىسام كىرىپ تەكشۈرگەندىن ئۆزى ۋە قىزى ئوخشاشلا خىجىل بولۇپ قاپتىكەن، ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ئوڭايسىزلانغىنىنى ئېيتقانىدى. دەل مۇشۇ نۇقتىنى قىسمەت ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ياخشى ئىش، ساۋابلىق ئىش مىننەتسىز، تەشۋىقاتسىز بولسا تېىخمۇ جايىغا چۈشەركەن. ئەمما ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئاھالىلەر كومىتېتلىرى بۇنى بىر «ئىسپات»، قىلغان ئەمەلىي ئىشنىڭ جەريانى، يەنى ناھايىتى چوڭ ئىش، دەپ ئاشكارىلايدۇ. بۇ مانا جۇڭگودىكى ھۆكۈمەت.
  راست ئەمەسمۇ. ئۇلاردىمۇ ئىنسانى غورۇر، ئىززەت-ئابرۇي بار ئەمەسمۇ. بىچارە، نامراتلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق غورۇرى، كۆڭلى بار ئەمەسمۇ. ئەمما بۇ خىل ۋەزىيەتنى كىم ئۆزگەرتىدۇ؟ ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ بىز پەقەت مۇنبەردىلا سۆزلەپ قالىمىز. يەتكۈزۈش، ئۆزگەرتىش مەسلىسى. بۇ تەستەك قىلىدۇ...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:26:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ.
ئۇلارمۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قىلىدۇ. شەكىلۋازلىق دەپ ئۇ ياكى بۇ دەپ جار سالساقمۇ شۇنداق.

بۇ قېتىم ئىچكىرگە پىنسىيەگە چىققىلى بىر نەچچە ئون يىل بولغان يولداشلاردىن ھال سوراپ باردۇق، گەپنىڭ ئۇچۇقىنى دىگەندە، ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن. باشلىققا كۆسىتىش ئۈچۈن، ھەر بىر شەھەر ھەر بىر پنسىيۇرنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمىزدا، ھال سوراپ قويغان 200 يۈئەنلىك قىزىل بولاقنى ئۇلارغا بەرگەن چاغدىكى كۈرۈنۈشنى رەسىمگە تارتتۇق، ھەم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەر بىر رەسىمنى تەھرىرلەپ ، كىم ،قەيەرلىك، ئورنى...دىگەندەك مەزمۇنلارنى قۇشۇپ تەھرىرلەپ قىلدۇق، سەۋەب، باشلىق كۆرىدۇ ، قىلغان خىزمىتىمىزنى كۆرىدۇ، بىزنىڭ ئويناپ كەتمەي، تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلىگەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە .
     غۇرۇرى يوق كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىنى ئويغىتىش، ۋە ياكى غۇرۇرى بولسىمۇ، ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ بولالمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ،بەزىدە ئەنە شۇنداق سۈرەت ۋە ياكى ۋىدىئو لار لازىم كېرەك بولىدىكەن، مەسىلەن، بەزى ئاق قان كىسەللىرى شۇ ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، مەخسۇس رەسىمگە چۈشۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، ۋە ياكى بەزى كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ ياردەم بىرىشى ئۈچۈن، شۇنىڭغا تۈرتكە بۇلۇپ قالامدىكىن دەپ  مەخسۇس فىلىم ئىشلەيدۇ.
مۇھىمى، بىرنىڭ ئىككىگە بۈلۈش نىسبىتى بويىچە، قارىساق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقاد مەۋقەسى، ھەقىقى ساۋابنى ئىزدىگەن ۋاقتىمىزدا، ۋە شۇ نۇقتىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا،  قىسمەت ئەپەندىنىڭ گېپىدە     خاتالىق يوق.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:01 , Processed in 0.238738 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش