يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 849|ئىنكاس: 4

قىزلار تېگىشنى خالىمايدىغان ئەرلەر . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:02:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار تېگىشنى خالىمايدىغان ئەرلەر .
قىزلار تويدىن كېيىن خاتىرجەم ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ .ئەلۋەتتە ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك شەرت - شارائىت ھازىرلىشى كېرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار لايىقىنىڭ شارائىتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ، تەلەپكە لايىق بولمىغانلىرىنى ئويلاشقىسىمۇ كەلمەيدۇ . قىزلار ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئەرلەرگە تېگىشنى خالىمايدۇ :
ئائىلە ئىقتىسادىي ناچارلار : يىگىتىنىڭ ئائىلە شارائىتى قىزلار ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىدىغان ئامىل .
مۇقىم خىزمىتى يوقلار : قىزلار يىگىتىنىڭ باي بولۇشىنى تەلەپ قىلمىسىمۇ ، مۇقىم خىزمىتى ، تالانتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .
خىيالپەرەس ، تۇتامى يوقلار : قىزلار ئىقتىسادى چەكلىك يىگىتلەرنى قوبۇل قىلالايدۇ ، بىراق كۈنبويى خام خىيال سۈرىدىغان ، "ياقسام پىشارمۇ ، كۆمسەم پىشارمۇ" دەپ ئىككىلىنىپ تۇرىدىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار تىرىشىپ ئىشلىسىلا تۇرمۇشنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .
يالغانچى ئەرلەر : قىزلار تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان ئەرلەردىن بىزار .
شەخسىيەتچى ، مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر : كۆپىنچە قىزلار كەسپىنى مۇھىم ، ئىدارىسىنى ئائىلە دەپ بىلىدىغان ئەرلەرنى ياقتۇرمايدۇ . قىزلار خىزمەت ۋە ئائىلىگە تەڭ قارايدىغان ، مەسئۇلىيەتچان ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ .
چېپىلغاق ئەرلەر : قىزلار يىگىتىنىڭ ئۆزىنى ئەزىزلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . بىراق شەخسىي بويۇمدەك كونترۇل قىلىشىنى خالىمايدۇ .
ئىچ مىجەز ، قوپال ، غەلىتە ئەرلەر : خاپىلىقى بىلەن خوشلۇقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئەرلەر قىزلارنى بىزار قىلىدۇ .
ئاتا - ئانىسى چىقىشالمايدىغان ئەرلەر : ھازىر قىزلار ئائىلىسىدە ئەتىۋارلىنىپ ، مەلىكىدەك چوڭ بولىدۇ ، شۇڭا قېيىنئاتا - قېتىنئانىسىنىڭ چىقىشقاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

مەنبە - چولپانلار تورى ،

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:32:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنىڭ قانداق ئەرلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بەزىلەر خېلى ئوبدان بىلىدىكەن بولمىسا .
بىراق قىزلار ئاشق بولۇپ قالمىسۇن ،ئاشق بولۇپ قالسا كۆزىگە شۇ ئەردىن باشقا ھېچنىمە ،ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ ،مەيلى ئۇ ئەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتتئىي نەزەر......

كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:19:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazinin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:32
قىزلارنىڭ قانداق ئەرلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بەزىل ...

شۇڭا  كونىلار  « كۆڭۈل  ياتقان  يەردە ، ئىت  ئىشەك ياتمايدۇ » دەپ  بىكار  ئېيىتمايدۇ

لىكىن ، ھازىرقى  جەمىيەت قىزلارنى بەك  ئەمىلىيەتچىل  قىلىۋەتتى ، يۇقاردا  دەپ ئۆتكەن  تۈرلۈك  تەلەپلەرنى ئويلاشماي بولمايدۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچ مىجەز ، قوپال ، غەلىتە ئەرلەر : خاپىلىقى بىلەن خوشلۇقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئەرلەر قىزلارنى بىزار قىلىدۇ .
خۇدا ساقلىسۇن قىزلىرىمىزنى بۇنداق بۇقىنى چىمداپ ئۆلتۈرىدىغانلاردىن جۇمۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى 13:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:51
ئىچ مىجەز ، قوپال ، غەلىتە ئەرلەر : خاپىلىقى بىلەن خوشل ...

شۇنى دەڭە ئانار، ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ گۆشىيىپ ئولتۇرۋالسا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئازاپ بارمۇ، ئۇنىڭدىن گالاچ- گۇلۇچ قىلىپ بىرەر ئىككىنى ئۇرۋېتىپ ما ئىشنىڭ يپلى ماۋۇ دىسىمۇ دەڭە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:00 , Processed in 0.052531 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش