يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1895 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1115|ئىنكاس: 5

ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:19:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش









    جۈرئەت ئوبۇلقاسىم دېگەن بۇ ئىسىم «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىلەن زىچ باغلانغان، شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئاۋۋال «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق.


  • «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دېگەن نېمە؟
    جىننېس (Guinness 吉尼斯) ئەسلىدە بىر پىۋا زاۋۇتىنىڭ نامى ئىدى. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ناھايىتى تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە بارلىققا كەلگەن. بىر كۈنى زاۋۇت دىرېكتورى Beaver چوشقا ئوۋلاۋېتىپ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر قۇشنى كۆرۈپ قالىدۇ. كۆپچىلىك بۇ قۇشنى «ياۋروپادىكى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان قۇشمۇ ئەمەسمۇ» دېگەن مەسىلىدە مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. لېكىن، ئىلگىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغاچقا، بىردەكلىككە كېلەلمەيدۇ.
    Beaver بۇ ئىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇ قوشكېزەك ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە «دۇنيادىكى ئەڭ» نى خاتىرىلەيدىغان شىركەت «جىننېس شىركىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەت رەسمىي باشلىنىپ كېتىدۇ.
    1955-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسىنىڭ تۇنجى سانى نەشردىن چىقىدۇ. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دۇنيا رېكورتلىرى ئىچىدىكى باشلامچىلىق ئورنى بىلەن، دۇنياغا بىر خىل قىزىقىش ۋە ئەسەبىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ.
    «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى ھەر يىلى بىر سان نەشىر قىلىنىپ، شۇ يىل ئىچىدىكى «دۇنيادىكى ئەڭ» لەرنى خاتىرىلەيدۇ.
    «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى 198 بەتلىك كىتابچە بولۇپ، دائىرىسى تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا، سودا، قۇرۇلۇش، تەبىئەت قاتارلىق 12 ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس، ياپون تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ.


  • جۈرئەت ئوبۇلقاسىم كىم؟
    جۈرئەت ئوبۇلقاسىم 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سودا بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ھالال قان-تەرىگە تايىنىپ ئاز-تولا ئىقتىساد توپلىدى.
    1997-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سەنشيا بوغۇزىغا تارتىلغان سۇ يۈزىدىن 402 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 640.7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات ئارغامچىدىن 13 مىنۇت 48 سېكۇنتتا ئۆتۈپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كوچرەين 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ يەردە ياراتقان 53 مىنۇت 10 سېكۇنتتا ئۆتۈشتەك «دۇنيا جىننېس رېكورتى» نى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى رېكورتنى ياراتقاندىن كېيىن، جۈرئەتتە «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇرغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالدى. ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم بىر تۈردە «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىپ، ۋەتەن-خەلققە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى. ئۇ موتسىكلىت مىنىشكە ھەۋەس قىلغاچقا موتسىكلىت مىنىشنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا جىننېس رېكورتى ياراتماقچى بولۇپ، «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابى (قىسمەت قىستۇرمىسى: ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا . «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نىڭ خەنزۇچە نامى 吉尼斯世界纪录، ئاۋۇ شاڭخەيدىكى جىننېس رېكورتىنىڭ خەنزۇچە نامى 上海大世界基尼纪录) دىكى خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە موتسىكلىت بىلەن جۇڭگونى ئايلىنىپ چىقماقچى بولدى.


  • جىننېس رېكورتى يارىتىش يولىدا
    شۇنداق قىلىپ، جۈرئەت زاۋۇتقا ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان «يېڭى قىتئە 新大洲» ماركىلىق موتسىكلىت بىلەن «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.
    ئۇ 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 2000-يىلى سائەت نۆلدىن نۆل مىنۇت ئۆتكەندە يەنە شۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان خەيكۇ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نى ياراتتى.
    بۇ جەرياندا ئۇ 436 كۈن يول يۈردى، مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە 312 ناھىيە (شەھەر) نى ئايلىنىپ، 73 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى باستى.
    بۇ جەرياندا ئۇ 260 مىڭ يۈەنگە (بۇنى 1998-2000-يىللاردىكى ئىقتىساد قارىشى بىلەن ھەزىم قىلىڭ) يېقىن چىقىم قىلدى. بۇنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراقىنى ئۆزى چىقاردى، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ياردەم قىلدى. 70 مىڭ يۈەندەك پۇلنى قەرز ئالدى. دىلشات، ئابلىمىت ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم تىجارەتچىلەر 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم قىلدى.
    بۇ جەرياندا ئۇ ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆللەردە يۈردى، ئاي نۇرى باغاشلىغان دالىلاردا تۈنىدى. كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قالدى. بۆرىلەرگە ئۇچراپ، قېچىپ قۇتۇلدى. ئىشقىلىپ ئادەمم ئىشەنگۈسىز جاپالارنى ئۇ ئۆزى يالغۇز باشتىن كەچۈردى.
    بۇ جەرياندا ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇ جىننېس رېكورتىنى ياراتقان كۈنى يېنىدا تىيىن پۇل يوق ھالەتتە سىرتتا تۈنىدى. ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، مۇھەببەتلىك بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە ئېرىشەلمىدى.
    جىننېس رېكورتىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى بويى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 76 كىلوگرام كېلىدىغان، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقان بۇ يىگىت رېكورت يارىتىلغان كۈنى 54 كىلوگرام كېلىدىغان، جاپادىن مۈكچەيگەن، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى گەدىنىگە ئارتىۋالغان 29 ياشلىق جاپاكەشكە ئايلىنىپ قالدى.


  • خۇلاسە
    1997-يىلى ئادىل ھوشۇر جىننېس رېكورتىنى يېڭىلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئوت يۈرەك ئوغۇل-قىزلىرىمىز بۇ يولغا كىردى. لېكىن، ئادىل ھوشۇردىن باشقىلار بۇ يولدا ئاساسەن ئۈزۈپ چىقالمىدى. ئادىل ھوشۇر ھېلىھەم دۆلەتنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ياشاۋاتقىنى بىلەن، باشقىلار ئۈن-تىنسىز «يوقاپ» كەتتى.
    يازمىمىزنىڭ باش قەھرىمانى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تاللىغان ئىدى. ئۇنىڭ تاللىغان يولى ھەقىقەتەن جاپالىق، ناھايىتى كۆپ ۋاقىت (436 كۈن سەپەر قىلىش ئاز ۋاقىت ئەمەس)، ئىقتىساد سەرپ قىلىدىغان يول ئىدى. ئاقىۋەت، جۈرئەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يىگىتلىكىنى نامايان قىلدى. ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىگەن بۇ يىگىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
    ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنا ساقلاۋېتىپ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋاللاشماقچى بولۇپ ئۇ تەرەپكە ماڭدىم-يۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاراپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئۇنىڭ 40 ياشقا كىرە-كىرمەي تاقىرلىشىپ كەتكەن باشلىرى، مۇڭ باسقان چىرايى ماڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: «ھېسسىياتقا تايىنىپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار» …
    راست، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى «يەپ كەتتى». جۈرئەت ئۇبۇلقاسىملا ئەمەس، «جىننېس رېكورتى» ئۈچۈن ئاتالمىش «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابىغا پۇل تۆلىگەن، ئاللىقانداق يېڭىلىقلار ئۈچۈن ۋاقتىنى، ئىقتسادىنى، جېنىنى دوغا تىككەن تالاي ئوت يۈرەكلەر «يىيىلىپ كەتتى».
    ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» شىتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا ئىدى.
    ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابىنىڭ جۇڭگودىكى تارمىقى شاڭخەيدە ئەمەس، لياۋنىڭدا ئىدى.
    ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىز بىلىدىغان «ئولىمپىك» تەك دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس باھادىرلارنىلا ئەمەس، دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ بۇرۇت رېكورتى»، «ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى كېكىرىش رېكورتى»، «ئەڭ يىراققا سىيىش رېكورتى» دېگەندەك بىمەنە ئىشلارنىمۇ خاتىرىلەيتتى.
    ئەپسۇس…

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/juret_obulqasim.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 3Rank: 3

توردا
131 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ھېجنېمىدىن قورقمايدىغان ،ئۆز غايىسى ئۈچۈن  جاپا -مۇشەققەت ئالدىدا باش ئەگمەسلىكتەك جەسسۇرانە روھىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقان ئىدى  .
قىسمەت ئەپەندىم تىلغا ئالمىغان بولسا بۇ يىگىتنى سىماسى ھەقىقەتەن غۇۋالىشىپ كېتىپتىكەن ،لېكىن نامى يەنىلا ئېسىمىزدە بار .
ئەپسۇس ...يەنە ئەپسۇس....
«جىننېس  دۇنيا رىكورتى »نى  يارىتىمەن دەپ ئاقىۋەت  نېمىگە ئېرىشتى؟؟؟؟؟
دۆلەت ،خەلق ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەلىدى ؟

كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
444

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىجىت ناسىر ئەپەندىنىڭ«بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز» دېگەن كىتابىدا جۈرئەت قاتارلىق نۇرغۇن ئەزىزلىرىمىزنىڭ ماتىريالى بىرىلگەن.كۆرۈشكە،ساقلاشقا ئەرزىيدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1412 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3534

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ۋاقىتلار بولسا شىركەتلەر بەس- بەستە ئىلانىغا ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بولاتتى، ئەپسۇس بۇ يىگىتنى مانا مۇشۇنداق ھالەتتە تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمىز، بەكلا ئەپسۇس:(

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:35:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئەندە كۆرگەن ئىدىم .ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىم ئىدى.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ جاپاغا چىداش روھى، تەۋەككۈلچىلىك روھى ،چىدامچانلىقى ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
218
يوللىغان ۋاقتى: 4 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى جۇرئەت ئوبولقاسىم بولسا    يەنە  بىر  كۇنلەردە تاتقان كۇلپەتلرىگە يارشا ئۇ رىكورتىقا  ئېرشەلمگەن بولسا باشقا تەرەپتىن ئاللا ئۇنىڭ ئەجرگە لايىق رىكورت ئاتا  قلىغاي..
بەزى ئېشلارغا ئالدراپ  بىر نىمە دىگلنى  بولمايدۇ  جۇمۇ.....................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:44 , Processed in 0.167622 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش