يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 765 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 645|ئىنكاس: 5

تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



   مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن.
   سېنارىست: قىسمەت
   رېژىسسور: جاڭ يىمۇ، تۇيغۇن ئەھمىدى
   ئوپېراتور: شىرزات ياقۇپ قاتارلىقلار
   ئاساسىي روللاردا:
   ئامانبەگ رولىدا: ۋارىس ئىسلام
   خې فېي رولىدا: چېڭ لوڭ
   ئابدۇللا بەگ رولىدا: مەھەممەت شېرىپ
   سۇچىڭ رولىدا: ۋېي زوڭۋەن («ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» فىلىمىدە سىمايىنىڭ رولىدا چىققان ئارتىس)

فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى   چيەنلۇڭ زامانىسىدا چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خوجىلار ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا، خوجىلار تەرەپتىن ئىپارخان چيەنلۇڭ خانغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانا يۇرتى ئىشقىدا كېچە – كۈندۈز يىغلاپ ئۆتىدۇ. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەخسۇس ئۇيغۇر پاسونىدىكى بىر يۈرۈش ھويلا-ئارام تەييارلايدۇ، بۇنىڭغا دىيارىمىزغا خاس بولغان ھەرخىل دەل- دەرەخ تىكىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.
   يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە كۆرە، مىلادىيە 1765-يىلى ئۇچتۇرپان شەھىرىگە جىگدە ئالۋىنى چۈشىدۇ. ئۇچتۇرپاننىڭ شۇ چاغدىكى ئامبالبېگى ئابدۇللا بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرگۈچىسى سۇچىڭ ئۆزىنىڭ بىر قاتار سىياسىي قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان دىيارىدا نامى چىققان رەھمىتۇللا بەگنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىشقا باش قىلىش باھانىسى بىلەن، نەچچە مالتاققا جىگدە كۆچىتىنى تىكتۈرۈپ، بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى بۇ كارۋان ياڭخې (ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا، «ئاچاتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ) غا كەلگەندە، كارۋان ئىچىدىكى چىڭ چېرىكلىرىنىڭ كاتتىسى (سۇچىڭنىڭ ئوغلى) ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۇرۇپ-سوقۇپ، بىر نەپىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىشلەمچىلەر سۇچىڭنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھان تارىخىدا مەشھۇر بولغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىدۇ.
   بۇ ئىنقىلاب داۋاملىشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا، ئىنقىلاب بېشى رەھمىتۇللا بەگ، ئىزباسارى (ئوغلى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىنىسى دەپمۇ قارىلىدۇ) ئەسمىتۇللا بەگلەر خائىنلارنىڭ كاساپىتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئىگىسىز قالغان خەلقنىڭ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان پەيتتە، رەھمىتۇللا بەگنىڭ قىزى مايسىخان ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ (ئۆزى بىلەن قۇرداش ئالتە قىزنىڭ ھەمكارلىقىدا) خەلقنى تەشكىللەپ تاغ، جىلغا، ئورمانلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ.
   مۇشۇ تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى كەينىدە، ئەل ئىچىدە نامى چىقىشقا باشلىغان ئامانبەگ ياشىنىپ قالغان ئاتىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توسقىنىغا قارىماي، سەپكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
   ئامانبەگ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پەخرى ھېسابلىنىدىغان يەتتە قىزنىڭ ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋالغىنىغىمۇ شاھىت بولىدۇ.
   ئاقىۋەت، ئامانبەگ قالغان قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرىنى باشلاپ، چىڭ چېرىكلىرى بىلەن يەنە پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىدۇ، ئەپسۇس، غايەت زور ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن چىڭ چېرىكلىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.
   قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چىڭ چېرىكلىرى ئۇچتۇرپاندا قەتلىئام يۈرگۈزىدۇ، بۇ ۋەقەلەرنى قەلەمگە ئالغان موللا شاكىر ئېيتقاندەك: «ئۇچتۇرپان شەھىرىدە ئاتا ئۈچۈن يىغلايدىغان بالا، ئەر ئۈچۈن يىغلايدىغان ئايال قالمايدۇ، (قان ئېقىپ تۇرغانلىقتىن) توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە ئىچكىلى بولمايدۇ».
   چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلۇڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئۇچتۇرپان باھادىرلىرىنى ئاستانە بېيجىڭغا يوللاپ بېرىش خۇسۇسىدا پەرمان چۈشۈرىدۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە، ئامانبەگ چىڭ چېرىكلىرى ئارىسىدىكى ۋىجدانلىق ئەرلەردىن ھېسابلىنىدىغان خې فېينىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ، ئامانبەگ شۇ قاچقانچە قۇمۇل دىيارىغا بېرىپ يوشۇرۇپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
ئۇچتۇرپان دىيارىدا ئادەم زاتى قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن چىڭ دائىرىلىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئۇچتۇرپان شەھىرىگە ئادەم كۆچۈرىدۇ.
   ئارىدىن 15 يىلچە ۋاقىت ئۆتىدۇ، ئۆز يۇرتى ئوتىدا يۈرىكى كۆيۈپ كېلىۋاتقان ئامانبەگ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئۇچتۇرپان شەھىرىگە بارىدۇ.
   بىرەر ئايلارچە ۋاقىت ئۆتكەندە، ئامانبەگ بازار ئارىلاپ يۈرۈپ، كەينىگە بىرەر يۈزچە چېرىكنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن بىر مانجۇ كاتتىباشنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ… ئۇ دەل ئامانبەگنى قاچۇرۇۋەتكەن خې فېي ئىدى.
   ئامانبەگ ئۆزىنىڭ ساددا ھېسسىياتى بويىچە، خې فېيغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تونۇشلۇق بېرىدۇ. ئەپسۇس، نەچچە قېتىملىق قانلىق جەڭلەردىن ئامان قالغان بۇ باھادىر بۇ قېتىم ئۆز ئايىغى بىلەن ئۆلۈم ئالدىغا بارىدۇ…
   ئەسلىدە ئەينى يىللاردا خې فېينىڭ ئامانبەگنى قويۇۋېتىشى بىر قېتىملىق ۋىجدان غەلىبىسى ئىدى، خالاس.
   شۇنداق قىلىپ، ئامانبەگ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، خې فېي بىلەن بىرلىكتە باغلىنىپ، مۆلجەر تاغ راۋىقىدىن ساڭگىلىتىلغان ئارقانغا ئېسىلدۇرۇلۇپ تاغدىن تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسىتى تاغدىن قاپ بېلىدە بىر مەزگىل ئېسىقلىق تۇرغاندىن كېيىن، چىرىپ بىر نەچچە پارچە ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالىدۇ…

   ئىزاھات:
   1. بۇ قىسمەتنىڭ تۇنجى سېنارىيىسى ، كىنو قىلىپ ئىشلەش ھەققىدە بىرەر ئورۇنغا سۇنۇلغىنى يوق.
   2. بۇ كىنو پەقەت بىر ئارزۇ، خالاس. بۇ خىل كىنو روياپقا چىقامدۇ-چىقمامدۇ، بىر نېمە دېمەك تەس.

   مەنبە: قىسمەت بلوگى
   يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/jigde_yeghiliqi.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى 05:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ نىمانداق ئېچىنىشلىق دەيمەن  توۋا  بۇنداق ۋەقە دىن مەن تىخى خەۋەرسىزكەنمەن دىسە  بولمىسا ئۇزۇم  ئۇچتۇرپاندىن  

ماۋۇ سىنارىيە كىنو بۇلۇپ قالسا   ئالتۇن مىدالغا ئىرىشگۇدەك       سىزگە ئامەت تىلەيمەن   بولسا   تەپسىلى يىزىپ چىقسىڭىز  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك چاغلىرىمدا «مۆلجەر تاغ بورانلىرى» دېگەن دىرامىنى دادامنىڭ قۇچقىدا ئولتۇرۇپ كۆرگىنىم ھېلىمۇ يادىمدا.
«جىگدە يىغىلىقى» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى،تەپسىلاتىنى ئاڭلىۋالغانلىرىغا تايىنىپلا چالا- پۇچۇق بىلدىم دەپ يۇرىۋاتقانلار،ئۇنتۇپ كىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.تارىخىي فىلىملەرنى ئشلەشتىىكى بوشلۇقلىرىمىز،دۇچ كىلىدىغان ئەگىر-توقايلىقلار سىزگىمۇ ئايان.
    قىسمەت،ئەمگىكىڭىز يەردە قالمىغاي....سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن ھالىتىنى،بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ،ۋەقە ھەققىدىلا سوزلەپ كەتسەك مۇۋاپىق بولماس بەلكىم.شۇڭا مۇشىنچىلىكلا دەي.چىغىر يول ھامان چوڭ يولغا تۇتىشىدۇ.........

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
560

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:56:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتۇرپان يېزىلېرىدا يۇرگەن ۋاقىتلېرىمدا بۇ ھەقتە  نۇرغۇنلىغان ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان شۇنداقلا 7 قىز قەبرىسىدە زىيارەتتىمۇ بولغان ئىدىم.
قىسمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ئىشلېرىنىڭ بالدۇراراق رويىقاپقا چىقىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرمەي قالغان قايسى كنۇدۇر دەپتىمەن، تېزراق ئىشلىسە بولغۇدەك بەك ئېسىل چىقىپتۇ.

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 18:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بۇ ھەقتە كىنو ئىشلەنسە ،بەلەن كىنو بۇلۇپ پۈتكىدەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:21 , Processed in 0.058310 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش