ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1028|ئىنكاس: 5

ھالسىراش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تېما
16
يازما
68
نادىر
0
جۇغلانما
0
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىز ئىكەن تۇرمۇش داۋىنى،
قەدەملىرىم شۇ قەدەر ئېغىر.
باغلاپ تۇرار مىنى ھاياتقا،
قەلبىمدىكى ئاداققى مىھىر ،

ئويلاۋەرسەڭ ئۇ بەخىتلىك دەپ،
كۆرسەتمەستىن ئۆتسەم يېشىمنى.
بىلىندۈرگۈم يوق ئىدى ھەرگىز،
بۇ رىئاللىق ئەگكەن بېشىمنى.

باقماي كەلدى مەيلىمگە ھايات ،
مۇرەڭ ماڭا بولمىدى نىسىپ،
چىقارمدى پۇتۇن ئەلىمىم .
يىغلىۋالسام ساڭا ئېسىلىپ.

رەنجىمىگىن زارلاشلىرىمدىن،
پەقەت ساڭا يىغلىيالايمەن.
مۇزلىغاندا ۋۇجۇدۇم ئەبەد،
باغرىڭدىلا ئىللىيالايمەن.

Rank: 8Rank: 8

تېما
108
يازما
682
نادىر
2
جۇغلانما
1729

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختلىك بول دەيمەن ساڭىلا،
بارچە دەرتكە ئۆزەم قېتىلىپ.
ھالسىراشلار ھاردۇردى مىنى،
ئۆپكەم دەرتە نەچچە قېقىلىپ.

يىغلىۋالسام دەيمەن بەزىدە،
ئاي مۆكۇنگەن جىم-جىت كېچىدە.
دەسلەپ سۆيگەن ئەشۇ قەلىپتە،
قالسام دەيمەن ياپ ياش پېتىچە.



Rank: 1

تېما
16
يازما
68
نادىر
0
جۇغلانما
0
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلىۋالغىن مەيلىلا جېنىم،
لەۋلىرىمدە سۈرتەي يېشىڭنى.
ئەسلىۋالغىن ئۆتكەن كۈنلەرنى،
مۇرەمگىلا قۇيۇپ بېشىڭنى.

تىلەكلىرىڭ ھەمرادۇر ماڭا،
يۈرسەممۇ گەر دەرتكە چىلىنىپ.
ھالسىرىغان قەدەملىرىمگە،
كەچمىشلىرىم قالدى ئېلىنىپ.

Rank: 8Rank: 8

تېما
108
يازما
682
نادىر
2
جۇغلانما
1729

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتتى دىمە مىنى پىراققا،
پەقەت ساڭا سىرداش خىيالىم.
قارچۇغاڭدىن يۈتكۇنۇم بىلەن،
ھەمرا مەڭگۇ بەخت تىلىگىم.

تەنھالىققا بەرمىسەڭ چىداش،
كۆرسەتمىگىن ئەمما يېشىڭنى.
يىغلىۋالغىن سەنمۇ تىلىقىپ،
مۇرەمگىلا قۇيۇپ بېشىڭنى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:29:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام گۈلخان!
ھالسىراپ بۇنچىلىك، ھالسىرىمىسىڭىز مۇنبەرگە ئوت كېتەركەن;P;P

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 2

تېما
12
يازما
647
نادىر
0
جۇغلانما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئېسىل شئېرىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن دىسە،،بۇ ئىككى شائىىر بەك ماسلىشىپتۇ دىمىگەن بىلەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش