يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 665|ئىنكاس: 4

ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

400 كىشى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سۇغا چۈشۈپ، جىننېس رېكورتى ياراتتى


(ئەسكەرتىش: رەسىم غۇۋالاشتۇرۇلدى)


    ئەنگلىيە قۇياش گېزىتى خەۋىرى: 400 نەپەر يالىڭاچ سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى (بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرمۇ بار، ئاياللارمۇ بار) ئەتىگەندىكى سوغۇققا قارىماي، ئاۋسترالىيە ۋېلش دېڭىز ساھىلىدا بىرلا ۋاقىتتا سۇغا چۈشۈپ، يالىڭاچ سۇ ئۈزگۈچىلەر سانى جەھەتتە جىننېس رېكورتى ياراتتى.
    بۇ قېتىملىق رېكورتنى يارىتىش ئۈچۈن، بۇ 400 يالىڭاچ سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى (شۇ يەر ۋاقتى) ئەتىگەن سائەت 8:00 دىكى سوغۇق سۇدا 10 مىنۇت سۇ ئۈزدى. … (مەنبە: گۇاڭجۇ گېزىتى)

    ئامېرىكا نيۇيوركتا بىر ئايال ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۈستى بەدىنىگە كىيىم كىيمەي كوچىغا چىقىۋاپتۇ. (مەنبە: نۇر تورى)

    قوشكېزەك قىز ئەۋرەتلىرى ئوچۇق كىيىم كىيىپ مەكتەپ تەرىپىدىن جازالانغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئانىسى مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپتۇ. (مەنبە: مەزكۇر بلوگ)

    بىر يىگىت توي سورۇنىدا جېدەل چىقىرىپ، تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى (دىققەت: قىزنى ئەمەس يىگىتنى) ئېلىپ قېچىپتۇ. (مەنبە: يوۋكۇ تورى)

    «بۇلارنىڭ قانچىسى راست، قانچىسى يالغان؟ بۇ مۇخبىر دېگەن ھەرنە ئىشنى يېزىۋېرىدىغان خەق بۇ» دەپ ئۆزۈمنى بەزلەۋاتسام ، بىزنىڭ قورۇدا بىرسى «مەنمۇ بار» دېگەندەك قىلىپ، ئۆزۈمنى ئالداۋاتقانلىقىمنى ئاشكارىلاپ قويدى:
    ئالدىنقى كۈنى قورۇدا بىر خەنزۇ قىزنىڭ چەتئەللىك خانىم-قىزلار كەچلىك مۇراسىملاردا مەيدىنىڭ مۇھىم يەرلىرىنى كۆرسىتىپ كىيىۋالىدىغان كىيىم بىلەن قورۇدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. «بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى، ئەمدى؟» دەپ ئويلاپ بولغىچە، قۇلىقىمغا بىراۋنىڭ ئاۋازى كىرىپ قالدى. زىيالىي سۈپەت بىر خەنزۇ بوۋاي ئاۋۇ قىزغا قاراپ، ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ غودۇراۋېتىپتۇ.
بەس! ئادەم ئەخلاق، ھايا بىلەن ئادەم. ئەجەبا بەزىلەر ئىنسان بولۇپ يارالغىنىغا، پەرىشتىلەر ئۇستاز تۇتقان ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغىنىغا پۇشايمان قىلىۋاتقان بولسا-ھە!؟
    بىزدە «ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر» دېگەن ھېكمەت بار. باقىيدىكى ھېساب-كىتابنى «كۆزۈم كۆرمىدى، قۇلىقىم ئاڭلىمىدى» دېگەندىمۇ، پانىيدىكى ساناپ تۈگەتكۈسىز دىشۋارچىلىقلارغا ھاياسىزلىق سەۋەب بولغان ئەمەسمۇ؟ يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتقان ئېغىزغا ئالغۇسىز جىنايى قىلمىشلارنىڭ سەۋەبچىسى يەنە شۇ ھاياسىزلىق ئەمەسمۇ؟
    ھايالىق ئەر نومۇسنى بىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ھەققىگە تەگمەيدۇ. ھايالىق ئايال ئىپپىتىنى ساقلايدۇ، باشقىلاردىن يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلىرىنى يوشۇرۇپ ياشايدۇ. «يولۋاسنى قومۇش ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس» ، بۇ مۇنداقلا دەپ قويۇلغان گەپ ئەمەسقۇ ئاخىر!؟
    ئاللاھقا شۈكرى، دىيانەتلىك قەۋمنىڭ ئەۋلادى بىز، بىزدە مۇنداق ئەھۋاللار يوقتۇر، بار بولسىمۇ، خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلىۋاتقانلار باردۇر، دېگەن ئوينى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قادىر ئاللاھ ئويىمىزنى خاتاغا چىقارمىغاي! «شاھ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولمىغاي، خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولمىغاي!»، نىجاتچىمىز ئاللاھ! بىزنى ھەرنېمىدىن ئايرىساڭ ئايرىغىن، دىيانەتتىن، ھايادىن ئايرىمىغىن! پاكىز كەلدۇق، پاكىز قايتىشقا نېسىپ قىلغىن!

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    مەنزىل: http://www.qismet.me/hayasizliq.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:00:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر»
-----
بەلكىم سىز ئېيتقان شۇ بالا- قازالار بىزگە يېقىنلىشىپ بولغاندۇ، چۈنكى بىزدىمۇ ھايانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆتۈرلۈپ كەتكىنى ھەممىمىزگە ئايان!

Rank: 1

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:04:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بىزدە ھايالا ئەمەس، ئىنساپ - دىيانەت كۆتۈرۈپ كەتتى، يەنە نمىدىن سۆز ئاچىمىز.

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. ھايا كەتتى ئىمان كەتتى. ئىنسان نىمىدىن قورقىدۇ؟

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا، ئەتراپىمىزدىكى بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ، ئاللانىڭ غەزىپى تاشتى دوستلار، ئاپەتلەر، يامان ئىشلار يامراپ كېتىۋاتىدۇ....

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:05 , Processed in 0.051969 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش