يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1895 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 816|ئىنكاس: 7

سەمىمىلىك ھەققىدە قىسسە ۋە قويمىچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 19:09:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          قىسسە : بىر مۇسۇلمان كىشى بىر يەھۇدىدىن مىڭ دىنار ئالتۇن ئۆتنە ئالماقچى بولدى،  يەھۇدى ماقۇل بولدى، شۇنداقلا، ئۇنىڭغا بىر گۇۋاھچى كەلتۈر دىدى، مۇسۇلمان كىشى، ئاللاھ گۇۋاھچى دىدى، يەھۇدى، ئاللاھ گۇۋاھچىلىققا كۇپايىدۇر دىدى، شۇنداقلا، ئۇ يەنە بىر زاكالەتچى كەلتۈر دىدى، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ بۇنىڭغا كۇپايە دىىدى، يەھۇدى، ئاللاھ زاكالەتچى بۇلۇشقا كۇپايىدۇر دىدى، ھەمدە مىڭ دىنار پۇلنى مۇسۇلمان كىشىگە مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا ئۆتنە بەردى،  شۇنداقلا، ئۆتنە قايتۇرىدىغان كۈندە ، چۇقۇم ۋاقتىدا كېلىپ، مىڭ دىنارنى قايتۇرۇش ھەققىدە ۋەدىلەشتى، شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان كىشى مىڭ دىنار پۇلنى ئالدى، ھە ئۇنى زۈرۈر بولدىغان ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، مۆھلەت تۇشۇدىغان چاغدا، شۇ مىڭ دىنار پۇلنى غەملەپ، دىيىشكەن كۈندە ئۆتنىنى قايتۇرىدىغان جايغا باردى، مۇسۇلمان كىشى دەريانىڭ بۇ قېتىدا، يەھۇدى دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ئىدى، مۇسۇلمان كىشى ھەر قانچە قىلىپ، قارشى قىرغاققا بارىدىغان بىرەر كېمىچى تاپالمىدى، دىگەن ۋاقىتدا پۇلنى بىرەلمەي قېلىشتىن يۈرىكى سىقىلدى، ئۇ ياق بۇ ياقلاردىن شۇنچىلىك ئىزدىگەن  بولسىمۇ،  پەقەت ئامال بولمىدى، ئاخىرى، مۇسۇلمان كىشى، بىر ياغاچ تېىپىپ كېلىپ، ئۇنى مىڭ دىنار پاتقىدەك قىلىپ، ئويدى، ھەمدە، مىڭ دىنارنى شۇ ياغاچنىڭ ئۇيۇلغان جايىغا مەھكەم جايلاشتۇرۇپ، ئاللاھغا سېغىنىپ، دۇئا قىلىپ، بۇ ئامانەتنى شۇ يەھۇدىنىڭ ئۆز قولىغا تاپشۇرىلىشى ئۈچۈن، چىن دىلىدىن دۇئا قىلدى، ئاقىۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ياغاچ دەريادا سۇ ئېقىمىدا ئۈزۈپ، قارشى قىرغاققا، يەھۇدىنىڭ  قولىغا يىتىپ باردى، مال ئۆز قولىغا يەتكۈزۈلدى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، مۇسۇلمان كىشى مالنىڭ ئۆز قولىغا تەگمەي ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بۇلۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدى،  كېىين، باشقا بىر كۈنى قارشى قىرغاققا كېمىچى تېپىپ ئۈتۈپ ، يەھۇدىنى ئىزدەپ تېىپ، ئەھۋالنى  دىدى، يەھۇدى، مىڭ دىنار سېلىنغان ياغاچنىڭ ئۇ تەرەپكە ئۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، مىڭ دىنار پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى، شۇ چاغدىلا مۇسۇلمان كىشىنىڭ كۆڭلى ئەمن تاپتى.
........................
          بۇ قىسسەدە بىر تەرەپتىن، چىن دىلىدىن قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىنتايىن سەمىمى ئىكەنلىكىنى، ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئەلۋەتتە.  ئەمدى، ھازىرقى جەميەتتە قارىساق،  بەزى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەتتا قول بېسىپ، تامغا بېسىپ قىلىغان ئۆتنە، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىغا ئىنتايىن يالغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، باشقىلارنى ئالداۋاتقانلىقىنى، بۇ بەرىبىر باشقا يات دىندىكىغۇ دەپ، خالىغانچە قارشى تەرەپنىڭ ماللىرىغا خىيانەت قىلىۋاتقانلىقىنى،  ھەتتاكى تۇل يىتىم يېسىرلارنىڭ ھەققىگە قولىنى سۇزۇپ، سەمىمىيەتسىزلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى پات پات ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قويمىچى دىگەن سۆزنىڭ ئىنتايىن تىز، كەڭرى ھالدا  تىلىمىزدا    ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە ھىچكىمگە ناتۇنۇش ئەمەسلىكى روشەن پاكىت. بەزى شىركەتلەر ئوپ-ئۇچۇق ئالدامچىلىق قىلىۋاتقان، ھەر زەبەردەست ئەركەكلەرنىڭ ئاغزىدا ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ، ئىچكەن قەسەملەر، تۈزگەن بىتىملارغا ئەمەل قىلماي، ئالدامچىلىق قىلىشى، باشقىلارنى ئالدىشى خۇددى ئۇلار ئۈچۈن، يۇۋاشنى بوزەك ئەتمىسەك، قىيامەتتە سورىقى بار دەپ، خاتا ئاڭدا قۇبۇل قىلغان بۇ نادانلارچە، يامانلارغا يانتاياق بولىدىغان بۇ جۈملىنىڭ شۇلارنىڭ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن سەممىيەتسىزلىكىدە ئىپادىلىنىشى ، كىشىنى بەكمۇ نەپرەتلەندۈرىدۇ،  ھەي ،ئاشۇ سەن ئالدىۋالغان پۇللار، باشقىلارنىڭ مۇلكى ئەمەسمۇ ؟ باشقىلارنىڭ قان تەرى ئەمەسمۇ ؟ خەلقنىڭ ،قېرىنداشلىرىڭنىڭ مال مۈلكى ئەمەسمۇ ؟  
         ئۈلۈم ئىبرەت ئېلىشقا يىتەرلىكتۇر، سوراق، ھەممىمىزگە بار، ئۆزەڭ قىلغان گۇناھلارغا ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ، ئەمما، باشقىلارنىڭ مال-مۇلكى، ئىززەت-ئابرويىغا دەخلى قىلىدىكەنسىەن،  شۇ كىشىنىڭ ھەققى سىنىڭ ھەققىڭ ۋە ساۋابلىرىڭدىن تاكى شۇ كىشى رازى بولغۇچە قەدەر بۇيرۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ چاغدا زىيان تارتىدىغنى دەل ئۈزەڭ، بۇ دۇنيادا ۋىجدان ئازاۋى تارتىشىڭ مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ دۇنيادا ئوتنىڭ ئازاۋىنى تارتىشىڭ مۇقەررەردۇر.
      كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۈرىدۇ.
      كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1412 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3529

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:50:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۈرىدۇ.
      كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
----------
ئېسىل سۆز!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما!
بىراق ئاشۇ قويمىچىلاردا سىز ئېيتقان ئىنساپ، دىيانەتتىن زەرىچىلىك بولسىدى، ئۇ بۇنداق ئىشنى قىلماس ئىدى!

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
121 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
528
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:17:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇيمىچىلارنى ئاللا ئۆزى جازالايدۇ .يا ئۇداق يا بۇنداق يۇل بىلەن جاججىسىنى بىرىدۇ.ھارام مال سىڭمەيدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
783 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1345

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:45:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەرنىڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى يەۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك غەش بولدۇم.  تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى دىگەن دەل تول خوتۇن، يىتىم-يىسىر، ئاجىز-ئورۇقلارنىڭ پۇلى ئەمەسمۇ؟!!

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:42:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەم بېقىپ چوڭ قىلغان بىر ئۇكام بولىدىغان. جىددى پۇل لازىم ئەتە بېرىۋېتەي دەپ 500 سوم ئالغان. مانا 1 يىل بولۇپ قالدى، مائاشى بار، تۇرمۇشى ئوبدان بالىتى. ئەمما شۇ بالىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا كەينىمدىن « ئاكا، ئاكا» دەپ ئەركىلەپ يۈرۈشلىرىنى خىيال قىلسام ئاچچىقىم يېنىپ قالىدۇ. بەلكىم شۇ بالىنىڭمۇ تىل قىسىلچىلىقى ياكى سەۋەبى باردۇر. شۇنداق قىلىپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. پۇلغۇ جىق ئەمەس، ئەمما بېرەلمەيدىغان ئىش بولسا بىر تېلفۇن ياكى بىر ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسا تېخىمۇ بۇرۇنراق رازى بوپ كېتەتتىم. يامان يېرى بۇ بالا مېنىڭدىن ئەنسىرەپ بىر يىل بولدى بازارغا تۈزۈك چىقمايۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەم بېقىپ چوڭ قىلغان بىر ئۇكام بولىدىغان. جىددى پۇل لازىم ئەتە بېرىۋېتەي دەپ 500 سوم ئالغان. مانا 1 يىل بولۇپ قالدى، مائاشى بار، تۇرمۇشى ئوبدان بالىتى. ئەمما شۇ بالىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا كەينىمدىن « ئاكا، ئاكا» دەپ ئەركىلەپ يۈرۈشلىرىنى خىيال قىلسام ئاچچىقىم يېنىپ قالىدۇ. بەلكىم شۇ بالىنىڭمۇ تىل قىسىلچىلىقى ياكى سەۋەبى باردۇر. شۇنداق قىلىپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. پۇلغۇ جىق ئەمەس، ئەمما بېرەلمەيدىغان ئىش بولسا بىر تېلفۇن ياكى بىر ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسا تېخىمۇ بۇرۇنراق رازى بوپ كېتەتتىم. يامان يېرى بۇ بالا مېنىڭدىن ئەنسىرەپ بىر يىل بولدى بازارغا تۈزۈك چىقمايۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.


ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك ئىكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئىسىدىن  چىقىپ كەتكەن بولسا، ئېسىگە سالسىڭىز، تاساددىپى ئۇنتۇپ قالغان بولسا قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئىگىسى سورىماي قالسا، شۇ كىشىگىمۇ سورىقى بار دەپ ئاڭلىغاندەك قىلىۋىدىم. چۈنكى، شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپ قويىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:25
ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك ئىكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئىسىدىن   ...

توغرا دەيسىز. شۇ بالىغىمۇ گۇناھ بولمىسا بولاتتى. يولدا نەچچە قېتىم ئۇچرىشىپ« بەك خىجىل ئاكا، چۈشتىن كېيىن ئىدارىڭىزغا باراي» دىدى. مەنمۇ ساقلىمىدىم.
قىسقىسى، تۇرمۇشىمىزدا تۈرلۈك سەمىمىيەتسىزلىكلەر يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، ئەمما ئەخلاققا يات بولغان بۇنداق قىلمىشلار بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىزگە تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ. 50 يۈەنلىك ساختا پۇلنى ئۇقۇشماسلىقتىن ئېلىۋالسىڭىز، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى چىقىرۋېتىشنىڭ كويىدا يۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. قارشى تەرەپ قەستەنگە بەرسۇن ياكى بىلمەستىن ئايلىنىپ بىزگە كېلىپ قالسۇن، بىز بىلگەن ئىكەنمىز بۇ زىيانداشنىڭ جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ساختا پۇلنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئاخىرى يا جاپاكەش موزدۇزنىڭ قولىدا توختايدۇ ياكى چوكا مۇز سېتىپ جان بېقىۋاتقان موماينىڭ قولىدا توختايدۇ. ئۇھ، جىق گەپ قىلىدىغان بوپ قېلىۋاتىمەن مۇشۇ كۈنلەردە.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:12 , Processed in 0.054104 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش