يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1080|ئىنكاس: 13

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا711 ئالغان ئۇيغۇر قىزى ـــ پەخرىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:23:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭدىكى تەبئىي پەن ماتىماتىكىسىدا تۇنجى تولۇق نومۇر ئالغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا جەمئىي 711 ئېلىپ، شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولدى. 1984-يىلى شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندىن بۇيان، شىنجاڭدىن تۇنجى بولۇپ چىققان تەبئىي پەن ماتىماتىكىسىدا تولۇق نومۇر
(150 نومۇر) ئالغان ئوقۇغۇچى. ئۇنىڭ ئىسىمى پەخىرىيە ئەشرەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇرۇندىنلا دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان پەخىرىيە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.





6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، مۇخبىرلار كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، پەخىرىيەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىز بىلەن يۈزكۆرۈشتى. بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەت جەريانىدا مۇخبىرلار ئۇلارنىڭ شادلىق ياشلىرىغا جۆر بولدى.



پەخىرىيە دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى مۇخبىرغا تەرجىمە قىلىپ بەردى، «مەن ئۇنى كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ بىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئۇ دەرۋەقە شۇنداق قىلالىدى.»
ئۇ ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا، بۇ خەۋەرگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالماي قالغان، چۈنكى نومۇرىنى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتا 145 نى مۆلچەرلىگەن، ئومومىي نومۇرنى بولسا 690 ئەتراپىدا مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسا 711 نومۇرغا ئېرىشكەن ئىدى، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىلگەن ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتكەن.

پەخىرىيەنىڭ مەخپىي رېتسىپى: ئۆگنىش ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە سۇئالنى كۆپ ئىشلەش

بۇرۇندىنلا ماتىماتىكىدا تەبئىي تالانتى بار دەپ قارىلىدىغان پەخىرىيە مۇنداق دىگەن:« ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىشىمدا تەبئىي تالانت %1، تىرىشچانلىق %99 ».
پەخىرىيەنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا بۆلۈمى. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقى توغۇرسىدا سۆھبەتلەشكەندە، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئۈزۈلمەي تۆكۈلدى....




پەخىرىيە :  ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا مۇمام (ئاپىسىنىڭ ئاپىسى) تۈگەپ كەتتى، ئۇ راك كېسىلى بولۇپ قالغان، بۇۋام ئاغىرىپ قالغاندا، دادام بىر پارچە X نۇر تەكشۈرۈش لېنتىسىنى ماڭا بېرىپ، سەن چوقۇم دوختۇر بولغىن، دىگەن، مەن شۇنىڭدىن باشلاپ دوختۇر بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم.





پەخىرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىغا قاتناشتى، پروگراممىغا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇسەمەت ئابدۇغېنىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى، ئۇ مۇنداق دىدى:« پەخىرىيە دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ‹پەخىرلىنىش› دىگەنلىك، ئۇنىڭ ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغانلىقىنى بىلگەندە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار شادلىنىپ كېتىشتى، ئۇ ھازىر پەقەت بىزنىڭ مەكتەپنىڭلا پەخىرى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخىرى».




پەخىرىيە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە




پەخىرىيە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى


پەخىرىيەنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىدە، ئۆز تىرىشچانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ تەبىيىسىنىڭمۇ موھىم ئەھمىيىتى بار. بىز پەخىرىيەنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىگە، ئاتا-ئانىسغا، مەكتىپىگە، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭغا شەرەپ ئېلىپ كېلىشىگە چىن يۈرۈكىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!


مەنبە : نۇر تورى


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەكتىپىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا دەل تېلېۋېزىيە ئىستاسسىنىڭ مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلۋاتقان ئىكەن، كۈننىڭ ئىسسىقلىقىغا باقماي يېرىم سائەتتەك تۇرۇپتىمەن، ئاللاھتىن بالىلىرىمنىڭمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، مۇشۇنداق شەرەپ قۇچۇشىنى تىلەپ كەتتىم.
بارىكاللا قىزىم، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپسىز، ئىسمى- قىسمىڭىزغا لايىق پەخىرلىك قىز ئىكەنسىز دىدىم-دە، ئارقامغا يېنىش - يېنىشلاپ قارىغىنىمچە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:44:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:39:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك ئىش بوپتۇ، مايىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش ئادەتتىكىچە ئىش ئەمەس، ئادەتىمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈنتولىمۇ مۈشكۈل ۋەزىپىدۇر!!!!پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى بولغان ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغان پەخىرلىك قىزىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىلىېىدىمۇ، مۇۋاپىقىيەت قوڭغىرىقىنىڭ مانا مۇشۇنداق سۈزۈك، يېقىملىق جاراڭلاپ تۇرىشىغا چىن كۆڭلۈم بىلەن تىلەكداشمەن!!! مېنىڭ ئوغلۇم بىلەن مەكتەپداش بولۇپ قالغۇدەك.....غەيرىتىڭىزگە ئاپىرېن قىزىم!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:19:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىمغا ئۈلگە!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 13:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ تېڭىرقىلما تاڭغا ،ئەتە قوپۇپ ساڭا ›› دەيدىكەن چوڭلار .
توۋۋە بۇ قىزغا شۇنداق تاڭ قالدىم دېسە ،قوشماقلىرىم دوراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ئامىن !!!

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، ماتىماتېكىدا تولۇق نومۇر دەڭ. ئاللا مەدەت بېرىپتۇ. ئاتا-ئانىسى قانچە ھاياجانلانغاندۇ ھە.

  بۇرۇندىنلا  قانداق كىشىلەر ماتېماتىكىنى شۇنچىلىك ياخشى ئۆگىنەلەيدىغاندۇ، دەپ ئويلايتىم، ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا خوتەنلىك بالىلاردىن، «سېنىڭ مېڭەڭ قانداق مېڭە زادى؟ » دەپ سوراپ كەتكەنىدىم. پەخىرلىك قىز! ياشا ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخرى!!!

بۇنى كۆرگىنىم ياخشى بولدى، ئەمدى يولدۇشۇمنىڭ پېشىگە ئېسىلىمەن، كۈچىڭىزنى بالىلىرىڭىزغىلا كۆرسەتمەي، بالىڭىزغىمۇ كۆرستىڭ، دەيمەن.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزنى چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىنى يېزىپتىكەن، باشقا مەكتەپنى يازماپتىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم  قارىغاندا ئاڭلىغانلىرىمىز خاتا ، ئەپقاچتى خەۋەرلەر ئوخشايدۇ. بۇ ئۇيغۇر قىزىدىن ھەقىقەتەن پەخىرلەندۇق، بەكمۇ خوشال بولدۇق. ئاتا ئانىڭىزغا، تىرىشچانلىقىڭىزغا ، ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلىرىڭىزغا، ساۋاقداشلىرىڭىزغا كۆپ ئاپىرىن.  

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:14:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخرىيە ئەشرەب قىزى

(غەزەل)

بارخان

بىرلا ئاللاھ قۇدرىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى،
يىلتىزى قۇت نۇسرىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



ئول «تۇمارس»، «ئايخاقان»دا پاكىزە، ئەۋزەل ئۇدۇم،
سۈت- «ئوغۇز»نىڭ خىسلىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



ئىچمىشى كەۋسەرى-ئىرپان، دىن، ئىلىمدۇر ئىككى يان،
ئەقلى ئىمان خىلۋىتىدە پەخرىيە ئەشرەپ قىزى.



كىم سېنى مەزلۇم دېگەي جەھلىڭدە پەيمان ئۇرغىسا،
ئەقلى ئارتۇق نىسبىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



ئىپتىخار غەمخورىدا، ھەيرانى-ھەس شۇ ھويلىدا...
رەشكىسىزنىڭ ھۆرمىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



قىسمىتى تۈگمەن تېشىدەك باسسىمۇ ئىقبالىنى،
ئەجرى ئالتۇن فۇرقىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



كۈلمىشىڭ ئەتە ۋەيا ئۆگۈن مۇقەررەر خەيرىيەت،
بەيگى تۇلپار سۆلىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=4428

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:20:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:21
توۋا، ماتىماتېكىدا تولۇق نومۇر دەڭ. ئاللا مەدەت بېرىپت ...

كۈچىڭىزنى بالىلىرىڭىزغىلا كۆرسەتمەي، بالىڭىزغىمۇ كۆرستىڭ، دەيمەن.
بۇ گەپنى تازا چۈشۈنەلمەي قالدىم جۇمۇ ھەدە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:01 , Processed in 0.070871 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش