يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 4

تۇرپان قاراخوجالىق ئەبۇل مەھدى يازغان بېيىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان قاراخوجالىق ئەبۇل مەھدى يازغان بېيىت

بېرلىن دېگەن مەملەكەتنىڭ پادىشاھى،
ئىبەرىبدۇر تۇرفانغە ئۈچ شەھسىۋارى.
چوڭىنى ئاتايدۇر دوختۇر ئەفەندىم،
سۈرەت ئىلە كاغەز ئالۇر ھەرنەبارى.

لېكوكبەگ دەرلەر ئەنى ① بۇ ئۆزى زور كىشى ئىكەن،
سۈرەت ئالماق، كاغەز ئالماق پادشاھىغە خىزمەت ئىكەن .

پادشاھسىغە ئالىب بەرسە كاغەز ئىلە چالپاقنى ②،
ئىنئام قىلۇر پادشاھسى بېشىغە بىر قالپاقنى،
مىلتىقلارى بەندلەكلىكدۇر ئەپلەپ تۇرۇر ئاتماقنى،
كۆڭلىدە كەچۈرمەگەي بىردەم بىكار ياتماقنى.

ھەر كۈنى مەدەكارغە ئونبەش كىشىنى ئالۇر،
كەتمەن ، گۈرجەك كۆتەرتىب كوھنە شەھەرگە ئۆزى بارۇر .
جوھان دېگەن بىر ئادىمى ئاشپەز بولۇپ ئۆيدە قالۇر،
مەدىكارلار پۇلنى ئالىب ئاخشاملىقى كەچ تارۇر.

بۇ مەملەكەت ئادەملىرى بۇ ئىشقە ھەيران قالدۇق،
سۈرەت ئىلە كاغەز ئىستەب تولا ھاردۇق.
بەزى كۈندە سۈرەتغە توشدى نەچچە ساندۇق،
نەگە بارسە ئارقادىن بىللە بارىب بىللە ياندۇق.

سورادۇق ئەي ئەفەندىم بۇ سۈرەتنى نە قىلۇر،
دېدى ئۆل سۈرەتنى تاپساق بۇ مەملەكەتكە بەگ قىلۇر.
كۈندۈزى سۈرەت ئىستەيدۇر ، كېچەسىدە خەت قىلۇر،
بويىغە كىيگەن لىباسىنىڭ ھەممىسىگە چەك قىلۇر.

ئورۇسمىكىن دەبدۇرمىز ، ئورۇس ئەمەس بىز دەيدۇر،
ئورۇس يۇرتى ياقىندۇر ، بىزنىڭ يۇرت يىراق دەيدۇر .
يۇرتۇڭلار قايان دېسەك ، رۇم شەھىرىدىن نىراق دەيدۇر،
سۈرەت چىقسا ئالادۇر ، بىزگە بۇ كېرەك دەيدۇر.

گېرمان پادشاھ گۇناھكارنى ئۇرماغىدەك،
ئانداغ ئالسە كوھنە شەھەردە ھەچنېمەنى قويماغىدەك.
سۈرەت ئىلە كاغەزغە قىرىق ساندۇق توشقاردى،
سۈرەت ئىلە كاغەز بۆلسە قانچە بۆلسە تويماغىدەك.

لېكوكبەگ دەيدۇرئۆزى خۇشخۇي كىشى ئىكەن،
خەزىنە كەلىدلەرى ③ ئۆز قولىدا ئىكەن.
بەرگەن كاغەز ياراسە پۇل بەرىب ئالۇر ئىكەن،
كاغەزى ياراماسە ياندۇرۇب بېرەر ئىكەن.

ھەركىشى سۈرەت ئىستەب ئەمگەك ئىلە ئوننى تابسە،
بىرىنى ئىلغاپ ئالۇر ، توققۇزى قالۇر ئىكەن.

لېكوكبەگ دوختۇرى ئىلىم -ھېكمەت بىلىبدۇر ،
ئىلىم -ھېكمەت بار ئۈچۈن بارچە زەبانلارنى ④ بىلىبدۇر .
فارسى ، ئەرەبى ، ئەڭگىلىس ۋە قامۇس بىلىبدۇر ،
يەنە تۇرفانغە كەلىب تۈركىي زەبانى بىلىبدۇر .
ئانىڭ كىيگەن لىباسى پادشاھانە ،
دەقيانۇس كوھنە شەھرى بارچە بۇدخانە .
بۇد ئىلە كاغەز ئالماق بۇلارغە بىر باھانە ،
مۇنچەمۇ ئەمگەك بولۇرمۇ ئاھ شېرىن جانە .

قىرىق ساندۇقغە توشقاردى چالپاق ئىلە سۈرەتنى ،
پادىشاھى بېرىبدۇر ئالتە ئايلىق مۆھلەتنى .
كېچە - كۈندۈز ئارام يوق تارتتى جەفا ئىلە مەينەتنى ،
يۇرتىغە يەتكۈزۈپ بارسە ، ئاندىن كۆرەر دەۋلەتنى .

ساندۇق ئىچىدەكى سۈرەت ئەمەسمۇ ؟
سائەت كۆرۈب ئىشلەيدۇر مۆھلەت ئەمەسمۇ ؟
ئاخشامغىچە كەتمەن چاپۇر مەينەت ئەمەسمۇ ؟
خىزمەتى خانغە يەتسە دەۋلەت ئەمەسمۇ ؟

يەنە ساندۇق ياسايدۇر پالتا ئىلە ،
ئون كۈنغىچە ئېغىزغا ⑤ باردى بالتۇر ⑥ ئىلە .
دوختۇر ئىلە بالتۇر كېلىبدۇر بىر ساندۇق ئالتۇن ئىلە ،
نەچچە مىلتىق بەندلەكلىكدۇر پەرۋايى يوق كانتو ئىلە .

خەرجىسىنى خەتلەب تۇرۇر جوھان دېگەن بىر قۇلى ،
نەچچە ساندۇقدە باردۇر ئاقچىاە دەب كاغەز پۇلى .
ئاقچە دېگەن خار ئەمەس ئېتىباردۇر بۇ پۇلى ،
قەلەم ئىلەخ ئەت قىلۇر توختىماس ئانىڭ قولى .

ئاقچەسىنى تېگىشەدۇر يامبۇ ئىلە يارچەنغە ،
قالماشتۇرۇب قويغان ئادەمغە بىر پۇل بەرمەس ساچەنغە ⑦ ،
كۆرسە ھەيران قالۇرلەر شەھەردىن چىققان ماچەنغە ⑧ ،
خالايىق كاغەز تابسە ساتىب ئالۇر داچەنغە .

بۇلەر بىر كۈننى ئۆتكەردى ئون سەر ئىلە ،
قىرىق ساندۇق سۈرەتكە توشقاردى مىڭ سەر ئىلە .
بۇ ساندۇق پۈتۈپدۇر نەچچە يۈز سۇڭ پەن ئىلە ،
چالپاقلارنى يىلىمداپ يۆرگەپ قويۇر يۇققا پەن ئىلە .

چوڭ سۈرەت تاپىب كەلسەك ، دېدىلەر ساندۇققا پاتمايدۇر ،
سۈرەت ، كاغەز بارمۇ دەب بىردەم بىكار ياتمايدۇر .
سۈرەت ئىلە كاغەزنى بىرنى بىرگە قاتمايدۇر ،
كېسەلمەنغە دورا بەرسە بىكار بېرەر ساتمايدۇر .

بالتۇرى كەتمەن چاپۇر ئاخشامغىچە ھارمايدۇر ،
بۇ قىسمەت سۈرەت ئالسە كوھنە شەھەردە ھەچنېمە قالمايدۇر .
نەچچە مىڭ سەر پۇل خىراجەت بولدىلەر ، تۈمەنغە بارمايدۇر ،
بۇلەر ئالغان نەرسەلەرنى بۇ يەردە پۇلغە ئالمايدۇر .
كۆرۈڭلەر ئەي خالايىق بۇ بىكار ئىشنى ،
بىكار ئۆمرى ئۆتكەردى بىر پۈتۈن قىشنى .
قەندۇ - نەبات بىرلە قىلۇر ئاخشامغىچە يېيىشنى ،
ھەر ئادەم كۈنلۈكىگە ئىككى مىسقال قىلدى ئىشنى .

بېرلىندىن ئالغاچ كەلىبدۇر بىر نەغمە ساندۇق ،
ئېنى كۆرۈب مۇسۇلمانلار ھەيران قالدۇق .
كارنايىغە سۆز قىلغالى ياقىن باردۇق ،
نېمە دېسە شۇنداغ دەيدۇر بارچە خەلق كۆرۈب ياندۇق .

يۇرتىدىن چىقىب كەلىبدۇر قوقەند ئىلە ،
ئاندىن كېيىن ئەگىپ كەلىبدۇر ياركەنت ئىلە .
يەنە بىرلە كەلىبدۇر بالتۇرى ھەممە كا رىلە ،
قاراب كۆرسەك يۈرۈبدۇر دەۋلەتى ئەركان ئىلە .

تۇرفانغە كەلگەن ھامانە ۋاڭ بېگىمگە ئاڭلاندى ،
ئانىڭ ئۈچۈن بۇلەرنىڭ بارچە ئىشى جايلاندى .
كوھنە شەھەرگە ئالىب بار دەب ئىككى ئادەمگە جولاندى ⑩
تۇرفاندىن دىڭما ⑾بولۇپ كوھنە شەھەرغە ئۇلاندى .

ئۆل زەمان يېتىب كەلدى كوھنە شەھەرگە ،
يۈكلەرىنى تۈشەردى كەلىب دەنگە .
دېدىلەر پۇل بېرىمەن ياخشى ئەرگە ،
بىز خالايىق قاراب باقساق قەدىمكى ئەندگە ⑿ ،
چالپاق ، سۈرەتكە بەرمەبدۇر ھېچ كىشى تەنگە .

ئۇلۇغ بېگىم ئۆزى كەلىب بۇلار ئىلە كۆرۈشتى ،
مېھرىبان ئىنئام ئىلە ئانچۇنان سۆز قىلىشتى .
بۇ جايدا بولۇر لازىملىقىنى دېيىشتى ،
ئاندىن كېيىن ۋاڭ بېگىم ئوردا سايان يانىشتى .

ياناشىدا دوراغەلەرگە ھۆكۈم تەگكۈردى ،
بارىب يولغە چارجاڭ ⒀ قىلىب ئاران ئۈلگۈردى .
مېھمانلەرنىڭ چوڭلۇقىنى دوراغەلەرگە بىلدۈردى ،
ھۆكۈم ئاڭلاب بۇ دوراغەلەر چاپسان يۈگۈردى .
كوھنە شەھەردە بولدىلەر تۇرالغۇ جايى ،
ئۇلۇغ بېگىم خىزمەتىغە بەردى ئىككى يايى .
ئىككى يايى خىزمەت قىلىب بىر ئايغەۋھە تۇردى ،
مالمان قىلسە خالايىق قامچا ئىلە ئۇردى .

پادشاھغە ئوخشايدۇر ئانىڭ خۇلقى ،
كېچە - كۈندۈز ھەرەكەت قىلىب يوقدۇر ئۇيقى .
دوختۇر جوھان يەنگى كەلدى ، بالتۇر بۇرۇنقى ،
دوراسى ئىلە تۇرۇر نەچچە يۈز لوڭقى .

بۇ لوڭقىلەر ئىچىدە رەڭگا رەڭ دوراسى بار ،
چوڭ - كىچىك تۇرغان ئىلە ھەرقايسىنىڭ جوراسى بار .
يەنە تاز باشقا ئىشلەيدۇر سۈيى ئىلە كوراسى بار ،
چالپاق سۈرەت كۆپ چىقىبدۇر ، لېكوكبەگنىڭ دوراسى بار .

كوھنە شەھەرنى تۈگەتىب ، باردىلەر مۇرتۇق سايان ،
مۇرتۇقدىن سۈرەت چىقىپ بولدى كۆپ ئايان .
ئوتتۇز كۈن مۇرتۇقغە بارىب بولماي بىر تىيىن زىيان ،
بۇ قىسمەت ئۆتكەن ئىشنى نەزم ئىلە قىلدۇق بايان .


بارچە ئىشنى نەزم قىلساق كاغەزغە پاتمايدۇر ،
مۇرتۇق دېگەن ئۇتتۇر يولغە كۈندە قاتنايدۇر .
پادىشاھلىق خىزمەت ئۈچۈن بىردەم بىكار ياتمايدۇر ،
ھەر كۈنلۈكى كەلگەن سۈرەت ساندۇقىغە پاتمايدۇر .

كاغەز بەردى ماڭا نەزم قىل دەب ،
ئون نەچچە كۈن بىتتىم ئەزمە قىل دەب .
بىلگەنىمچە نەزم قىلدىم ، بىلمەگەننى نە قىلاي ،
پىسەند بۆلسە ئەفەندىمغە ئاڭا باقىب گەپ قىلاي .

بىكار قىلدىم بۇ نەزمنى ئەفەندىمدىن ئەف قىلاي ،
ئىنئام كۆرۈب ئاندىن ئۆزگە ھەر نە قىلسام يەپ قىلاي .
خىزمەت بۆلسە قىلماق ئۈچۈن كۈندە كېلەي مەن .
ئەفەندىمدىن لازىملىق ئۈمىد ئىلە جابدۇق تىلەيمەن .

بىكار بولغان جابدۇقلەردىن بىرنى بەرسە ،
توققۇز - توققۇز تەزىم قىلىب ئالسام ئېرسە .
جابدۇق بەرسە ئالىب خۇش بولۇرمەن ،
بەرمەسە ناۈمىد بولۇپ ئوشالۇرمەن .

نەزم مەكتۇپ بىتتىم ئاھۇ - نادامەت ،
مەزمۇنى مەفھۇم ئولغاي ياخشى سائەت .
يەنە نەزم بار ئەردى كاغەزغە سىغماي يامان بولدى ،
خىلاپ ئەمەس بۇ نەزم يىگىرمە كۈندە تامام بولدى .
***
ئىزاھاتلار:
ئۇنى ؛ چاپلاق ؛ ئاچقۇچ ؛ تىل ؛ سىڭگىم ئېغىزى ؛ لېكوكنىڭ ھەمراھىنىڭ ئىسمى ؛ چاي پۇلى ؛ كونا پۇل ؛ تاپشۇرۇلدى ؛ ئاتلاندى ؛ ئارخىپ ؛ چېدىر تىكىش

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بېيىتنى ئوقۇپ بولدۇم، يەپ قاچار بوپ، ئاستا چىقىپ كېتەي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ سايە قىسسىدە ۋەزىپە بەرسە مۇنبەردىن بىراقلا يوقاپ نەگە كەتتىكىنا، مۇشۇنداق ئۆز يۇرتنىڭ ئېسىل بىيىتلىرغا ئىنكاس يازماي

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 22:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەجرىڭىزگە...

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 10:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي <يەتتە قىزلىرىم> دا مانا مۇشۇنداق ئېسىل قازمىلار كۆپتە ..........

ئەركمان ئەپەندىگە تەشەككۈر .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 05:55 , Processed in 0.052996 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش