يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 607|ئىنكاس: 6

ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇقەددىمە
    ئادىل تۇنىيازنى قاچان تونۇغانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە يوق. لېكىن شائىرغا «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» ناملىق كىتابىدىن كېيىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىم راست .
    شۇنىڭدىن كېيىن شائىرنىڭ «سۆيۈپ قالسام سىنى ناۋادا»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «دېڭىزدىكى كوچا»، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» قاتارلىق كىتابلىرىنى، بولۇپمۇ «قەشقەردىكى يەر شارى» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرىنى سۆيۈپ ئوقۇدۇم.
    «قەشقەردىكى يەر شارى»-قاراڭ بۇ سۆزدىكى پىكىر چوڭقۇرلۇقىغا! شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ «دەرەخ شاخلىرىغا ئىلىنىپ قالغان ئاي پارچىسى» دېگىنىدەك، ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ تاتلىق ماۋزۇسىدىن ھەقىقەتەن جانلىرىم يايرىدى. ئۇيغۇر تىلىغا پاساھەت بېغىشلاۋاتقان بۇ سۆز ئۇستىسىغا رەھمەت ئوقۇدۇم.

    ئادىل تۇنىياز كىم؟
    ئادىل تۇنىياز قاغىلىقتا تۇغۇلغان، رايونىمىزنىڭ مەركىزىي شەھىرىدە رادىئو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئادىل تۇنىياز ھەققىدە بىلىدىغىنىم بارى-يوقى مۇشۇنچىلىك.
    ئادىل تۇنىياز يانفون ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بىزدەك سائەتلەپ پاراڭلىشىدىغان ۋاقتى يوق. بىز بىراۋلار بىلەن قۇرۇقتىن-قۇرۇق تېلېفون سۆھبىتى قۇرۇۋاتقان چاغدا، شائىر تىنىمسىز ئىلمىي ئەمگەككە بەند ھالەتتە بولىدۇ.
    شائىرنى ئىزدىسىڭىزلا تاپالمايسىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنياسى بار. ئۇ ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كۆنگەن.
    ئۇنى ھاراق سورۇنىدىن، ئايىقى چىقماس مېھماندارچىلىقتىن تاپالمايسىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس روھىيىتى، ئۆز ئېتىقادى بار. ئادىمىيلىك، شەرم-ھايا، ئېتىقاد سۇسلۇقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زامانىمىزدا، ئۇ ئېتىقادلىق شائىر سالاھىيىتىدە، مۆھتەرەم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ كۈيئوغلى سالاھىيىتىدە، تېخىمۇ توغرىسى چىن ئىنسان سالاھىيىتىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.
    شائىر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باشلانغان «يېڭىچە شېئىر» ھادىسىسىنىڭ سەركىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنى بۇلغىماي كەلدى. «تالانتلىق شائىر»، «داڭلىق شائىر» دېگەندەك ئەسلى نامنى غۇۋالاشتۇرىدىغان سۈنئىي ئېنىقلىما نامدا ئەمەس، «شائىر-چىن ئىنسان» نامىنى جۇلالاندۇرۇپ ياشاپ كەلدى.

    خاتىمە
    ئادىل تۇنىياز بىلەن ئىككى يىلدەك بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇ كىشىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچرىتىپ كەلدىم. سەھەردە ئىشقا ماڭىمەن، ئۇ كىشى قولتۇقىغا كىتاب قىستۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى يادلىغاچ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بېشىمىزنى لىڭشىتىپ سالاملىشىمىز، ئۆتۈپ كېتىمىز.
    مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈق. شائىرنىڭ بۇ ئادىتى ئۆزگىرىپ باقمىدى.
    يېڭى ئۆيۈمگە كۆچكىلى بىر ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا يەنە ئوخشاشلا ئىشقا بېرىپ-كېلىپ ياشاۋاتىمەن. لېكىن، يولۇمدا بىر نەرسە كەم. نېمە كەمدۇ؟
    ئەسلىدە، مەن ئادىل تۇنىيازنىڭ ئالدىمغا ئۇچرىشىغا، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالام بېرىشىگە كۆنۈپ كېتىپتىمەن. ئىككى يىلدىن بېرى شائىرنىڭ يۈگۈرگەچ بىر نەرسە يادلىشى تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەنىكەن.
    شۇ چاغلاردا دىققەت قىلمىغانىكەنمەن، بۈگۈن ئويلاپ قالدىم: شائىر نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟!

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/adil_tuniyaz.html



«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازلىق يادلىغاندا دىققەت قىلىپ بېقىڭ
ئەمما، مەنمۇ تولا ئۇچرۇتۇپ قالىمەن بۇ شائىرنى قاچانلا قارىسا شۇنداق مۇلايىم، شۇنداق رەتلىك، شۇنداق ھۆرمىتىم ئاشىدۇ بۇ كىشىگە!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:09:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا قىش كۈنلىرىمۇ شۇنداق ئوماق بىر پوسمىنى كىيۋېلىپ، يەنئەن باغچىسى ئىچىدە بىر نەرسىلەرنى يادلايتتى

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلەر تۇنۇيدىكەنسىلەر پەقەت مەنلا تۇنىمايدىكەنمەن دىسە، مۇنبەرداشلار بۇ مۇنبەردە بۇرۇندىنلا يىلتىزىم بار ئىدى. شۇسەۋەبلىكمۇ يەنە كونا مۇنبىرىمنى تىپىۋالدىم دىسە.

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە يادلاۋاتىسىز دەپ سوراپ بىقىڭ ئەمدى ئاندىن بىلىسىز كۈندە كۆرۈپ تۇرغاندىن كېين ئاندىن كۆڭۈلىڭىزدىكى بۇ سوئالغا جاۋاب تىپىلىدۇ . بىرەر تىل ، بىرەر شئىر ۋەياكى  ۋاكازالارنى يادلاۋاتقاندۇ

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Qismet نىڭ يازمىسى

ئەگەر داۋا قىلمىسىڭىز باشقا مۇنبەرگە يولاپ قۇيايمۇ   مەنبەسنى بىلەن

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى مۇنبەرلەردە ئادىل تۇنىياز ھەققىدىكى تېمىلاردا بەزى چۈشىنىشمەسلىكلەر بولۇۋاتىدۇ.
كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنىلا مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسۇن.

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:56 , Processed in 0.048603 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش