يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 938|ئىنكاس: 9

كەلگۈسىدە ئالقىشلىنىدىغان 10 تۈرلۈك خىزمەت (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى بۆلەكتە ئالەم ئۇچقۇچىسى، ھايۋانلانى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنژىنېرى، ھامىلە دوختۇرى، ئۇچۇر تەھلىلچىسى ۋە ئادەم ئورگانىزىملىرىنى لايىھەلەپ ياسىغۇچى... دېگەندەك 5 تۈرلۈك خىزمەتنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. ئەمدى قالغانلىرىغا دىققەت قىلغايسىز.


6. ماشىنا ۋە ئادەملەرنى ماسلاشتۇرغۇچى
ۋەزىپىسى: ئادەم ۋە ماشىنا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ، ئىناق ياشاشقا كاپالەتلىك قىلىش؛
ۋاقتى: 2030- يىللىرى؛
   كەلگۈسىدە سىزنىڭ ئاددىيغىنە تەنە گەپلىرىڭىزنىمۇ  چۈشەنمەيدىغان ماشىنا ئادەملەر ئىشتىن بوشىتىلىپ، تېخىمۇ ئەقىللىق بولغان ماشىنا ئادەملەر ياسىلىپ ئىنسانلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىدۇ.
قوبۇل قىلىنىدىغانلار: سۈنئىي ئىدراك تەتقىقاتى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر ( Carnegie Mellon University،  Massachusetts Institute of Technology قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ كەسپلىرى تەۋسىيە قىلىنىدۇ )


7. يەر شارى كۈزەتكۈچىسى
ۋەزىپىسى: سۈنئىي ھەمراھلار ئارقىلىق يەر شارىنى كۈزىتىش؛
ۋاقتى: 2030- يىللىرى؛
   مۇلتى سپاكتراللىق سۈنئىي ھەمراھلار بوشلۇقتا تۇرۇپ زىمىن ئاستىدىكى قەدىمىي خارابىلەردىن تارتىپ، تېمپراتۇرا ئۆزگۈرۈشلىرى، نوپۇس ئۆزگۈرىشى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، ھەتتا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىگىچە كۈزىتەلەيدۇ. تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىز تېخىمۇ يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى فوتو ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.
  قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى: ئارخىلوگىيە، يەر شارى فىزىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر ( ئامېرىكا ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرستىتى بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا ئەڭ ئالدىدا ماڭماقتا )


8. ئالەم بوشلۇقى قۇرۇلۇش ئىنژىنېرى
ۋەزىپىسى: ئالەم بوشلۇقىدىكى تۈرلۈك پونكىت قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىش؛
ۋاقتى: 2025- يىللىرى؛
   2010-يىلى 28- ئىيۇن، ئوباما ھۆكۈمىتى 2025- يىلىدىن بۇرۇن تاشقى پلانېتلارنىڭ بىرىدە ئورۇن ئىگىلەشنى پىلانغا كىرگۈزگەن. يېقىن كەلەۈسىدە، ئىنسانلار مارستا قىممەت باھالىق قېزىلمىلارنى قېزىشى، مارسنى دەڭ-ساراي قىلىۋېلىشى مۈمكىن.  بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلارغا ، مەسىلەن: پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى ياكى تۆۋەن تېمپىراتۇرىغا، كۈچلۈك رادىئاتسىيەلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قۇرۇلۇش ۋە ماشىنا-ئۈسكىنىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، قېزىلما بايلىقلىرى قىس بولىدىغان ئالەم بوشلۇقىدا ياشاش بىلىملىرى بەكمۇ زۆرۈر بولىدۇ.
قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى: ئالەم بوشلۇقى قۇرۇلۇشى كەسپىدىكى ئاسپىرانتلار ( پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە پەقەت خيۇستون ئۇنىۋېرستىتىدىلا بۇ كەسپ بار )


9. يادرو رېئاكسىيە قازىنى ئىشچىسى
ۋەزىپىسى: يادرو رېئاكسىيە قازىنىنى باشقۇرۇش؛
ۋاقتى: 2025- يىللىرى؛
  خەلقئارا يادرو رېئاكسىيەسى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە تەجرىبىسى 2019- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئېلىكتر ئېنىرگىيسى چىقىرىدىغان تۇنجى يادرو رېئاكسىيە قازىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، تەخمىنەن بەش زاۋۇتتىن نەچچە مىڭ مېگاۋات توك ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن نېۋيورك شەھرىنى كەڭتاشا تەمىنلىيەلەيدىكەن. يادرو رېئاكسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر كۆپىيىدىكەن.
قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى: خەلقئارا يادرو رېئاكسىيەسى تەجرىبىخانىسى تەۋسىيە قىلغان مەكتەپلەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇڭ.


10. تەپەككۈر خاككېرلىرى
ۋەزىپىسى: تەپەككۈرنى بۇزۇش؛
ۋاقتى: 2030- يىللىرى؛
  ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئادۋوكاتلىرى تۇنجى قېتىم " يالغانچىلىقنى تەكشۈرۈش ئاپپارىتى" نىڭ نەتىجىسىنى سوتتا ئىسپات قىلىپ ئىشلەتتى. بىراق كېيىن بۇ خىل ئىسپاتنى كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىلمىي ئاساسى يوق دەپ قاراپ، ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنداقتىمۇ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ " كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالىدىغان" تېخنىكا بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستىتى بېركلىي شۆبىسىدىكى نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسىسلىرى گۇرۇپپىسى چوڭ مېڭىنى سىكانلاپ، ئادەملەر سىرتتىن قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى يۈزەكى رەتلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنچە ئادەملەرنىڭ خاتىرىسىنى، چۈشلىرىنى تەسۋىرگە ئايلاندۇرۇشتا ئۈمۈد زور.
قوبۇل جىلىش دائىرىسى: نېرۋا ئىلىمى كەسپى ياكى كومپيۇتېر ئىلىمى كەسپىدە ئوقۇغانلار

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 14:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2030-يىلغىچە ھايات بوپ قالساملا مەن بىرىنجى بولۇپ بۇ خىزمەتلەرنى تالىشىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1176

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 14:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈن يوقاپ كەتكەن جۇلالىق خېنىم بۇ ئادەتتىن تاشقىرى خىزمەتلەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، خوتەندىن ئۇچۇپ كەپتۇ مۇنبەرگە!

بارغانسېرى ئادەم مېڭىسىنىڭ كېرىكى قالمايدىغان ئوخشايدۇ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:23:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ھەر قانچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ نىفىت بۇرغىلاش ئىشلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشماي، ماشىنىغا ماي قاچىلايدىغانلار يەرگە ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر قانچە جاپا تارتقان بىلەنمۇ يەنىلا بىر پۈشتەك بىلەن مەيدان سىرتىدا قالىسىز

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق قايسى كۈنى ھېيىتلىق دەم ئالىمەن دەپ رۇخسەت سوراپ چىقىپ كەتكەن، بۈگۈن دەم ئېلىش تۈگىدى شۇڭا ئىشقا چۈشتۈم.
بۇنداق ياخشى خىزمەتلەردىن قۇرۇق قالسام بولماس، شۇڭا كىچىك ۋاقتىمدا ياساپ قويغان قەغەز ئايرۇپىلانغا چىقىپلا مۇنبەرگە ئۇچۇپ كەلدىم بوپتۇمۇ يا؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇنداق تۆمۈر-تەسەك بىلەن ھەپىلەشكەندىن يەنىلا تونۇر بېشى، قازان بېشىدىكى خىزمەت ياخشى جۇما !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:52 دە يوللىغان
ۋاي بۇنداق تۆمۈر-تەسەك بىلەن ھەپىلەشكەندىن يەنىلا تونۇر بېشى، قازان بېشىدىكى خىزمەت ياخشى جۇما !

ما ئەركمان ئاكامنى سىز ھەممەيلەننىڭ بوۋىسى تۇرۇپ بۇنداق دەپ بەرسىڭىز، ما ئەرلەر جامائىتى بىزلەرگە كۈن بەرمەيدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1176

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق، ئەركمان ئاكىمىز قازان بېشىدىكى خىزمەت ياخشى دەپ، سامسىپەزگە دەۋاتىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:49:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 05:48 PM دە يوللىغان
جۇلالىق، ئەركمان ئاكىمىز قازان بېشىدىكى خىزمەت ياخشى دەپ، سامسىپەزگە دەۋاتىدۇ.


قەھۋەخان ماياققا قايلاڭ~   ، ئىلگىرلەش روھى بولۇشى كېرەك~!  كەلگۈسىدە يادرو رېئاكسىيە قازانلىرى چىققان يەردە يادرو رېئاكسىيە تونۇرلىرىمۇ چىقىپ قالار؟  ھە شۇ چاغلاردا بىزمۇ يادرو رېئاكسىيە تونۇرلىرىدا سامسا يېقىپ، كاۋاپلارنى پىشۇرساق ياراشماسمۇ؟  

سايەجان بىلەن خانىمى جېىنى بار ئىشەك بىلەنمۇ بىر ئوبدان مۇڭدىشىپ كېتىۋېتپتۇ ئەنە؟ جېنق يوق تۆمۈر-تەسەك بىلەن مۇڭدىشالماسمۇ؟ مەن ئۇ ئىككىسىگە 6-خىزمەتنى تەۋسىيە قىلىمەن...

[ سامسىپەز بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:53  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 10:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ بىرىنچى قىسمى قەيەردىرەكتىدۇر ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:18 , Processed in 0.052096 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش