يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 5

ئەرلەر ۋە ئاياللار توغرىسىدا سىنارىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر ۋە ئاياللار توغرىسىدا سىنارىيە

ئەر ۋە ئايال
1-سىنارىيە: بىر ئەركىشىنىڭ ھاياتى قانداق تۈگىشىدۇ؟
ئايال: چېچىمنى كەستۈرەيمۇ؟
ئەر: بولىدۇ.
ئايال: بىراق قىيمايۋاتىمەن.
ئەر: ئەمسە كەستۈرمە.
ئايال: چېچىمنى ئۆزگەرتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
ئەر: ئەمىسە كەستۈر.
ئايال: بولدى ماڭا ئەقىل كۆرسەتمە، دۆتلەرگە ئەقىل كۆرسەتكەندەك.
ئەر: مېنىڭ قايسىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى بىلگىڭ بولسا، مەن ئۇزۇن چېچىڭنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنى سەن بىلىسەن.
ئايال: مەن بىلەن تونۇشقاندا، قىسقا ئىدى.
ئەر: ۋە ساڭا نېمە دېگىنىم ئېنىق ئېسىمدە: "چېچىڭ ئۇزۇن بولسا نېمىدىگەن چىرايلىق بولاتتى."
ئايال: بىراق ھەممىسى كەسكىن دىيىشىۋاتىدۇ.
ئەر: ئۇنداقتا ساتىراچخانىغا بارغىن ۋە مەن ئۇخلاي بولدى. سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
ئايال: ئەمىسە قانداق كەستۈرەي؟ قات-قاتمۇ ياكى ئالدىدىن چۈشۈرۈپمۇ؟
ئەر: قات-قات.
ئايال: ماڭا ياراشماسمىكىن، مېنىڭ چېچىم بەك تۈز.
ئەر: ئەمىسە پېشانەڭدىن چۈشۈرگىن.
ئايال: بەك ئاۋارىچىلىق.
ئەر: كىيىن يەنە كەستۈرەرسىن
ئايال: ئۇنداقتا ھەرگىز ئۇزاتالمايمەن.
ئەر: ئۇزاتقىڭ بولسا كەستۈرمىگىن، جېنىم.
ئايال: مېنى جېنىم دېمە.
ئەر:؟!؟!؟!؟!؟!؟!

2. سىنارىيە: ئايال ئايال
ئا: ۋاي ئاداش، چېچىڭنى كەستۈرۈپسە ھە! بەك چىرايلىق بوپتۇ!!
ب: راست دەۋاتامسە؟ تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. بەك قىسقا بولۇپ قالمىغاندۇ دەيمەن.
ئا: نىمە دەيدىغانسەن؟ مېنىڭ يۈزۈم بۇنچىلىك چوڭ بولمىغان بولسا، مەنمۇ سېنىڭكىدەك كەستۈرەتتىم. مېنىڭ بۇ چېچىم كلاسسىكلىشىپ قالدى، يېڭى پاسونغا ئالماشتۇرۇشتىن قورقىمەن.
ب: نىمە دەيدىغانسەن سەن، يۈزۈڭ ھېچقانداق ئەمەسقۇ. قارا، شۇ يەرلەردىن قات چىقارساڭ، بەك پەيزى بولىدۇ! مېنىڭ بويۇم ئېگىز بولمىغان بولسا، دەل سېنىڭكىدەك پوسوندا قىلدۇراتتىم.
ئا: ۋاي دوستۇم، قىززىق گەپ قىلىسەن. كاشكى بويۇم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا، شۇ چۆكۈك مۈرەمنىڭ خەقنىڭ دېققىتىنى تارتىشىدىن توسۇپ قالاتتىم دە.
ب: نىمىلەرنى دەۋاتىسەن سەن؟ مۈرىسىنىڭ سېنىڭكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن قىزلار بار...نېمە كەيسەڭ، ساڭا شۇنداق يارىشىدۇ... مېنىڭ شۇ قىسقا بېلىكىمگە قارىغىنە. مۈرەم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، كۆينەكلىرىم خۇددى خەقنىڭكىدەك تۇرامتى؟.....

3-سىنارىيە: ئەرئەر
ئا: چېچىڭنى قىسقارتىپسەن (كەستۈرۈپسەن) ھە؟
ب: ھەئە.
ئا: يارىشىپتۇ.
ب: رەھمەت.
مانا موشۇنچىلىك!

مەنبە: نۇر تورى

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى  سىنارىيەنىڭ  ئالدىنقى  يېرىم  بۆلىگى  بىزنىڭ  ئۆيدىن  ئېلىنغانمۇ  نىمە

شۇنچىلىك  ئوخشاشيدۇ  دىسە

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەق چۈشۈپتۇ جۇمۇ...ئەمما مەن سەل ياۋاش كەپ قاپتىمەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:22:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت بەزىدە ئۆزمنىڭ گەپلىرىدىن  ئۆزۈمنىڭ ئىچى پۇشىدۇ

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم ، بۇ سىنارىيە بەك جىق بەك جىق تەكرارلىنىدۇ مەندە ....ئاخىرى ئىنكاسسىز قالغان سوئاللىرىمغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىپ دىگەندەك ، بەك جىلە بولغاندا :  بولدىلا ، سىزدىن سوئال سورىغىچە تامغا رەسىم سىزىپ گەپ قىلىپ گەپ قىلىپ بولۇپ ئۆچۈرىۋېتەي ....دىگەندەك چېچىلىپ يامانلاشلار بىلەن پەردە يېپىلىدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:06:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەردە يېپىلامدۇ ياكى يېڭى بىر پەردە ئېچىلامدۇ؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:12 , Processed in 0.061538 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش