يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 668|ئىنكاس: 12

ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:33:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)

يىگىت كېتىشتىن بۇرۇن قىزغا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. خەتكە مۇنۇلار يېزىلغانىكەن:«مەن كەتتىم، تېلېفون نومۇرۇمنىمۇ ئالماشتۇرۇۋەتتىم، بۇندىن كېيىن سېنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن. خەيرىخۇش! سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولۇشۇڭنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما ھەر قېتىم سېنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈشنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتەتتىم.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما تورغا چىققان ۋاقتىمدا QQ باش سۈرىتىڭنىڭ تېزرەك رەڭلىك ھالەتكە كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،ئەمما ساڭا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمدا، سېنىڭ يېنىك يۆتەلگەن ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ،  يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىيتتى.
مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما كېچىلىرى ئۇيقۇم قېچىپ، كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا سېنى ئويلايتتىم.
مەن ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، مەن پەقەت دائىم سېنىڭ كۈلكەڭنى ۋە خۇشال ھالىتىڭنى كۆرسەمكەن، دەيتتىم!
سەن ھەقىقەتەن دۆت، سەن بۇلارنى چۈشەنمەيسەن. مەن ھەر قېتىم ساڭا ئۇچۇر يوللاپ، سېغىنغىنىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن « نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن» دەپ سورىغان ۋاقتىمدا، سەن ناھايىتى ئاددىيلا قىلىپ «شۇ، سەل ئالدىراش» دەپ قوياتتىڭ. ھەر قېتىم توردا پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا، مەن بىر ئېغىز سورىسام، سەن بىر ئېغىز جاۋاب بېرەتتىڭ. مەن ھەر قېتىم سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىڭنى، تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىقىڭنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، سىنىڭ ناھايىتى ئەركىن ھەمدە كۈلكە ئارىلاش سۆزلىرىڭ مېنىڭ جېنىمدىن ئۆتەتتى. مەن پەقەت چىدىمىدىم، مەن كەتتىم، ئەمدى ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن. مەن راستىنىلا كەتتىم، مەن ئەزەلدىن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، خەير، ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا!»
يىگىت بۇ خەتنى قىز بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن دەريا بويىدىكى بىر تۈپ دەرىخ تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇپ، بۇ شەھەردىن يىراقلارغا كەتتى.
ئەمما، يىگىت بىلمەيتتى، چۈنكى قىزمۇ بىر پارچە خەت تەييارلىغان بولۇپ، خەتكە مۇنۇلار يېزىلغانىدى:«
كالۋا، سەن نېمىشقا ھەر قېتىم تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا پەقەت بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا، گەپ قىلماي تۇرۇۋالىسەن؟
كالۋا، مەن ئۇنىڭ بىرگە تۇرغان ۋاقتىمدا سەن نېمىشقا شۇنداق خىيالىي تۇرىسەن؟ نېمىشقا سېنىڭ ئاچچىقىڭ كەلمەيدۇ؟
كالۋا، ئەمەلىيەتتە، سەن بىلمەيسەن، ھەر قېتىم سەن ماڭا ئۇچۇر يوللاپ، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىغان ۋاقتىڭدا ياكى باشقا ۋاقىتلاردا دېگۈدەك مەن سېنى ئويلاپ تۇرىمەن، سەن پەقەت مەندىن مېنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنىلا سورايسەن. سەن شۇنى سورىساڭ، مەن قانداقلارچە ساڭا « مەن سېنى سىغىندىم» دېيەلەيمەن؟!
سەن ھەقىقەتەن دۆت ئىكەنسەن، ھەر قېتىم توردا پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا، مەن سىنىڭ كۆپرەك سۆزلىشىڭنى قىلاتتىم. سېنىڭ ئالدىمدا ئەركىن بولالمايدىغىنىڭ گەپ-سۆزدە ۋە گەپ-سۆزدە تەبىئىي بولالمايدىغىنىڭ ئېنىق ئىدى. مەن سەن بىلەن ناھايىتى تەبىئىي ھەم ئەركىن پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما سەن دائىم بىر-بىرلەپ سوئال سورايتتىڭ. سەن سوئال سورىغاندىكىن، مەنمۇ جاۋاب بېرىمەن-دە! سەن شۇنداق، بىر نەچچە ئېغىز سوئال سوراپ، جىمىپ قالغاندىكىن، مەن ھەقىقەتەن سېنى ھېسسىيات جەھەتتىن چارچاپ كەتكەن چېغى دەپ ئويلىدىم.
سەن تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا، مەن يېنىك يۆتىلىپ قوياتتىم، گەرچە مەن زۇكامداپ قالمىغان بولساممۇ، شۇنداق قىلاتتىم. چۈنكى مەن سېنىڭ تېلېفوندىن بىر خىل ئەنسىرىگەن ئاۋازىڭنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلاتتىم.
سەن ھەقىقەتەن دۆت ئىكەنسەن! ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقتىمدا نېمىشقا ئاچچىقىڭ كەلمەيدۇ؟ نېمىشقا قەستەن خۇشال بولغان قىياپەتكە كىرىۋالىسەن؟ نېمىشقا ماڭا تىكىلىپ، دىققەت قىلمايسەن؟
بولدى، خەتنى مۇشۇ يەردە توختىتاي، ئەگەر سەن بۇ خەتنى كۆرسەڭ، ماڭا جەزمەن جاۋاب قايتۇر».
ئەمما قىزنىڭ بۇ خېتى ئۇنىڭ تارتمىسىلا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغانىدى.

مەنبە: نۇر تورى.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ ئولتۇرسا ئاقىۋىتى ئايرىلىش بولىدۇ دەپ ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ ئۆزئارا نىمە ئويلاۋاتقىنىنى ، كۆڭلىدىكىنى بىلدۈرگەن ياخشى دەپ قارايتىم ...لېكىن سەل سەۋر تاقەت بولمىسا ئۇنىڭمۇ بەدىلى ئېغىر بولىدىكەن كىچىكرەك گۈرجەكتىن بىرنى ئېلىپ قويمىسام .....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:18:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىرىم، گۈرجەكنى؟؟؟؟؟؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:19
ئانىرىم، گۈرجەكنى؟؟؟؟؟؟

يىگىتىمگە يازغان خەتلەرنى دەپنە قىلغىلى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:17
مۇشۇنداق كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ ئولتۇرسا ئاقىۋىتى ئايرى ...

نىمە قىلسىز  ئۇ كىچىك گۇرجەكنى  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق دەپنە قىلغىلى تۇرساڭلار پوچتىخانىنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ كەتمەمدۇ، جاپا تارتىپ يازغاندىن كېيىن ئەۋەتىڭلار ئوقۇپ باقسۇن

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 08:21:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ ھېرىپ كەتتىم

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xakilat يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:15
بۇنداق دەپنە قىلغىلى تۇرساڭلار پوچتىخانىنىڭ بازىرى كا ...

ئوقۇسىلا ئىشنىڭ تۈگىگىنى شۇ ....بىلدۈرمەسلىك مودا بۇ يىل

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:27
نىمە قىلسىز  ئۇ كىچىك گۇرجەكنى

يىگىتىمگە يازغان خەتلەرنى دەپنە قىلىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:58 , Processed in 0.053867 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش