يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 10

ئاچچىق خاتىرىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:43:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كەينىڭگە قايرىلغان شۇ چاغدا، مەن ساڭا قاراپ ھاڭۋىقىپ تۇرغانتىم. سېنىڭ قارىشىڭ يۈرىكىمنى ياشارتتى. << مېنى ھېلىھەم سۆيىدىكەن >> دەپ ئويلىدىم. ئەمما سەن قايرىلىپ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ كىتىپ قالدىڭ.ئەجەبا سەن مېنى سۆيمەسسەنمۇ ؟
سەن كەينىڭگە قارىغان شۇ چاغ، مەن تاماكاڭنىڭ ئىسىنى كۆرۈپ جىممىدە تۇرۇپ قالدىم. تاماكاڭدىن چىققان ئىس خۇددى مېنىڭ سۆيگۈمدەك سېنىڭ يۈزلىرىڭگە يامىشىپ، ئاستا-ئاستا ھاۋاغا تارقاپ تۇراتتى. تاماكاڭنى تاشلىدىڭ ۋە ئايىغىڭ بىلەن بىرنى دەسسەپ مىجىۋەتتىڭ، خۇددى مېنىڭ يۈرىكىمنى سۇغۇق قاراشلىرىڭ بىلەن مىجىغاندەك. مەن يەنە ھالسىز قاراپ تۇردۇم. مېنىڭ ئامالسىزلىقىم دەل مېنىڭ سۆيگۈم ئىدى.
سەن كەينىڭگە قارىغان شۇ چاغ، مەن غەيرەتكە كېلىپ ساڭا بىر ئېغىز گەپ قىلماقچى ئىدىم. لېكىن سەن مېنىڭ كۆزلىرىمگە بىر قاراپ مەندەكلا ھالسىز كۈلدۈڭ. مەن سۆيگۈنى سەندىن ئىزلىمەكچى ئىدىم. لېكىن، سېنىڭ كۆزلىرىڭدە بىخلاپ تۇرغىنى ئايرىلىش دىگەن سۆز بولدى.
ئامالسىز كەينىمگە قايتتىم. ئاسماندا بىر نەچچە بۇلۇت غەمسىزغىنە ئۈزۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارغا قاراپ شامالغا ئايلىنىپ ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكۈم كەلدى. لېكىن مەن شامالغا ئايلىنالمايمەن، خۇددى سەن  ئەمدى مېنىڭ  تۇيغۇلىرىمنى تىڭشىيالمايدىغاندەك.
ھەسرەتيا....ھەسرەت.
شامال مېنىڭ بوينۇمدىكى قىزىل ياغلىقنى ئېلىپ كەتتى. ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ يىراقلارغا ئۇچۇرۇتۇپ كەتتى، سېنىڭ لىۋىڭدە سۆيۈلۈپ، ئوتتا كۆيۈپ ئىس چىقارغان، لېۋىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان تۇتتۇم دەپ ئويلىغان، ئاخىرى ئۆز رولىنى يوقىتىپ تاپىنىڭ ئاستىدا مىجىلغان بىچارە تاماكا قالدۇقىمۇ شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.
شۇ چاغدىلا مەن يەنە بىر قايرىلىپ قارىشىڭنى كۈتمەي كەينىمگە قايرىلدىم. ئالدىمدا كۆپكۈك سۇلىرى يەلپۈنۇپ تۇرغان كۆلدىكى بىر-بىرىگە بېقىشىۋاتقان بىر جۈپ ئۆردەك بولدى.....(ھەسەل خاتىرىلىرىدىن)



Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
843

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇغاندەكلا قىلىمەنغۇ؟!!!

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:45
تونۇغاندەكلا قىلىمەنغۇ؟!!!

شۇنداق بولمايچۇ....چۈنكى ھەسەلدىن ئايدار چىققانمۇ ياكى ئايداردىن ھەسەل چىققانمۇ ئىشقىلىپ بىر ئىشلار بوپ كەتكەن

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى   ياخشى چىقىپتۇ   رەخمەت سىزگە  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
843

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى قاچان يازغان بولغىيدىم؟ قاتتىق تالانىتلىق ۋاقىتلىرىم ئىكەنتۇق، ھەسرەت دىگەن توشاق....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:51
بۇنى قاچان يازغان بولغىيدىم؟ قاتتىق تالانىتلىق ۋاقىتل ...

ھېلىقى خاپا بولسىڭىزلا شېئىر يازىدىغان چاغلىرىڭىز نەچچىنچى يىللار بولغۇيتتىكىن ، مەن 2009 - يىلى 5- ئايدا كۆچۈرۋاپتىكەنمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
843

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۇيقۇم كەلسىلا ئۇخلايدىغان بوپ قالدىم.....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:20:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:56
ھازىر ئۇيقۇم كەلسىلا ئۇخلايدىغان بوپ قالدىم.....

چارچاپ قاپسىز....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شامال مېنىڭ بوينۇمدىكى قىزىل ياغلىقنى ئېلىپ كەتتى. ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ يىراقلارغا ئۇچۇرۇتۇپ كەتتى، سېنىڭ لىۋىڭدە سۆيۈلۈپ، ئوتتا كۆيۈپ ئىس چىقارغان، لېۋىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان تۇتتۇم دەپ ئويلىغان، ئاخىرى ئۆز رولىنى يوقىتىپ تاپىنىڭ ئاستىدا مىجىلغان بىچارە تاماكا قالدۇقىمۇ شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.
....................پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن  كۆيۈۋاتقاندا ،قەدىر -قىممىتىنى يوقاتقاندىن كېيىنىكى  تەقدىرىنى ئويلاشقا نەدىكى چولىسى  بولسۇن ؟

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:24:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كەينىڭگە قارىغان شۇ چاغ، مەن تاماكاڭنىڭ ئىسىنى كۆرۈپ جىممىدە تۇرۇپ قالدىم. تاماكاڭدىن چىققان ئىس خۇددى مېنىڭ سۆيگۈمدەك سېنىڭ يۈزلىرىڭگە يامىشىپ، ئاستا-ئاستا ھاۋاغا تارقاپ تۇراتتى. تاماكاڭنى تاشلىدىڭ ۋە ئايىغىڭ بىلەن بىرنى دەسسەپ مىجىۋەتتىڭ، خۇددى مېنىڭ يۈرىكىمنى سۇغۇق قاراشلىرىڭ بىلەن مىجىغاندەك. مەن يەنە ھالسىز قاراپ تۇردۇم. مېنىڭ ئامالسىزلىقىم دەل مېنىڭ سۆيگۈم ئىدى.
-------------
نىمانچە ئوماق ئوخشىتىشلار بۇ، ھەسەلمۇ سىزما ئايدار، ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىكەنسىز قول قويۋەتتىم سىزگە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:37 , Processed in 0.087459 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش