يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 617|ئىنكاس: 6

فارۇخ پەرھات ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتى فەيىرفاكس شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 11-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، ئۇيغۇر پەرزەنتى فارۇخ پەرھات پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ چېمپىيون بولدى.

فارۇخ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 11-يىللىقىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.

پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان 17 ياشلىق فارۇخ بۇ يىل 2-ئايدا پۈتۈن ۋىرگىنىيە شتاتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزى ياسىغان كىچىك ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇش بويىچە ئالتۇن مېدال ئالغان ھەمدە پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تاللانغان.

فارۇخنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەشقاۋۇلى كاتېرىنا ۋىليامسنىڭ فارۇخنى مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە تەشەببۇس قىلىپ يازغان خېتىدە ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئۇ خېتىدە ئۇنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فارۇخنىڭ دادىسى پەرھات ئەپەندىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، فارۇخ 21-ماي كۈنى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقىدە "س" گۇرۇپپىسى بويىچە، ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ خىزمىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ماشىنا قولنىڭ كۆپ تۈرلۈك خىزمىتىنى ئورۇنداپ، باشقىلار ياسىغان ماشىنا قوللارنىڭ ھەرىكىتىدىن بۇرۇن مەشغۇلاتىنى تاماملاپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. فارۇخنىڭ ياسىغان ماشىنا ئادەم قولىنىڭ خىزمىتى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھېسابلانغان.

فارۇخ ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لاڭلېي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پراكتىكا قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغان 100 قابىلىيەتلىك بالىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەنبە: ئەركىن سىدىق مەرىپەت تورى

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق  ئىقىدارلىق  بالا  ئۇ  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
141

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندىن-كۈنگە بۈيۈك ئارزۇلىرى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان شۇ يىراقتىكى قەدىناسلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلىق قىلغۇسى ئىلاھىم ..

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1288

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە بالىلار ئىچىدە ئۇتۇق قازىنىۋاتقان بۇ ئوماق ساقامنىڭ ھەممە ئىشلىرى خەيرلىك بولغاي !

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
19
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كاتتا ئىش بوپتۇ.بۇ بالا ئۆزىنىڭ تىلىنى بىلەمدىغاندۇ؟

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:47:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ساۋاقدىشىم بىلەن كېتىۋېتىپ قارىسام بىر بىنانى چاققان يەردە جىق بىزنىڭ ياش بالىلار خارابىنىڭ ئىچىدىن ماتىرياللارنى تۈرى بويىچە رەتلەۋېتىپتىكەن ، دوستۇمغا : مۇشۇ بالىلارمۇ بىنا سېلىشنى ئۆگىنىۋالسا بوپتىكەن ،كەچكىچە بىنا چاققان يەردە توپا-چاڭ يىمەي دىسەم ، دوستۇم : بىز شۇنداق ئۇنى بۇنى كولاپ تېپىشقا ئۇستا شۇڭا مۇشۇ ئىش لايىقراق دىگەن ...گەرچە چاقچاق بولسىمۇ ئىچىم ئاچچىق بوپ قالغان
ئۇھ !!!! تىلىنى بىلمىسە ئالدىرىماي ئۆگىنىۋالار ئايروپىلان ياسىغاچ

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 02:57:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فارۇققا ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز. بولسا سۈرىتىنى چىقىرىپ قويغان بولسا ھە، كۈرۈپ باقساق، باشقىلارغىمۇ تەشۋىق قىلساق، باللىرىمىزغا ئۈلگە قىلساق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:27 , Processed in 0.054661 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش