يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: guldana

رۇفىنەگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:12:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تۈنۈگۈن كەچ مۇنبەردىكى يەتتە يىگىت، ئانار ۋە يەتتە يىگىتنىڭ بىر نەچچە دوست ئاغىينىلىرى بىلەن بىرلىكتە دوختۇرخانىغا بېرىپ بۇ قىزچاقنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ كەلدۇق، يۇقۇردا يەتتە يىگىت ئېيتقاندەك، كىچىككىنە قىزچاقنىڭ بۇرنىغا، ئېغىزىغا سېلىنغان ھەر خىل شىلانكىلارنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشماي قالمايدۇ، مەن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم، بالىنىڭ چاچلىرىنى ئانىلىق مېھرىم بىلەن سىيلىدىم، پېشانىسىگە سۆيدۈم، دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقسا قىزلىرىم بىلەن باغچىغا ئاپىرىش توغۇرسىدا ۋەدە بەردىم ۋە ئانارنىڭ جىيەنى ئاتايىن ئەۋەتكەن قونچاقنى قولىغا تۇتقۇزدۇم، ئەپسۇس بۇ ئوماق قىزىمىزنىڭ قونچاقنىمۇ ئوڭشاپ تۇتقىدەكمۇ  ھالى يوق ئىدى، يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى، ئالدىمىزدا ياپىراقتەك تىتىرەپ تۇرغان ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ، بىر بالىنى بېقىپ قاتارغا قاتقان بۇ  ئالىيجاناپ ئاتىغا قاراپ تېخىمۇ چىدىيالمىدىم، چوپ- چوڭ ئەر كىشىنىڭ كۆزىدىن ياش شۇنداق ئاسان چىقارمۇ؟  ياق!! ئۇنىڭ يېشى پەرزەنت ئوتىدا پۇچىلانغان يۈرىكىدىن چىقىۋاتقان ياش...
ئۇ بىز يىغىش قىلغان 1200يۇەن پۇلنى قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا قوللىرى تىتىرەپ كۆزلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ياش چىقىپ كەتتى، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ، رەھمەت، ئارىمىزدا يەنىلا ياخشى كىشىلەر، مېھرىبان ئادەملەر كۆپ ئىكەن، مەن بېشىمغا كۈن چۈشكەندە تونىمىسىمۇ ياردەم قولىنى سۇنغان ئاشۇ مېھرىبالارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەرنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن دىدى.
بىز ھەممەيلەن  بۇ قەيسەر ئاتىغا ئاپىرىن ئېيتساق، ئاغىرىق ئازابىدا ھېچنىمە دىيەلمىسىمۇ<دادا...دادا> دەپ ئىڭىراپ ياتقان ئاشۇ ئوماق رۇفىنەگە ئاللاھتىن شىپالىق تىلەپ دۇئالار قىلىشتۇق.
بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ بالىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولۇپ تېلىفۇن ئۇرسام، قارشى تەرەپتىن تۈنۈگۈنكىدىن جۇشقۇن بىر ئاۋاز كەلدى، ئاڭلاشتىلا دادا خېلى خۇشالدەك  بىلىنەتتى، مەن ھال- ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، قىزچاقنىڭ تۈنۈگۈن بىز قايتىپ كەلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بېشىنىڭ ئاغىرمىغانلىقىنى ، ياندۇرمىغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۋېتىپتۇ، تېخىمۇ تىرىشايلى، دىدى، دىگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ كوچىدىلا ۋاقىرۋەتتىم. گەرچە بۇ قىز بىلەن مېنىڭ ھېچ قانداق قانداشلىقىم بولمىسىمۇ، ئەمما كىچىكىدىن ئانا مېھرىگە قانمىغان بۇ قىزچاقنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ئۇزۇنراق ياشىشىنى ئۈمىد قىلدىم، ئاشۇ مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ئەجرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن خۇش بولدۇم، ئاللاھ بۇ قىزچاقنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرگەي!
مەن بۇ يەردە مۇنبىرىمىزدىكى، يەتتە يىگىت، ئانار، نەئىمە، سەرسان ئاشىق شۇنداقلا سىرتتىن بۇ ئىئانە پائالىيىتىگە يېقىندىن  ئاۋاز قوشۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەچچە دوستمىزغا قىزچاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قىزچاق نامىدىن شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق دوستلار نامىدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ ئەجىرىنى بەرسۇن!



Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللاپ خاتا قىلماپتىمەن، پەرىشتە سۈپەت دوستلىرىمىزدىن سۆيۈندۈم!

Rank: 1

توردا
13 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 17:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوي!مۆمىنجان ئاكىمىزمۇ يارايدۇ -جۇمۇ!!!داۋام ئەتسۇن!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:17
زادى نىمە كىسەل ئىكەن ئاخىرى ؟
خاتا دىئاگنوز قويۇلسا،  ...

قىزنىڭ دادىسىنىڭ دىيىشىچە بۇ داۋالاش ھادىسىسى ئىكەنلىكى مۇئەيەنلىشىپ بوپتۇ، قالغان ئىشلاردىن تورداشلارنى يەنە داۋاملىق خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:07 , Processed in 0.042614 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش