يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 513|ئىنكاس: 5

ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 13:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەس»
    مەن ھەر قېتىم مۇشۇ ماقالنى ئىسىمگە ئالسام، ئۇچرىغان خورلۇقنىڭ ئازابى يېنىكلەپ، ماڭا ناھايىتى زور تەسەللىي بولىدۇ. بىراق بۇ گەپنى قايسى «دانا »نىڭ دېگەنلىكىنى بىلمىدىم، بىلگەن بولسام يۈزىگە بىرنى تۈكۈرۈپ قوياتتىم. بېشىم ئېگىلىپ يەرگە تەگدى، ئەمدى ئېگىلىدىغان يېرى قالمىدى. لېكىن، بېشىم يەنىلا ئوخشاش كېسىلىدىغان بولدى.

    «توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر كۈن ياشا»
    يولۋاستەك بىر كۈن ياشاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق كاللام كېسىلەمدىكىن دەپ قورقۇپ، بىر كۈن توشقاندەك ياشاي دەپ ئۆتكۈزۈۋەتتىم، كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى… ئويلاپ باقسام كۈنلىرىم توشقانداك ياشاش بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ھەممىلا ئادەم يولۋاستەك بىر كۈنلا ياشىسا، بۇ جاھاندا ئادەم قالامدۇ دەيسىز؟ شۇڭا توشقاندەك ياشاپ تۇراي دېدىم، بۇ كۈنلەردىن زېرىككەندە يولۋاستەك بىر كۈن ياشارمەن!!!

    «ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ»
    ھەقىقەت مىڭ يىل ئېگىلىپ سۇنمىسا، ئۇنىڭ سۇنغان بىلەن نېمە پەرقى بار؟ «ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە بولۇپتۇ» دېگەندەك، ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدىغان مۇشۇنداق ماقال-تەمسىللەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا بىرەر سەۋەب بارمۇ-قانداق؟

    «كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول»
    بۇ بەكمۇ دانا پىكىركەن، مېنى ئامېرىكىغا پرېزدېنت قىلسا ھەرگىزمۇ بارمايمەن. مۇشۇ يەردە گاداي پۇقرا بولۇشقا رازى. بۇ بەلكىم ئۆز يۇرتىنى بەك سېغىنغان بىر پادىشاھنىڭ دېگەن گېپى بولسا كېرەك. بۇ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ دېگەن گېپى، بەزىلەر ھازىرمۇ بۇنى دەستەك قىلىۋاپتۇ. خۇددى ماڭا ئوخشاش…
    بەزىدە 500 بەتلىك روماندىن مۇشۇ يېرىم قۇر كەلمەيدىغان ماقال-تەمسىلنىڭ رولى چوڭراق بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى مۇشۇنداق ئەقلىيە سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىدا چوقۇم نۇرغۇن نەرسىلەر سىڭگەن بولىدۇ.
    گەپلىرىم تاقا-تۇققۇ چىقىپ قالدى، مۇنداقلا يازدىم، باشقا مەقسەت يوق…

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/maqal_temsil.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:56:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنى كۆرۈپ ھەزىل سۇئالغا ھەزىل جاۋاب ئېسىمگە كېلىپ قالدى. بىردە ئويلانسام، بىردە كۈلدۈم. دېمسىمۇ ھەقدەك بىلىنىدۇ دە بەزىدە.

   گەپلىرىم تاقا-تۇققۇ چىقىپ قالدى، مۇنداقلا يازدىم، باشقا مەقسەت يوق…
ھېچقسى يوق. تاققا-تۇققۇغا يامان چىقتىڭلار ھەر ئىككىڭلار

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 18:29:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلوگىڭىزنى كۆرۇپ باقاي  ھە   

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزەن ماقال–تەمسىللەرنى يەنە بىر تەرىپىدىن تەتقىق قىپسىز .ئويلىمىغان يەردىن چىقىپسىز ،كۈلۈپ كەتتىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:00  


Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 04:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بۇ ھەقىقەت بەك ئۇزۇن ئىگىلىپ كەتتى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:42 , Processed in 0.111712 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش