يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 777|ئىنكاس: 3

كېسىۋەتمە ئۆرۈم چېچىڭنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



روزى سايىت

___ ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئىلتىجا

ئۇيغۇر قىزى، چېھرىڭدىن نۇر تارايدۇ،

گۈزەللىكىڭ ئاشىقلارغا يارايدۇ،

يۈزىڭنى ئاي، كۆزىڭنى كۈن مارايدۇ،

__ كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى



بەستى - بويۇڭ ئوخشايدۇ ئۇز ئارچىغا،

لېۋىڭ غۇنچە، قاڭشىرىڭ تۈز ناچىغا،

چېچىڭ ، بىلسەڭ جان بېغىشلار بارچىغا،

يات ھەۋەستەقول ئۇزاتما قايچىغا ،

كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!



ئەركىدە قوي چېچىڭ بەلدە سويلىسۇن،

شەيدا كۆزلەر قاراپ - قاراپ تويمىسۇن،

تاڭ سەلكىنى ئۇنى تاراپ ئوينىسۇن،

كۆز تەگمىسۇن بىزنى دەردتە قويمىسۇن،

كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!



چاچ ئەمەس ئۇ، باشتىكى تاج - زىننىتىڭ،

ئۇ غۇرۇرۇڭ، ئەسلى قەدىر- قىممىتىڭ !

ئۇ بايلىقىڭ، چېۋەرلىكىڭ، ھىممىتىڭ،

ئاسرا ئۇنى، پەخىرلەنسۇن مىللىتىڭ،

كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!



بىلىپ قويغىن: ئۇيغۇر قىزى _ شەرىقلىقسەن،

شەرمىڭ بىلەن پۇر باھاسەن _ نەرىقلىقسەن،

شۇ چاچ بىلەن ھەركىملەردىن پەرقلىقسەن،

شۇ چاچ بىلەن پەخىرلەنسەڭ ھەقلىقسەن،

كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!



يىگىت كۆركى بۇرۇت، بىلسەڭ قىزنىڭ چاچ،

تۇخۇم چاپقىن چۈشسۇن تېقىم، تىزغا چاچ،

ھەسەد قىلىپ قول چىشلىسۇن << كۆزى ئاچ >>،

سالسا شەيتان دەي - دەيىگە توپا چاچ!

كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!



يارىشىملىق، بەلەن چاچقا قەست قىلما،

ئۇنى كېسىپ قىممىتىنى پەس قىلما،

يىگىلەرنى مەيۇس، خامۇش _ مەست قىلما،

مودا قوغلاپ ئالتۇننى خار _ خەس قىلما،

كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!



باغقا قارا، چاتقالمۇ بار، رەنا بار،

ئەلگە قارا، غاپىلمۇ بار ، دانا بار . . .

چاچقۇ شەكىل ، شەكىلدىمۇ مەنا بار،

ئېيت ، قەيەردە سەندەك زىبا، بەرنا بار؟

كەسمە بەرنا ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى! . . .



1995-يىل مارت، خوتەن



Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى ئالدىمىزدىكى ھەپتىنىڭ ئۈچى چېچىمنى قىسقارتىپ ياسىىتاي دىگەندىم، ئەمدى بۇ نىيتىمدىن ياندىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guldana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:34  


Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش guldana نىڭ يازمىسى

يارايسىز

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا-ئاللا، شۇ نومۇسسىز، شەرەپسىز ساچتىراچنى كۆرمەمدىغان، قىزلىرىمىزنىڭ چېچىنى كېسىپمۇ ئىشمۇ ئەمدى. ئەمما لېكىن بىراقزە، مۇشۇ ئۈرۈمچىدە چېچى كېسىلمىگەن قىزنى يىگىتلەر ئالمامدىكى دەيمەن، بىز خەقمۇ تازا سۈنئىي-ناچار خەق ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 07:10 , Processed in 0.046073 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش