يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1889 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1199|ئىنكاس: 8

مەشھورپولكوۋنىك سوپاخۇن سوۋۇرۇپنى ئەسلەيمىز... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:25:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن ئالتە يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ، تالانتلىق ھەربىي قوماندان ، جامائەت ئەربابى ، پولكوۋنىك سوپاخۇن سۇۋۇرۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۈرۈمچىدە بەختكە قارشى ۋاپات بولغان .

  سوپاخۇن سۇۋۇرۇپ 1915- يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا دەسلەپتە ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ، كېيىن قۇمۇل شەھىرىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان . 1936- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسىدە ئوقۇغان ، 1939- يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ قەشقەردىكى ( كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ) ئاتلىق 31- پولكتا پەيجاڭ ، شتاب ئوفېتسىرى ، ليەنجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1944- يىلى ئوسمان باشچىلىقىدىكى بۇلاڭچىلار مورى ، گۇچۇڭ ئەتراپىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ پاراكەندىچىلىك سالغاندا ، سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى 9- ليەن ئوسمانغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ، خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن . بۇ جەرياندا سوپاخۇن خەلق ئاممىسى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەچكە ، << ئەسكەر ۋە خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتتى >> دېگەن سەۋەب بىلەن گومىنداڭ 46- دىۋىزىيىسىنىڭ تۈرمىسىگە قامالغان ، كېيىن خەلق ئاممىسى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تەلەپ ۋە بېسىمى ئاستىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن .
   1945- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ، 31- ليەننىڭ 8- ، 9- ليەنلىرى ( بۇ جەرياندا بۇ ئىككى ليەن مايتاغدا ئىدى )دىكى ئەسكەرلەر سوپاخۇننىڭ قوزغىتىشى بىلەن 4- ئاينىڭ 27- كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، شىخو ، مايتاغ ، جىڭ ئەتراپىدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، قوغلاپ كەلگەن گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ يۈرۈپ ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى سېپىگە قېتىلغان . 1945- يىلى 7- ئايدا سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى 120 نەپەر ئەسكەر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پارتىزان ئەترىتى قىلىپ تەشكىللىنىپ ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن . بۇ قوشۇن باي ، كونىشەھەر ناھىيىلىرىنى ئازاد قىلىپ ، موزات قورغىنىدىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنى يوقىتىپ ، دۈشمەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي كۈچىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ شىخوغا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغان . ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى سوپاخۇنغا موزات قورغىنىدىكى باتۇرلۇقى ئۈچۈن 1- دەرىجىلىك ئالتۇن مېدال ، ئاقسۇ فىرونتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال ۋە پولكوۋنىك ئۇنۋانى بەرگەن . كېيىن تىكەس ئاتلىق 1- پولكىغا پولك كوماندىرى ، مىللىي ئارمىيە تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، 1950- يىلى 2- ئايدىن 1951- يىلى 6- ئايغىچە 5- كورپۇس ھەربىي تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان . 1951- يىلىدىن 1953- يىلىغىچە يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشقان ، ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈم كادىرلار كۇرسىدا بۆلۈم باشلىقى بولغان . 1953- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە دېھقانچىلىق 4- دىۋىزىيە تىرانسىپورت 4- ئەترىتىدە چوڭ ئەترەت باشلىقى ، بۆلۈم باشلىقى بولغان . 1955- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسىدە باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مېخانىزم ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، تاشيول ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئۇ ئۇزۇن يىل چېكىدىن ئاشقان << سول >> لۇشيەننىڭ ۋە << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى >>دا << 4 كىشىلىك گۇرۇھ >>نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان . پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئاقلىنىپ ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن . 1984- يىلى دەم ئېلىشقا چىققان . ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، زېھنىي كۈچىنى يىغىپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تارىخىي ئەسلىمە يېزىپ چىققان . ئۇ ، 4- ، 5- ، 6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان .
    سوپاخۇن سۇۋۇرۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2001- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7دە ئۈرۈمچىدە بەختكە قارشى ۋاپات بولدى .
   ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارغا ، گومىنداڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆچمەنلىك بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ ، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ ، خەلق دۈشمەنلىرىگە قارشى باتۇرلۇق ۋە پەم - پاراسەت بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .
   ئۇ پارتىيەگە سادىق ئىدى ، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيەتتى ، ۋەتەن بىرلىكىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايتتى ، خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلەتتى ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق ، پاك - دىيانەتلىك ، ئاددىي - ساددا ، كەمتەر ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ، ئوچۇق - يورۇق ، چىقىشقاق ، ئۈمىدۋار ئىدى ، كەسىپنى قەدىرلەش ، ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك ئىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ، ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش روھى ئالاھىدە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ . ئۇ 20 يىلدىن بېرى قۇمۇل ، تۇرپان ، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ۋە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا 38 مىڭ يۈەندىن ئوشۇق پۇل ۋە نۇرغۇن كىتاب - ژۇرناللارنى ئىئانە قىلغان .
  سوپاخۇن سۇۋۇرۇپنىڭ ھاياتى جەڭگىۋار ھايات ، شەرەپلىك ھايات ! ئۇنىڭ نامى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ !

ئەسكەرتىش: تالانتلىق ھەربىي قوماندان پولكوۋنىك <سوپاخۇن>نىڭ   ھايات ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرىنى توپلاپ بولۇپ يوللاشنى لايىق تاپتىم.





كەيپىم بەك چاغ

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
66
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭىغا دەت بەرمىسۇن خان سۈرەتلىرىنى يوللىسىڭىز تېمىغا تېخىمۇ جان كىرگۈدەك

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:34:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق يوللاڭ  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
336
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىم شەرپىنى كۆپ ئاڭلىغان ،لىكىن تەپسىلى ھايات تارىخىنى بىلمەيتىم ،ئەمدى بىلۋالدىم رەخمەت سىزگە.

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسەن يېزىلغان « مەن كەچكەن كېچىلەر» دىگەن كىتابىمۇ نەشىردىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى. مەن ساقلاپ قويدۇم بۇ كىتابنى. ئەسلىمىلىرى بەك ياخشى يېزىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىغا يېزىلمىغان ۋەقەلىكلەرنى كۆرۈپ .ئالالايمىز.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
12 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:10:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپاخۇن سوۋۇرۇپنىڭ ‹‹ مەن كەچكەن كېچىكلەر ›› ناملىق كىتابىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ، مىللىي ئارمىيىمىزنىڭ باتۇرلىرىغا  بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ  ئاشتى .بۇ كىتابنى ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك  .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aychiwer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:11  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:43:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىيدىكى ھەربىر قەھرىماننىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !
‹‹ مەن كەچكەن كېچىكلەر ››... دادامغا سوۋغا قىلاي

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:11:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆرەتلەرنى توپلاپ بولدىڭىزمۇ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
281 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
778
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەن كەچكەن كىچىكلەر» نى ئۈزۈم    ئۇقۇپ   بۇلۇپ دادامغا بىر ئۇقۇپ بىرەرمەن دىسەم ئارمان ئارمان پېتى قالىدىغان ئوخشايدۇ. بىراق كىتاپنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ،پولكوۋنىكنىڭ  ئىزاھاتىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ سەل ئەپسۇسلىنىپمۇ قالغان. بىراق بۇ يەنىلا بىر قېتىم ئۇقۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك كىتاپ. بۇلۇپمۇ  بىزدەك ئۇرۇشنى كىنودىنلا كۆرگەنلەرگە نىسبەتەن.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:36 , Processed in 0.054769 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش