ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم يەتتە ىەزلىرىم مۇنبىرىنىڭ جاپاكەش قۇرغۇچىلىرى ۋە مۇنبەرداشلار ياخشىمۇسىزلەر!
بۇگۈن تۇرۇقسىز تور ئارلاۋېتىپ بۇ مۇنبەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،بولۇپمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى ،خېلى جىق مۇنبەرلەرنى زىيارەت قىلىپ ،باشقا مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن بولساممۇ لېكىن ،بۇ مۇنبەرنى كۆرۈپ مۇنبەرگە ئەزا بولماي تۇرالمىدىن .بۇنىڭدىن كېيىن مۇنبەرداشلار بىلەن سىردىشىپ مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇنبەرگە قۇرۇق كىرىشنى لايىق كۆرمەي ،مۇنبەرداشلارغا ئازغىنا كۆڭلۈمنى ئېلىپ كەلدىم، مۇنبەرداشلارنىڭ ياقتۇرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
دوستلارغا!
سۆيگۈ بىلەن يارالدۇق دوستلار،
سۆيگۈ بىلەن ياشايلى دوستلار.
بولۇپ دوستلار ئۆز ئارا يۈلەك،
سۆيگۈ بىلەن ياشنايلى دوستلار.
ئادەم بىلەن ئادەمدۇر ئادەم،
سۆيگۈ بىلەن گۈزەلدۇر ئالەم،
سۆيگۈ كۈتكەن تەشنا قەلىبكە،
مېھىر بېرىپ ياشايلى دوستلار.
بۇ ئالەمدە ئۆتمەك تەس كۈلۈپ،
يىغلىغاننى كۆرسەك كۈلدۈرۈپ،
بولالمىساق نۇر چاچقان قوياش،
يۇلتۇز بولۇپ ياشايلى دوستلار.
سەن گۈل بولساڭ مەن ياپراق بولۇپ،
سەن قۇش بولساڭ،مەن قانات بولۇپ،
دەرت-ئەلەمگە بېرىپ تەڭ چىداش،
بىللە كۈلۈپ ياشايلى دوســــتلار........
